مانا مەن ئەيدىز!
dg7;\LDP qyGp9M t ئەيدىز بايانى
/s3f: 9-#w:y#d @^rT aDtt مانا مەن ئەيدىز! ئانىنى بالىدىن،ئاتىنى تاغۇ-باغىدىن ئايرىغان ئەيدىز. نارەسىدىلەرنى قان يىغلاتقان ئەيدىز. تۇققانلىرىنى ئاھ ئۇرغۇزغان، دوستلىرىنىڭ كۆزلىرىنى نەملىگەن ئەيدىز. ئاق بىلەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلغان جۈپتىنىڭ باغرىنى مۇجىغان،ئەزگەن ئەيدىز. 87cv>Yn
f,pp
قارا ئاۋۇ نارەسىدە ساڭا نىمە گۇناھ قىلغان. قارا،ئاتا-ئاناڭ سىنى نېمە بىلەن چوڭ قىلغان، ئۇلار ئۆزلىرى يېمەي،ئىچمەي،كىيمەي يالغۇز ئوغلۇم،يالغۇز قىزىم.ئەتىۋارلىق ئوغلۇم،ئەتىۋارلىق قىزىم دەپ تەڭ تۇشلىرىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمىسۇن دەپ سېنى ئوقۇتقان ئەمەسمىدى.ھا ھا ھا ھا... قارا ھالىڭغا، سەن ئائىلەڭگە،ئاتا-ئاناڭغا مېھرىبانلىق بېرىش تۈگۈل،چەكسىز ئازاب،ئۆچمەس داغ ئېلىپ كەلدىڭ. سىرىتقا چىقسا ئاتاڭنىڭ گەۋدىسى ئېگىلگەن،ئاناڭنىڭ روھى ھەم ئىگىلگەن. جۆرەڭ ئازاپ ئىچىدە ھەسرەت-نادامەت ئىلكىگە چۆمگەن. بالاڭ مەكتىپىدە،مەھەلىسىدە، جەمىئەتتە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرگەن. مانا سېنىڭ كۆرەڭلىگەن ھالىڭ، مانا سېنىڭ جاھانغا پاتمىغان ھالىڭ! HnE"kg66
W9P xrT
ھەي تەڭرىتاغ! بولدى سىلكەنمىگىن. بۇ قەۋىم سېنىڭ سىلكىنگىنىڭنى بىلمەيدۇ. بىلسىمۇ بىلمەسلىككە سېلىپ قۇلىقىنى يۇپىرىۋېلىپ،كۆزىنى قىسىۋېلىپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. كەل، ئەمدى سىلكىنىشنىڭ ئورنى يوق. بىز بۇ ئاڭقاۋ قەۋىمنى ھاپ قىلىپ يۇتايلى! بۇ گۈزەل زىمىننى بۇنداق قەۋىمگە تاشلاپ قويمايلى. ئەگەر خالىساڭ مەن بۇ قەۋىمنى كۈشەندەم يېتىپ كەلگۈچە زەھەرلەپ بولۇشقا ۋەدە بېرەي. ھا ھا ھا ھا... c# KdH
jt r:#,PK
ھەي يىگىت! بولدى ئاھ ئۇرما.سەن بىر قېتىمغا نېمە بولاتتى دېگەن ئىدىڭ. بۈگۈن مەن <<مانا مۇنداق بولماقچى ئىدى>>دەپ ئېسىلدىم. سىلەردە << كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن>> دېگەن سۆز بارغۇ. ئەجىبا بۇنى مەن ساڭا دەپ بېرىشىم كېرەكما؟ ياق! ئۆز قىلمىشىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە! بىلىپ قوي، مەن دىگەن ئەيدىز! ^Cy@R3r
96| .X+~
ھەي ساھىپجامال قىز! بولدى ھەسرەتلەنمىگىن. سېنى كىچىكىڭدە باشقۇرمىغان يۇمشاق باش ئاتاڭنىڭ،ۋىجدانى يوق ئاكا-ئىنىلىرىڭنىڭمۇ ھالى خاراپ بولغۇسى. سەن كىچىكىڭدە ھەرگىزمۇ چوڭ بولسام تىنىمنى سېتىپ ياشايمەن دىگەن ئەمەسسەن. سېنىڭ ئەسلى ئاق خالاتلىق پەرىشتە بولغۇڭ بار ئىدىغۇ؟ ئەمدى قاراپ باق. سەن ئەكسىچە نۇرغۇنلىغان قىران يىگىتلەرنى شۇ ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر ماكانىغا يولغا سېلىۋاتىسەن! دەسلىپىدە نادانلىق قىلىپ يۈزسىز ئاشىقىڭنىڭ ۋە ئۆزۈڭنىڭ كىچىككىنە ھېسياتىنى دەپ قىزلىق ئىپپىتىڭنى يوقاتقان ئىدىڭ. مانا بۈگۈن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ ئادىمىلىك قىممىتىڭنى يوقاتتىڭ! قېنى سېنىڭ گۈزەل ئارمانلىرىڭ! ھا ھا ھا ھا... ئەمدى شېرىن چۈش خالاس! Wpwm-F4
v&8q[C?
ھەي قېنىنى غىزاغا تۆككەن،رەزىللىك بىلەن قەسىت قىلغان مەلئۇن! ئازاپنىڭ ئەڭ دەششىتى ساڭا بولسۇن! سېنىڭ مەندىن ئۆچ ئېلىشىڭ مۇشىمىدى؟! ھا ھا ھا ھا ... سەن خاتالاشتىڭ. ھەتتا تەكرار خاتالاشتىڭ! بەزەن مەلئۇنلار <<مەن پاك ئىدىم.مېنى باشقىلار قەسىت قىلىپ ساڭا يۇقتۇرغان دېيىشىپسىنا! ئەجىبا شۇنداق بولسىلا مەن ساڭا يۇققان بولسام خەقتە نېمە گۇناھ! سېنىڭ مېھرىبان ئىگەڭ بارغۇ!؟ ئىگەڭگە تائەت-ئىبادەت قىلىپ ئۆمراڭنى ئۆتكۈزسەڭ ساڭا كاتتا ئىنئاملارنى ئاتا قىلىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟! ئەمدى ئۆل،ئەمدى ئۆل! ھېلىمۇ ئىگەڭ مېھرىبان ئىكەن. شۇ قەسىت قىلىۋاتقان مىنوتلاردا شۇئان جېنىڭنى ئېلىپ بۇ دوۋزاخقا تاشلىمىغىنىغا شۈكرە ئېيىت. iPd">FmE50
}jj@:Dde
ھەي نارەسىدە قارا يېتىم بالىلار! سىلەرنىڭ قەۋىمىڭلار سىلەرنى ئۆز بالىلىرىدەك كۆرمىدى. سىلەر بىلەن كارى بولمىدى. ھەتتا سىلەردىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتتى! مانا سىلەرنىڭ بۇ ئېتى ئۇيۇشقان، ئۆزى چېچىلغان قەۋىمىڭلار. سىلەردە مەكتەپ ئېچىپ مەرىپەت تارقىتىدىغان مۇسابايوفلار جىق ئەمەس! سىلەردە يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاپ مەكتەپ ئېچىپ ئوقىتىدىغان نۇرتاي ھاجىم جىق ئەمەس! ئەمدى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىلىڭلاركى تەقدىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قولىدا. `MnT>DYu 7 ]gPonE ھا ھا ھا ھا ...
F17eau@4 pyeR\O#l ساداقەتلىك تەڭرىتاغ! بۇ ئاۋازىمنى جەنۇپ-شىمالىڭغا تارقات، ئاڭقاۋ قەۋىم ئاڭلاپ قويسۇن!
&@.61'0#
مانا مەن ئەيدىز،مانا مەن ئەيدىز!!!
a+^^WH ?
^F z@3
+BHQ`.Wk
GXY!1V
تەڭرىتېغى بۇ ئاۋازدىن شۈركۈنۈپ جىسمىنى بار كۈچى بىلەن قاتتىق سىلكىدى...
.EB.D\0@
Qn+=oORbM
F8L u,ObmV
2008يىلى 8-ئاي مەرىپەت ماكانى
FN(\&%nr/
I@%M\3l
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:بۇ تىمىدا ئادەم سۆزلەيدىغان بىر جۈملىمۇ سۆز يوق! ئەيدىز ۋىروسى ئادەملەشتۈرۈلۈپ يېزىلغان ئەسەر. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىنكاس يازغاندا ئىسىدە ساقىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ]=PkI[]
-چەۋەنداز[ بۇ يازما @qawandaz@ تەرپىدىن 2008-09-17 18:52 دە ق ]