ساقال ھەققىدە پاراڭ
&K7^,rz;oB znL5FTc ئاپتورى: مەمتىمىن ئابدۇۋېلى
?JT!/>> sYbGdq ساقال ھېچقانداق ئىقتىساددىي ئەھمىيىتى بولمىغان بىر خىل تۈك. ھەممىگە ئايان بولغۇنىدەك، ئۇنى ئۆشكە چۈپۇرىغا ئوخشاش ئاغامچا تالاپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، قوي يۇڭىغا ئوخشاش كىگىز ئېتىپ، گىلەم توقۇپ سېتىپ خەجلىگىلىمۇ بولمايدۇ. پەقەت ھەر ھەپتىدە يېرىم سائەتلىك ۋاقتىڭ بىلەن ئۈچ موچەن پۇلۇڭنىڭ بېشىنى يەيدۇ.
H2;iRk~vx بەزىلەر ئىڭەكلىرىنى ھەپتىدە بىر قىردۇرۇپ، پاقىرتىپ يۈرۈشكە ئامراق، تولىمۇ چاكىنىلىق! خۇدا ياراتقان نەرسە ـ دە! ئىڭەكتە تۈك بولغانغا نىمە بوپتۇ؟ مەن ساقال دىگەن بۇ نەرسىگە ئەنە شۇنداق قارايمەن. ئون كۈن، ئون بەش كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈندىمۇ ئۇستىرا كەلتۈرمەيمەن، رايىغا قويىۋېتىمەن، ئىڭەكلىرىمگە قاپ ـ قارا تۈكلەر چاپلىشىپ تۇرىۋېردۇ. پەرۋايىم پەلەك. سەن بوي تارتىپ قۇدۇق ئەتىراپىدىكى چىم ـ قىياقتەك ئېغىزلىرىمنى ياپ، ئۆسىۋەر. نىمىگە دال بۇلالايتىڭ؟ تاماق يىسەم يەنىلا ئاغزىمنى تاپالايمەنغۇ...
*SeQ3O#7 قېرىشقاندەك ئادەملەر كىشىنىڭ ساقال ـ بۇرۇت، كىيىم ـ كېچەكلىرىگە كۆز سېلىپ ئىۋەن قويۇپ يۈرىشىدۇ. ئۇنى ئاز دەپ ھە دىسە چېپىلىپ ئەيىپلىشىدۇ، نىمە كارىڭ؟ ساقال چىقسا مېنىڭكىگە چىقىپتۇ، كىر بولسا مېنىڭ ياقامدا تۇرۇپتۇ. ئېغىرلىقىنى ئۆزەم كۆتەردىمغۇ؟ ۋاي، سوكال قۇيرۇقلار.....
{ih}^K,fy بۈگۈن يەكشەنبە، ئاكام بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدىم.
|!hkQz.m ـ ئىسىت سېنىڭ ياشلىقىڭغا! ـ دىدى ئاكام ئىڭىكىمگە بىر قاراپلا خۇددى مەندىن يىرگەنگەندەك قىلىپ ، ـ بۇ نىمىلىرىڭنى ئالدۇرۋەتسەڭ بولمامدۇ؟ كىيىم ـ كىچەكلىرىڭگە قارا، ياغچىنىڭ ماي قاپىغىمۇ ئۇنچىلىك بولماس....
'fuI=&px ئاكامغا ھەرنىمە دىگۈم كەلدى، بىراق، بەرىبىر ئاكا ـ دە! ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رەستە، قوسىغىمدا بىر ساندۇق پاكىت بولغىنى بىلەن رەستىدە ئاكا ـ ئۇكا ھۆرت ـ پۆرت دىيىشىپ قالساق سەت بۇلارمىكىن دەپ ئويلاپ، تەييارلاپ قويغان گەپلىرىمنىمۇ يۇتىۋەتتىم ـ دە، بارلىق غەزىۋېمنى قاپىغىمغا يىغىپ تازا بىر ھومۇيۇپ قويدۇم. ئاكاممۇ قوسۇغۇمدىكىنى بىلىپ يەتكەن بولسا كېرەك، ئاستا كەينىگە مېڭىپ، يولىغا راۋان بولدى. ئۇيان ـ بۇيان ئۈتىشىۋاتقان كىشىلەر خۇددى يۈزۈمگە ئەن سېلىپ قويغاندەك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشىپ ماڭا قارىغىنىچە كېتىپ قاللاتتى.
t
&2ao8 كۆردىڭلارمۇ؟ ئاكاممۇ تازا بىر ئەخمەق، ساقال دىگەن نىمىنى بۈگۈن قىردۇرسا ئەتىسى چىقىدۇ، كىيىم دىگەننى بۈگۈن يۇدۇرساڭ ئەتىسى كىرلىشىدۇ. قىردۇرغانسېرى قىردۇرغۇڭ كېلىدۇ، يۇدۇرغانسېرى يۇدۇرغۇڭ كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە، باشقىلار ئۈچ قېتىم قىردۇرغاندا، سەن بىر قېتىم قىردۇرساڭ، باشقىلار ئۈچ قېتىم يۇدۇرغاندا بىر قېتىم يۇدۇرساڭ بولمىدىمۇ؟ ھىساپلاپ كۆرۈپ باق، ئىككى قېتىمدا بىر سائەت ۋاقىت بىلەن بىر يۇەنگە يېقىن پۇلۇڭغا پايدا ئەمەسمۇ؟
w ^=AvF{5 ئاكا سەنمۇ چاكىنا ئىكەنسەن، ئىككىمىز بىر قوساقتىن چىققان تۇرۇپ، تۇرمۇش ئادىتىمىز ۋە قارىشىمىز نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ؟ ھەي، سەنمۇزە....
uoi*|i~e مېنى بىر ھورۇن ئادەم ئوخشايدۇ، دەپ چاغلاۋاتامسىلەر، يۈز دە ـ يۈز خاتالاشتىڭلاركى، ئۇنداق ئەمەس. بەلكى مەن پىشقان دېھقان، مول ھوسولچى، بۇنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!
@QLXl4) دىمىدىممۇ؟ بۇ يىل كۈزدە مەھسۇلاتنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، يەنە مول ھوسۇلچى بۇلۇپ قالدىم. بۈگۈن كەچتە ناھىيىدە ئېچىلىدىغان ھەر ساھە ئىلغارلار ئۇچىرشىش توغۇرسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۋالدىم. تەييارلىغىم تەل. قاراپ تۇرۇڭلار، ئەتە ئەتىگەن مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن كېتىۋېرىمەن.
jC*fr& بىزنىڭ ئورۇندىن ۋەكىللەرنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنا ماي ياتقۇزۇلغان تۈپ ـ تۈز يولدا يىنىك تەۋرىنىپ، غۇيۇلدىغىنىچە ئۇچقاندەك ماڭماقتا. ماشىنىنىڭ سۈرئىتى مېنىڭ خىيال قۇشلىرىمنىڭ سۈرئىتىگە قانداقمۇ يېتەلىسۇن؟ ھاي ـ ھاي! ئۇ ئاللىقاچان ئاسماندا پەرۋاز قىللاتتى: « مەن ئۇدا تۆت يىل مەھسۇلار ئاشۇرغۇچى، ناھىيىگە بارسام ناھىيىنىڭ باشلىقلىرى ئالدىمغا ئالاھىدە كىلىپ مەن بىلەن كۆرىشىدۇ. يىغىن سەھنىسىدە تۆت يىللىق مول ھوسۇلچى نامىم ئېلان قىلىنغاندا، ھەممەيلەن ماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قالىدۇ. شان ـ شەرەپ، بەخىتكە كۈمۈلۈپلا كىتىمەن. ھى...ھى...ھى.....» ئۆزەمچە كۈلىۋەتتىم. «ھەي ، ماۋۇ خەقلەرنىڭ قىلغىنى، ماڭا قاراپمۇ قويۇشمايدۇيا؟ خۇددى بۆرىدىن قورققان قويدەك، كۇزۇپنىڭ بىر بۇرجىگىگە تۈگۈلۋالغىنى نىمىسى؟ تېخى ئىڭەكنى پاقىرتىشىپ، كىيىملىرىنى ئاقارتىشىپ، خۇددى تويغا ماڭغان ئاياللاردەك ياسىنىپ ماڭغىنىنى كۆرمەمدىغان! ئاكتىپمىش، چاكىنىلار...
UR}`}z8O يىغىن باشلاندى. بەزى ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. ھەممەيلەن شۇنچە شات ـ خورام ، شۇنچە تېتىك، شۇنچە جانلىق.
.}aBd}=W بىراق، مەنلا... ئىسمىم ئېلان قىلىنغاندا ماڭا ھەممەيلەن ھەۋەس بىلەن تىكىلىشتى ـ يۇ، ھايال ئۆتمەي كىشىلەرنىڭ چىرايىدا ياتسىراش ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. ھەي، بۇ كىشىلەرنى!
{.~<{bK يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا يىغىن مەسئۇلى يىنىمغا كىلىپ:
A
ـ بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سىزگە رۇخسەت بېرەيلى، ساقىلىڭىزنى ئالدۇرۇپ، كىيىملىرىڭىزنى يۇدۇرۇۋېلىڭ، ـ دىدى. 3:ua
زەردەم تازا قاينىدى. مەسئۇل كىشى تۇرۇپ.... شۇنچە چوڭ سالاھىيەت بىلەنمۇ ساقالغا چېپىلىپ يۈردىكەن. توۋا، توۋا. مەن ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمىدىم. :-d2cx
يىغىننىڭ ئۈچۈنچى كۈنى چۈشتىن كىيىن، بىر قىسىم ئىلغارلارنى تاللاپ سۈرەتكە تارتتى. گېزىتكە باسماقچى ئىكەن. مۇخبىر ئالدىمغا كىلىپ: 8H,@Ds_
ـ ساقال ـ بۇرىتىڭىز بەك ئۈسۈپ كىتىپتۇ، ئالدۇرۋەتكەن بولسىڭىز، ـ دىدى. Ni0Qn+m)`
ـ مەيلى، تۇرىۋەرسۇن ، ـ دىدىم مەن. GrA>~He
يىغىن مەيدانىدا پاراققىدە كۈلكە كۆتىرىلدى. Qkka\g-
«تارس...» قىلىش بىلەن تەڭ، سۈرەت ئاپىراتىدىن ئاپپاق بىر نۇر چىقىپ يۈزۈمنى يالاپ ئۆتكەندەك بولدى. ئەمدى كۆرىسىلەركى رەسىمىم گېزىتكە چىقىدۇ، ھەممە يەرگە تونىلىمەن! FD |m.=
تۆت كۈندىن كىيىن، گېزىتكە باشقىلارنىڭ سۈرەتلىرى بېسىلىپتۇ، مېنىڭ يوق. ئاچچىغىم تازا كەلدى. ھېلىقى مۇخبىرنى بىر مۇنچە قاغىدىم. cw|"E8\
ئەتىسى پوچتىدىن بىر پارچە خەت كەلدى. كونىۋېرتنى ئېچىپ قارىسام ئىچىدە بىر پارچە سۈرەتمۇ بار ئىكەن. يائاللا، بۇ كىمنىڭ سۈرىتى بولغۇيتى؟ خۇددى ئادەمسىمان مايمۇنلاردەك، يۈزىنى پۈتۈنلەي تۈك باسقان، بۇنى ماڭا نىمە ئۈچۈن ئەۋەتكەندۇ؟ aNtF^d_e
ـ ھەي، نىمىكەن ئۇ؟ دىدى بىرسى دولامدىن بوينىنى سوزۇپ قۇلۇمغا قاراپ . bqcdcE8CY
ـ مۇشىنداق نىمىكەنغۇ مانا . wkLUsV=~
بىردەمدىلا بىر توپ كىشىلەر ئولۇشۇپ سۈرەتنى قولدىن ـ قولغا ئۆتكۈزۈپ كۆرۈشكە باشلىدى. }^9$ys4j"z
ـ ماۋۇ ئادەمنى قارا. ـ دىدى بىرسى سۈرەتنى ماڭا تەڭلەپ كۈلىۋېتىپ، ـ كۆزىڭىزگە ئاق تۈك ئۈنۈپ قالدىمۇ، ئۆزىڭىزنىمۇ تۇنىيالماس بۇلۇپ قاپسىز ـ دە! 7oK3
ـ ئىكەكتىكى شۇنچە چۇپۇر كۆزىنى توسىۋالمامدۇ؟ x48'}7*H
يۈرىگىم «قارت» قىلىپ قالدى. «بۇ راسلا مېنىڭ سۈرىتىممىدۇ؟» مەن سۈرەتنى قۇلۇمغا ئالغىنىمچە ئۆيگە يۈگۈردىم. كىشىلەر ئۆز كۈلكىلىرى بىلەن مەس بۇلۇشۇپ قېلىشتى. zOZ-2JV
ئەينەك كىشىلەرنىڭ كۆزىدىنمۇ بەك رەھىمسىز ئىكەن. ئۇ، ئىككىمىزنى ئوپ ـ ئوخشاشلا كۆرسەتتى. خۇدايا توۋا، بۇ مەن ئىكەنمەن ! 474;^|nS(
مەن بىر خىل ئازاپ ئىچىدە خەتنى قۇلۇمغا ئالدىم : « يولداش، سىزنىڭ سۈرىتىڭىزنى گېزىتكە بېرىشكە تەھرىر قوشۇلمىدى.... شۇڭا، ئۆزىڭىزگە ئەۋەتتىم، كۆرۈپ باقارسىز. چۈنكى ئىنساننىڭ بىر پەزىلىتى ــ گۈزەللىك ۋە تازلىق....» E%!U@,
تەھرىر ھەر ھالدا تۇنۇشمىساقمۇ يۈزۈمنى قىپتۇ، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم ۋە كىيىملىرىمنى ئايالىمغا تاشلاپ بېرىپ، بىر خىل يىرگىنىش ھالىتى ئىچىدە ساتىراشخانىغا چاپتىم....... j $t!``v(
Hr-riS%AY
dU6^.J|[
ئەسلى مەنبەسى « يېڭى قاشتېشى» ژورنىلى 1984 ـ يىللىق 3 ـ سانى