ئامىرىكا دىمكۇراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامىزاتى ئوباما يەر شارىنى قاپلىغان پۇل - مۇئامىلە داۋالغۇشىدىن نەپكە ئېرىشكەندەك قىلىدۇ ، چۈنكى بۈگۈن ئېلان قىلنغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بۇلىشىچە ، دىمكۇراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇ زۇڭتۇڭ نامزاتى %46 ئاۋازغا قارىشى %51 لىك ئاۋاز بىلەن جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامىزاتى - رەقىبى ماك - كائىندىن ئۈتۈپ كەتكەن .
40Q*Z" ئامىرىكا سىملىق تىلۋېزىيە ئاخبارات تورى خەلقارا شىركىتى بىلەن ئەل رايىنى سىناش شىركىتى ئېلىپ بارغان بۇ قېتىمقى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىن قارىغاندا ، نۆۋەتتىكى پۇل - مۇئامىلە كىرزىسى جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسىنى ئەيىپلەيدىغان سايلىغۇچىلارنىڭ ساننى دېمكۇراتلار پارتىيىسىنى ئەيىپلەيدىغانلارنىڭ سانىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۋەتكەن . رويىخەتكە ئېلىنغان سايلىغۇچىلار ئارىسىدىكى %47 ئادەم : ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىغا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى مەسئۇل بۇلۇشى كىرەك ، دەپ قارايدىكەن ؛ % 24 ئادەم بولسا : جۇمھۇريەتچىلەر پارتىيىسى مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك ، دەپ قارايدىكەن .
>y(W2(!3n تەكشۈرۈشتىن يەنە كۆپ ساندىكى ئامېركىلقلارنىڭ : ئوباما ئىقتىسادىي مەسىللەرنى ئوبدان ھەل قىلالايدۇ ، دەپ قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان . دېمكۇراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇ نامزاتى بۇ نوقتىدىن ماك كائىندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان . ئامېرىكا سىملىق تىلۋېزىيە ئاخبارات تورى خەلقارا شىركىتىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش مەسئۇل ئەمەلدارى مۇنداق دىگەن : ئىقتىساد ماك كائىننىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ . تەكشۈرۈشتە ئوبامانىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكى كۆپىنچە ئامىركىلقلاردا << پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنى ھەقىقى ھېس قىلدىغان پەيىت كەلدى >> دىگەن ئوينىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردىدۇ .
~W\9NR|'< ~=2e FH# 69(<:7 << ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى .
[ 此贴被گۈليار在2008-09-25 12:45重新编辑 ]