ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ 10 چوڭ ئۆلچىمى توغۇرسىدا qWCDh`SOgw غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار
L|x:ga ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
uO,!\7YV (بۇ ماقالە ئەسلىدە ئاپتۇرنىڭ 2006-يىل 12-ئايدا قارىمايدا ئۆتكۈزىلەن 6_نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياشلار ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىلمى ماقالىسى بولۇپ، ئەسلى تېمىسى <ئىلىم پەن ئاتالغۇلىرىنى قىلىپ لاشتۇرۇش توغۇرسىدا بىر قانچە تەپەككۇر> ئېدى.بۇ شۇ ماقالىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىلا بولۇپ تېخىمۇ كۆپرەك دوسلار ۋە ئۇستازلارنىڭ پىكىرىنى ئىلىپ يەنىمۇ تولۇقلاش ھەم ئالامشتۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن پەقەت مۇشۇ بىر قىسمىنىلا پىرىسلاپ تەرجىمە قىلىپ < ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ 10 چوڭ ئۆلچىمى توغۇرسىدا> دەپ تېما قويۇپ يوللاپ قويدۇم. بۇ بىر ئىلىم-پەن مەسىلىسى ھەم ئىقتىساسشۇناسلىق نەزەريەسىدىكى موھىم تەتقىقات بولغىنى ئۈچۈن تورداشلانىڭ قالايمىقان ئىنكاس يوللىماسلىقىنى ئۆتۈنىمەن. باشقىلار پاي
دىلانماقچى بولسا مەنبە نى قەزمەن ئەسكەرتىشى كىرەك.)
|6p ^Gz.H, نۆۋەتتە ئىلىمىزدە ئىختىساسلىق خادىم دىگەن نىمە ئۇنىنىڭ ھەممە ساھە ھەممە كەسىپكە ۋە ھەممە دەۋىرگە ماس كىلىدىغان ھەممە باپ بولغان بىرەر نوپۇزلۇق ئۆلچەم بولماي كەلدى. شۇڭا مۈئەللىپ كۆپ يىللىق ئۈگۈنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئاساسىدا بۇ ئۆلچەمنى تۈزۈپ چىقتىم جانابى ئۇستازلارنىڭ تەنقىت _ تەلىم بىرىشىنى ئۆتۈنىمەن.
oMgo~cG ھەرقايسى دەۋىر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدە ئىقتىساس ئىگىلىرى ۋە پەن-تېخنىكا ئەسلىھەلىرى (ئۈسكۈنىلىرى) بىلەم سەرەمجانلاندۇرۇش ۋە قوراللاندۇرۇشقا بولغان تەلىۋى ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ. بىراق ئىقتىساسلىقلار
مەيلى قانداق زامان ۋە قايسى دەۋىردە، مەيلى قايسى ساھە ياكى قايسى كەسىپ ۋە تارماقتا بولمىسۇن ئىقساسلىق خادىم بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇنۇ ئون ئاساسىي شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك: ①شۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇدەك مول ئەمىلىي بىلىم بولۇشى؛②ئىسىل ئادىيمىلىك ئەخلاق پەزىلەت بولۇشى؛③ كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق؛④كاتتا ئىستىدات ؛⑤مۇستەقىل پىكىر قىلىش ۋە تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتى؛⑥ئاكىتىپ يۇقىرى ئۆرلەش، پائال ئالغا ئىنتىلىشتەك ياخشى پىسخىك ساپاسى؛ ⑦ ئۈنىملىك ئىجاتچان ئۈگۈنىشئىقتىدارى، بىلىمدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، يىڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى؛ ⑧ بىر قەدەر ياخشى بولغان تەشكىللەش ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ؛⑨ ياخشى ئالاقە ئىقتىدارى (بۇ تەشۋىقات تەربىيە ئىقتىدارىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە ھەمكارلىشىش-ماسلىشىش ئىقتىدارى؛⑩چەكسىز ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سەخسىيەتسىز ئۆزىنى بىغىشلاش،تۆھپە قوشۇش روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن بولۇشى كىرەك. مانا بۇ، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، ھەممە ساھە ۋە كەسىپتىكى كىشىلەرگە تامامەن ماس كىلىدىغان ھەممە باپ ئۆلچەم دىن ئىبارەت. بۇ ئون تۈرلىك ئۆلچەم بىر پۈتىن ئپرگانىك گەۋدە بولۇپ، ئايرىپ قاراشقا ھەرگز بولمايدۇ، بۇلار ئۆز-ئارا تولۇقلايدۇ ھەم بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىشكۆرسىتىدۇ، بۇلارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا بولمايدۇ.
B\"Oh"z? jT0Y0jcl مەيلى كىم بولمىسۇن ئڭنىڭدا يۇقارىقى ئون تۈرلىك خسىلەت ۋە ئىقتىدارنىڭ بىرەرسى كەم بولسا ، ئۇ ھالدا چوقۇمكى ئۇ بىر لاياقەتلىك ئىقتىساس ئىگىسى(تالانت) ھىساپلانمايدۇ. بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرىدە ئىقتىساسلىقلارنىڭ يىڭىلىق يارىتىش ئىتقدارى ۋە بىلىمنى قوللىنىشچانلىقى بارغانسىرى ئىنتايىن مۇھىم بولماقتا. ئىقتىساسلىقلار بىر دۆلەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشى، بىر مىللەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل.
fL8)?q% (:
Y تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈش، قىزىشقا ئەھمىيەت بىرىپ، بارلىقئىھتىياج- ئىمكانىيەتلەردىن ئۈنىملىك پايدىلىنىپ، ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلماقتا. ئىقتىساسلىقلارنى ئاسىراش، قەدىرلەش ھەتتا ھەرقانچە بەدەل تۆلىسىمۇ، سېتىۋىلىشقا ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئىنسانىيەت جەمئىيتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىقتىساسلىقلارنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇغان، ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيلەشكە ۋە يىڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن دەۋىر ياكى سىنىپلار ھامان زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرشەلىگەن، بۇ پولاتتەك ئەمىلىي پاكىت. ئوقۇش تارىخى ۋە ئۇنۋانى ھەرگىزمۇ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى بىكىتىدىغان بىردىنبىر قاتتىق كۆرسەتكۈچ ياكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ. چۈنكى دىپلۇم بىلەن ئۇنۋان ھەرگىزمۇ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارغا تەڭ ئەمەس، قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگۇدىن چەتئەلگىچە ئوقۇش تارىخى ۋە يۇقىرى ئۇنۋانى بولمىغان كاتتا ئالىملار، كەشپىياتچىلار، سىياسىئونلار ۋە تۈرلۈكساھەلەردىكى ئىقتىدارلىق-تالانت ئىگىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغان، بۇمۇيەنە بىر پولاتتەك ئەمەلىيەت ۋە پاكىت.
[ 此贴被bilikyar在2008-09-28 22:40重新编辑 ]