مەن يەنە بىر ئەتراپىمدا بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرەي .
wdB|e*P*h بىر قىزچاق بولىدىغان ، كىچىكلا توي قىلىۋالغان .
GNYzB#k' ئۇنىڭ ھېكايىسى قىززىق ...
:!OtD$G] ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، ماشىنىچىلىق ھۈنەرگە كىرگەن ئىكەن . شۇ ئارىدا مۇھەببەتلىشىپ ، كېيىن مۇھەببىتى تاشلىۋېتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزچاق ئاشۇ ئالامەت ئوقۇيدىغان داخاننىڭ يېنىغا بېرىپ ، « ۋاي ئاچا ، تاتلىق ئاچا ، ئۇنداق قىلماي ماڭا بىر ئوقۇپ قويسىلا ، يىگىتنىڭ كۆزىگە يۈگەن سېلىپ ماڭا ئاشىق قىلىپ توقۇپ قويسىلا » دەپتۇ .
[&wFR4U شۇنىڭ بىلەن داخان ئاغزىغا تۇرۇبىنىڭ سۈيىنى ئېلىپتۇ ، قىزچاقنىڭ يۈزىگە پۇرقۇپ چېچىپتۇ . چىراغنى ئۆچۈرۈپ قىزنىڭ جامالىغا شام يېقىپتۇ . كوممۇنا ۋاقتىدىكى جىن چىراغنىڭ پىلتىسىنى قازاننىڭ قارىسىغا سۈركەپ قىزچاققا قاشلىق ئېتىپتۇ .
,[s59L} ئاخىرىدا قىزچاققا ئوقۇپ تۇماردىن بىرنى پۈتۈپتۇ ۋە قىزچاقنىڭ بوينىغا ئېسىپتۇ . ئاندىن سەھرايى-جاڭگىلىسىتاندىن ئوتۇنچىغا دەپ ئەكەلدۈرگەن جىگدە يىلىمىنى سىھرىي مەلھەمگە ئىلەشتۈرۈپ ، قىزچاققا بېرىپ دەپتۇدەك :
[34_E_$Yp « تۈن-كېچە ئۇخلىماڭ ، چېچىڭىزنى مۇشۇ يىلىمدا تاراڭ ، قاشلىقنى يۇيىۋەتمەي ساقلاڭ . تۇمارنى بوينىڭىزدىن ئايرىماڭ . ئەتە سەھەردە يۈزىڭىزنى توسۇپ ، قانداقكى ئەركەكنىڭ ئالدىدا رومىلىڭىزنى ئېلىپ جامالىڭىزنى كۆرسەتسىڭىز ، ئۇ سىزگە ئاشىقى-بىقارار بولۇپ نەزەر يىپلىرىنى سىزدىن مەڭگۈ تارتالمىغۇسى ... »
ZXF)/w<`, شۇنىڭ بىلەن قىزچاق يۈزىنى ئوراپ دۇكانغا بېرىپتۇ . ئۇستىسى بۇ قىزنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلمەك بولۇپ ، ئۈستىدىكى پەرىجىنى تارتقۇدەك ، شۇئان يۈرەكنى تۇتۇپ « ئاھ » دەپتۇ . 30 ياشلىق ئۇستىكار ئىككى بالىنى يېتىم قىلىپ خاتۇننى ئۇرۇپ ھەيدەپتۇ . ۋە ئەشۇ قىزچاقنى نىكاھلاپ ئۆز ئەمرىگە ئاپتۇ .
V)nTf]yN` E>tgm كېيىن بۇ ئۇستىكارنىڭ ئايالى داخاننىڭ قېشىغا بېرىپ داتلاپتۇ :
G/v(C = « ياش قىزلارنىڭ ئوتى كەلدى ، غوجامنى مەندىن ئايرىدى ، بالىلىرىمنىڭ قاناتىنى قايرىدى . ئۆتۈنۈپ قالاي بىر كۆرۈپ بەرسىڭىز ، قاياقنىڭ ئالۋاستىسى غوجامنى ئەسرا قىلغاندۇ ؟ » دەپ يىغلاپتۇ ...
\.>s]-i" شۇنىڭ بىلەن داخان بىر باغلام يەكەننىڭ خىمىيىۋىي ئوغۇتسىز ئۆستۈرۈلگەن قىزىل لازىسىنى ئېزىپ ئۇنىڭغا ئوقۇپتۇ :
NF{a>2+B « بۇ قىزىل مۇچنى ئېلىڭ ، يولغا تۆكمەي بېرىڭ ، غوجىڭىزنىڭ بوسۇغىسىغا كۆمسىڭىز ، ئاسىينىڭ يۈرىكى سالىدۇ ، مۇھەببىتى ئاغىدۇ ، ئەس-ھۇشىنى تاپىدۇ ، سىزگە قايتا باقىدۇ ... » دەپتۇ ...
/Iu60TR8G P484 (a شۇنىڭ بىلەن بۇ خاتۇن ئۇ بىر تۇتام لازىنى ئاپىرىپ بوسۇغىغا ئوغرىلىقچە كۆمۈپتۇ .
hS_X j ئەتىسى ھېلىقى قىزچاق تالاق بولۇپ خېتىنى ئۆز قولىغا ئاپتۇلەر ...
P1ZS{I; خاتۇن بولسا بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇلەر ...
^)pk)- لېكىن داخان ئۆز دۇئاسىغا ئۆزى دورا قىلىپ قالغاچ ، جىنلىرى بوغۇپ نەپەس سىقىلىپ ، جۇڭيىچە-شىيىچە داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ، ئوتى ئېشىپ ئۆلۈپتۇدەك ...
DB^8p04 )!`#['Nc ( بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەشۇ ھېكايىدىكى قىزچاق ئېيتىپ بەرگەن ھېكايە . )
7j=XxO242