SALKIN mtv 0 تەلەي يۇلتۇزى SALKIN kino 1
بۇ بەتتىكى تېما: شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە رەھبەرلىرى IE دا ساقلىۋېلىش | باش بەت قىلىش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كىيىنكى تېما
بۇ تېما 5019 قېتىم كۆرۈلدى
قىساسكـار
پاختا ماكانى ، دولان ئوغلى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16499
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 794
شۆھرەت: 1868 كىشىلىك
پۇل : 7240 سوم
تۆھپە: 440 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1487 نۇمۇر
قوللاش: 1186 نومۇر
ئالقىش: 1902 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە رەھبەرلىرى

2
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە رەھبەرلىرى
JBX5>D4-  
[X:"!  
2:|"B|g&  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ،ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 660 ﻣﯩﯔ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯧﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ 6 ﺩﯨﻦ 1 ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ،ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ 5600 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ،ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 8 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯧﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﯜﮔﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﻪﻧﻪ 2 - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ - ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯚﺗﻪﯓ ،ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ. "xj#[aQVP  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ 60 - ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﯩﺒﻪﮒ ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺯﯨﻤﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ. 1884 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. 1949 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯩﻨﭻ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ،1955 - ﻳﯩﻞ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. H2llTjiT  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ 14 ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ،ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ،ﺷﻪﮬﻪﺭ،88 ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ) ﺑﺎﺭ،ﺑﯘﻧﯩﯔ 33 ﻯ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ). ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ - ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻧﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،174 ﺗﯜﻩﻥ - ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺑﺎﺭ. 2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 19 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 631 ﻣﯩﯔ 100ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ %60.5 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 47 ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎﺭ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ 13 . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ 8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 976 ﻣﯩﯔ 700 ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ %45.73 ﯨﻨﻰ؛ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 7 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 802 ﻣﯩﯔ 500 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%39.75 ﯨﻨﻰ ؛ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 381 ﻣﯩﯔ 600 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%7.04 ﯨﻨﻰ،ﺧﯘﻳﺰﯗﻻﺭ 876 ﻣﯩﯔ 300 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%4.46 ﯨﻨﻰ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ 171 ﻣﯩﯔ 200 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.87 ﯨﻨﻰ،ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼﺭ 169 ﻣﯩﯔ 600 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.86 ﯨﻨﻰ،ﺗﺎﺟﯩﻜﻼﺭ 43 ﻣﯩﯔ 500 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.22 ﯨﻨﻰ،ﺷﯩﺒﻪﻟﻪﺭ 40 ﻣﯩﯔ 800 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.21 ﯨﻨﻰ،ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭ 24 ﻣﯩﯔ 100 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.12 ﯨﻨﻰ،ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ 14 ﻣﯩﯔ 200 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.07 ﯨﻨﻰ،ﺭﯗﺳﻼﺭ 11 ﻣﯩﯔ 300 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.06 ﯨﻨﻰ،ﺩﺍﻏﯘﺭﻻﺭ 6700 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.03 ﯨﻨﻰ،ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ 4700 ﺑﻮﻟﯘﭖ،%0.02 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. IUZ4,_3+  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺩﯦﯖﯩﺰ - ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ،4 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎﺕ ﻣﯘﺯﻟﯘﻕ ﭼﻮﻗﻘﯩﻼﺭ،ﻛﯚﺯ ﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭ،ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ،ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩﻩﻙ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. 3 ﺗﺎﻍ 2 ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﻰ،ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﻛﻮﺋﯧﻨﻠﯘﻥ ﺗﯧﻐﻰ ﺑﺎﺭ،ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﺋﯧﻨﻠﯘﻥ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 530 ﻣﯩﯔ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ،ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻰ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 330 ﻣﯩﯔ ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 2 - ﭼﻮﯓ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 2100 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ 154 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻳﯜﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺟﺎﻱ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﺗﯩﺪﯨﻞ ﻛﯩﻠﯩﻤﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﮬﯚﻝ ﻳﯧﻐﯩﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 155 ﻣﯩﻠﻠﯩﻤﯧﺘﯩﺮ. ﺗﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭ ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﻻﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ،ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ،ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﻛﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ %5 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﯩﻠﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. wy sKYT  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺳﯘ،ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ،ﻗﯘﻳﺎﺵ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯜﺵ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ،ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺗﯧﻤﭙﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ،ﻗﯩﺮﺍﯞﺳﯩﺰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯘﺯﯗﻥ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺭﺍﺩﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺷﯩﺰﺍﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،ﺑﯘ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ 60 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 380 ﻣﯩﯔ ﻣﻮ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ 12 .3 ﻣﻮﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ،ﺑﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﯨﻠﻐﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ 1 .2 ﮬﻪﺳﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯓ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ 5 ﭼﻮﯓ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ،3 ﺗﺎﻍ ﯞﻩ 2 ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ ﺑﺎﺭ،ﻳﺎﻳﻼﻕ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 770 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻣﻮ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ،ﺷﯩﺰﺍﯕﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ 3 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ %3 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 88 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 200 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯘﺏ ﻣﯧﺘﯩﺮ،ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺳﯜﻳﻰ 5146 ﻛﯘﺏ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻨﯩﯔ 2.25 ﮬﻪﺳﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 25 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 100ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯘﺏ ﻣﯧﺘﯩﺮ،ﻣﯘﺯﻟﯘﻕ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﺯﻟﯘﻕ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %50 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ،ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ،ﺳﯘ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ،ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ،ﻳﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ،ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺳﯘ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ,4H: Nd3  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﻛﯚﭖ،ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﻣﻮﻝ،ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﻛﻪﯓ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ 138 ﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 9 ﺧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 1 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ،32 ﺧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 1 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻧﯧﻔﯩﺖ،ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ،ﻛﯚﻣﯜﺭ،ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ،ﺧﺮﯗﻡ،ﻣﯩﺲ،ﻧﯧﻜﯩﻞ،ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯧﺘﺎﻝ،ﺗﯘﺯ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﺎ،ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯧﺘﺎﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﭘﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ 20 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 860 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %30 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ؛ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ 10 ﺗﺮﯨﻠﻴﻮﻥ 300 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻛﯘﺏ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ %34 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ - ﮔﺎﺯ ﭼﺎﺭﻻﺵ - ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ،ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﻲ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ 2 ﺗﺮﯨﻠﻴﻮﻥ 190 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺗﻮﻧﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﺯﺍﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %40 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ،ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ،ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ. W8hS\x'  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻝ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ. << ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ>> ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ،ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ 68 ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 56 ﺳﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 1 - ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘﺯ ﭼﻮﻗﻘﯩﻼﺭ،ﻛﯚﺯ ﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭ،ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻮﺕ ﻳﯘﺭﺗﻰ،ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﻏﺪﺍ ﻛﯚﻟﻰ،ﻗﺎﻧﺎﺱ ﻛﯚﻟﻰ،ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﻰ،ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ،ﺑﺎﻳﯩﻨﺒﯘﻻﻕ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺘﻮﭘﻮﺭﻭﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ،5000 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯧﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻏﻮﻝ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ،ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ،ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻱ،ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺋﯩﺰﻧﺎﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﺭﻏﻮﻝ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ،ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ،ﻛﺮﻭﺭﺍﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ،ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ،ﺋﯩﭙﺎﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ - ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ،ﻗﯘﻳﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﺘﻮﭘﻮﺭﻭﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ،ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. .%3n'?vvW7  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺯﻭﺭ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺕ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ 4000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﺗﯜﺭﻯ 10 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ،ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮﺭﺗﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘﺵ،ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﯟﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ،ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯗﺭ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﯟﻩ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺭﺗﻰ 300 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﭼﺎﻛﺎﻧﺪﺍ،ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻛﻪﻧﺪﯨﺮﻯ،ﭼﯜﭼﯜﻛﺒﯘﻳﺎ،ﮬﯩﯔ،ﻗﺎﺭﻟﻪﻳﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﻪﯓ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ،ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ. N[' y|0  
ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ 50 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻰ. 50 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ،ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ،ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ،ﮔﻮﯗﯞﻳﯜﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ،ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﺴﯩﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ،ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﻪﻟﺒﺎﻍ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ،ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻝ ﯞﻩ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﻏﻮﻝ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺭﺍﻣﻜﺎ،ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ،ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﺘﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 220 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 15 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %11.1 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 5. 11 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ %10.6 ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 11 ﻣﯩﯔ 199 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻦ 570 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﻛﻪﺳﭗ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪﻯ،1 -،2 -،3 - ﻛﻪﺳﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ 35.8 : 47.0 : 17.2 ﺩﯨﻦ 20.2 : 45.9 : 33.9 ﻏﺎ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪﻯ. ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﺎﺷﺘﻰ،2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﺎﻡ ﭼﻮﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 14 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 800 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %18.2 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 19.7 ﮬﻪﺳﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %12.9 ﺑﻮﻟﺪﻯ. \ r7zhX  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﯩﻠﻤﯘﻳﯩﻞ ﺋﺎﺷﺘﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﺎﺧﺘﺎ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ،ﻗﯩﺰﯨﻠﭽﺎ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ،ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ،ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 44 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 470 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %5.1 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 6.1 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ8 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 285 ﻣﯩﯔ 300 ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ %3.4، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 1.2 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ،ﭘﺎﺧﺘﺎ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 752 ﻣﯩﯔ 500 ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﯩﻨﯩﯔ %27.73 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ،2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﺭﯞﺍ 52 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 63 ﻣﯩﯔ 700 ﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %3.6، 1978- ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ 10.7 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮔﯚﺵ 1 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 281 ﻣﯩﯔ 300 ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %11.4، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ 12.3 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﭘﺎﺧﺘﺎ،ﻗﯘﻟﻤﺎﻕ،ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ،ﺯﺍﺭﺍﯕﺰﺍ،ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ،ﻗﻮﻏﯘﻥ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﯜﺯﯛﻣﻰ،ﻛﻮﺭﻻ ﻧﻪﺷﭙﯜﺗﻰ،ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ - ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﺍ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺑﺎﺭ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ %70 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﺋﺎﻟﻘﺎﺕ %50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﺯﺍﺭﺍﯕﺰﺍ %60 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﭘﺎﺧﺘﺎ ،ﻗﯘﻟﻤﺎﻕ ﯞﻩ ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭ ﻗﯩﻴﺎﻣﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﯩﺰﯨﻠﭽﺎ،ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺑﺎﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. Z d]5  
ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯚﺳﺘﻰ،ﻗﯩﺰﯨﻠﻤﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﯞﻩ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻛﻪﺳﭗ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺵ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻛﯜﭺ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﻧﯧﻔﯩﺖ - ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ، ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ، ﭘﻮﻻﺕ - ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﻛﯚﻣﯜﺭ، ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ،ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ،ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻰ،ﺧﯩﻤﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﻰ،ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ،ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ،ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 74 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 500 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %14.5، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 10.3 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﺎﺷﺘﻰ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻔﯩﺖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ 22 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 277 ﻣﯩﯔ 100 ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 3 - ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﭖ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %5.1 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 5.3 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ؛ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻰ 22 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 196 ﻣﯩﯔ 400 ﺗﻮﻧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %15، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 1.1 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺗﻮﻙ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ 24 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 410 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯩﻠﻮﯞﺍﺕ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %12.7، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ 5 .10 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺷﺘﻰ،ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ 27 ﮔﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ 40 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 539 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ،ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﺎﻱ 8 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 362 ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻐﺎ،ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ 11 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 92 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. BY@T(1{/E  
ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺧﯧﻠﻰ ﺯﻭﺭ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ،ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﻰ 116 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %15.8 ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ،ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ 20 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎ 785 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 490 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ %19.7 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻠﯩﺮﻯ،ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ،ﺗﺎﺭﯨﻢ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺶ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ 1 - ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ،ﺋﯘﻟﯘﻏﺌﺎﺗﺎ ﺳﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻟﻰ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺶ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ،ﻟﻪﻧﺠﯘ - ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻟﻰ ﻗﻮﺵ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ،ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ - ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ - ﺩﺍﺧﯘﺍﯕﺸﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﻰ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ - ﻛﯘﻳﺘﯘﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﻰ،ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ،ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﭘﺘﯩﻚ ﻛﺎﺑﯧﻞ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻝ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ5. 2998 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﺗﯚﻣﯜﺭﻳﻮﻝ ﺗﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ 86 ﻣﯩﯔ 500 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ (ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﯖﺘﯜﻩﻧﻨﯩﯔ)ﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ،7 ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭﺍﻣﻜﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﮔﻪﻧﺴﯘ،ﭼﯩﯖﺨﻪﻳﮕﻪ،ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ،ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺷﯩﺰﺍﯕﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 68 ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ - ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ،ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ - ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻴﻮﻝ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﺗﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﺎﻳﺮﯗﺩﺭﻭﻣﯩﺪﯨﻦ 12 ﺳﻰ،ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ 92 ﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ 65 ﭼﻮﯓ،ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ 11 ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﺮﺍﻧﺴﭙﻮﺭﺕ ﺗﻮﺭﻯ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ،ﺋﺎﯞﯨﺌﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ 111 ﻣﯩﯔ 800 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. 2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ،ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %26.6 ﻛﻪ،ﻛﯚﭼﻤﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %25.3 ﻛﻪ،ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﻯ ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻠﯩﺮﻯ 781 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. h)^4e`  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﺳﺘﻰ،ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﻯ،ﻳﺎﺭﯞﺭﻭﭘﺎ - ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮﯓ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻰ ﯞﻩ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻏﻮﻝ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯚﺭﯨﺪﻩﭖ،ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻏﺎ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ،ﻛﯚﭖ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ،ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭ،ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻦ 70 ﻯ،1 - ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭘﻮﺭﺗﺘﯩﻦ 17 ﺳﻰ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ 2 ﺳﻰ،ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ،ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ،ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﺵ ﺳﻮﺩﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ،ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ 3 ﻯ ﺑﺎﺭ،100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﻤﭙﻮﺭﺕ - ﺋﯩﻜﯩﺴﭙﻮﺭﺕ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ 5 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 636 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %18.3، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ244 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %24.6ﺑﻮﻟﺪﻯ،ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ،ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ،ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ،ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ. ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺭﻭﺭﺍﻳﺪﻯ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ 580 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺩﻭﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. 1992 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ 13 ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ - ﺳﻮﺩﺍ ﻳﻪﺭﻣﻪﻧﻜﯩﺴﻰ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. 5 c%p;  
ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯜﺗﯜﯞﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﻰ 316 ﻣﯩﯔ 900 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ - ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %87.5، 1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ1977 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪﻯ،ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %35.5 ﺑﻮﻟﺪﻯ؛ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﻰ 12 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 415 ﻣﯩﯔ 800 ﺋﺎﺩﻩﻡ - ﻗﯧﺘﯩﻤﻐﺎ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 10 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 896 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %22.9 ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ GDP ﺩﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %5.0 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. Z+ @r}  
ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻲ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ 43 ﻣﯩﯖﻐﺎ،ﻛﻪﺳﭙﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ 572 ﻣﯩﯔ 500 ﮔﻪ،ﺭﻭﻳﺨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ 64 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 320 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺳﻮﺩﺍ - ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ 467 ﻣﯩﯖﻐﺎ،ﻛﻪﺳﭙﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ 742 ﻣﯩﯖﻐﺎ،ﺭﻭﻳﺨﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ 8 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ 680 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﯜﻟﯜﻛﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﺵ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ %21.8 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ،ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ،ﺑﺎﺝ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻧﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ. #Z7+8Pi5&  
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ، ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ،ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ،ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ - ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﻯ. ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ. 2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ 445 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ،ﮬﻪﺭ 100 ﻣﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﻟﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ 5000 ﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ،ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﺪﯨﻦ 122 ﺳﻰ ﺑﺎﺭ؛ 1979 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ،6545 ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺯﻭﺭ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ،ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺗﯜﺭ 137 ،ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﯞﻩ ﺟﻪﻣﯩﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ 4 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 399 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ %57.8 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ،ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ 265 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. 2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ  9 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %71.9 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ. ﻳﺎﺷﻼﺭ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %2 ﺗﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ 28 ﻯ ﺑﺎﺭ،ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻛﯘﺭﺱ ﯞﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯘﺭﺳﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 163 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 14.8 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ،ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﻧﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %92.9ﻛﻪ،ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %92.5 ﻛﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ - ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﺪﻯ،ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ،ﻳﯧﺰﺍ،ﻛﻪﻧﺖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ،ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ،ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﻮﺭﻯ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﻧﺪﻯ،2004 - ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ 9434 ﻛﻪ،ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ 728 ﻣﯩﯖﻐﺎ،ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ 958 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ (ﺷﻪﮬﻪﺭ)ﺩﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ،ﺳﻪﮬﯩﻴﻪ ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ - ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺳﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ،ﻳﯧﺰﺍ (ﺑﺎﺯﺍﺭ)ﻻﺭﺩﺍ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﺎ ،ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﻪﻧﺘﺘﻪ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. 4OQ{sNK_  
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ - ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﯚﺳﺘﻰ. 2004 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 7503 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %4.9 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ 22.5 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ؛ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺳﺎﭖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ 2245 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ،2003 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %3.1 ،1978 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﺪﯨﻦ 17.8 ﮬﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﺷﺘﻰ؛ ﺷﻪﮬﻪﺭ - ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 1980 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ 5.42 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ 18.82 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 1980 - ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 7.8 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﺩﯨﻦ 2004 - ﻳﯩﻠﻰ 19.1 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﻰ. a8dZ\!&j  
ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ،ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ،ﺩﯨﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ،ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﯧﺮﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ،ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻮﺟﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 5 ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ،6 ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ،42 ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻳﯧﺰﺍ ﺑﺎﺭ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ،ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﺩﻯ،ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ 3000 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﺮﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ 348 ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ %51.8 ﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ،ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ،ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ،ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ،ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ - ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ،ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ،ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،ﺧﻪﻧﺰﯗ،ﻗﺎﺯﺍﻕ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ،ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ،ﺷﯩﺒﻪ،ﺭﯗﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 7 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،ﺧﻪﻧﺰﯗ،ﻗﺎﺯﺍﻕ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ،ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ،ﺷﯩﺒﻪ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ 6 ﺧﯩﻞ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯧﺰﯨﺖ 43 ﺧﯩﻠﻐﺎ،ﮊﻭﺭﻧﺎﻝ 80 ﺧﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ؛ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،ﺧﻪﻧﺰﯗ،ﻗﺎﺯﺍﻕ،ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ،ﻣﯘﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،ﺧﻪﻧﺰﯗ،ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ،ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻰ ﺟﺎﯕﻐﯩﺮ،ﻣﺎﻧﺎﺱ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ12 ﻣﯘﻗﺎمى ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ،ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭ،ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﻟﺪﻯ. ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ 23 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎﺭ،ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ،ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺩﯗﻕ. 1983 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﺩﺍ 22 ﻳﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻴﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ.3 تىن ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ،ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻟﯩﻚ،ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ،ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻣﻠﻪﻧﺪﻯ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ،ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺶ،ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺵ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻓﺎﯕﺠﯧﻦ،ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ،ﺯﻭﺭﺍﯞﺍﻥ ﺗﯧﺮﻭﺭﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﺒﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ،ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ،ﺗﯜﺯﻩﺵ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ،ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. bT'Z m  
ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﯘﺳﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺑﯩﺰ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ،ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺱ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﮬﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟﺍﺭ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. 2005 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ 240 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ،%9 ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ؛ 2007 - ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ،ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ 257 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ،ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ %10 ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ؛ 2020 - ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ 772 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ،ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ %9.2 ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ،2000 - ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ 2 ﻗﺎﺗﻼﺵ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ،ﺑﯩﺰ ﺩﯦﯔ ﺷﻴﺎﯞﭘﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﯞﻩ  3 ﻛﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ،ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 16 - ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ 16 - ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 3 -،4 - ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ 1 - ﻣﯘﮬﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ،ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﭖ ﯞﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ،ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﭖ،ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ،ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﺠﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﭘﻪﻥ - ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﯞﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺳﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ،ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﯞﻩ ﺋﯧﻜﯧﻠﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﯞﻩ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﺳﺘﺮﺍﺗﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ،ﺯﯦﮭﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ،ﻳﯧﺰﺍ ﯞﻩ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ،ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ،ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭗ،ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ،ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻧﯩﺠﺎﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ،ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ،ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ،ﻣﺎﺱ،ﺳﯩﺠﯩﻞ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ،ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ،ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ،ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ،ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ،ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ.
S~1xd)d  
Q:n1m#]?%  
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ
05M[?~\  
O&6,l  
8lWweVa  
z{ DHQHN[  
ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﻧﯘﺭ ﺑﻪﻛﺮﻯ t`9 qj>hb  
+ :aeyDj  
[GN3x?/98d  
Is,T}k1%  
ﺩﺍﺋﯩﻤﯩﻲ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﻳﺎﯓ ﮔﺎﯓ yTJS/{0AL  
8%kMe242Iu  
N\ 2H1  
/!_9ZlPpyP  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ d^$sfef  
_8] ; (z]  
mE49x#Dr  
(]/<OFA%  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﭼﻴﻪﻥ ﺟﻰ lx}nun`  
{:)y6  
K9jV9B-z `  
i; `xsB&  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﮬﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ xM49\ %  
=;IG~,  
~BS' tj{6a  
945<-%"x (  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺧﯘ ﯞﯦﻲ bk{'t/  
1g^5x@il1  
Qye80V0Rm  
yjVfTiYF)  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺩﻩﻱ ﮔﯘﯕﺸﯩﯔ Ej 
n%S  
wp S5k7iS  
Gq,zF_MN  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺟﯩﻦ ﻧﻮ >2<~(Sx %w  
Y,ZSKE  
-!AoUBG &  
Kv Jj}i  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﺸﯩﺖ !$@V:=Qu  
f~q$4  
*,&1]99g  
@YW8|yAs<  
ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺲ: ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﯘﻧﯩﻴﺎﺯ Oz*e1  
W4 ";L m|  
D(c7H,Y  
مەنبە : خاتىرەمدىن ھەمدە پايدىلىنىش ماتىرياللىرىدىن  ، رەھبەرلەرنىڭ سۇرەتلىرى توردىن .
[ بۇ يازما قىساسكـار تەرپىدىن 2008-09-18 16:14 دە قا ]
[color=#0000FF]قىساسكـار بـۆرە.[/color]
[color=#FF3300]دوست تۇتساڭ ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇقنى تۇت.[/color]
[color=#ff6600]دوست بىلەن بىرلىشىپ بەيگىلەردە ئۇت،[/color]
[color=#ff9900]چاغلىماي تۇلكىنى دوستۇم دېسەڭ سەن.[/color]
[color=#ffcc00]بىر ئۇتۇك ئىچىگە كىرەر ئىككى پۇت،[/color]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-18 16:05 |
قىساسكـار
پاختا ماكانى ، دولان ئوغلى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16499
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 794
شۆھرەت: 1868 كىشىلىك
پۇل : 7240 سوم
تۆھپە: 440 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1487 نۇمۇر
قوللاش: 1186 نومۇر
ئالقىش: 1902 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۆۋەندىكىلە رەئىس كاتىپى ۋە ياردەمچىلىرى LA ?_ Sl\  
^Ja~w_  
) >qL03  
 1s-DX5l  
ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﺐ : ﻏﻪﻳﺮﻩﺕ ﮬﻪﺳﻪﻥ fW}uXKY  
L&a2;u%t#'  
*2^EJ6e

 
+uC59H\a  
ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ:  ﯞﺍﯓ ﺧﯘﻳﻤﯩﻦ {&Ew}   
/t"V!7V>  
t[4&Li6  
3.:'KLF  
ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ: ﺗﻴﻪﻥ ﺟﻴﻪﻧﺮﯗﯓ g 0[L+  
QCN3Mo`i3  
uWtMH6jC4  
)6?"}ty  
ﺭﻩﺋﯩﺲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ: ﯞﺍﯓ ﺷﯩﺠﻴﺎﯓ

[color=#0000FF]قىساسكـار بـۆرە.[/color]
[color=#FF3300]دوست تۇتساڭ ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇقنى تۇت.[/color]
[color=#ff6600]دوست بىلەن بىرلىشىپ بەيگىلەردە ئۇت،[/color]
[color=#ff9900]چاغلىماي تۇلكىنى دوستۇم دېسەڭ سەن.[/color]
[color=#ffcc00]بىر ئۇتۇك ئىچىگە كىرەر ئىككى پۇت،[/color]
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-18 16:05 |
مەڭگۈلۈك@سۆيگۈ
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 16031
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 815
شۆھرەت: 647 كىشىلىك
پۇل : 1929 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 887 نۇمۇر
قوللاش: 825 نومۇر
ئالقىش: 913 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 113(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت بىلۋالدىم
بۇلارمۇ...ئەمدى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-18 16:07 |
ئەلكېزەر
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 17412
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 18
شۆھرەت: 28 كىشىلىك
پۇل : 180 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
قوللاش: 18 نومۇر
ئالقىش: 18 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 27(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت بەك تەپسىلى يوللاپسىز خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
مەن دىگەن يەنىلا مەن، ئادەتتىكى سىزگە ئوخشاشلا مەن. ئالاقىلىشىشنى خالىسىڭىز كوت-كوتقا خەت يوللارسىز، ياكى بولمىسا ئۇچۇر يازسىڭىز بولىدۇ، چىقىپلا  قالسام چوقۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن. قىسقىغىنە دۇنيالىق ھاياتىمىزدا ئاز بولسىمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزەيلى!
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-18 16:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى


Time now is:09-30 13:53, Gzip disabled
Powered by PHPWind v6.3.2 Certificate Tov 1 Code © 2008-07 Uypw.cn Corporation