« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئىنكاسلار مۇھەببىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 576 قېتىم كۆرۈلدى
ئۈزۈمچى
مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2269
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 1464
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1464دانە
شۆھرەت: 9342 كىشىلىك
پۇل : 11845 سوم
تۆھپە: 1480 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1959 نۇمۇر
قوللاش: 1772 نومۇر
ئالقىش: 2235 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :922(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئىنكاسلار مۇھەببىتى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئالتۇن تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-09-11)
ئىنكاسلار مۇھەببىتى
o4 2}cRW  
^&4T1#`sD  
_ ھەجەپ ئاچچىقىم كەلدى دېسە! Ny MKb'  
يېڭى ئەزا ئىنكاسى قوشۇمىلىرىنى تۈرگىنىچە كىرىپ ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇردى. ()b*Sn>  
_ نېمىگە ئاچچىقىڭىز كەلدى تاتلىق، _ دېدى مېھرى ئىسسىق ئىنكاس. Lm6U``2  
_ بايا بىر تېمىنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرسام باشقۇرغۇچى دېگەن سەت گۇي ئىگەمگە دەپمۇ قويماي مېنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتى. بەك قورسىقىم كۆپتى. نېمىلا ئىش بولسا خەۋەرلەندۈرۈپ قويمامدۇ دەيمەن؟ _ دېدى يېڭى ئەزا ئىنكاسى تۈكرۈكلىرىنى چاچرىتىپ. A.|o {>  
باشقا ئىنكاسلار كەينىگە قارىشىپ غۇلغۇلا قىلىشتى: u+czr=k  
_ ۋوي، خان! سىزنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكۈچە بىلمەي ئولتادىڭىزما؟ n8"s>@V  
_ تۇيدۇرماي بىر تەرەپ قىلىۋېتىپتۇدە؟ > h6 v+@l  
_ ئۆزىڭىزنىڭ سەتلىكىدىن كۆرۈڭ! بىزنى ھەجەپ تاشلىۋەتمەيدىغۇ؟ خىڭ خىڭ! uf 
_ شۇ ئۆزىڭىزدىكى گەپ. چىرايلىق، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ياسىنىۋالغان بولسىڭىز تاشلىۋەتمەيتتى. ھې ھې`````` +Es2 jh'  
. . .  9Wv KL  
مېھرى ئىسسىق ئىنكاس يۈزىدىكى يېڭى ئەزا ئىنكاسىنىڭ تۈكۈرۈكلىرىنى سۈرتۈپ بولۇپ ئالدىدىكى ئىنكاسنىڭ سەۋەبسىزلا باشقۇرغۇچىدىن ئاغرىنىۋاتقانلىقىنى پەملەپ ئۇنىڭغا سەمىمىي تەبەسسۇم بىلەن قاراپ: J8LdmSB#  
_ سىز باشقۇرغۇچىدىن نېمە سەۋەبتىن سىزنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەنلىكىنى سورىمىدىڭىزمۇ؟ _ دېدى. 1sqkr  
_ ياق، قانداق سورايمەن؟ _ دېدى يېڭى ئەزا ئىنكاسى ھەيران بولۇپ. #vxOdXK  
ئۇزۇنراق بىر ئىنكاس يېڭى ئەزا ئىنكاسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: i8{)Y'&4  
_ توۋا، شۇنىمۇ بىلمەي مۇنبەردە نېمە بار سىزگە؟ _ دەپ سورىدى. xoM{XF@7  
شۇئان مېھرى ئىسسىق ئىنكاس ئۇزۇنراق ئىنكاسنى ئالدىغا موككىدە ئېلىپ مېھرىبانلىق بىلەن: @?3*/k=  
_ سىزمۇ يېڭى كىرىپ - چىقىپ يۈرگىنىڭىزدە بىلمەيتتىڭىز، ئازراق بىر نەرسە بىلىۋېلىپلا يېڭى ئەزا ئىنكاسلىرىنى ئۇنداق چۈشۈرسىڭىز بولمايدۇ. سىز خاتا ياسانغاندا بىز سىزگە ياسىنىشنى ئۆگەتكەچكە ھازىرغىچە كىرىپ - چىقىپ بويلىرىڭىزمۇ ئۆسۈپ قالغاندۇ؟ سەلكىنداشلار ئارىسىدىمۇ خېلى ئىناۋىتىڭىز بار. بىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا سىزنى چۈشۈرگەن بولساق مۇنبەرگە كىرمەس بولغۇيتتىڭىز؟ MH*:U|zm  
ئۇزۇنراق ئىنكاس ھېچنېمە دېيەلمەي جايىدا تۇرۇپلا قالدى. مېھرى ئىسسىق ئىنكاس يېڭى ئەزا ئىنكاسىغا بۇرۇلۇپ: s%XS<6M  
_ ئۇكام، سىز مۇشۇ تېمىدىن چىقىپ شۇ تېمىنى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئۆيگە كىرىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. ھازىر مۇنبەر ئىقتىدارلىرى خېلى مۇكەممەل، ھەربىر باشقۇرغۇچىنىڭ بىردىن ئۆيى بار. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياتاق بىناسىدىن سىزنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن باشقۇرغۇچىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ئۆيىگە كىرسىڭىز مېدال، دەرىجىسى، يازما سانى. . . دېگەندەك مۇكاپات بۇيۇملىرى بار. ئەڭ ئاخىرىغا قارىسىڭىز «ئۇچۇر»دېگەن خەت يېزىقلىق ئۆينى كۆرىسىز، شۇ ئۆيگە كىرسىڭىز باشقۇرغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئالدىڭىزدا ھازىر بولىدۇ. سىز گەپ قىلسىڭىزلا ئۇمۇ گەپ قىلىدۇ. باشقۇرغۇچى توردا بار بولسا ئىشىكتىن كىرگەنلا يەرگە «توردا بار»دېگەن شەكىلدىكى چىراق يېنىقلىق تۇرىدۇ. . ._ دېدى. SxY-C{gR  
_ شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟ _ دەپ سورىدى يېڭى ئەزا ئىنكاسى سەل ئىككىلىنىپ. aVAQ*L  
_ ئەلۋەتتە بولىدۇ ئۇكام، _ دېدى مېھرى ئىسسىق ئىنكاس مۇلايىملىق بىلەن سۇس كۈلۈمسىرەپ، _ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەخلەتخانىغا تاشلىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلىش ھوقۇقىڭىز بار. Mqv VC1  
_ ئەمسە مەن سىز دېگەندەك قىلىپ باقاي، رەھمەت سىزگە، سىز بەك ياخشىكەنسىز! Upk#M6rNU  
يېڭى ئەزا ئىنكاسى شۇنداق دېگەچ چىقىپ كەتتى. باشقا ئىنكاسلار بىر - بىرىگە قارىشىپ بەزىلەر بۇ ئىشتىن مەمنۇن بولۇشۇپ، بەزىلەر بېشىنى قاشلىغىنىچە جايىدىلا تۇرۇپ قالدى. ئاڭغىچە باشقا ئىنكاسلار كېلىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆچىرەتنىڭ ئاخىرىغا كېلىشتى. بەزى ئىنكاسلار بىردەم - بىردەم ھەرخىل ياسىنىپ ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ كەينىگە بېرىپ تۇرۇۋالدى. =2D+L\vE  
يېڭى ئەزا ئىنكاسى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ياتاق بىناسىدىن ئۆزىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆيىگە كىردى. دەرۋەقە ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكتىن كىرگەنلا يېرىدە «توردا بار»دېگەن شەكىلدىكى چىراق يېنىقلىق تۇراتتى. ئۇ ماڭغاچ پولدا چېچىلىپ ياتقان ھەرخىل مېداللارغا، يازما سانى، شۆھرەت، قوللاش. . . دېگەندەك مۇكاپاتلارغا قاراپ بۇ باشقۇرغۇچىدىن خېلى مەمنۇن بولدى. «ئۆيىنى تازىلاپمۇ قويماپتۇ، قارىغاندا بويتاقكەن» دەپ ئويلىدى ئىچىدە. توساتتىن كۆزى باشقۇرغۇچىنىڭ قايسى بىر چاغدا چۈشكەن رەسىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەنلىكى يادىغا كېلىپ كۆزلىرى يېرىم قىسىلدى - دە، ئۇدۇلدىكى «ئۇچۇر» دېگەن ئۆيگە تېز - تېز قەدەملەر بىلەن كىرىپلا دەردىنى تۆكىۋەتتى: o8$G(=L  
_ھەي مەتو تاز! مەندە نېمە ئۆچۈڭ باتتى؟ ساڭا ھېچبىر يامانلىق قىلمىسام نېمىشقا مېنى ئىگەم يوق چاغدا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىسەن؟ تېمىلارغا سېنى مېنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتسۇن دەپ كىرمىگەن جۇمۇ مەن!. . . cc.  
_ ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ! قايسى تېمىدىن ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىپتىمەن سىزنى؟ _ دېدى باشقۇغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئۆزىنى تەستە بېسىپ. M9&*A.6  
_ ۋۇ پارىخور، قىزىلكۆز! سەن تېنىۋالماقچىما؟ بىلىپ قوي، سەندەك پوق قورساق، پاينەكباشلارغا بوزەك بولمايمەن مەن! gJ>MuV  
_ ئاغىزىڭىزنى بۇزماي چىرايلىق گەپ قىلىڭ جۇمۇ! ئىگەم ئادەم تىللاش ئالىي مەكتىپىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. سىزگە ئادەم تىللاشتىن دەرس بېرەلەيمەن. ]%Hu 
باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇشتلىرىنى چىڭ تۈرگىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. يېڭى ئەزا ئىنكاسى نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا باشقۇرغۇچى ئىنكاسى چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېتىپ مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىدى: p5:R[b2  
_ قايسى تېمىدىكى ئىنكاسىڭىزنى ئۆچۈرۈپتىمەن؟ بايا تەستىقلانغان ئولىمپىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېمىغا كىرمىگەنسىز؟ CdLIH]"-5  
_ دەل شۇ تېمىغا كىرگەن. nA P>6.  
_ بالدۇر دېسىڭىز بولماسمىدى، ئۇ تېمىغا بەزى ئىنكاسلار قىپيالىڭاچ، يەنە بەزىلەر چەيدو - زاڭدو كۆتۈرۈشۈپ كىرگەنىدى. مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى خاتىرجەملىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۇ تېمىنى ئىنكاسلار بىلەن بىللە ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتۇق. -A1?E  
_ ھە. . . _ يېڭى ئەزا ئىنكاسى مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى، _ مەن... سىزنى خاتا ئەيىپلەپتىمەن، كەچۈرۈڭ! &>\JPU(]  
_ ھېچقىسى يوق، _ دېدى باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى كۆزلىرىدىن كەسكىنلىك نۇرىنى چاقنىتىپ، _ سىز تۇنجىسى ئەمەس. سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ بىرمۇنچە ئىنكاسلار كىرىپ بايا سىز بۇيەرگە كىرگىچە پولدا چېچىلىپ ياتقان مېداللارنى، مۇكاپات بۇيۇملىرىنى ئۇرۇپ - چېقىپ چوڭ جىدەل چىقىرىۋەتتى. ئەلۋەتتە ھەقىقىي ئىشنىڭ ماھىيىتىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. تېخى مېنىڭ ياقامغا ئېسىلىپ پىچاقنى گالغىلا تىرىگەنتى، مەن ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن ياقامنى قويۇۋەتتى. تاس قالدىم مەنمۇ سىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغىلى، _ باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى شۇنداق دەپلا ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى. vq"O)`2"n  
_ ئەمسە... مەن...، _ يېڭى ئەزا ئىنكاسى دۇدۇقلاپ قالدى، ئۆزىنىڭ بىر ئوبدان بالىنى سەت تىللاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۆڭلىدە بىرەر ئىش قىلىپ بېرىپ گۇناھىنى يۇيماقچى بولدى، _ مەن سىزگە ياردەملىشىپ مېداللارنى رەتلىشىپ بېرەي، قولۇمدىن چوڭمۇ ئىش كەلمەيدۇ شۇ ئۆي ئىشلىرىغا ئۇستا، _ يېڭى ئەزا ئىنكاسى باشقۇرغۇچى ئۇچۇرىنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ئۆينى رەتلەشكە باشلىدى. باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى ئۇنىڭ چەبدەسلىكىدىن تارتىپ، قىلغان ئىشىنىڭ پاكىزلىقىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى ئىشچان ئىكەنلىكىگىچە زوقلىنىپ تاتلىق خىياللارغا چۈشۈپ كەتتى. يېڭى ئەزا ئىنكاسى ئۆينى چىنىدەك پارقىرىتىۋېتىپ باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى بىلەن خوشلىشىپ قايتىپ كەتتى. . . E:Yypq\  
باشقۇرغۇچى ئۇچۇرى شۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئەزا ئىنكاسىنى تولا خىيال قىلىدىغان بوپ قالدى. پات - پات تېمىلارغا كىرىپ ئۇنىڭ ئوماق تۇرقىدىن ھوزۇرلىناتتى. بەزى ئىنكاسلار يېڭى ئەزا ئىنكاسىغا يېقىنلاشسا ياكى چاقچاق قىلىشسا ئىچىدە ئۇلارغا ئاچچىقى كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇچۇر بولۇشتىن ئىستېپا بېرىپ ئىنكاس بولۇشقا ئىلتىماس سۇندى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا ئىلتىماسى تېزلا تەستىقلاندى. بەزى ئىنكاسلار تېتىقسىز چاقچاق قىلغاندا باشقۇرغۇچى ئىنكاسى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويدى، يەنە ئۆزىنى بىلەلمىگەنلەرنى ئىگىسىگە دەپمۇ قويماي چېچىدىن تۇتۇپ تەپكەن پېتى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتى. شۇنداق بىزەڭ ئىنكاسلار باركىن ئۇلار ئەخلەتخانىدىن چىقالمىسا ئىگىسىگە دەپ باشقا تېمىلارغا كىرىپ شۇ يەردە قالايمىغان جۆيلۈپ يۈردى: EA_w3p:  
_ ھېس قىلدىڭلارمۇ باللا؟ قايسى بىر باشقۇرغۇچىنىڭ ئىنكاسى پالانى يېڭى ئەزا ئىنكاسىنى چۆرىدەپلا يۈرىدىغان بوپ قاپتۇ. =hK5|G  
_ ۋاي ھېس قىلمامدىغان ئاداش، بىز ئۇ يېڭى ئەزا ئىنكاسىغا ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ قويساقمۇ بىزنى ئۇرۇپ ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىدۇ. 2 TspT,t  
_ شۇ شۇ. . .قايسى بىر كۈنى بىر بۇرادىرىمىز بۇ ئىشنى بىر تېمىدا ئاشكارلىغانتى، ئۇنى تېخى ئاگاھلاندۇرۇپمۇ قويماي ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتتى. "uNvc$f`<  
_ ھەي، سەلكىندە ئۆز يېقىنلىرىغا چاپان ياپىدىغان باشقۇرغۇچىلار كۆپىيىپ كەتتى. . . hV`}KeyV  
باشقۇرغۇچى ئىنكاسى ھەر قېتىم بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا قۇلىقىنى يوپۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتتى. چۈنكى ئۇلارغا چۈشەندۈرسە ئۇلارغا راستتەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ئۇ ئوبدان چۈشىنەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ جېدەل چىقارماقچى ياكى مۇنبەر قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى ئىككىلەنمەي ئەخلەتخانىغا تالىۋېتىشنى توختاتمىدى. بەزى چىرايلىق ئىنكاسلار سەت ئىنكاسلارنىڭ ۋايساشلىرىغا رەددىيە بېرىشتى: gU.r`X{S  
_ ئۆزغڭلاردىن كۆرۈڭلار، نېمىشقا چەيدو - پىچاق كۆتۈرۈپ كىرىسىلەر تېمىلارغا؟ LOpu  J  
_ بىزنى ھەجەپ ئەخلەتخانىغا تاشلىمايدىكەنغۇ؟ >b{Uv5S(  
_ مۇنبەر قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلمىساڭلار ئەخلەتخانىدىن بېرى كېلەلمەيسىلەر! MyeO+IF2  
. . . ~D]wnBwb  
لېكىن سەت ئىنكاسلارنىڭ نەزىرىدە چىرايلىق ئىنكاسلار پەقەت ھېچنېمە بىلمەيدىغان دۆت، قاپاقباش، خالاس! ئۇلار يەنىلا باشقۇرغۇچى ئىنكاس بىلەن قېرىشىۋەردى. ھەتتا بەزى تېمىلاردىلا ئوچۇق - ئاشكارا تىللىشىپ، تۈكۈرۈشتى، ئېغىر بولغاندا مۇشتلاشتى، تاس قالدى تېخى بىر – بىرىنى چانىشىپ كەتكىلى. . . k9-S\k_D^  
يېڭى ئەزا ئىنكاسى شۇ كۈنى باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بېرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئۇنى ئويلايدىغان بوپ قالدى. ئۇنىڭ«. . .بولمىسا سىزنى كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولالمىغان بولاتتىم» دېگەن چاغدىكى قىزىرىپ كەتكەن ھالىتىنى ئويلىغىنىدا تاتلىق كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يەنە كەسكىن سىماسى كۆز ئالدىغا كەلگەندە خىيالىدا ئۇنىڭغا ئەركىلىدى، ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتى. قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلغىنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندە خۇددى بىراۋلار ئۆزىنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەك ھېس قىلىپ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. ئەلۋەتتە تېمىلاردىمۇ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەسكىن، مەردانە، كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك تۇرقىدىن زوقلاندى. بىراق ئۇنىڭمۇ ئەتراپىدا ئۆسەك - سۆزلەر ئەگىپلا يۈردى: wtgebz81  
_ ھەي، ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ ھېلىقى يېڭى ئەزا ئىنكاسى دائىم يېرىم كېچىدە باشقۇرغۇچى ئىنكاسىنىڭ ئۆيىگە بارىدىكەن. I402#z  
_ ۋاي، ھېس قىلمامدىغان، تېخى كېچىچە باشقۇرغۇچىنىڭ ئۆيىدىن چىقمايدۇ. ^D;bV0m}  
_ بىر ئوبدان بالا كاللىسىنى چۆرگىلەتسە بىلەلمەيۋاتىدۇ، تېخى ئۇ جۇۋاينىمەككە يان بېسىپ بەزى لۈكچەك ئىنكاسلاردىن تاياقمۇ يېدى. P7PzWy  
_ كونىلارنىڭ «بىر ياخشىغا، بىر يامان» دېگىنى راست ئورۇنلۇق گەپكەن جۇمۇ! Y4Pk7]S_{  
_ ھــــەي، بىر ئوبدان بالىلارنىڭ كۆڭلى ئاشۇنداق تېگى پەسلەرگىلا چۈشۈپ قالىدىكەن. 7iBVqb\  
_ تېخى تېمىلاردا ياسالمىلىق قىلىپ ھەممە ئىنكاسلارغا كۆيۈنۈپ كېتىشلىرى ئۇنىڭ، پەقەت ئاشۇ ساددا بالىنى ئالداپ كۆڭلىنى ئۇتۇۋېلىش ئۈچۈن y$?b,6~#  
_ شۇ! ئۇ بالىنىڭ مۇئاشى يۇقىرى تۇرسا، باشقۇرغۇچىنىڭ ئىنكاسى دەڭا! z4^q5t0;s2  
. . . q8ijk.v8k  
يېڭى ئەزا ئىنكاسى دەسلەپ ئۇلارنىڭ كىمنى دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدى. كېيىنچە يامان غەرەزدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئۆزىگە غەلىتە قاراشلىرىدىن، بىر - بىرى بىلەن يوشۇرۇن كۆز بېقىشىپ تېمىلاردا ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ بىر - بىردەم بىر - بىرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىشلىرىدىن ئاستا -ئاستا چۈشەندى. بەزى ئىنكاسلارنىڭ ھەتتا بىر تېمىدا ئىككىلىسى قالسىمۇ چىقىپ كەتمەي قوش بىسلىق، ئۆزىنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ھالەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. بۇنداق ئەھۋال تەھرارلىنىۋەرگەچكە يېڭى ئەزا ئىنكاسى تېمىلارغا كىرمەيدىغان بوپ قالدى. دېمىسىمۇ ھېچكىم ئۆزىگە كۆڭۈل ئاغرىقى ئىزدىمەيدۇ - دە؟! b*q%yz&Q)  
ئەمما يېڭى ئەزا ئىنكاسىنىڭ تېمىلاردا ئىنتايىن ئاز ئۇچرىشى ياكى بەزى چاغلاردا ئۇچراپمۇ قويماسلىقى باشقۇرغۇچى ئىنكاسىنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇ كۈندە تېمىلارنى ئالا قويماي ئاقتۇرۇپ چىقتى. بەزى تېمىلارغا قايتا - قايتا كىردى. ھېلىقىدەك يا ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغان، يا تېمىنىڭ كۆركەملىكىگە پايدىسى بولمايدىغان ئىنكاسلارنىڭ ئۆزىگە«نوچى بولساڭ يۆتكەپ باقە قېنى؟» دېگەندەك ھومىيىپ قاراشلىرىنى كۆرگەندە ئىچىنى قاتتىق ئەلەم چۇلغىۋالدى. ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ئىكەنلىكىگە نەپرەتلەندى. ئۇمۇ تېمىلارغا ئانچە كىرمەيدىغان يېڭى ئەزا ئىنكاسىنى خىيالىدا ياد ئېتىدىغان بولدى. لېكىن باشقا ئاقكۆڭۈل ئىنكاسلارنىڭ ئۆزىنى مەئۇلىيەتتىن قاچتى، خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىدى، دەپ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ ئارقا سەپكە ئۆتۈپ تەھرىرلىگۈچ بولۇپ ئىشلىدى. ئارقا سەپ گەرچە ئالدىنقى سەپتىن زېىكىشلىك بولسىمۇ لېكىن ئوشۇقچە گەپ - سۆزلەر يوق ئىدى. كۈندە كېلىۋاتقان ھەرخىل كۆچۈرمە تېمىلار، تەكرار تېمىلار ئۇنىڭ غەملىرىگە قوشۇپ بۇ يېڭى تەھرىرلىگۈچنى ھاردۇرۇپ قويغان بولسا بەزى ئەھمىيەتلىك، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىلار ھاردۇقىنى چىقىرىپ قويدى. بەزى ھەجىم جەھەتتىن كىچىك ياكى ياردەم سوراش خاراكتېرىدىكى تېمىلارنى بىر نەچچىسىنى قوشۇپ «ئۇششاق تېمىلار» قىلىپ تەستىقتىن ئۆتكۈزۈۋەتتى. k7:w  
بىر كۈنى ئۇ چوڭ - كىچىك تېمىلارنى تەكشۈرۈۋېتىپ توساتتىن يېڭى ئەزا تېمىسىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ ئىختىيارسىز سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى تەستە تۇراقلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ: .-flx9mr  
_ سىز ئەسلىدە ئارقا سەپتە ئىشلەۋېتىپتىكەنسىزدە؟ _ دەپ سورىدى. ئۇ شۇنداق دەپلا يۈرىكىنى يەنە كونترول قىلالماي قالدى. +5jVN  
_ ھەئە، يېڭىدىن يۆتكىلىپ كەلدىم، تېما بولۇش ئىنكاس بولۇشتىن تەس بولسىمۇ ئەمما شەرەپلىك _ دېدى يېڭى ئەزا تېمىسى كۆز ياشلىرىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ، ئۇ بۇرۇنقىدىن خېلىلا جۈدەپ قالغان ئىدى. lo;=L2fo  
_ بولغان ئىشلاردىن خەۋىرىم بار، _ دېدى تەھرىرلىگۈچ، _ سىزگە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى تۇغدۇرۇپ بەردىم. مەن ئەسكى! 9A(P7~  
_ ئۇنداق دېمەڭ! بۇ سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس. . . ئەمەلىيەتتە سىز ياخشى، ھۈ ھۈ. . ھەممىسى ئاشۇ پىتنە – پاساتچى ئىنكاسلارنىڭ تاپقان پەتىۋالىرى، _ يېڭى ئەزا تېمىسى شۇنداق دەپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى، _ سىزنىمۇ تېمىلاردا كۆرمىگىلى ئۇزۇن بوپ كەتتى. ئەسلى سىزمۇ ئۆسەك سۆزلەرگە چىدىماي بۇ يەرگە يۆتكىلىپ كېلىۋاپتىكەنسىزدە؟ مەن سىزگە ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىپتىمەن. جۈدەپ كېتىپسىز مانا. . .ھۈ ھۈ ھۈ! .1Tl<-BJ  
_ يىغلىماڭە، _ دېدى تەھرىرلىگۈچ بوغۇق ئاۋازدا، _ سىز يىغلىسىڭىز پۈتۈن مۇنبەر يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلىدىكەن ماڭا! @&*H>ykgQ  
ئەمما يېڭى ئەزا تېمىسى تېخىمۇ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ue73f|"M  
_ يالغان، سىز مېنى بەزلەۋاتىسىز! _ دېدى ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ. لېكىن كۆڭلىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن يالقۇنجاۋاتقان بىر خىل ئىللىق سېزىم ئاستا - ئاستا بەدىنىگە يامرىدى. p,#x .w/  
_ راست! _ دېدى تەھرىرلىگۈچ تۇنجى قېتىم يېڭى ئەزا ئىنكاسى بىلەن كۆرۈشكەندىكىدەك كەسكىن تەلەپپۇزدا. ئۇنىڭ يۈرەكلىرى بارغانسېرى دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. قەلبىگە ئۇزۇندىن بۇيان يىغىلىپ قېلىپ چىقىرالمايۋاتقان ئۈنچىلىرىنى تۆكۈۋەتتى: 5_O0# ~?U  
_ مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن چېغىمدىلا. . . شۇنداق چىرايلىقكەن دېگەنتىم. كېيىن سىزنىڭ ئۆينى تازىلىغان ھالىتىڭىزگە قاراپ سىزنى ئىشچانكەن دېگەنتىم. . .كېيىنچە تېمىلاردىكى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك ھالىتىڭىزنى كۆرمىسەم بىز مىنۇتمۇ چىدىيالمايدىغان بوپ قالدىم. . . مەن . . . مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. . .ماڭا ئىشىنىڭ، سىزنى تېمىلاردا كۆرمىگەن چاغلىرىمدا، ھېلىقى گۇيلارنىڭ قوش بىسلىق ھالەتلىرىنى، سىزگە قارىتىپ ھاقارەتلىك تۇرۇۋالغىنىنى كۆرگەندە ئازابتىن تولغىنىپ كەتتىم. . .بۇرۇن مەن بۇنداق بوپ باقمىغان! ماڭا ئىشىنىڭ! "<:QQjDR  
يېڭى ئەزا تېمىسى تەتۈر قارىۋالدى. قەلبىدە قانداقتۇر ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشكەندەك تۇيغۇ پەيدا بولدى. خۇشال بولدىيۇ، لېكىن يەنىلا ئاغزىنى ئۈمچەيتىۋالدى. ئۇنىڭ تەھرىرلىگۈچنىڭ يەنە قانداق كۆڭۈل سۆزلىرى بارلىقىنى بىلگۈسى باتتى. بۇنى تەھرىرلىگۈچ «قەلبىمنى تازا ئېنىق ئىپادىلىيەلمەي قالدىم» دەپ چۈشىنىپ يېڭى ئەزا تېمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا بارچە مۇھەببىتى بىلەن تىكىلدى: @SKjhi  
_ ماڭا ئىشەنمەيسىز شۇنداقمۇ؟ سىز خالىسىڭىز مەن سىزگە سىز خالىغان ئۇسۇلدا ئىسپاتلاپ بېرىمەن، ھەتتا مۇھەببىتىمنى تېما بولۇپ ئىپادىلەپ بېرەلەيمەن. ئوتقا دېسىڭىز ئوتقا، سۇغا كىر دېسىڭىز سۇغا كىرەي. . .، _ تەھرىرلىگۈچنىڭ يۈرەكلىرى تېخىمۇ دۈپۈلدەپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدى، _ مەن ھەتتا سىز ئۈچۈن ئۆلۈشكىمۇ. . . $}x'a2]  
_ ياق! ئۇنداق دېمەڭ! _ يېڭى ئەزا تېمىسى تەھرىرلىگۈچنىڭ ئاغزىنى قولى بىلەن توسۇۋالدى، _ ئاغزىڭىزنى ئۈشۈتمەڭ! vJ\7-217{G  
تەھرىرلىگۈچ گاڭگىرىغان ھالدا يېڭى ئەزا تېمىسىنىڭ كۆزىگە تىكىپ تۇراتتى. يېڭى ئەزا تېمىسىنىڭ قولىدىن چىقىۋاتقان خۇشبۇي پۇراق ئۇنىڭ تومۇرلىرىغىچە سىڭىپ بايىقى دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىمۇ ئاستا - ئاستا جايىغا چۈشتى. يېڭى ئەزا تېمىسى تەھرىرلىگۈچكە لەپپىدە بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ: qZ 3x 4_  
_ سىزگە ئىشىنىمەن! ئۆلۈمنىڭ گېپىنى چىقارماڭ، مەنمۇ. . .سىزنى. . . _ دېدى ۋە كۈلۈپ يەنە يەرگە قارىۋالدى. '>y$@we  
_ ۋاھ! مەن غەلبە قازاندىم، مەن غەلبە قازاندىم! ۋۇۇۇۇۇۇ {MUI<0@  
تەھرىرلىگۈچ ۋارقىراپ، خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كېتىۋاتقاندا يېڭى ئەزا تېمىسى ئۇنىڭغا ئەتراپنى ئىشارەت قىلىپ: L hQ"kB  
_ ھەي، بولدى قىلىڭ! باشقا تېمىلار كۆرۈپ قالسا سىزنى ساراڭ بوپقاپتۇ دېمىسۇن يەنە، _ دېدى - دە، ۋىللىققىدە كۈلۈپ كەتتى. nzc6K?XbL  
_ ۋاي - ۋۇي، ئۇنداق دېمەيدۇ، مەن بەك خۇشال ھازىر، _ دېدى تەھرىرلىگۈچ قوللىرىنى كەڭ يېيىپ، _ سىزنى بىر قۇچاقلىۋالسام بولامدۇ؟  
_ ياق! 6T~-t0x  
_ ياق دېگەنلىك ھە ئە دېگەنلىك. M-Or S>  
_ ئەمسە ھەئە! |;R\!  
_ خا خا!. . .ھەئە دېگەنلىكمۇ ھەئە دېگەنلىك.....خا خا خا... ]z]dW`/  
_ ئەسكى! T[5Jkbxi  
_ بايام ياخشى دەۋاتاتتىڭىزغۇ؟ S,l >.0  
تەھرىرلىگۈچ يېڭى ئەزا تېمىسىنىڭ قولىدىن تارتىپلا ئۆزىگە چىڭ چاپلىۋالدى. تەھرىرلىگۈچ يېڭى ئەزا تېمىسىنىڭ چاچلىرىنى پۇرىغاچ دېدى: Xy'_7]4r  
_ بەك مەززلىك پۇرايدىكەنسىز ,[u\3>m,h  
_ رەھمەت! )Ps-QpD  
_ بەدىنىڭىزمۇ بەك يۇمشاقكەن! u4t.7*Pc  
_ ساراڭ! K".]QEQzA  
_ ھې ھې ھې. . .ساراڭ دېگەنلىك سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەنلىك جۇمۇ! Bb02}  
_ ساراڭ، ساراڭ، ساراڭ تازا! uM*~_Qh  
ئىككىسىنىڭ تاتلىق سۆھبەتلىرىنى بىر تېما بۆلۈۋەتتى: `#{OcYDJA\  
_ ھوي! بىز تەستىقتىن ئۆتەمدۇق - ئۆتمەمدۇق؟ خىزمەت ۋاقتىدىمۇ مۇھەببەتلەشكەن بامۇ؟ ig7@l_`O  
ئۇلار ئىككىسى خىجىل بولۇشۇپ قوللىرىنى بوشىتىپ بىر - بىرىدىن ئاجرىدى. t*4hi=%E  
_ سۇبھىنۇر ھەققىدە خۇش خەۋەر دېگەن تېمىكەن، _ دېدى تەھرىرلىگۈچ، _ ئاۋۋال تەكشۈرۈۋېتىپ ئاندىن تەستىقتىن ئۆتكۈزەمدۇق يا تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ئاندىن تەكشۈرەمدۇق؟ *\C[Q\k  
_ ئاۋۋال تەستىقتىن ئۆتكۈزۈۋېتەيلى، _ دېدى يېڭى ئەزا تېمىسى، _ ھازىر پۈتۈن سەلكىنداشلار سۈبھىنۇرنىڭ كېسىلىنىڭ شىپا تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان پەيتتە بۇ تېمىنى بىر مىنۇت كېچىكتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ، سەلكىنداشلارنى خۇشال قىلىدىغانلار ئىش بولسا ئاۋۋال تەستىقلاپ ئاندىن تەكشۈرسەكمۇ بولىدۇ. )]X.3U{  
_ دېگىنىڭىز توغرا! _ دېدى تەھرىرلىگۈچ خۇشال ھالدا بايىقى تېمىنى تەستىقتىن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ، _ بۇندىن كېيىن سىزمۇ يۆتكىلىپ كېلىپ مەن بىلەن ئىشلەڭ، بىز بىرلىكتە تېمىلارنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا بىللە كۈچ چىقىرايلى. V5n%}Gg  
_ مېنىڭ شۇنداق قىلغۇم باتتى، _ دېدى يېڭى ئەزا تېمىسى سەمىمىيلىك بىلەن، _ لېكىن تېمىنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىگە سەل قارىساق بولمايدۇ. سىزگە تېمىنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇڭ، مەن ئىنكاسلارغا مەسئۇل بولاي يەنە ئامال بار يېڭى تېمىلارنى سەلكىنگە كېلىشكە دەۋەت قىلىمەن، كوچا - كويلارغا ئېلان چاپلايمەن. Wdt(9+pO  
_ دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق، _ دېدى تەھرىرلىگۈچ بېشىنى لىڭشىتقاچ رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ، _ لېكىن سىز ھېلىقىدەك گۇيلارنى ئوڭشايمەن، دەپ جاپا تارتىپ قالارسىزمۇ ئەمدى؟ d\6i}WoZ  
_ ھېچقىسى يوق، سەلكىنداشلار ئۈچۈن ھەم ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ئۇنچىلىك جاپانى تارتىشقا مەن رازى! سىزمۇ جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز! m9CFOtP  
_ ياخشى! _ تەھرىرلىگۈچ تېخىمۇ روھلىنىپ كەتتى، _ مەنمۇ رازى! ئەمدى ناچار تېمىلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايمەن، پاخال تېمىلارغا بېرىلىدىغان باھا «كەينىڭگە قايت!» *)F#j]q|!  
_ ئەمسە مەنچۇ؟ oHR ^ 7d8  
_ ۋوي، سىزنى ئاۋۋال تەستىقتىن ئۆتكۈزۈۋېتەي ھە ئاندىن ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز تەكشۈرۈڭ، بۇنىڭدا ماڭا ياردەملەشكىنىڭىز بولىدۇ. 4KQa#  
_ دېمىسىڭىزمۇ شۇنداق قىلىمەن. Z#FISqJ  
_ ھە شۇنداق بولسۇن ئۆتۈڭە تېز! سەلكىنداشلار سىزگە موھتاج! x]D 6Q3sUB  
_ خوش، ئاللاغا ئامانەت! 7_Xsjz?,   
_ خوش، سىزنى سېغىنىمەن، ئاللاغا ئامانەت! Q<{eF?|  
_ مەنمۇ شۇ! 0LapU_  
. . . F?? zT  
rS+`#aq  
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ يېڭى ئەزا ھازىر ئالىي ئەزا بوپتۇمىش، شۇڭا ئالىي ئەزانىڭ تېمىسى باشقۇرغۇچىنىڭ تەستىقىسىزمۇ مۇنبەرگە چىقىۋېرىدىكەن. تەھرىرلىگۈچ ئالىي ئەزا تېمىسىنى سېغىنغاندا ئۇنى تەكشۈرىمەن، دەپلا كىرىۋېرىدىكەن - دە، ئىككىسى تۈگىمەس شېرىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتىدىكەن. . . a*o?z{F(`  
C +1^7D  
ھې ھې ھې . . . كىم بىلىدۇ، سىزنىڭ تېمىڭىز ياكى ئىنكاسىڭىزمۇ بىرەر سەلكىنداشنىڭ تېمىسى ياكى ئىنكاسى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتامدۇ تېخى. . .
"av=i;]M  
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+100(ئەلـزات) ajir
  • شۆھرەت:+100(ئەلئارا) qiraylik kuldum
  • شۆھرەت:+300(گۈل-چۈشى) sat kuliwattim
  • ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    | ۋاقتى : 2008-09-11 11:36 [باش يازما]
    يۇلغۇنئوغلى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 14086
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 739
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە739دانە
    شۆھرەت: 742 كىشىلىك
    پۇل : 505825 سوم
    تۆھپە: 130 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1029 نۇمۇر
    قوللاش: 866 نومۇر
    ئالقىش: 1249 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :472(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھى ھى ھى``````ھەقىقەتەن تەسەۋۇرغا باي جۇمۇ سىز ``````نادىر تېمىلىرىڭىزغا تەشنامىز `````
    Gulyar tori
    تەدبىرىڭ قانداق بولسا  تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
    | ۋاقتى : 2008-09-11 11:42 1 -قەۋەت
    كارتون0998
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2429
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 260
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە260دانە
    شۆھرەت: 296 كىشىلىك
    پۇل : 2463 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 270 نۇمۇر
    قوللاش: 274 نومۇر
    ئالقىش: 285 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :524(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋۋال ئورۇن ئىلىپ قوياي سەلتۇرۇپ ئەستايىدىل پىكىر قىلامەن !
    ياخشىلىققا -ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى،يامانلىققا-ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى.
    | ۋاقتى : 2008-09-11 11:43 2 -قەۋەت
    تەنھاشەمشاد
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7925
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 123
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە123دانە
    شۆھرەت: 130 كىشىلىك
    پۇل : 874 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 150 نۇمۇر
    قوللاش: 134 نومۇر
    ئالقىش: 193 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مىنىڭ ئىنكاسلىرىم ئەزەلدىن ئۆزۈمگە ئوخشاش بويتاق يۈرىيدۇ  
    http://blog.9saray.com/1167
                سەلكىن چ چ توپى. تورداشلا خالىساڭلا ماۋۇ توپقا كىرىڭلا!
                                                        51789965
    | ۋاقتى : 2008-09-11 11:46 3 -قەۋەت
    دوستۇم
    ئاللاغا ئامانەت!!!
    تەشۋىقات ئەلچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر باشقۇرغۇچى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


    UID نۇمۇرى : 4079
    نادىر تېما : 26
    يازما سانى : 4291
    ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4291دانە
    شۆھرەت: 12397 كىشىلىك
    پۇل : 3851 سوم
    تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4782 نۇمۇر
    قوللاش: 3791 نومۇر
    ئالقىش: 4532 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :1306(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-06
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوخخو!  
    bugra

      قەلبىمدە تەنھالىق بار، ئۇنىڭغا اﷲنىڭ ئۈنسى- ئۈلپىتىلا بەرھەم بېرەلەيدۇ.
      قەلبىمدە جاراھەت بار، ئۇنى اﷲنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىشتىن باشقا نەرسە ساقايتالمايدۇ.
      قەلبىمدە قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك بار، ئۇنى اﷲ تەرەپكە قايتىشتىن باشقا نەرسە كەتكۈزىۋېتەلمەيدۇ.
        Do what you love       Love what you do

    img: http://1834.img.pp.sohu.com.cn/images/2008/7/16/14/6/11bd025e61dg215.jpg
    | ۋاقتى : 2008-09-11 11:51 4 -قەۋەت
    ئەزىزان
    ئەزىزان تور ئەدەبىياتى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 7685
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2174
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2174دانە
    شۆھرەت: 2842 كىشىلىك
    پۇل : 862 سوم
    تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1009 نۇمۇر
    قوللاش: 782 نومۇر
    ئالقىش: 2189 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :783(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مېنىڭ ئىنكاسلىرىم جاھان ئىشلىرىدىن بىخەۋەر ... 9JQ' }SS  
    Afe=nXwm  
    رىشتىسىزلەر ناتونۇشتۇر گەرچە يېقىن بولسىمۇ ، #cGj,( ?  
    رىشتى بىر يەتكەي ۋىسالغا تاغۇ-دەريا توسسىمۇ ... a9g:nD  
    Q)6M \R<  
    izdax.com
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:02 5 -قەۋەت
    زىبائاي
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 15005
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 1723
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1723دانە
    شۆھرەت: 11598 كىشىلىك
    پۇل : 58000 سوم
    تۆھپە: 5450 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2428 نۇمۇر
    قوللاش: 1465 نومۇر
    ئالقىش: 4616 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :586(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

      ئاللا  سىز گە قايىل بولماي بولامدۇ .  تەسەۋۋۇر مىلىيونېرىمۇ نېمە سىز ؟ تېمىلىرىڭىز ئادەمنى پەقەت زېرىكتۈرمەيدىكەن ،  ناىدر تېمىلىرىڭىز ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن . GT!f-9tO  
       قارىغاندا مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغۇدەك    . (چاقچاق )
    [ بۇ يازما زىبائاي تەرپىدىن 2008-09-11 12:51 دە قايت ]
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:14 6 -قەۋەت
    قـــوزام
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18431
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 492
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە492دانە
    شۆھرەت: 756 كىشىلىك
    پۇل : 4591 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 410 نۇمۇر
    قوللاش: 397 نومۇر
    ئالقىش: 447 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :158(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك سەت كۇلىۋەتتىم بەزى يەرلىرىنى ئۇقۇغاندا ؟ .*#g/fgl1<  
    ياسانغان ئىنكاس دىگەن قانداق ئىنكاس ؟ بويى ئوسكەن ئىنكاس دىگەنچۇ ؟ EKbLZ.tw>  
    مىنىڭ ئىنكاسىم قانداق ئىنكاسقا كىرىدۇ ؟
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:15 7 -قەۋەت
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6558
    ئۇنۋان:23 دەرىجە ھازىرغىچە6558دانە
    شۆھرەت: 8996 كىشىلىك
    پۇل : 42508 سوم
    تۆھپە: 101 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 6669 نۇمۇر
    قوللاش: 6493 نومۇر
    ئالقىش: 6096 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى :1196(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈندە تورغا چىقىمەن يىڭى ئىنكاس ئۈچۈن '^Q {o  
    WY~~S^fRi  
    wO"tv;MT  
    يىڭى ئىنكاس T]Mo`&W)  
    E*;G.XE$N  
    ئەمدى كەلدىڭىزما rt`{"X  
    -eu "6G '  
    تەھرېرلىگۈچ بىلەن يىڭى ئىنكاس،توردا مۇھەببەتلەسمەيلى ماقما؟ gr1$w3l!  
    qarluq
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:21 8 -قەۋەت
    دىلنۇرۇم
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 14118
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 170
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە170دانە
    شۆھرەت: 370 كىشىلىك
    پۇل : 1215 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 201 نۇمۇر
    قوللاش: 185 نومۇر
    ئالقىش: 241 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :543(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يېقىندىن بېرى سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن، سىزدىكى تەسەۋۋۇرغا تولىمۇ قايىلمەن. نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن، رەخمەت قېرىندىشىم!
    qarluq
      ئويلاپ سۆزلەڭ  ! 
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:22 9 -قەۋەت
    يىلتىز
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7611
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 63
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە63دانە
    شۆھرەت: 83 كىشىلىك
    پۇل : 557 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
    قوللاش: 87 نومۇر
    ئالقىش: 142 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :321(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ھازىر بىرسىنى ياخشى كۇرۈپ قالدىم ، بەلكىم ئىنكاسىممۇ  بوش كەلمىگەندۇ ھاھاھا &L8hs-/0  
    P THf2r  
    بۇ تېمىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇپ قالدىم ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچى بولۇش لاياقەتلىك ، ساپالىق ئىنكاس يېزىشنىڭ ئۆزى بىر تالانت ھاھاھاھا  رەخمەت !
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:28 10 -قەۋەت
    ناتىق
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 88
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 87
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە87دانە
    شۆھرەت: 96 كىشىلىك
    پۇل : 5441 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 105 نۇمۇر
    قوللاش: 93 نومۇر
    ئالقىش: 131 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت %G**hXm'  
    تىمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقىۋاتىمەن
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:31 11 -قەۋەت
    پەرى001
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17125
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 208
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە208دانە
    شۆھرەت: 209 كىشىلىك
    پۇل : 1516 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 319 نۇمۇر
    قوللاش: 214 نومۇر
    ئالقىش: 235 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :190(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۆۋە ما ئىشلارنى ئەمدى، ما ئىنكاسچاقلارمۇ -ھە؟! P\ 
    <مال ئىگىسىنى دورىمىسا گۆشى ھارام>دىگەن شۇمۇ يا؟
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:37 12 -قەۋەت
    شىرزات55
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 180
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە180دانە
    شۆھرەت: 379 كىشىلىك
    پۇل : 1510 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 260 نۇمۇر
    قوللاش: 220 نومۇر
    ئالقىش: 360 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :466(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەسەۋۋۇرغا  باي  ئۇستا  يازغۇچى  ئىكەنسىز  جۇمۇ  سىز    
    qarluq
    مەرد ياشا
    | ۋاقتى : 2008-09-11 12:42 13 -قەۋەت
    يولۋاسچاق
    تۇتۋالدىغان بولسام ، خەپ .....
    يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 1360
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2447
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2447دانە
    شۆھرەت: 212 كىشىلىك
    پۇل : 856028 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2693 نۇمۇر
    قوللاش: 2537 نومۇر
    ئالقىش: 2911 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :308(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز بۇنى
    qarluq
    ئويغۇر ، ئويغۇردەك ياشىغىن مەغرۇر
    ھەممىدە بولمايدۇ ۋىجدان ۋە غۇرۇر                       
    يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز
    دىنىڭ ئىسلامدۇر ، مىللىتىڭ ئويغۇر
    | ۋاقتى : 2008-09-11 13:51 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040