ئاپتۇموبىل سېتۋالماقچى بولغانلارنىڭ 1.6 لىتىرلىق ۋە 1.8 لىتىرلىقنى تاللىشىدا ، بىز يەنىلا ھەم تىجەشلىك ھەم ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى ياخشى بولغان 1.6 تىپلىق ئاپتۇموبىلنى تاللاشنى تەۋىسىيە قىلىمىز . چۈنكى ئائىلە پىكاپلىرى ئەمەلىي ئىشلىتىشچانلىقى بىلەن ئاپتۇموبىل بازىرىدا ئەڭ ياخشى ئەۋزەللىكنى ئىگەللەيدۇ . بىخەتەرلىك ئىقتىدارى جەھەتتە تاللاش ئىمكانىيىتى چوڭ بولمايدۇ ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاپتۇموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش تېخنىكىڭىزغا نىسبەتەن ئىشەنچىڭىز ئانچە چوڭ بولمىسا ، ئەڭ ياخشىسى ئاپتۇموبىلنى كەينىگە قايتۇرۇش رادارى بولغان بەش خىل تىپتىكى ئاپيۇموبىلنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ .
راھەتلىكى جەھەتتە 1.6GLS ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپيۇموبىل تىپى تاللاپ سېتۋېلىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ ، بۇ خىل تىپلىق ئاپتۇموبىلنىڭ باھاسى قول بىلەن ھەركەتلەندۈردىغان تىپلىق ئاپتۇموبىلنىڭ باھاسى بىلەن پەقەت 10 نەچچە مىڭ يۇەنلا پەرىقلەنگەن بىلەن ، سەپلىمىلىرى خېلى كۆپ دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن . ئىقتىدار باھا سېلىشتۇرمىسى ئىنتايىن ياخشى . ئەگەر سىزنىڭ مەبلىغىڭىز چەكلىك بولسا ، سېتىلىش باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغان 1.6GLتىپلىق قول بىلەن ھەركەتلىەندۈردىغان ئاپتۇموبىلنى تاللسىڭىز بۇلىدۇ ، چۈنكى 1.6GLS تىپلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۈردىغان ئاپتۇموبىلنىڭ باھاسى 1.6GL تىپلىق قول بىلەن ھەركەتلەندۇردىغان ئاپتۇموبىلنىڭ باھاسىغا قارىغاندا 10 مىڭ يۈەن قىممەت بولسىمۇ لىكىن سەپلىمىلىرى جەھەتتە پەقەت بىر ھاۋادانلا ئارتۇق بولغاندىن باشقا ھىچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق ، ئەگەر سىز ھاۋادانى بار ئاپتۇموبىل سېتۋېلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، ئەڭ ياخشىسى 1.6GLS تىپلىق ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپتۇموبىلنى سېتۋالغىنىڭىز ياخشى .
<< ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى .