بۇ سۇئال ئىشىنىمەنكى نۇرغۇن ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدۇ.ئەمما مۇشۇ كۇنلەردە:ئەر قانداق بولۇشى كىرەك؟؟؟دىگەن سۇئالنى دائىم تەكرارلايدىغان بولۇپ قالدىم.بۇ ئەرنىڭ پىشىنى تۇتقۇنۇمغا 14يىل بوپتۇ،بىردىنبىر ئوغلۇممۇ 12ياشقا كىرىپ قالدى،لىكىن مۇشۇ ئاي،مۇشۇ كۇنلەردە،تويدىن بۇرۇنقى چاغلارنى پات-پات يادىمغا ئالىدىغان،تويدىن كىيىنكى كىشىلەر{شىرىن ئاي}دەپ ئاتايدىغان شۇ كۇنلەرنى سۆيۇنۇپ تۇرۇپ ئەسلەيدىغان،ئوغلۇم تۇغۇلغان دەسلەپكى چاغلاردىكى ئائىلە مىھرىگە تەشنا مىنۇتلارنى
مەيدەمنى بىسىپ تۇرۇپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ:ئەر قانداق بولۇشى كىرەك؟؟؟دىگەن سۇئالنىڭ سەۋەبى تۇرۇتكە بولىدۇ.
hs>Eu4,W مەن ئۇنى {ئىرىمنى ھازىر شۇنداق ئاتاشقا مەجبۇرمەن}ياخشى كۆرمەيمەن دىسەم يالغان سۆزلىگەن بولىمەن،چۇنكى ئۇنى ياخشى كۆرمىگەن بولسام،مۇشۇ مىجەزىم بىلەن بۇ ئازاپنىڭ يىلتىزىنى ئاللىقاچان قومۇرۋەتكەن،ئۇنىڭغا {ئوغۇل تۇغۇپ بىرىمەن }دەپ جاپا تارتمىغان،پىشىمنى قىقىپلا تاشلاپ كەتكەن،ھەممىدىن ۋاز كەچكەن بولاتتىم.ئەڭ مۇھىمى:ئۆز-ئۆزۇمگە:ئەر قانداق بولۇشى كىرەك؟؟؟دىگەن سۇئالنى قويۇپمۇ يۇرمىگەن بولاتتىم.سەۋەب مۇشۇ كۇنلەردە ئۇنىڭدىكى مىنى مەھلىيا قىلغان قىزغىنلىق،مىنى كۆيدۇرگەن مىھرىبانلىق،مىنى خاتىرجەم ئۆزۇمنى بىغىشلاشقا تۈرۇتكە بولغان مۇھەببەتلىك سىماھ،مىنى قايىل قىلغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تىرىشچانلىق روھ قالمىدى،ھەممە-ھەممە ئىس تۈتەككە ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى گويا!
=v{j27kp تۈن كىچىلەردە ۋاقتىمنىڭ كۆپىنچىسى تىلۋىزۇر كۆرۇش،كىتاب ئوقۇش،تۈگىمەس-خىيال،ئوغلۇمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ يوتقىنىنى قىمداش،
y54,(o}JT ئەڭ شىرىن مىنۇتلارنىڭ بىر قىتىم بولسىمۇ كۈلۇپ بىقىشقا تەشنا بولۇش بىلەن ئۆتىدۇ.ھىلىقى كۇنى ئوغلۇمنىڭ يەرگە چۇشۇپ كەتكەن يوتقىنىنى تۈزەشتۇرۋاتسام،ئىشىك قوپال شاراقلىغاندىن كىيىن داراڭلاپ ئىىچىلدى\ئاياغنىڭ كەينىگە دەسسەپ سىلىنغان چاغدىكى پۇشۇلدىغان ئاۋاز ماڭا بەك تونۇش ئىدى،ئىشىك جاققىدە يىپىلدى،ھوجرا ئۆينىڭ ئىشىكى ئىچىلدى،ئىغىر گەۋدە قوش كىشىلىك كارۋاتنى غىچىرلاتتى،بۇنىڭ بىلەن مىنىڭ شىرىن خىيالىم يەنە كۆپۇككە ئايلاندى،مەن نىمىگە تەشنا ئىدىم؟؟؟بەك ئاددىي،ئۇ يالاڭغىداق ماڭغىنىچەبالامنىڭ ھوجرىسىنى ئىچىپ:{نىمىش قىلىۋاتىسەن؟ماڭ چىقىپ ئۈخلا!!!}دەپ قويسىلا،بىشىم كۆككە تاقاشماسمىدى؟!ئوغلۇمنىڭ كارۋىتىغا يانپاشلاپ خىلىغىچە ئازابلىق خىيالغا قۇلچىلىق قىلغاندىن كىيىن،ھوجرا ئۆيگە چىقسام،ئۇ يوغان ھەم تۈكلۇك پۇتىنى كارۋاتقا بىر تاشلاپ ئۇيقۇغا كىتىپتۇ.تۇرغان يىرىمدە ئولتۇرۇپلا قالدىم،كاللامغا{ئۆيدىك مۇشۇك چاغلىق نەرسە يىتسىمۇ ئىزدەيدىغان ئادەت بار،مەن دىگەن ئۇنىڭ ھەق نىكاھلاپ ئەمرىگە ئالغان خوتۇنى،ھىچ بولمىسا ئۆي ئىچىگە بولسىمۇ قاراشتۇرۇپ قويسا بولماسمىدى؟؟؟ھەي ....ئەر قانداق بولۇشى كىرەك زادى؟؟؟}دىگەن خىيال خۇددى تارىم دولقۇنىدەك دەۋرەپ كىردى.
$SdIt19N بىر ئاينىڭ ئالدىدا،ۋىلسىپىتتىن يىقىلىپ چۇشۇپ ئوڭ پۇتۇمنىڭ ئوشۇقىنى چىقىرۋالدىم،دوختۇرخانىغا ئوغلۇم چاقىرىپ كەلگەن ئىنىم بىلەن ئىنىمنىڭ ئاغىنىلىرى ئىلىپ كەلدى.كىچىچە پۇتۇمنىڭ دەردىدە جىنىم ئاغرىسا،ئۇنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرسىتىپ قويمىغىنىدىن يۈرۇكۇم ئاغرىدى.ئەتىسى چۇشتە سىڭلىم ئىتىپ كەلگەن شويلىنى خۇددى زەھەرنى يۇتقاندەك مىڭ مۇشاققەتتە يۇتۇۋاتسام،ئۇ ئوغلۇم بىلەن ئىككى قولىنى سىلىپلا ياتاققا كىرىپ كەلدى.چىرايىغا قارىسام ،خاتىرسىزلىنىش،ئەنسىرەش،كۆڭۇل بۆلۇش دىگەندەك تۇيغۇدىن ئەسەرمۇ يوق،ھەتتا قايسى پۇتۇمنىڭ زەخمە يىگىنىنى سوراپمۇ قويماي ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندا ئەسنەپ ئولتۇرىۋەردى.قانچىلىك ئولتۇرغىنى نامەلۇم،خىيالىمدا بۇنداق:ئىششىپ ئولتۇرغىچە كۆزۇمدىن يىتسە بولمامدۇ؟؟؟دىگەنلەر كىچىپ قالدى،ئۇمۇ خۇددى كۆڭلۇمدىكىنى بىلىۋالغاندەك:ئوبدان داۋالان،ئىدارىدىن مىنى قەشقەرگە يىغىنغا ئەۋەتتى،كەچتىلا ماڭىمەن،خوش ئەمسە ،دىگىنىچە مىنىڭ بىرەر ئىغىز گەپ قىلىشىمغىمۇ پۇرسەت بەرمەي چىقىپ كەتتى،كۆزۇمدىن تاراملاپ ياش تۆكۇلدى،كۆڭلۇمدە بولسا:ئەر قانداق بولۇشى كىرەك ؟؟؟
lJxmELt4& دىگەن سۇئال يەنە پەيدا بولدى.ئوغلۇمغا نىمىشقا يىغلىغىنىمنىڭ سەۋەبىنى<پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى>دەپ چۇشەندۇردىم،بىراق سىڭلىمنى ئالدىيالامدىم؟!
^xC O&* مانا دوختۇرخانىدىن چىققىنىمغىمۇ 10كۇن بولۇپ قالدى،ئۇنى كۆرمىگنىمگە نەق21كۇن بوپتۇ.ئۇنىڭ قەشقەردىكى يىغىنى تىخى تۈگىمىگەنمىدۇ،ياكى بىرەر ئۇگىنىشكە ماڭدىمۇ يە؟؟؟گەپنى ئىنىق قىلىۋىتىپ ماڭسا،مەنمۇ خاتىرجەم بولسام بولمامدۇ؟؟؟شۇ خىياللارنى قىلغاچ،قولۇمدىكى يانفۇنۇمنىڭ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى تىلفۇنغا ئۇلىنىپ قالغانلىقىنى سەزمەپتىمەن،تىلفۇننى ئۇنىڭ بۆلۇم مۇدىرى قاسىمكام ئالدى:
i-1A]4gr ۋەي،بۇ يەرشارى سارىيى،كىمنى ئىزدەيسىز؟؟؟
ehn5^qNK قاسىمكا،مەن....مەن...شىرىن..كادىرنىڭ خوتۇنى،ئۇ بارمىدۇ؟؟؟
p{ odN( ھوي،شىرىنمۇسىز؟ئۆيىڭىزگە بارساق،قوشنىلىرىڭىز سىزنى دوختۇرخانىدا دىۋىدى يانغانىدۇق،ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟مەخسۇمنى دەمسىز،مەن سىزدىن سورىسام بولىدۇ،ئۇ ئىدارىگە كەلمىگەنگە مانا 20نەچچە كۇن بولدى،ئۇ نەگە كەتتى؟؟؟
FSnrX:OY تىلفۇننى ئۈزدۇم،ھەممە ئىشلار يالىڭاچلاندى،ئۇنى قانداقتۇر ئىدارىسى قەشقەرگە يىغىنغا ئەۋەتمىگەن،بەلكى ئۆزى-ئۆزىنى يىغىنغا ئەۋەتكەن.ئەمسە ئۇ نەگە كەتتى؟؟؟ئۇ ماڭا خائىنلىق قىلغانمىدۇ يا؟؟؟ئىيتىڭا ئەر زادى قانداق بولۇشى؟!
o cBzX"lt ئۆينىڭ تىلفۇنى جىرىڭلىدى،خىيالىم بۆلۇندى،ئەمما ئورنۇمدىن تۇرۇپ تىلفۇننى ئىلىشىم مۇمكىن ئەمەس،قانداق قىلارمەن؟!شۇ چاغدا ئىشىك تاراقلاپ ئىچىلىپ ئوغلۇم كىردى،سومكىسىنى قويۇپلا تىلفۇنغا ئىتىلدى:
J'cO/,5]$ ۋەي ،ياخشىمۇسىز؟مەن ئەدھەم،كىمنى ئىزدەيسىز؟ھە،ئانام بار،تىلفۇننى بىرەي.
O:7Q` ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.-دىدىم مەن ئوغلۇم ئىلىپ كەلگەن تىلفۇننى قولۇمغا ئىلىپ،مەن ساداقەت!ھە-سەنمىدىڭ،جاھان؟!ئىيتە...تىلفۇن بىرىپ قاپسەن،نىمە ئىرىڭدىن ئۇقتۇم دىدىڭما؟؟؟نىمە گەپ بۇ ئۆزى،سەن گۇاڭجۇدا ئەمەسمىدىڭ؟؟؟نىمە،نىمە.سىڭلىمنى داۋالاتقىنى ئەكەلگەن،ئۇنىڭ يىنىدا {سىڭلىسى }بارمىكەن؟؟؟كىچىككىلا قىز دىدىڭما؟؟؟
}31W'K ئاھ.خۇدا!!-تىلفۇن ئۈزۇلدى،ياق مىنىڭ ئاخىرقى سەۋرەم ئۇزۇلدى.ئۇ ئەسلىدە{ئات ئايلىخانىغا،يول سارىخانغا قىپتىكەندە}،خۇمپەر!؟...
~K~F*A ھۆڭرەپ يىغلىغان ئاۋازىم ئوغلۇمنى چۆرچۇتكەن بولسا كىرەك،ئۇ ھوجرىغا يۇگىرەپ دىگۇدەك كىردى،يەنە ئوغلۇمغا ھۆڭرەپ يىغلىشىمنىڭ سەۋەبىنى{پۇتۇم ئاغرىپ كەتتى}دەپ چۇشەندۇردۇم.ئۇ ئىشەندى،ئەمما ئۆزۇم ئىشەنمىدىم....
@Y`QKTe*6 ياستۇققا ئۆزۇمنى تاشلىدىم،{ئەر زادى قانداق بولۇشى؟؟؟}دىگەن سۇئال مىڭەمگە باستۇرۇپ كىردى.<مەن نىمە قىلدىم،ئۇ {سىڭلىسىنى}داۋالاتقىنى گۇاڭجۇغا ئاپارغىدەك؟!ئۇنىڭ بىر بالا ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ،شۇنداقكەن جاھان ئىشىنمەيدۇ،ئۇ نىمەدەپ ئويلىغاندۇ؟؟؟بولدىلا،ئۇنىڭغا تارتىشقۇدەك نىمە قالدى ئەمدى؟؟؟ئۇنى ياخشى كۆرمەمدىم؟؟؟ياق،ياخشى كۆرىمەن،بىراق ئۇ ياخشى كۆرمىسە ماڭا نىمە ئىلاج؟!
:HD*KEJY كىچىچە خىيالىمغا نىمىلەر كەلگىنى نامەلۇم،ئىش قىلىپ ئۆزۇم بىلىدىغان،ھەتتا بىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يادىمغا ئالدىم،بىراق تەرتىپى يوق،.....تاڭ سەھەردىلا ئىنىمغا تىلفۇن قىلدىم،سوت-مەھكىمىسىگە باردىغانلىقىمنى ئىيتتىم،ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا،مىنى يۆلەپ كىتىۋاتقان ئىنىمغا پىچىرلىدىم،ئەمما ئۇ ئاڭلىمىدى:
%sd[h~La بالامنى يىتىم قىلغۇم يوق ئىدى،بىراق....................
-kzqq6b? jacgxY!~^g YWe|Mp.V0j مەنبە:ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتىدىن ئىلىندى.
/X{SM^29 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى ساندىن.
[ 此贴被ئالتۇن在2008-09-27 00:20重新编辑 ]