<< جوڭگو سودىگەرلىكى گېزىتى >> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بىر قىسىم ئاتا - ئانىلاردا : بالا ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندىكى نۇرغۇن ئاقسىل خوراپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ، كۈندە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى ، يەنى كالا گۆشى ، تۇخۇم يېگۈزگەندە خورىغان ئاقسىلنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ ، دەيدىغان قاراش بارلىقى ، ئەمما بۇ خىل قارشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ، ھەرىكەت قىلغاندا ئاقسىل خورىماستىن ، بەلكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتى كۆپىيىپ ، شېكەر ۋە ماي كۆپرەك خورايدىغانلىقى ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاقسىل قاننىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇپ ، ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ، شۇڭا بالىنىڭ ھەرىكىتى كۆپ بولسا ، ماي ۋە شېكەر تولۇقلىغاندىن باشقا قوشۇمچە قىلىپ ئاقسىلنى تولۇقلىسىمۇ بولىدىغانلىقى ئوتۇرىغا قويۇلغان . E36
ھەرىكىتى كۆپ بالىلار بولكا ، گۈرۈچ تامىقى ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن . شۇڭا بۇلارنىمۇ تولۇقلاشقا ھەمدە ۋېتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنىتلارنىمۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىلىشى ، يەنى بەرەڭگە قاتارلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ بېرىشى ، بانان ۋە نەشپۈت قاتارلىق مېۋە - چىۋىلەرنىمۇ كۆپرەك يەپ بېرىشى لازىم ئىكەن . v:JFUn}
ئوزۇقلۇق ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى - ھەرىكەت قىلىشتىن ئىككى - ئۈچ سائەت ئاۋۋال بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن . چۈنكى تەركىبىدە ماي بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم بولىشى ئاستا بولىدىكەن . تەركىبىدە ماي ۋە شېكەر مىقتارى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى ھەرىكەتتىن كېيىن يېگەندە ئاسان سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . شۇڭا ئاتا - ئانىلار بۇ جەھەتتە دىققەت قىلىشى لازىم . $v-lG(
j(va#f#
<< شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە گېزىتى >> دىن ئېلىندى .[ بۇ يازما زىبائاي تەرپىدىن 2008-09-24 18:37 دە قايت ]