SALKIN mtv 0 تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى رامىزانلىق سانىنىڭ جاۋابلىرى !!! IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 659 قېتىم كۆرۈلدى
پەخىركام
ئىست!!بىھۇدىلىك ئىچىدىكى مەن!!
ئىجاتچان ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 151
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 4672
شۆھرەت: 7565 كىشىلىك
پۇل : 11538236 سوم
تۆھپە: 570 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 6144 نۇمۇر
قوللاش: 6073 نومۇر
ئالقىش: 6866 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
توردىكى ۋاقتى : 1494(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى رامىزانلىق سانىنىڭ جاۋابلىرى !!!

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!!!!!!!!!!!!!

  سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى رامىزانلىق سانىنىڭ جاۋابلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن ...
بارلىق سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن ئىسيانكارنىڭ جاۋابلىرىنى كۆچۈرۈپلا ئەكەلدىم ...چۈنكى  بىرقانچە سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمەيلا يوللىغان ئىدىم بىلىۋالارمەن دەپ ...  ئىسيانكارنىڭ ياردىمىدە بىلىۋالدىم ھەرنىمە بولسا  ...ئاللا بۇ قېرىندىشىمىزغا رەھمەت قىلسۇن !!! مەيدەمدىكى مىدالنىڭ بىرسى شۇنىڭ بولسا بولا ... ھە (قېنى ئەلئارا ئالى ئەزالىق مىدالىمنى    ئۇنىڭغا ئۆتكۈزەپ بېرىڭلا ..سېلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم )...  باشقىلارغا مۇكاپات ئۆز ۋقتىدا نەخلەشتۈرلۈپ بولغان ...

بىرىنجى باسقۇچنىڭ جاۋابلىرى :

1-سوئال : قۇرئان كەرىمدە 114 سۈرە ۋە 114 «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋەمېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )» كەلىمىسى بار . مۇشۇ «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسىنىڭ  ھەممىسى سۈرە بېشىدا كەلگەنمۇ ؟

113سۈرە«بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسى بىلەن باشلىنىدۇ .سۈرە تەۋبىدە بولسا «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسى كەلمەيلا باشلىنىدۇ . بۇيەردە چۈشۈپ قالغان «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» سۈرە نەملە 30- ئايەت بىلەن تۇلۇقلىنىدۇ :

{ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: «ئى ئۇلۇغلار ماڭا ھەقىقەتەن سۇلەيماندىن بىر پارچە قىممەتلىك خەت كەلدى. (ئۇنىڭ مەزمۇنى شۇكى) ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.}
مۇشۇ ئايەت بىلەن قۇرئان كەرىمدە  «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم» كەلىمىسى 114 يەردە تەكرارلىنىدۇ .


2- سوئال : جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نىمە ؟

جەننەتنىڭ ئاچقۇچى شاھادەت كەلىمىسىنى دىلىدا تەستىقلاپ تىلىدا ئېيتىش : «بىرئاللاھتىن باشقا ئىلاھ نىڭ يوقلىقىغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللانىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن » دېيىش  . لېكىن بۇ جەننەتنىڭ قىرسىز ئاچقۇچىدۇر . قىرى يوق ئاچقۇ بىلەن قۇلۇپنى ئاچقىلى بولمايدۇ ،شۇڭا ئاللانىڭ بۇيرىغانلىرىنى قىلىش ،توسقانلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق قىرسىز ئاچقۇغا قىر سالغاندىلا ئاندىن قۇلۇپنى ئاچالايمىز .

3- سوئال : مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە نىمە ؟


مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە مۇستەھكەم ئىماندۇر ، ئىمانسىز كىشى جەننەتكە كىرەلمەيدۇ .

4-سوئال : ئادەم ئەلەيھىسسالامغۇ شەيتان سەۋەبلىك ئاسىي بوپتىكەن ، شەيتان نىمە سەۋەبلىك ئاسىي بولغان ؟

شەيتان تەكەببۇرلۇق،چوڭ چىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاغا ئاسىي بولۇپ كاپىر بولغان .

{ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق. ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن) باش تارتتى تەكەببۇرلۇق قىلدى ئۇ كافىرلاردىن بولۇپ كەتتى. } سۈرە بەقەر 34- ئايەت


5- سوئال : قۇرئان كەرىمدىكى تۇنجى بولۇپ چۈشكەن ئايەت قايسى ؟

{ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن . ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى. ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر، ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يىزىشنى)ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى.}  سۈرە ئەلەق 1-ئايەتتىن 5- ئايەتكىچە

6-سوئال: ئەڭ ئاخىردا چۈشكىنىچۇ ؟

{سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان قان چوشقا گۆشى اﷲدىن غەيرىنىڭ (يەنى بۇتلارنىڭ) نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان (ھايۋانلار تەرىپىدىن) ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يىگەن ھايۋان(نىڭ گۆشىنى يىيىش) ھارام قىلىندى لېكىن (يۇقارقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بۇغۇزلىغىنىڭلار ھالال بۇلىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بۇغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام (يەنى جاھىلىيەت دەۋرىدە پال ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۈچ پارچە ياغاچ) بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى بۇ گۇناھتۇر كافىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار(نى يۇقىتىش)تىن ئۈمىدىنى ئۈزدى ئۇلاردىن قورقماڭلار مەندىن قورقۇڭلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم ئىسلام دىننى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلنغان نەرسىلەرنى يىسە گۇناھ بولمايدۇ) اﷲ مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.} سۈرە مائىدە 3- ئايەت

7- سوئال : ھەدىسلەر قانچە خىلغا بۆلىنىدۇ ؟

تۆت خىلغا :
بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
      بۇ ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىملار  ئوخشاش رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر بولۇپ .ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس دەپ قارىلىدۇ.
سەھىھ ھەدىس
    بۇ بىرلىككەكەلگەن ھەدىستىن تۆۋەنراق تۇرىدىغان ئەمما ئىشەنچىلىك دەپ قارالغان ھەدىسلەردۇر ، بۇنى ھەدىس شۇناسلار رىۋايەت قىلغۇچى ۋە ھەدىس توپلىغۇچىلارغا ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ بىكىتىدۇ .
زەيىپ ھەدىس .
    بۇئاجىز ھەدىس بولۇپ . بۇ رىۋايەت يولى ئۈزۈلۈپ قالغان ياكى بەزى ئىشەنچىسىز كىشىلەرتەرپىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەر بولۇپ ئىشەنچىسىزراق ئورۇندا تۇرىدىغان ھەدىستۇر .
يالغان ھەدىس
بۇ مۇناپىقلارۋە يەھۇدىيلارنىڭ قەستەن ئۆزلىرى توقۇۋېلىپ مۇسۇلمانلارئارىسىدا تارقاتقان ھەدىسلىرى بولۇپ ،  ئەگەر يالغان ھەدىس ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ قالسا قەتئى ئىتراپ قىلىنمايدۇ .ھېلىھەم نۇرغۇن يالغان ھەدىسلەر ئارىمىزدا ئېقىپ يۈرىۋاتىدۇ .


8-سوئال : «اللەنىڭ شىرى » دەپ نام ئالغان ساھابى كىم ؟

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسى ھەمزە (اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)

9- سوئال : ساتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىسمىنى نىمىگە ئۆزگەرتكەن ؟

ئابدۇلكەرىمگە ئۆزگەرتكەن چۈنكى مۇسۇلمان ئىسمىنى مۇسۇلمانچە قويىشى كېرەك

10-سوئال : «ھەقىقەتلەر بۇسۇغۇسىدا » ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى كىم ؟

بۇكىتابنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئەتەبەتۇل ھەقايىق »بولۇپ مۇئەللىپى ئەھمەد يۈكنەكى  لېكىن ئۇكىشىنىڭ ھاياتىغا  ئائىت مەلۇماتلار تولىمۇ ئاز .

ئىككىنجى باسقۇچنىڭ جاۋابلىرى :

1-سوئال : ھەرقانداق ئادەم مۇسۇلمان ھالەتتە تۇغۇلىدۇ شۇنداقمۇ ؟

شۇنداق
ھەرقانداق بىربالا پاك دىن يەنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ .


2- سوئال : مۇسۇلمانلار «مەن مۇسۇلمان » دەپ قويۇپ ناماز ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ شۇنداقمۇ ؟

ياق
مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى نامازدۇر . بىركىشى مەن ھۈنەرۋەن دەپ قويۇپ ھۈنەر قىلمىسا ئۇكىشىنى كىممۇ ھۈنەرۋەن دېسۇن كىممۇ ئۇنىڭ ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىگەئىشەنسۇن ؟


3- سوئال : كوچىلاردا يېرىم يالىڭاچ ئاياللار ئۇچراپ قالسا تىكىلىپ قارايمىز شۇنداقمۇ ؟

ياق .
{مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن }سۈرە نۇر 31-ئايەتنىڭ بىرقىسمى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا :« بىرىنجى قاراش سىنىڭ ھەققىڭ ،ئىككىنجى قاراش سىنىڭ ھەققىڭ ئەمەس »دېگەن .
ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە تىكىلىپ قارىشى چەكلەنگەن .


4- سوئال : مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى شۇنداقمۇ ؟

شۇنداق .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى .» دېگەن . مەغرىبتىكى مۇسلماننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە مەشرىقتىكى مۇسۇلماننىڭ يۈرىكى ئاغرىسا ئاندىن  ھەقىيقى ئىمان شۇيەردە ئىپادىلىنىدۇ .


5- سوئال : ئەرلەر يىپەكتىن كىيىم ئالتۇندىن ئۈزۈك تاقىسا بولىدۇ شۇنداقمۇ ؟

بولمايدۇ .
  ئالتۇن ،يىپەك ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان ، ئاياللار ئىشلەتسە بولىدۇ .


6-سوئال : روزىدار تۇرۇپ باشقىلارغا ئازار بەرسەك ، يالغان ئېيتساق بولىدۇ شۇنداقمۇ ؟

ھەرقانداق ۋاقىتتا بولمايدۇ .
يالغان ئېيتىش ،باشقىلارغا ئازار بېرىش مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى ئەمەس .


7- سوئال : ئايال كىشى پۇراقلىق ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ شۇنداقمۇ ؟

ئۆيىدە يولدىشى ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ . كوچىغا پۇراقلىق ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ .
  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :« قانداق بىر ئايال ئەتىر ئىشلىتىپ ، بىرەر جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۆتسە ، ئۇلار ئۇ ئايالنىڭ خۇشپۇراق ئىشلەتكىنىنى بىلىپ قالسا ، ئۇ ئايال زىنا قىلغۇچى ھىسابلىنىدۇ . »


8- سوئال : ئىبادەتنى باشقىلارنى كۆرسۇن دەپ قىلىمىز شۇنداقمۇ ؟

ياق .
باشقىلارنى كۆرسۇن دەپ قىلغان ئىبادەت رىيا بولىدۇ . رىيا بىلەن قىلغان ئىبادەت ئادەمنى جەھەننەمگە باشلايدۇ . بارلىق ئىبادەتنى ئاللارنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىشىمىز كېرەك .


9-سوئال : ھەركىشىنىڭ رىزقىنى بىر اللە بېرىدۇ شۇنداقمۇ ؟

ئەلۋەتتە شۇنداق .
ئاللاھ بەندىلىرىنى رىزىقلاندۇرغۇچىدۇر


10- سوئال : نامەھرەم ئاياللار (قىزلار)بىلەن ئادەتتىكىدەك ئارلىشىپ يۈرسەك بولىدۇ شۇنداقمۇ ؟

بولمايدۇ .
ئۇلۇغ ئاللا {مۆمىنلەرگە ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن } دەپ نامەھرەملەرگە قاراشنى چەكلىگەن يەردە . ئارلىشىپ ئۆتۈش چەكلەنمەي قالارمۇ ؟


ئۈچۈنجى باسقۇچ «كىتاب كۆرمىگەننىڭ ئاقىۋىتى » باسقۇچى :

1- سوئال : قۇرئان كەرىمدە «رامىزان» سۆزى قانچە يەردە تەكرارلىنىدۇ ؟

ئىككى يەردە :
{ ئى مۇئمىنلەر! (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە) روزا پەرز قىلىنغاندەك سىلەرگىمۇ (رامىزان روزىسى) پەرز قىلىندى. } سۈرە بەقەر 183-ئايەت .

{رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بۇلۇشقا باشلىدى قۇرئان ئنسانلارغا يېتەكچىدۇر ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. اﷲ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ تەسلىكنى خالىمايدۇ (ئاغزىڭلار ئۇچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا اﷲنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكرى قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.}سۈرە بەقەر 185-ئايەت


2- سوئال : ئىسلام تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن كىشىلەردىن ئوننى ساناپ بېرىڭ ... تۆھپىسى بىلەن ؟

1-  بىرىنجى خەلىپە ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ  . تۆھپىسى : مۇرتەدلىك ھەركىتىنى ئۈنۈملۈك باستۇرۇپ ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ ، سىرتقا قارىتا كېڭىيىشىنى تىزلەتكەن .
2- ئىككىنجى خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ .تۆھپىسى : ئىسلام دىنىنىڭ ئاسىيا ،ئافرىقا قىتئەلىرىگە كېيىڭىشىگە ئاساس سالغان ھەمدە ئىسلام ئىمپىريىسىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن بىرقاتار دانا سىياسەتلەرنى ئوتتۇرغا قويغان . ئۇ خەلىپىك قىلغان دەۋىر ئىسلامنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ.
3- ئۈچۈنجى خەلىپە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ . تۆھپىسى : قۇرئان كەرىمنى رەتلەپ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى تۈزۈپ چىقىشقا باشلامچىلىق قىلىپ ، تارقىلىپ يۈرگەن سۈرە ،ئايەتلەرنى يېغىۋېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قۇرئان كەرىمنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئۆزگۈرۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان . (ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن )
4- ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە . تۆھپىسى : سۈننىي مەزھىبىدىكى تۆت چوڭ فىققە مەزھىبى نىڭ بىرى بولغان ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى .
5-ئىمام مالىك .تۆھپىسى : سۈننىي مەزھىبىدىكى تۆت چوڭ فىققە مەزھىبى نىڭ بىرى بولغان مالىكى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى .
6- ئىمام شافىئىي .تۆھپىسى :سۈننىي مەزھىبىدىكى تۆت چوڭ فىققە مەزھىبى نىڭ بىرى بولغان  شافىئىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى .
7- ئىمام ئىبنى ھەنبەل .تۆھپىسى : سۈننىي مەزھىبىدىكى تۆت چوڭ فىققە مەزھىبى نىڭ بىرى بولغان ھەنبەلى مەزھىپىنىڭ ئاساچىسى .
8- ئىمام بۇخارى .تۆھپىسى : سۈنئىي مەزھىبىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەدىس كىتابى بولغان ،سەھىھۇل بۇخارى ھەدىسلەر توپىلىمىنىڭ  توپلىغۇچىسى .
9- سالاھۇددىن ئەييۇبى .تۆھپىسى :ئىسلام قەھرىمانى سالاھۇددىن ئەييۇبى ئەھلى سەلىبلەرنىڭ قولىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس شەھرى بولغان قۇددۇس شەھرىنى قايتۇرۋالغان . كورد مىللىتىدىن ئەرەپ ئەمەس . ئەييۇبىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان .
10- سۇتۇق بۇغراخان  تۆھپىسى : ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن .مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خاقانىمىزنىڭ تۆھپىسىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدۇ .


3- سوئال : جەتنەتكە كىرىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك ؟

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا بىر تاغلىق ئەرەب كېلىپ ئۇنىڭدىن قىلسا جەننەتكە كىرىدىنغان ئەمەلنى سورايدۇ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا : « ئاللاغا ئىبادەت قىل ئەمما ھېچ نەرسىنى شىرىك قىلما ، پەرىز نامازلارنى ۋاقتىدا ئوقۇغىن ،پەرىز روزىنى تۇتقىن ، پەرىز زاكاتتىن بەرگىن (بۇ تېخى ھەج پەرىز قىلىنمىغان ۋاقىت بولسا كېرەك ) » دەيدۇ . تاغلىق ئەرەب : نەپسىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى مۇشۇلاردىن ئارتۇقمۇ قىلمايمەن كەممۇ قىلمايمەن . دېگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ .ئۇ چىقىپ كېتىۋاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« كىمكى ئۆزىنى جەننەت ئەھلىگە قاراپ خۇرسەن قىلىشنى خالىسا مۇشۇ كىشىگە قارىسۇن .» دەيدۇ (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس )
  بۇيەردىكى مۇھىم نۇقتا گۇناھ ،مەرسىيەتكە يېقىن يولىمىغان ھالدا مۇشۇ پەرىز ئىبادەتلەرنى (ۋاجىب ،سۈننەتلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ) تۇلۇق ئەركانلىرى بىلەن ئورۇندىغان كىشى(ئاللا رازىلىقىنى كۆزلەپ) جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن شەرت ھازىرلىغان بولىدۇ . يەنىلا ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن .



4-سوئال : بىرئادەمنىڭ ئىقتىسادى قانچە پۇلغا يەتكەندە ئۇنىڭغا زاكات پەرىز بولىدۇ، قانچىلىك زاكات ئايرىيدۇ ؟ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟

خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 3000 يۇەندىن يۇقۇرى مۇقىم مۈلكى بار كىشىگە زاكات بېرىش پەرىز بولىدۇ . 2.5 ئۈلۈش زاكات ئايرىيدۇ. يەنى 100 يۇەنگە 2.5 يۇەن .  بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور بولۇپ جەمىيەتتىكى باي نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ، نامرات كىشىلەرنىڭ بايلارنى ئۆچكۆرۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . زاكات بەرگەن كىشىنىڭ مېلى پاكلىنىدۇ تېخىمۇ بەركەت تاپىدۇ .زاكات ئالغۇچى خوشال بولىدۇ ئاز بولسىمۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلىدۇ . باي نامرات ئوتتۇرسىدا ئىناقلىق ئىلگىرى سۈرلۈدۇ .

5-سوئال : مۇناپىقنىڭ ئالامىتى قانچە ؟ ئۇلارنىڭ بارار جايىچۇ ؟

« مۇناپىقنىڭ ئالامىتى تۆتتۇر كىمدە بۇلاردىن بىر ئالامەت تېپىلسا ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقنىڭ بىر ئالامىتى تېپىلغان بولىدۇ . ھەممىسى تېپىلسا خاس مۇناپىق بولىدۇ . سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ ، ۋەدىسىدە تۇرمايدۇ ، ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ ، تىللىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزۇدۇ » ھەدىستىن .
مۇناپىقنىڭ بارار جايى جەھەننەمنىڭ چوڭقۇر قېتى .


6- سوئال : زىنا خورلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ ؟ بۇ جازانىڭ ئەھمىيىتى نىمە ؟

ئەگەر زىناخور توي قىلغان بولسا ئۇلارغا چالما كىسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلىدۇ ، ئەگەر توي قىلمىغان بولسا 100 دەررە ئۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ .
{زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار ئەگەر سىلەر اﷲغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار اﷲنىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۇئمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن.} سۈرە نۇر 2- ئايەت .

  بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيىتى بولسا جەمىيەتتىكى بۇزۇقچىلىقلارغا ئىبرەت قىلىپ بۇزۇقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش . ھەم گۇناھ قىلغۇچىلارغا تۆۋبە قىلىش پۇرسىتى بېرىش . ئەگەر زىناخورلار ھاياتىدا مۇشۇ جازاغۇ ئۇچرىسا، گۇناھىغا تەۋبە قىلىپ قايتا زىنا قىلمىسا گۇناھىنىڭ كاپارىتى بولىدۇ  .


7-سوئال : مۇسۇلمان ئايال مەھرەمسىز قانچىلىك يىراقلىققا سەپەرگە چىقالايدۇ ؟ بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيتى نىمە ؟ بۇ يەردىكى «مەھرەم» كىملەرنى كۆرسىتىدۇ ؟

78 كىلومىتىر يىراقلىققا سەپەرگە چىقالايدۇ . بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەھمىيىتى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ،چۈنكى ئايال كىشى ئاجىز ،ساددا كېلىدۇ .ۋەيەنە  پىتنە- پاساتنىڭ ، بىھۇدە تۆھمەتكە قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىىش .
مەھرەم شۇ ئايالنىڭ چوڭ ئاتىسىنى ،ئاتىسىنى ، ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ،ئانىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ،ئۆز قېرىنداشلىرىنى ،قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى ، ھەمشىرىلىرنىڭ ئوغۇللىرىنى ، ئىمىلداشلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇلار شۇ ئايال بىلەن توي قىلىش چەكلەنگەن كىشىلەردۇر . مۇشۇ كىشىلەربىلەن بىرگە سەپەرگە چىقسا بولىدۇ .


8- سوئال : قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلا ؟

پىتنە كۆپىيىدۇ .
بەركەت كۆتۈرلۈپ كېتىدۇ .
يەرئاستىدىكى بايلىق يەرئۈستىگە چىقىدۇ .
كىشىلەر دۇنيا ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىدۇ .
ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىگە تاپشۇرلىدۇ .
ئىشەنچ قالمايدۇ .
پادىچىلار ئىگىز بىنالارنى سالىدۇ .
بالا ئانىسىغا خىزمەتكارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ .
ئاياللارنىڭ سانى ئەرلەرنىڭ سانىدىن زوردەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ .
دەججال چىقىدۇ .
يەجۈجى مەجۈجىلەر چىقىدۇ .
ئىيسا ئەلەيھىسسالام چۈشىدۇ .
قۇياش مەغرىپتىن چىقىدۇ .
  قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى پەقەت بىرئاللا بىلىدۇ .


9- سوئال : توي قىلمىغان قىز -ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى قايسى دائىرلاردا بولىشى كېرەك ؟ نىمە ئۈچۈن توي قىلمىغان قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارلىشىپ يۈرىشى ئىسلامدا چەكلىنىدۇ ؟ 

  مۇسۇلمان قىز ئوغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۆز ئارا تىكىلىپ قاراشمىغان ، نازلىنىپ ئەھمىيەتسىز پاراڭلارنى قىلىشمىغان ئاساستا قېرىنداشلارچە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش دائىرسىدە بولىشى كېرەك .
  زىنا پاھىشىنىڭ ، پىتنە پاساتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، نەسەپنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن چەكلىنىدۇ .

{مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن ئاتىلىرىدىن يا قېيىن ئاتىلىرىدىن يا ئوغۇللىرىدىن يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن يا دىنداش ئاياللاردىن يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار)دىن يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲغا تەۋبە قىلىڭلار.} سۈرە نۇر 31- ئايەت


10-سوئال : مۇسۇلمان ئەركىشىنىڭ كىيىنىش ئۆلچىمى قانداق بولىدۇ ؟ مۇسۇلمان ئايالنىڭچۇ ؟

مۇسۇلمان ئەركىشىنىڭ ئەۋرىتى تىزىدىن كىندىكىگىچە بولۇپ شۇيەرلىرىنى يۆگەپ يۈرىشى شەرت .
  ئەركىشىنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئايىغى ئۇشۇقىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرىتى چوقىسىدىن تاپىنىغىچە بولۇپ . پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ يۈرىشى شەرت .
نېپىز ،تار، بەدىنى ،پىگورى كۆرۈنۈپ قالدىغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى كېرەك .
مۇھىم نوقتا .مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ كىيىنىش شەكلى  باشقا قەۋم كىشىلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«كىمكى بىرەر قەۋمگە ئوخشاش بولماقچى بولسا ئۇمۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ.»
[ بۇ يازما پەخىركام تەرپىدىن 2008-09-21 17:21 دە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • ئالقىش:+300(قىساسكـار) yahxi ajir
  • تۆھپە:+100(ئىنـتىـل) AJIR
  • ياخشى باھا:+500(ئەلـزات) ajir
  • شۆھرەت:+1000(ئەلئارا) ajir
  • [size=6][size=3][color=#0000FF]ئادەمنىڭ نەپسى ئىمىۋاتقان بوۋاققا ئوخشايدۇ[/color][color=#66FF00] ... [/color][color=#FF0066]ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىسا يىغلاپ قاخشىغىنى بىلەن ئىمەلمەيدۇ [/color][/size][/size]
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-21 15:01 |
    ئۇچقۇنى
    سىنى مەڭگۈ سۆيىمەن!
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 3868
    شۆھرەت: 4628 كىشىلىك
    پۇل : 53 سوم
    تۆھپە: 400 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4599 نۇمۇر
    قوللاش: 4125 نومۇر
    ئالقىش: 5169 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 871(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    مۇسۇلمان ئەركىشىنىڭ ئەۋرىتى تىزىدىن كىندىكىگىچە بولۇپ شۇيەرلىرىنى يۆگەپ يۈرىشى شەرت .
      ئەركىشىنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئايىغى ئۇشۇقىدىن ئىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك .
    مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئەۋرىتى چوقىسىدىن تاپىنىغىچە بولۇپ . پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ يۈرىشى شەرت .
    نېپىز ،تار، بەدىنى ،پىگورى كۆرۈنۈپ قالدىغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى كېرەك .
    مۇھىم نوقتا .مۇسۇلمان كىشىلەرنىڭ كىيىنىش شەكلى  باشقا قەۋم كىشىلىرىنىڭ كىيىنىش شەكلىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك .
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن :«كىمكى بىرەر قەۋمگە ئوخشاش بولماقچى بولسا ئۇمۇ شۇ قەۋمدىن سانىلىدۇ.»



    مۇشۇ ئابزاسنى قىزلار تازا ئېنىق كۆرۈۋېلىڭلار.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:03 |
    ئەلئارا
    نىمە دەي.
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئىلغار باشقۇرغۇچى مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 6311
    نادىر تېما : 6
    يازما سانى : 3171
    شۆھرەت: 4992 كىشىلىك
    پۇل : 1619 سوم
    تۆھپە: 324 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3211 نۇمۇر
    قوللاش: 1894 نومۇر
    ئالقىش: 4706 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 663(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىيىنى ساننىڭ ساھىپخانى مۇنبەردىكى شوخ بالا  بۇرۇنقى  xjboy0903 قېنى ھەممەيلەن قىزغىن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئالايلى  .. 




    كىلىشكىنىمىزدەك 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتنىڭ ئىگىسىگە پەخىردىن تەمىنلىگەن بىرتال مىدال سوغا قىلىندى .  يەنىمۇ تىرىشچانلىق بىلەن تەلەي يۇلتىزىغا يېڭى مەزمۇن قوشقايسىلەر  .
    كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ ،
    قايغۇدىن كىيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ ،
    تېڭىرقاشتىن يۇلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ ،
    يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلب كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:03 |
    سۇۋادان
    سۇۋادان تېرەككە مەدىيە...
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 12603
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1571
    شۆھرەت: 1513 كىشىلىك
    پۇل : 25 سوم
    تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1620 نۇمۇر
    قوللاش: 1621 نومۇر
    ئالقىش: 1737 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 878(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مانا       كەتتى......
    ياشىغان ئىكەنسەن ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ................
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:14 |
    چالقۇش827
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17988
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 78
    شۆھرەت: 78 كىشىلىك
    پۇل : 610 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 97 نۇمۇر
    قوللاش: 87 نومۇر
    ئالقىش: 122 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

                     
    bugra
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:28 |
    شوخ بالا
    xjboy0903
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 5773
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1557
    شۆھرەت: 1885 كىشىلىك
    پۇل : 2806 سوم
    تۆھپە: 728 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3051 نۇمۇر
    قوللاش: 1869 نومۇر
    ئالقىش: 3493 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1401(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    مەن تۈزۈكمۇ  تاپالماپتمەن 
    ئىسيانكار دۇستۇم  رەھمەت بىلمىگەن نى بىلدۈرۈپ قويدسىڭىز ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
    izdax.com
    [align=center][color=#663300]ئايرۇپىلان بىلتى ئالماقچى بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ .
    [/color][color=#669900]دۆلەت ئىچى خەلىقئارا ئايرۇپىلان بىلەتلىرنى ئەرزان باھادا ساتمى[/color]ز
    [color=#ff9900]ئايرۇپىلان بىلتى سېتىش چ چ تۇپى قۇرۇلدى .
    [/color][color=#ff0066]چ چ توپ نۇمۇرى:34750951[/color]
    [color=#0000ff]چ چ نۇمۇرۇم:466616222[/color][/align]
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 15:35 |
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 2100
    شۆھرەت: 2297 كىشىلىك
    پۇل : 13586 سوم
    تۆھپە: 1 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2374 نۇمۇر
    قوللاش: 2232 نومۇر
    ئالقىش: 2706 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1040(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    بىلمىگەننى بىلۋالدۇق  رەھمەت سىلىگە پەخىركا
    qarluq
                                  دىققەت قىل ئەي دوستۇم بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 16:09 |
    خوما
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 2750
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 347
    شۆھرەت: 1868 كىشىلىك
    پۇل : 925 سوم
    تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 539 نۇمۇر
    قوللاش: 372 نومۇر
    ئالقىش: 487 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 652(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رەھمەت قىلسۇن~~    سۇئال چىقىرىپ بىزنى ئويلىنىشقا چاقىرغان پەخىردىنگە،  توغرا جاۋاپلار ئارقىلىق كۆڭلىمىزدىكى تۈگۈنلەرنى يەشكەن ئىسيانكارغا كۆپ رەھمەت~~   اللە ئىككى دۇنيالىقىڭلارنى بەرسۇن، امىين~! 
    [ بۇ يازما خوما تەرپىدىن 2008-09-21 22:42 دە قايتا ت ]
    qarluq
    شەبنەم نىمە، سەلكىن نىمە؟  ئۇيغۇر نىمە، ئۇيۇشۇش نىمە؟؟~~

    «نادان بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرا كەلسە سۈكۈتتە تۇر، ئۇ سىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلگەن بولسا نادان بولماس ئىدى..... »
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 17:46 |
    ياخشىلىق
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12859
    نادىر تېما : 9
    يازما سانى : 1373
    شۆھرەت: 2269 كىشىلىك
    پۇل : 12724 سوم
    تۆھپە: 40 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2474 نۇمۇر
    قوللاش: 1906 نومۇر
    ئالقىش: 3375 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 178(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپتىن-كۆپ رەخمەت
    qarluq
    [color=#0000ff]پۇل دېدۇق،كۆڭۈلنى پۇلغا ئۆگەتتۇق،
    پۇلنى دەپ دوستلارنى تامام تۈگەتتۇق.
    تـاۋۇتـقـا سىغمىغاچ تـاپـقـانلىرىمىز،
    يالىڭاچ كەلگەندەك يالىڭاچ كەتتۈق.[/color][/size]
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-21 21:14 |
    شوخ بالا
    xjboy0903
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 5773
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1557
    شۆھرەت: 1885 كىشىلىك
    پۇل : 2806 سوم
    تۆھپە: 728 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3051 نۇمۇر
    قوللاش: 1869 نومۇر
    ئالقىش: 3493 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 1401(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ سودا

     

    بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئاران كەلگندە     
    qarluq
    [align=center][color=#663300]ئايرۇپىلان بىلتى ئالماقچى بولسىڭىز مىنى ئىزدەڭ .
    [/color][color=#669900]دۆلەت ئىچى خەلىقئارا ئايرۇپىلان بىلەتلىرنى ئەرزان باھادا ساتمى[/color]ز
    [color=#ff9900]ئايرۇپىلان بىلتى سېتىش چ چ تۇپى قۇرۇلدى .
    [/color][color=#ff0066]چ چ توپ نۇمۇرى:34750951[/color]
    [color=#0000ff]چ چ نۇمۇرۇم:466616222[/color][/align]
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-22 12:22 |
    ئىدىرىسجان
    قارايمىزغۇ؟ چىرايلىقمىكەنمەن؟
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 6661
    شۆھرەت: 8265 كىشىلىك
    پۇل : 970 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6524 نۇمۇر
    قوللاش: 6292 نومۇر
    ئالقىش: 7764 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 934(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەنمۇ بىر  مىدالىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغان  بولدۇڭ شوخ بالا، قورىقما  ،ئەگەر جاۋابىنى ئالى ئەزادىن بىرەسى تىپىپ قالسا  مەنمۇ ئالى ئەزالىق مىدالىمنى سەن ئۈچۈن  بىرىۋىتەي
    qarluq
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-23 09:03 |
    شەيدا~خىنىم
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12188
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 996
    شۆھرەت: 1224 كىشىلىك
    پۇل : 5314 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1053 نۇمۇر
    قوللاش: 1022 نومۇر
    ئالقىش: 1191 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 647(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە. بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق .
    qarluq
    بىلەمسەن ...ئۆزەڭدىن باشقا ھىچقانداق ئادەم ساڭا خاتىرجەملىك بەخىش ئىتەلمەيدۇ .
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-23 09:32 |
    گۈلئايىم.
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 21389
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 61
    شۆھرەت: 61 كىشىلىك
    پۇل : 455 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
    قوللاش: 92 نومۇر
    ئالقىش: 79 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 65(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن،بىلىۋادۇق!
    qarluq
    ئەڭ زۆرۈر بىلىمنى كۈچ بىلەن ئۈگەن،
    زۆرۈر بولمىغاننى ئزدەپمۇ يۈرمە  .
    زۆرۈرىنى ھاسل قىلغاندىن كىيىن ،
    ئاڭا ئەمەل قىلماي ھېچ ئۆمۈر سۇرمە!
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-23 09:36 |
    ئەتىرگۈل1987
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19654
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    شۆھرەت: 106 كىشىلىك
    پۇل : 2261 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 245 نۇمۇر
    قوللاش: 167 نومۇر
    ئالقىش: 440 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 225(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن . بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق !
    qarluq
    ئى غالىپ مەرھەممەت قىلغۇچى ، ئى گۇناھلارنى كەچۈرگۈچى، ئى سېخىي، ئى ئەيىپلەرنى ياپقۇچى ، ئى كېچە ۋە كۈندۈزنى ياراتقۇچى زات،  بىزنى دۇنيا غېمى، قەبرە ۋە دوزاخ ئازابىدىن قۇتقۇزغىن !!!
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-23 10:42 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » سەلكىن تەلەي يۇلتۇزى


    Time now is:09-30 13:54, Gzip disabled
    Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation