ئايال تورداشلىرىمغا ..... N0g'G
76<(
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
H4!)jmek0 ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن! Ga0.4"$p
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھقا خاستۇر، ھەممىدىن غالىپ، ئىززەتلىك، ئۇلۇغ، ئازابى قاتتىق، ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاخنىڭ ئوتى بىلەن ئازابلىنىدىغانلى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ ئىنتىقام ئالغۇچى، تەقۋالىق بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئىكرام قىلىش بىلەن ئۇلارغا ھەممە ياخشىلىق مەۋجۇد بولغان ئالاھىدە بىر بوستان بىلەن مۇكاپاتلاشنى ۋەدە قىلغۇچى ئاللاھنى مەدھىيىلەيمىز ۋە ماختايمىز!! كىمىكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ بەختى ئۈچۈن، كىمكى ناچار يامان قىلمىشلارنى قىلىدىكەن ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن قىلىدۇ، سىنىڭ پەرۋەردىگارىڭ بەندىلەرگە ھەرگىزمۇ زۇلۇم قىلمايدۇ، گۈزەل ماختاش، كاتتىلىق، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە يىگانە دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، ئاللاھنى بىر دەپ ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرغۇچى پەيغەمبىرىمىز ۋە يول باشچىمىز بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن دائىم يېڭىلىنىپ، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز!!! Dlfj}u6 يارالمىشىمىز "چەكسە جىرىڭلايدىغان" توپىدىن يارىتىلغان ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن يارىتىلغانمىز،كىيىن ئەرزىمەس ئابەمىنىدىن يارىتىلىپ دۇنيادا "ئايال"رولى بىلەن ئىزلار قالدۇرۇپ كىلىۋېتىپتىمىز،ئەسلىدە تىنىقلىرىمىز بىلەن تالاي ئەركەكلەرنىڭ يۈرىگىنى دۈپىلدىتىپ ،مىھرىمىز بىلەن تالاي نەۋقىرانلارنىڭ ئۇلۇغ ئانا مىھرىدە يىتىلىشىگە ئاساس ياراتقانمىز،تارىختا بىزنىڭ لاتاپىتىمىزنىڭ بايانلىرىمۇ،سۆيگۈ -مىھرىمىزدىن پۈتۈلگەن داستانلىرىمىزنىمۇ،ھىجران ياشلىرىمىزدىن تۆكۈلگەن ۋاپا-ئەقىدە جەۋھەرلىرىمىزنىمۇ ئۇچرىتالايمىز....بىز دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغاندىلا ئادەم ئەلەيھىسالامغا ھەمراھلىقىمىز بىلەن ئۇنى شاتلاندۇرغان ئىدۇق،شۇندىن بېرى بىز دۇنيانىڭ يېرىمى سۈپىتىدە ياشاپ ھەم ياشناپ كەلگەنتۇق،كۈلكىللىرىمىز سەرەمجانسىز ھوجرىلارنى ئاۋات قىلسا،پاكلىقىمىز غېرىپ كۈلبىلەرنى نۇرغا تولدۇرۇپ،نازاكىتىمىز ئەركەكلەرنىڭ قەدەملىرىنى ئۆز ھوجرى تامان يۈرگۈزسە، مىھىرلىك مۇقەددەس پاك سۆيگۈمۈز ئۇلارنى ھەقىقىي ئەركەكلىك لەززىتىدىن بەھىر ئېلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپ ،پاكلىقىمىز ئۇلار ئىپپىتى ھىسابىدا ئەنگە ئېلىنغانتى....
Fx{v)7]W; نىكاھتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كاپالەتنامە بىزنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت ئەزىز ماكانىمىزنى بۇرۇچ-ۋە مەسۇلىيەت نۇرلىرى بىلەن بىزەپ،بىز جىلۋىمىز بىلەن تاكاموللاشقان بولغاچ،جاھان ئايال جىسمىدىكى ناز-كەرەشمىنىڭ ئىنسانىي پەزىلەت ئاكتىپلىقى سەۋەبىدە پىنھان ھوجرىلارغا خاس بولىشى بىلەن تېخىمۇ جەزبىدار بولۇپ ،ئەرلىرىمىزنى مەسۇلىيەت مەيدانىدا باھادىرلارغا ئايلاندۇرالىغانكەنمىز....
#mUG A. لىكىن،بۈگۈن بىز بىزگە بىرىلگەن ئەڭ گۈزەل ،ۋە يارقىن ئىنئاملارنىڭ بىرى بولغان بۇ نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن قوغدىلىدىغان ۋە مەسۇلىيەت-بۇرۇچ قىممەتلىرى ھەقىقىي رەۋىشتە كاپالەتلەندۈرۇلىدىغان ئائىلە شاتلىقىغا تۈرلۈك ئىژتىماھىي ۋە سىياسى تەسىرلەر تەسىرىدىكى سوغۇق شامالنىڭ تەسىرىدە تىگىۋاتقان "كىسەللەر"نىڭ يۇقۇمىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز،بۈگۈن ھەممىمىز ئەتراپىمىزدىكى مەسۇلىيەتسىز ئەرلىرىمىز سەۋەبىدىن ئاغرىنىپ دەرت تۆكىۋاتقان غەيۋەتلىك ئەھۋاللىشىشلارنى داۋاملىق دىگۈدەك ئۇچرىتىدىغان بولۇپ كەتتۇق!ھەتتا بۇ ئەھۋاللارنى قىلىدىغان ئەڭ ئاكتىپلارنىڭ بىرسى بىز بولىشىمىز مۈمكىن!ئەپسۇس....ئەسلىدىلا بىزنىڭ چىن ۋاپادارلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان سۆيگۈمىز ۋە كۆيۈشلىرىمىز بىلەن مەسئۇلىيەت- بۇرۇچلىرىنى ئۆزلىكىدىن تونۇپ ۋە شۇ ئاساستا تەبىي ئىنتىلىشلىك ئىزدىنىشلىرى بىلەن يىتەكچىلىك ۋەزىپىسىدىن سۆيۈنگەن ئەركەكلىرىمىزگە بۈگۈن نىمە ئۈچۈن شۇ مەسۇلىيەتلىرىنى تونۇتالمايمىز؟؟...بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلاردىكى بۇ مەسۇلىيەت- بۇرۇچ تۇيغۇلىرىنى يوقۇتۇپ قويدۇق؟؟بۇ ھەقتە تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلسە بىز بەك چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ كىتىشىمىز مۈمكىن (مەن بۇ ھەقتە ئايرىم تىمىدا سىلەر بىلەن بىرگە تەھلىلدە ئولتۇرسام دەپ ئويلايمەن).
<'n= مىنىڭ بۇ تىمىدا دىمەكچى بولغىنىم ،ئۇزاق ئەسىرلىك مەدەنىيەت يىلتىزلىرى تىرەنلىكى تەسىرىدىن،ئەخلاق قارىشى خېلى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزدىكى بولۇپمۇ ئەشۇ مۇقەددەس قورغاننىڭ خانىشى بولمىش ئانىللىرىمىز تۇرمۇشىدىكى ئادەمنى قۇرقۇتقىدەك قىسمەتلەرنىڭ ئاۋۇپ قېلىشى بىلەن پەيدا بولىۋاتقان ئاسىيلىقنىڭ ئومۇملىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش.....
-a&Ed o ............................................................
8aC{r=g3 خېلىلا پەزىلەتلىك بىر تونۇشىم بولىدىغان ،ئۇ قىزنىڭ شۇنداق ئوماق ئىككى پەرزەنتى ۋە ئىناق ئائىلىسى بارتى،خۇددى كۆز تەككەندەكلا،ئۇ قىز بىر خىزمەتداش بالا بىلەن "چىقىشىپ"قالغانلىقى سەۋەپلىك بەزى بىر غەيرى نورمالنى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى پىتنىلەرنىڭ چىقىشى بىلەن يولدىشى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ،باللىرىنى يىتىم قىلىپ،ئۆزىمۇ قاتتىق ئىزا- ئاھانەت ئىچىدە خىزمىتىنى يۆتكەپ،يىراق بىر ناھىيىگە كىتىپ يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ.....
ja8 uJ ..............................
r}k|htOR{ يەنە بىزنىڭ مەھەللىدە ئاتا-ئانىللىرىمىزمۇ بىزنى تەربىيلەشتە ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىدىغان ئىنتايىن پەزىلەتلىك بىر قىز بولۇپ،شۇنداق مىھرى ئىسسىق ۋە تىرىشچان بۇ قىزنىڭ ئۆزىمۇ داۋاملىق تەرىپىنى قىلىدىغان كۆيۈملۈك يولدىشى بارتى،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسىمۇ بولغان بۇ تونۇشۇمنىڭ تېخى قىزلاردەكلا كۆرىنىدىغان رۇخسارى ۋە دوستلىرىغا بىرىدىغان ئاقىلانە كۆيۈم بىلەن سۇغۇرۇلغان تېتىملىق مەسلىھەت-تەكلىپلىرى ھەممىمىزنى قايىل قىلاتتى....لىكىن يېقىندىكى بۇ تونۇشۇمنىڭ خۇددىي كۆز تەككەندەكلا نۇرغۇن پىتنىلەرگە قېلىشى مىنى ئۆكۈندۈرۈپ،ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولۇپ ئۇ قىزنى ئىزلىدىم ئويلىماپتىمەنكى...............ئۇفففففف!!!،ئۆز يولدىشى بىلەن ئانچە-مۇندە سۈركۈلۈش بولۇپ تۇرغانلىقتىن ،بۇ سۈركۈلۈشلىرى يۈز بەرگەندىكى كۆڭۈلسىز ۋاقىتلىرىدىكى قورساق كۆپۈكلىرىنى تولىمۇ "ئاقكۆڭۈللۈك" بىلەن توردا تونۇشۇپ ئانچە-مۇنچە ئەھۋاللىشىپ تۇرىدىغان بىر يىگىتكە ئېيتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن باشلانغان "چچ"دىكى دوستلىقىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىتنىلەر ئىكەن...........................................
04{`hnc توۋا دەپ ياقامنى تۇتتۇم ،جەمىيەتنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى ناشايىن رەڭدار سورۇنلارنى ئاۋات قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچى "پاھىشە"لەر ۋە "نۇمۇسسىز ھەمرا خېنىملار"ھەققىدىغۇ ئاڭلاپ ياقىمىزنى چىشلەپ توۋا دىيىش بىلەن تۈزەشكە ئامالسىزلىقىمىزنى بىلدۈرگەن ئىدۇق،لىكىن ئۆز يولدىشىنىڭ چەكسىز ئىشەنچى ۋە قايىللىقىغا ئىرىشكەن بۇ تونۇشۇمنىڭ باشقىلارنى خېلىلا ئەيمەندۈرگىدەك ئورنى پەزىلىتىنى مەۋھۇمدىكى بۇ كىملىكىنىمۇ ئىشەنچ بىلەن تەستىقلىغىلى بولمايدىغان "يوچۇن" ھەمراھىنىڭ ھەمراھلىقىغا تىگىشىۋىتىشى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق "ئەتە"نى ئىدراك قىلالماي،ئاخىرىدا ھەممەنىڭ نەپرىتى ۋە مەسخىرىسىگە قېلىشى......مىنى "قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يىيىشتىن قورقما"دەيدىغان ماۋۇ قارىشىمغا رەددىيە بىرىپ،"ئاللا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى،شۇڭا ئۇ بەندىللىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلگەچكە،بۇيرۇق- توسۇقلىرى بىلەن چىگرىلارنى بىكىتىپ بىرىپتىكەن!!!"دىگۈزدى.....
YrXu~,Dtb قاتتىق ئويلىنىپ كەتتىم،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەخلاق چەكلىمىلىلىرىدىن خېلىلا ھالقىغان "پەسكەش"قىلمىشلارنىڭ جەمىيەتتە ئالاھىدە ئورنى بار"ئىپپەتلىك" ئاياللار دەپ قارىلىدىغلار ھەركىتىدە كۆرىلىشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟؟....
W,{g @7#m) بۇ مەن ئاڭلىغان نۇرغۇن مىساللارنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى!!
Ied+7w كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالغان ئەشۇ كۆنلەردە مىنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشغا مەجبۇر قىلغىنى،مەن يەنە بىر ئىشقا يولۇقتۇم....دەل مۇشۇ مۇنبەردە قەلەم قۇۋىتىگە قايىللىقىم بىلەن "خېلىلا كۈچلۈككەن "دىگەن نامنى بىرىشىمگە لاياقىتى توشقۇدەك بىر ئەزانىڭ يازغان بىر تىمىسىمىنى ھەيران قالدۇردى ..ئۇ تىمىنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز يۈرىگىم جىغىلدىدى....ئۇ بۇ تىمىدا بىر ئەرلىك ئايالنىڭ ئۆزى بۇ مەۋھۇمدا تونۇشقان قانداقتۇر بىر "ناتونۇش"دوستىنىڭ ھەمرالىقى تەمەسىدە يوشۇرۇنچە خالىيدا كۆرۈشكەنلىگى ۋە بۇ خالىيدىكى "كىشىنى ھاياجانغا"سالغۇدەك مۇھەببەتلىك مىنىۇتلىرى...ئايرىلغان ۋاقىتتىكى "ئاچچىق ھىجران"نىڭ مۇدھىش قىسمىتىدىكى سەۋدايىلارچە تىڭىرقىغان "بىقارار كۆزلەرنىڭ نادامىتى....تەسۋىرلىنىپتۇ!!بۇ تىمىدىكى "مۇڭ"غا گەپ توغرا كەلمەيدۇ ..شۇنداق ھەيرانلىق بىلەن بۇ تىمىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ مۇئەللىپنىڭ بۇ تىمىنى يېزىش مەخسىدىنى بىلەلمەي مەنمۇ بىر مەھەل تېڭىرقىدىم ! بۇ تىما بەلكىم باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەخسىدىدە يېزىلغان بولۇشى ئىھتىمال (مەن ئۇنداقلىقىغا ئىشەنمەيمەن)،لىكىن بۇ تىمىنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان بىۋاستە تەسىرىگە قارىسام، باشقىلارغا ئاگالاندۇرۇش ياكى تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بولغۇدەك تەسىرى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ،شۇنداق ئەپسانىۋى مۇھەببەت تەمىنى قانداقتۇر بىر خىل ئىنتايىن مەخپىي ئارمان بىلەن تەمە قىلىپ قالىدىغان تەسىرنى بىرىدىكەن كىشىگە ..چۆچۈپ تۇرۇپ بۇ ئايالنىڭ ئۆيىدىكى يولدىشىنى ئەسلەپلا ،سەسكىنىش بىلەن بۇ تىمىغا يېڭى باشتىن قارىدىم،مىنى خوشال قىلغۇدەك ،ئادىمىيلىكىمنى خاتىرجەم قىلغۇدەك ،ئوقۇغان كەيىپ ئاۋارىللىرىنى چۆچۈتكىدەك ...ھىچنىمە تاپالمىدىم ،كۆرگۈنۈم ،ھۆسنى ۋە پۇرىغى بىلەن كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلسا ، سەگەك كاللىنى ئايلاندۇرۇپ مەستخۇش قىلىدىغان كەيپى بىلەن ئادەمنى ھەممىدىن كىچىشكە رىغبەت بىرىدىغان "ئەپيۈنگۈلدەك "ئىشقى-مۇھەببەت ھىكايىسى ئىدى....
RK{ytd !t مۇشۇ تىمىنى ئوقۇۋېتىپ ئىچىمدە بايا تىلغا ئالغان ھېلىقى مەھەللىداش تونۇشۇمنىڭ بۇنداق تىمىنى ئوقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالمىدىم .....
ZtWAS مۇشۇ تىمىدىن ئالغان بىردىن-بىر ئىجابىي تەسىرىم مەن شۇنى بايقىدىمكى،،بۇ قىلمىش(يەنى ئەرلىرى تۇرۇپ،يوچۇن كۇيلەردىن مۇھەببەت تىلەۋاتقان ئەرلىك ئاياللارنىڭ ئاشنادارچىلىقتىن "مۇھەببەت تەمە قىلىشى") بىز ئەتراپىمىزدا ئومۇملىشىۋېتىپتۇ،ھەم جەمىيەتنىڭ ھىسىداشلىقىغا ئىرىشىش تەمەسىدە بولىۋېتىپتۇ؟!!!....
Is2Zflv مۇشۇ ۋاقىتتىلا مەن بىز جىسمىمىزدىن بالقىغان ئوتلۇق ئەقىدە ۋە پەزىلەتلەر كامىللىقىدىن ئوزۇق ئالىدىغان كەلگۈسى "شىرمەت پالۋانلىرىمىز"نىڭ بۈشۈگىدە تۇنجۇقۇش ئىھتىمالى بولغان "شىرمەت"لىكىدىن ۋە كەلگۈسى ئانىللارنىڭ پاكلىقى،شەرمىي ھاياسىنىڭ بىز قولىمىزدا سۇنۇش ئىھتىماللىقىدىن ھەممىمىزنىڭ ۋايىم يىيىش ۋە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ،بۇ قىسمەتلەرگە جەڭ ئىلان قىلىش مەسۇلىيىتىمىز بارلىقىنى ھىس قىلىپ ،زامانداش ھەمشىرىللىرىمگە شەرمىي-ھايا،ئىپپەت-نۇمۇس،غۇرۇر -ۋىجدان،ئىلاھىي ئامانەتلەرگە قىلىنىۋاتقان بۇ ئاسىيلىقىنى ۋاقتىدا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش لازىملىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.بىلىمەن بىز ئەتراپىمىزدا ئىنتايىن پەزىلەتلىك ۋە شەرمىي-ھايالىق ھەمشىرىللىرىمىزمۇ شۇنداق كوپ،ئەمما ناھايىتى ئاز ساندا دەپ قارىلىپ كىلىدىغان بەزى بىر كىشىللىرىمىزنىڭ پەزىلەتسىز رىياللىقىدىكى ناچار قىلمىشلىنىڭ كۈندىن-كۈنىگە ئاۋۇشى،بىزنىڭ ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياقا چىشلەپ "توۋا"دەپ ئۆتۈپ كىتىشىمىز،ئۆز ھويلىللىرىمىزدىن چىقماي قوشنىلارنىڭ ھويلىللىرىدىن چىققان بۇنداق ئىشرەت ئاۋارىللىرىغا "شۈكرى"بىلەن قانائەتلەنىشلىرىمىزنىڭ ئاقىۋىتى بۇ بوپتۇ؟؟!!ئۇنداقتا بىز بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەتراپىمىزدىكى خېلىلا تۈزۈك .پەزىلەتلىك دەپ قارىلىدىغان كىشىللىرىمىزنىمۇ بۇ شەكىلسىز پاتقاققا سۆرەپ كىتىلىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالامدۇق؟؟ (ئەرلەرنىڭمۇ خېلىلا چوڭ ھەسسىسى بولغان بۇ كىرزىستە ئۇلار ھەققىدە ئايرىم توختىلىدىغان بولغاچ بۇ يەردە نوقۇل ئاياللار ھەققىدە توختىلىۋاتىمەن).
l.\@@'o;|g بۇ ياشامدا ئادىمىيلىكىمىزنى ھايۋانىيلىقتىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى بىر "سۆزلەش ئارقىلىق"مەخسەت ئۇقتۇرالايدىغانلىقىمىز بولمىسا كىرەك،بىز ئەقلىي كامىللىقتا "ھەق بىلەن باتىلنى"پەرىقلەندۈرىۋالالىغۇدەك يارىتىلغانلىقىمىزدىن مەسۇلىيەتلەر تەكلىپلىرى ئىگىسى بولدۇق (ئاللاھ تەرىپىدىن)
8) 3hFY0 بىزنى يوقتىن بار قىلغان ۋە بىزگە ھەق بىلەن باتىنى تونۇتقان رەببىمىز مۇنداق دەيدۇ
:<<ئاياللاربىلەن ئۈنسى-ئۈلپەت ئىلىشىڭلار ئۈچۈن(ئاللاھنىڭ)ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا(يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا)مېھىر-مۇھەببەت ئۇرناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدىرتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋىم ئۈچۈن، شەك-شۆبىھسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبىرەتلەر بار>>.(<<سۈرەروم>>، 21-ئايەت) E'xi`5
W
بىز ئىنسان باللىرىنى ھەقىقەتەن ھۆرمەتلىك قىلدۇق. mxpjuU2
(بىزگە ئىنام قىلىنغان بۇ مىھرى- مۇھەببەت ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن ئەڭ ئىسىل نىممەتلىرىدىن بىرىكەن)
# A^5L|< ئولۇغ اللە36-سۈرەياسىن60-ۋە61-ئايەتلىرىدەمۇنداق دېدى
:<<<ئى ئادەم باللىرى!شەيتانغاچوقۇنماڭلار،ئۇھەقىقەتەن سىلەرگەئاشكارادۇشمەندۇر،ماڭىلائىبادەت قىلىڭلار،بۇتۇغرايولدۇر>>دەپ تەۋسىيەقىلمىدىممۇ؟(60-61-). Q~etiVV3
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن يەر يۈزىدە خەلىپە (يەنى ئورۇنباسار) يارىتىمەن» دېدى. پەرىشتىلەر: «يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان، قان تۆكىدىغان (شەخسنى) خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سىنى پاك دەپ مەدھىيىلەيمىز، مۇقەددەس دەپ مەدھىيىلەيمىز» دېدى. اﷲ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن» دېدى.(سۇرە بەقەرە30-ئايەت). \I0yO#9&]
ئاللا بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىپتۇ،شۇنداقلا بىزنى بارلىق مەخلۇقاتلىرىدىن ئۈستۈن قىلىپتۇ،ئادەمنى ئىززەتلەپ ھەممىنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشنى بۇيرىغان زات،بىزنى يەنە تۈرلۈك تەكلىپلىرى بىلەن چىگرىلارنىمۇ بىكىتىپ بىرىپتۇ!
L9U7#euXe بىز بۇ تەكلىپلىر قارارىدا "ئايال"غا قارىتىلغان بايانلارغا قاراپ باقساق:
v&*g Iv ..... ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، نىسا سۈرىسى 34-ئايەت. ZOkB:.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﻯ بۇ ئايەت مەخسىدىنى ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻳﯘﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ:
«ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﮕﻪ ﺳﻪﺟﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯨﺴﺎﻣﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﺟﯩﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﺘﯩﻢ ». (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﺠﻪ ﯞﻩ ﮬﺎﻛﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ) |/A'-hBp#A
«ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ.» (ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﺠﻪ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ) ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺴﯩﺰ ﺭﻩﻧﺠﯩﺘﻜﻪﻥ، ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﻧﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺩﻩﭖ ﮬﻪﻳﯟﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﻘﯩﭽﻪ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ». (ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ) Wb
|i
(بىزنى ئۆزىمىزگە خاس تەبىئىتىمىز بىلەن ئاپىرىدە قىلغان زات بىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىمىز ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى ھەممىدىن بەك چۈشەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى مۇشۇنداق بويسۇنۇسلار جەريانىدا قىممەتكە ۋە نۇسرەتكە ئىگە قىلىۋاتىدۇ، بىز بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈشلەرنى ئاددىي كاللىمىز بىلەن "قۇلچىلىق" دەپ چۈشەنسەك بولامۇ؟؟)
l-a0Ep ئەبۇ ھۈرەيرە رەدىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە .، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ: ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ؟ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ . ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ : ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﻮﯕﻠﻰ ﻳﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻤﯘ ، ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻤﯘ ، ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻥ . (ﺋﻪﮬﻤﻪﺕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ)..... olCCNo$6e
ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:«جەننەتنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغىنىمدا،جەننەتكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.دەۋزەخ ئەھلىمۇ دەۋزەخقە ئېلىپ بېرىلدى.مەن دەۋزەخنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىمدادەۋزەخكە كىرگەنلەرنىڭ كۆپىنچىلىكىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم»(ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان). I747Y2
ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:«مەندىن كىيىن ئەرلەرگەئاياللاردىنمۇ زور زىيان سالىدىغان نەرسەيوق»(ئىمام بۇخارى،ئىمام مۇسلىم توپلىغان). ve>s4D
ئايال ﺋﯚﺯ ئائىلىسىگە ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ : «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﺳﯩﻠﻪﺭ، ﮬﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﯩﻤﺎﻣﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﮬﻠﻰ- ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﯘ ﺋﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ- ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻝ- ﻣﯜﻟﻜﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﮬﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺩﯨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﭘﺎﺩﯨﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﯩﻠﻪﺭ » .(بﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮬﻪﺩﯨﺲ) 2bm=ZM
..................... !8
يۇقۇرقى ئايەت- ھەدىسلەردە دىيىلگىنىدەك،بىز مۇسۇلمانلىق داۋاسىدا ئولتۇرغان مۇسۇلمانلاردىنمىز،يۇقۇردىن تۆۋەنگىچە بارلىق ئادەملەرگە مەسۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەر يۈكلەنگەن،ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا سوراق بىرىشكە تىگىشلىك تەرەپلىرىمىز بار "پادىچىلار"مىز،بۇ مەسۇلىيەتلەردە بىز ئاياللار مەسۇلىيىتى ۋە ئىتائەتلىرى يۆلىنىشلىرى ھەق كالامىدا ئېنىق ئېيتىلغان،بۇيرۇق ھەر قاچان ھەققە ئىتائەت قىلىش ئاساسىدا ھەق بۇيرىغان تەرەپلەرگە قارىتا بولىدۇ،ھەق قايرىۋىتىلىپ مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ: «ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﺎﺋﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﻳﺎﺭﺍﻟﻐﯘﭼﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ. (ﺷﻪﻳﯩﺦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺑﺎﺯ) {y.}0ikxu
دىمەك،ئاللا بىزگە بۇيرىغان بۇيرۇقلاردا ئەرلىرىمىزگە ئاللانى رازى قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن ياخشى مۇئامىلىدە بولىمىز ئۇلارنى رازى قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ بىز ئۈستىمىزدىكى ئامانەتلىرىنى ياخشى مۇداپىيە قىلىپ ساقلايمىز... G18~"ysG>!
پاكلىقىمىز بۇ ئامانەتلەر ئىچىدىكى ئامانەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ،پاك ساقلانغان ئىپپىتىمىز بىلەن ئەرلەرىمىزنى رازى قىلىشىمىز ۋە ئاللانىمۇ رازى قىلىشىمىز كىرەك..بۇ ئامانەتلەر جۈملىسىدىكى تەرەپلەر بولۇپ،بىز ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن نىممىتىنى ساقلاشتا ۋە ئاللا بۇيرىغان شەكىلدە بۇ ئامانەتلەرنى ئامانەت ئىگىسىگە يەتكۈزۈشتە مەسۇلىيەت ئىگىسىمىز...بىز پادىللىرىمىزدىن سورىلىدىغان پادىچىمىز!! K3nfGk_M
قارايدىغان بولساق ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ : QaF,hA~Yu
«ئى مۆمىنلەر! اﷲ غا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار...» (ئەنفال سۈرىسى (8)، 27-28. ئايەتلەر) [#H?K*dms0
«ئۇلار (يەنى مۆمىنلەر) ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.» (مۇئمىنۇن سۈرىسى(23)، 8- ئايەت). IMc'dn{c&k
«ئۇلار ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە بەرگەن ئەھدىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر.» (مەئارىج سۈرىسى،(78)، 32. ئايەت) GBbbZ22hxK
ئامانەت ساقلىغۇچىلارغا بىرىلگەن بۇ بۇيرۇقلار بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئەرلىرىمىز ھەقلىرىنىڭ قوغدىلىش زۆرۈرىيىتىنى ناھايىتى روشەن مۇئەييەنلەشتۈرۈدۇ.بىز بۇ ھەقلەرنى قوغدىيالاۋېتىپتۇقمۇ؟ Uk Z:jBN
ئى،مۆمىنلەر،ئۆزۈڭلارنى ۋە خىش ئەقرىبالىرىڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان،رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دەۋزەختىن ساقلاڭلار،ئۇ پەرىشتىلەر ئاللانىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ،نىمىگە بۇيرىسا شۇنى ئخجرا قىلىدۇ. I;W`F
66-سۈرە تەھرىم 6-ئايەت eG`*} {j
ئىنسان تەبىئىتىدە،ئەقىل كامالەتنى ئىزدىسە،نەپسى پاراغەتتە كەيىپ سۈرۈشنى تاما قىلىدۇ ،بۇنىڭ ئوخشىشىنى بىر دانىشمەن "نەپسىمىز ئاتقا ئوخشايدۇ،بىز ئات مىنگۈچىمىز،ئەقىل بۇ ئاتقا سېلىنغان يۈگەندۇر"دەپ ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن .بىز ئۆزىمىزگە بىرىلگەن بۇ يۈگەننىڭ قىممىتىدىن تولۇق پايدىلانماي،نەپسىمىزنى ئىختىيارىغا تاشلاپ قويساق،ئات بىزنى ئۆز قوتىنىغا باشلايدۇ،ھىچقاچان ئەقلىمىز تاللىشىدىكى نىشانغا يەتكۈزۈلمەيمىز،،،،ھايۋان قوتىنىدىكى بىزنىڭ ھالىمىز نىمە بولار ئاخىر؟؟؟؟... 8w"MK)U^
تۇرمۇش سىناقلار بىلەن بىزنى ھەم بىزنىڭ ئىمانىمىزنى تاۋلايدۇ،تولىمۇ قىسقا بۇ ئۆمرىمىزدە بىز پەزىلىتىمىز بىلەن ھەقىقى ئاياللىق بۇرۇچلار ھۆددىسىدىن چىقىش لاياقىتىدە سىناقلاردىن ئۆتەلەيمىز،ئانچە مۇنچە ئۇچراپ تۇرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر بىزنى ئۈمۈدسىزلىك باياۋانىدا قەدىرسىز قىلمىسۇن،بىز پاك ۋە مۆھتىرەم ئانا بولۇش سالاھىيىتىمىزدە پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ ئۈلگە بولىشىمىز كىرەك .كىچىككىنە سەۋەنلىكلىرىمىز بۇ نارىسىدىلەرنىڭ بويۇن قىسىشىغا مەڭگۈلۈك ئېزىشىغا تۈرتكە بولىشىمۇ ھەم مۈمكىن.... hL5AhJ&
ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قىلغان بارلىق قىلمىشلىرىمىزنى تولۇق كۈزىتىپ تۇرغۇچى زات بىزنى ھالاكەتتىن ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا يەنە قىلمىشلىرىمىزغا توۋە قىلىپ تۈزەشكىمۇ ھەم يول بەرگەن ،تېڭىرقاشلار بىزنى غەپلىتىدە تۇرغۇزمىسۇن .!اﷲ ھەقىقەتەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر.(سۇرە بەقەرە [37]. ) Zq{B`'SdR
مەن بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ئاياللار توغۇرسىدا ئېيتقان <دۇنيادىكى پايدىلنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى سالىھ ئايال!>دىگەن سۆزىنى ئىسپاتلىغان كىشلەردىن بۇلۇشىمىزنى ئۇمۇت قىلىمەن! سۆيۈملىك ھەمشىرلىرىم ! سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلار ئەمەللىرىڭلارنى ياخشىلاش،ئەقىدەڭلارنى ياخشىلاش ۋە ئۇستۇڭلاردىكى ئامانەتنى ياخشى ساقلاش ۋە بۇ ئامانەتلەر قاتارىدىكى كەلگۈسى ئۈمىدىمىز بولغان ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشنى ياخشىلاش بىلەن بۇلىدۇ!..سىلەرنىڭ رەڭدار دۇنيادىكى "رەڭ"لەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەسلىكىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن،شەيتان قىلمىشلىرىمىزنى بىزگە چىرايلىق كۆرسەتمىسۇن،نەپسىمىز كۆزىمىزنى قارىغۇ قىلمىسۇن...ئۆز ئىپپىتىنى ساقلاش ئۈچۈن ھاياتىدىن كەچكەن "نۇزۇگۇم"دەك قەدىردان ھەمشىرىللىرىمىزنىڭ ئوتتا كۆيۈشكە رازى بولغۇدەك ھالەتتە ساقلىغان ئىپپەتلىرىنى ئەرزىمەس "كۆڭۈل خوشلىقىمىز"ئۈچۈن بىئەتىۋا قىلىۋەتمەيلى... 5zXsgc/
يەنە دەي:ئى،مۆمىنلەر،ئۆزۈڭلارنى ۋە خىش ئەقرىبالىرىڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان،رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دەۋزەختىن ساقلاڭلار،ئۇ پەرىشتىلەر ئاللانىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ،نىمىگە بۇيرىسا شۇنى ئجرا قىلىدۇ. 0)o
by]1
66-سۈرە تەھرىم 6-ئايەت
v3}(Fgy 0<=>i}jp مەنبە:قەلبىم
`h~$D]9\ [ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن 2008-09-14 08:01 د ]