بۇ بەتتىكى تېما: ئىتوت ۋە ئىتوت ئىجادىيىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 247 قېتىم كۆرۈلدى
ياخشىلىق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 12859
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 536
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە536دانە
شۆھرەت: 1352 كىشىلىك
پۇل : 4140 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1261 نۇمۇر
قوللاش: 893 نومۇر
ئالقىش: 1930 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئىتوت ۋە ئىتوت ئىجادىيىتى

0
ئىتوت ۋە ئىتوت ئىجادىيىتى


ئىتوت  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىدا سەھنە، ئېكرانلىرىمىزدا (ئەلۋەتتە، ئەل ئارىسىدىكى ئىتوتچىلىقىمىزنىڭ تارىخى ئۇزاق) جانلىنىشقا باشلىغان ژانىر. 30 يىلغا يېقىن تەرەققىيات جەريانىدا ئىتوت تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، بەدىئىي جەزبىدارلىقى بىلەن سەھنىدىن تېلېۋىزور ئېكرانىغا، سەھنە،  ئېكران ئارقىلىق مىڭلىغان، مىليونلىغان تاماشىبىننىڭ قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم سەنئەت تۈرىگە ئايلاندى.

ئىتوتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئىخچام، چاققانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئادەتتە ئىتوتنىڭ ۋەقەلىكى ئاددىيراق، يىغىنچاق بولۇپ، پىرسوناژلىرىمۇ ئاز، سەھنىلەشتۈرۈش، ئېكرانلاشتۇرۇش تەننەرخىمۇ كۆپ ئەمەس. لېكىن قۇچقاچ كىچىك بولسىمۇ ئۇنىڭ بەش ئەزاسى تولۇق بولغىنىدەك، ئىتوت كىچىك بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، سەرخىل بولۇشى؛ خۇددى باشقا تياتىر ئەسەرلىرىگە ئوخشاش ئىتوت ۋەقەلىكىنىڭمۇ باشلانما، راۋاج، كولمىناتسىيە ۋە يېشىمى تولۇق تاپشۇرۇلۇش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ سۇژىتى پۇختا قۇرۇلمىغا، يىغىنچاق زىددىيەت توقۇنۇشىغا ھەم كىشىلەرنى سۆيۈندۈرىدىغان بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا ياخشى ئىتوت يېزىش ئۈچۈن يازغۇچىلاردا خېلى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بولۇشى لازىم.

ئىتوتتا تۇرمۇشقا، دەۋرگە، تاماشىبىنلارغا  يېقىنلاشقان، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئەپچىل ئۇسۇل، تېز سۈرئەت بىلەن رېئال تۇرمۇش چىنلىقى تىپىكلەشتۈرۈلۈپ، رېئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن تۈرلۈك – تۈمەن ۋەقە ھەم رەڭگارەڭ، قاينام  – تاشقىنلىق كىشىلىك ھايات ئوخشاشمىغان تەرەپ ۋە ئوخشاشمىغان بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلىنىپ، تاماشىبىنلار خۇددى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇغا ئىگە قىلىنغىنى ئۈچۈن، ئۇ بارغانچە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە. مەسىلەن: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە كۆرسىتىلگەن ئىتوتلاردىن جاۋ بىنشەن بىلەن گاۋشيۇمىننىڭ ئورۇندىشىدىكى <ھاسا سېتىش>، خۇاڭ خۇڭ بىلەن سۇڭ دەندەننىڭ ئورۇندىشىدىكى <پىلاندىن ئاشۇرۇپ تۇغقۇچى پارتىزانلار>، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوينالغان ئىتوتلاردىن ئادىل مىجىت قاتارلىقلار ئورۇندىغان <ساتىراشخانىدا>، ئادىل مىجىت ۋە خەيرىگۈل ھەسەن ئورۇندىغان <پايپاق>، خالمۇرات ئۆمەر، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىقلارنىڭ ئورۇندىشىدىكى <ئەيسا> تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش  ئىتوتلار خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ئىتوت ئىجادىيىتىدە ئارتىس ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ باش تېمىسىنى ئېچىپ بېرىشتە ئارتىسلارنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ئارتىسمۇ خۇددى يازغۇچىلارغا ئوخشاش تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، تېمىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تۇرمۇش دېتاللىرىنى تۈجۈپىلەپ تاللاپ، تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلەيدىغان، ئاممىنىڭ ئېستېتىك تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن، ھەقىقىي، جانلىق ئوبرازلارنى يارىتالايدىغان ئىقتىدار بولۇشى لازىم. مانا مۇشۇ تەلەپلەر ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەر ئاممىنى ساغلام، پايدىلىق مەنىۋى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ رېئال تۇرمۇشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئەقىل –  پاراسىتىگە ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاق – پەزىلەت ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ.

ئومۇمەن، نادىر ئىتوتلارغا ئىخچام، مېغىزلىق، سەرخىل بولۇشتەك بەدىئىي ئالاھىدىلىك مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئىتوتلارغا تاللانغان تۇرمۇش كارتىنىلىرى تىپىكلىك ۋە كومېدىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى پۇختا، زىددىيەت توقۇنۇشى يىغىنچاق، پىرسوناژلارنىڭ تىلى جانلىق، قىزىقارلىق، ئوبرازلار تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق ئىتوتلار تاماشىبىنلارغا ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىش بىلەن تەڭ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئۇزاققىچە ساقلىنىدۇ. ئىتوت  بۇ ئامما ياقتۇرىدىغان سەنئەت تۈرىدە بەدىئىي ئوبراز ۋاسىتىسى ئارقىلىق كىشىلەردىكى ۋەتەنگە، يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت، سەمىمىي دوستلۇق، ئۆزئارا مېھىر – مۇھەببەت، ئاق كۆڭۈللۈك، سېخىيلىق، مەردلىك، پىداكارلىق، سەمىمىيلىك، باشقىلارغا كۆيۈنۈشتەك ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەت مەدھىيىلىنىدۇ؛ شەخسىيەتچىلىك، تەكەببۇرلۇق، ئالدامچىلىق، ساختىلىق، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق قاتارلىق قالاق ئاڭ – پىكىر ۋە چاكىنا قائىدە – يوسۇنلار مەسخىرە قىلىنىپ، قامچىلىنىپ،  تاماشىبىنلار ھەجىۋى كۈلكە ئىچىدە تەربىيىگە ئىگە قىلىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىتوت ئىجادىيىتىدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى. لېكىن سەھنە ۋە ئېكرانىمىزدا ئوينىلىۋاتقان يەنە بىر قىسىم ئىتوتلىرىمىز نۇرغۇن ئاجىزلىق، يېتەرسىزلىكلەردىنمۇ خالىي ئەمەس. مەسىلەن: ھازىر سەھنىلەردە ئوينىلىۋاتقان ياكى ئېكرانلاردا كۆرسىتىلىۋاتقان خېلى كۆپ ئىتوتنىڭ مەزمۇنىدا ۋەزىن يوق، ئۇلارغا تۇترۇقسىز گەپ، ھاياسىز، قوپال تىللار، پەس – ناچار ئارزۇ –  ھەۋەسلەر ئارىلىشىپ قالغان. بەزى ئىتوتلاردا مىللىي، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ۋە مىللىي ئۆرپ –  ئادىتىمىزگە خىلاپ مەزمۇنلارمۇ بار. بۇلار خەلقىمىزگە ئېستېتىك زوق بېرىش تۈگۈل، بەلكى ئۇلارنى بىزار قىلىدۇ. يەنە بەزى ئەسەرلەر تۇرمۇش چىنلىقىدىن يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ  قىلچە تەسىرلەندۈرۈش كۈچى يوق. يەنە بەزى ئىتوتلار نامى ‹‹ئىتوت››، لېكىن ئەمەلىيەتتە ‹‹ئېيتىشىش››قا ئوخشاپ قالغان، ئۇنىڭ تىياتىرلىق قۇرۇلمىس ۋە تۈسى يوق. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر ئىتوت ئىجادىيىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە زىت.  بۇ مەسىلىلەر ئاممىنىڭ، ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىنىڭ، مۇھىمى مەدەنىيەت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك.

يەنە شۇنداق ئەھۋالمۇ باركى، ھازىر  ئىتوت ئىجادىيىتىدە خېلى كۆپ قىسىم ئىتوتلارنىڭ ۋەقەلىكى ئالدىن بېكىتىلىپ، ئاندىن رول ئالىدىغانلارغا بۆلۈپ بېرىلىپ، رول ئالىدىغان ئارتىسنىڭ قابىلىيىتىگە، خاراكتېرىگە ۋە رول ئېلىشتىكى ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئىتوت سېنارىيىسىنى ‹‹زاكاز›› قىلىشتەك خاھىشلار سادىر بولۇۋاتىدۇ. يەنى، يازغۇچىلىرىمىز ‹‹بۇ رولنى پالانى ئارتىس ياخشى ئوينىغان، بۇنداق خاراكتېردىكى رولنى پالانى ئارتىس ئوينىسا مۇۋاپىق بولىدۇ›› دەپ ئارتىسقا قاراپ سېنارىيە يازىدىغان ئىش بارغانسېرى ئومۇملىشىپ قېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنى پۈتۈنلەي خاتا دېگىلى بولمايدۇ. بۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئەۋزەللىكى بار، لېكىن بۇنداق بولۇۋەرسە بولمايدىغان يېرى شۇكى، ئارتىسلىرىمىز دائىم ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان بىر خىل خاراكتېر ۋە شۇ بىر خىل تىپتىكى ئوبرازنى ئويناۋېرىپ، بىر قېلىپتىن چىقالمىسا، تۇرمۇشىمىزدىكى ھەر خىل تىپ ۋە  ئوبرازلارنى يارىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىسا، ئۇنىڭ كۆپ قىرلىق تەرەققىيات ئىستىقبالى تارىيىپ، يەككە يوللۇق ئارتىسقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، يازغۇچىلار يازغان ئىتوت ئەسەرلىرى پەقەت دەسلەپكى ئىجادىيەتتۇر. ئۇنىڭ تاماشىبىنلار سەھنىدە ياكى ئېكراندا كۆرىدىغان مۇكەممەل ئىتوتتىن خېلى پەرقى بار. ئادەتتە ئىتوت ئەسىرى يېزىلىپ، رېژىسسور، ئاكتيورلارنىڭ قولىغا تەگكەندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ قايتا ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. يەنى رېژىسسور ۋە ئاكتيورلارنىڭ شۇ ئەسەر ياكى روللارغا بولغان چۈشەنچىسى، كۆز قارىشى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوشۇلۇپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەردە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيىسى رېژىسسورنىڭ قوللانغان ئىپادىلەش ۋاسىتىسى ۋە ئاكتيورلارنىڭ ئورۇنداش قابىلىيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىر ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدا يەنىلا دەسلەپكى ئىتوت ئەسىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا ياخشى ئىتوت يارىتىش ئۈچۈن ئىتوت يېزىقچىلىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىتوت ئىجادىيىدىكى تەكرارلىقتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.

بىز ھازىرقى نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنىپ قالساق ياكى ئىجادىيەت يولىدىكى قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى قەدىمىمىزنى توختىتىۋالساق بولمايدۇ. سەنئەتنىڭ قىممىتى چىنلىق، تىپىكلىك ۋە سەمىمىيلىكتە. بىز پەقەت ئەل ئىچىگە چۆكۈپ، خەلق ئىچىدە يىلتىز تارتىپ، تۇرمۇشتىن ئالغان جۇغلانما ۋە ئەتراپىمىزدىكى ئادەم، ئىشلاردىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتىمىزغا تايىنىپ  تىپىك ئوبرازلارنى ياراتساق، ئاندىن تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، خەلقنىڭ ھېسسىياتى، ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ، ئىتوت سەنئىتىنىڭ يەنىمۇ گۈللەنگەن دەۋرىنى يارىتالايمىز.

مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
باشقۇرغۇچى ئىشەنچ تېمىنى تەستىقلىدى .
| ۋاقتى : 2008-09-12 14:30 [باش يازما]
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040