ھۆرمەتلىك ھەر قايسى ساھەدىكى قېرىنداشلار ،تورداشلار ياخشىمۇسىلەر !!!!
ئىسمى :نۇربىيە مەخموت
جىنسى :قىز
يىشى:10ياش
تۇغۇلغان ۋاقتى :1998-يىلى
مەسئول دوختۇر :تۇرسۇنئاي تىلفۇن:13579838964 ئىشخانا :4361215-0991
داۋالىنۋاتقان ئورنى:شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالنىستى 9-قەۋەت بالىلار قان كىسەللىكلەر بۆلۈمى2-رايۇن11-كارۋات .(ئەسكەرتىش :كىسەلخانا ئۆينىڭ نۇمۇرى< 10床__12床> )(《(
نۇربىيە مەخموت
ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى ئىمامپاشا كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ،2007-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئاغرىق سەۋەبىدىن مەكتەپكە كىلەلمىگەن ، نۇربىيەنى ئۆيىدىكىلىرى ناھىيە ،شەھەر ۋە رايۇن ئاتلاپ 67مىڭ يۈەندىن ئارتۇق چىقىم قىلىپ داۋالاتقان بولسىمۇ ئۈنىمى كۆرۈلمىگەن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگنوزىدا نۇربىيەنىڭ يىلىكىنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئوچراش خارەكتىرلىك قان ئازلىق كىسلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى ئىنىقلانغان .نۇربىيەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستىتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىدا داۋالاتقان ،بۇ جەرياندا نۇربىيەنىڭ ئۆيىدىكىلەر قورو جاينى سىتىپ ھەم باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ جەمئى 270مىڭ يۈەنلىك داۋالاتقان بولسىمۇ ئىقتىساد يىتىش
مەي داۋالاش توختاپ قالغان ، نۇربىيەنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى بولسا كۈنسىرى ئىغىرلىشىۋاتىدۇ .
دوختۇرخانا :نۇربىيەنىڭ يىلىكىنى ئالماشتۇرۇلغاندا ھاياتى قوتقۇزۇپ قالغىلى بۇلىدىغانلىقى، يىلىك ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ 360مىڭ يۈەن ئىقتىساد كىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، نۇربىيە ھازىرمۇ شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرستىت قارمىقىدىكى 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا .
نۇربىيەنىڭ ئائىلىسىدە 5جان ئادەم بار پۇلغا يارايدىغان بارلىق بىساتلار سىتىلىپ تۈگىگەن ،ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئەھۋالى ئېغىر .........
نۇربىيەنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزرەك ئەسلىگە كىلىپ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كىلىشىنى ۋە ئىللىق ئائىلە تۇرمۇشىغا ئىگە بۇلىشى ئۈچۈن ،جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ساھە ،ھەر قايسى كەسىپتىكى قىرىنداشلار ۋە تورداشلارنىڭ ياردەم قۇلىنى سۇنىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمىز
ھۆرمەت بىلەن :
نۇربىيەنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىدىن .
ئالاقىلاشقۇچى :مەخموت تۇرسۇن
تىلفۇن:13109955715
جوڭگو يىزا ئىگىلىك بانكىسى كارتا نۇمۇرى :6228483650163265118()(麦合木提.吐尔逊)
2008-يىلى 9-ئاينىڭ27-كۈنى
[ بۇ يازما غەم تەرپىدىن2008-09-29 23:33دە قايتا تەھر ]