خەلق گىزىتى تورىنىڭ 11-سىنتەبىردىكى خەۋىرى:
S!j+Hk DGsf}6B1 بۇيىل كىرگەندىن بىرى لەنجۇ شەھىرىدىكى ئازاتلىق ئارمىيە 1-دوختۇرخانىسى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بۆرەككە تاش چۈشكەن 16 بوۋاق بىمارنى قۇبۇل قىلدى،ئۇلارنىڭ يىشى 5ئايدىن 11ئايغىچە. بوۋاقلارنىڭ كېسىلى ئېغىر بولۇپ، بەزىلىرىدە كېسەل تەرەققى قىلىپ بۆرەكنىڭ بەزى ئىقتىدارى يوقىغان. گەنسۇ ئۆلكىسىدە جەمى 59بوۋاق بىمار بايقالدى،1بوۋاق قازا قىلدى. ئېگىلىنىشچە، بۇ بوۋاقلارنىڭ ھەممىسى سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇگى ئىستىمال قىلغان، ھازىر تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.
Xq+$E _}U({O مەنبە:
http://news.sina.com.cn/c/2008-09-11/215516275623.shtml c2`MT_>, yQmT9HQQ شىنخۇا ئاگىنىتلىقىنىڭ 12-سىنتەبىردىكى خەۋىرى:
=8o.HtO jW fcre0 يېقىندىن بىرى جۇڭگونىڭ بەزى جايلىرىدا بوۋاقلار ۋە بالىلاردا سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇگى ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن سۈيدۈك يولى سېستىمىسىدا تاش پەيدا بولغانلىقى بايقالدى. سەھىيە مېنىستىرلىكى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئۆز رايۇنىدىكى داۋالاش ئورۇنلىرى قۇبۇل قىلغان بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى 12-سىنتەبىر سائەت 17گىچە سەھىيە مېنىستىرلىكىگە دوكلات قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
J5Fw6,(cy سەھىيە مېنىستىرلىكى 12-سېنتەبىر يەنە جۇڭخۇا تىببى جەمىيتىدىكى مۇتەخخەسىسلەر بىلەن بىرلىكتە<بۇلغانغان سەنلۇ ماركىلىق سۈت پاراشۇكىنى ئىشلەتكەن بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ سۈيدۈك يولى سېستىمىسىدا تاش پەيدا بولۇشىنى داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بوۋاق بىمارلارغا دىئاگونوز قويۇپ داۋالاشقا يىتەكچىلىك قىلىشقا تەييارلاندى.
NPMOs[" T/;>Qt#N% مەنبە:
http://news.sina.com.cn/c/2008-09-12/103616280473.shtml