بۇ تېما ۋاقىتلىق نادىرلاندى
فىلىمنى كۆرگەچ مۇنۇ ئاستىدىكى قۇرلارغا دىققەت قىلىڭ ......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مۇنبىرىمىزدە سۈبھىنۇرنى يوقلاپ كەلگەنلىك توغرىسىدىكى تىما يوللانغاندىن كىيىن ، نۇرغۇن تورداشلار قىسقا ئۇچۇر ھەم ئىنكاس ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئىشتىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ ، مۇمكىن بولسا يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلسە دىگەن ئۈمىدىنى يەتكۈزگەنىدى . ئۇنڭىدىن باشقا يۇرت يۇرتلاردىكى تورداشلاردىنمۇ ئۇچۇر كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراقلىقىنى ، بولسا تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئايرىم بىلدۈرسە ياخشى بولىدىغانلىقى ئېيتتى . ھەم بۇنداق قىلساق ئۈنۈمى ياخشى بولغۇدەك ، مۇشۇ كەمگىچە پۇل سېلىۋەتتتۇق دىگەن خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ . ئەمما ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئەمەس . ئىنىق بولسۇن ئۈچۈن تورداشلارغا ئايرىم بىر كارتا تۇتۇپ يىغىلغان پۇلنى شۇ كارتىغا سېلىشنى توغرا تاپتۇق . ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمىز . ھازىر سۈبھىنۇرنىڭ 3 _ قېتىملىق خىمىيەلىك داۋالىنىشى ئاخىرلاشقان بولۇپ ئازلا ۋاقىتتىن كېيىن كىندىك قېنىنى كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى باشلىماقچى . دىمەك ۋاقىت تولىمۇ قىس . بۇ ھەقتە مۇنبەرلەرگىمۇ تولا بىر نەرسىلەرنى يوللاپ كەتتۇق . سىلەرمۇ نىمانداق تولا يوللاۋېرىسىلەر دەپ زىرىكىپمۇ كەتكەنسىلەر ... لىكىن غۇلاچقا چىداپ غېرىچقا چىدىمىساق بولماس شۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟
ھازىر سالامجان ئاكا بىلەن بىر قانچە تورداش دوستلىرىمىز تەرەپ - تەرەپكە چېپىۋاتىدۇ . جەمئىيىتمىزدىكى ساخاۋەتلىك كىشىلىرىمىزمۇ ئۆز ياردىمىنى ئايىماي سۇنۇۋاتىدۇ ( 40 مىڭ يۈئەندى ئاشتى ) تىلىفۇن ئۇرۇپ سۈبھىنۇرنىڭ ئەھۋالىنى سورايدىغانلار ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىلىۋاتقانلار چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ . نەچچە كۈن ئاۋۋال مەلۇم بىر ساخاۋەتلىك كىشى 11000مىڭ يۈئەن ياردەم قىلدى . 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىز قىز دادىسى مومىسىنى باشلاپ سۈبھىنۇرنى كۆرگىلى كەپتۇ ....ئۇ قىزمۇ 500 يۈئەن پۇلنى سۈبھىنۇرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ نۇرغۇن ياخشى گەپلەرنى قىلدى شۇ كۈنى ياتاقنىڭ ئىچى 20 نەچچە ئادەم بىلەن توشقان ئىدى .... سۈبھىنۇرنىڭ كىسىلىنىڭ تىزراق ساقىيىپ كىتىشىنى ئاللادىن تىلەپ بىرلىكتە دۇئا قىلدۇق . قايسى كۈنى غۇلجىدىن بىر ئايال كىلىپ يوقلاپ كەتتى تۈنۈگۈن كىچە شىنجىندىكى تىلىفۇن سودىسى قىلىدىغان بىر يىگىت تىلىفۇن قىلىپ ئۆز بۇرادەرلىرى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىمەك ئەتراپىمىز ياخشى كىشىلەر بىلەن توشۇپ تۇرۇپتۇ .
شۇنداق بولغان ئىكەن سالامجان ئۆزىنىڭ ئىچكى ئەزالىرى بىلەن كۆزىنى ساتمىسۇن ، ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكمىسۇن ،، سۈبھىنۇر ساقايسا ئۇنى باقىدىغان ئائىلىسنىڭ چىقىملىرىنى تاپىدىغانغا يەنە بىر ئاتا لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان چېغىمدا چىمەلتەك قىز تىلىفۇن ئۇرۇپ قالدى دېيىشىچە بېيجىڭدىن خەۋەر كەلگەن بولۇپ 600 ئادەمنىڭ ئىچىدە پەقەت سۈبھىنۇر بىلەن ئىنىسىنىڭ كىندىك قېنى ماس كەلگەن ئىكەن .
ئەسلى گەپكە كىلەي بىز ئۆزىمىزنى سالامجاننىڭ ئورنىغا ۋە سۈبھىنۇرنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ باقايلى ....................بىر ياخشلىق ئۇنتۇلماس ، بىر يامانلىق ............
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«زاكات بىرىپ مېلىڭلارنى،سەدىقە بىرىپ جېنىڭلارنى قوغداڭلار »دېگەن.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
ئى بەندەم! كېسەل بولۇپ قالسام يوقلاپ قويمىدىڭ،
بەندە: ئى ئاللاھ! ئالەملەرنىڭ خوجىسى بولغان سېنى قانداقمۇ يوقلىيالايمەن؟ دەيدۇ.
ئاللاھ: بىلمەمسەن؟ مېنىڭ يېقىن بەندەم ئاغرىپ قالسا يوقلىمىدىڭ. ئۇنى يوقلىغان بولساڭ، مېنى ئۇنىڭ يېنىدا تاپاتتىڭ،دەيدۇ.
ئاللاھ: ئى بەندەم! تاماق تەلەپ قىلسام، بەرمىدىڭ،دەيدۇ.
بەندە: ئى ئاللاھ! ئالەملەرنىڭ خوجىسى بولغان ساڭا قانداقمۇ تاماق بېرەلەيمەن؟ دەيدۇ.
ئاللاھ: بىلمەمسەن؟ مېنىڭ يېقىن بەندەم تاماق تەلەپ قىلسا. تاماق بەرمىدىڭ. ئۇنىڭغا تاماق بەرگەن بولساڭ، مېنى ئۇنىڭ يېنىدا تاپاتتىڭ،دەيدۇ.
ئاللاھ: ئى بەندەم! ئىچىملىك(سۇ) تەلەپ قىلسام، بەرمىدىڭ،دەيدۇ.
بەندە: ئى ئاللاھ! ئالەملەرنىڭ خوجىسى بولغان ساڭا قانداقمۇ ئىچىملىك(سۇ) بېرەلەيمەن؟ دەيدۇ.
ئاللاھ: بىلمەمسەن؟ مېنىڭ يېقىن بەندەم ئىچىملىك(سۇ) تەلەپ قىلسا. بەرمىدىڭ. ئۇنىڭغا (سۇ بېرىپ) ئۇسسۇلۇقىنى قاندۇرغان بولساڭ مېنى ئۇنىڭ يېنىدا تاپاتتىڭ،دەيدۇ.
سەھىھ مۇسلىم، كېسەل يوقلاش توغرىسىدىكى بابىدىن.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
`ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ : ئى رەسۇلۇللا ، قايسى خىلدىكى سەدىقىنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ ؟ دەپ سورىدى .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : سەن كەمبەغەللىشىپ قېلىشتىن قورقۇپ تۇرغان ، پۇل-مالغا ھىرىس بۇلۇپ تۇرغان ، ساغلام تۇرغان ۋاقتىڭداقىلغان سەدىقەڭنىڭ ساۋابى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ .
سەدىقە بېرىشنى كېچىكتۈرمىگىن ، كېچىكتۈرۈپ جان ھەلقۇمىغا يەتكەندە ، پالانىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار پۇكۇنىغا مۇنچىلىك بېرىڭلار دىگىنىڭ بىلەن ، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ ئىلكىگە ئۈتۈپ بولغان بۇلىدۇ .
ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن : بەرگۈچى قول تىلىگۈچى قولدىن ياخشى ، سەدىقىنى سەن ئالدى بىلەن
سەن تەمىنلەشكە تىگىشلىك ئادەملەرگە (ئاناڭغا ،ئاندىن ئاتاڭغا، ئاندىن ئاچا-سىڭلىڭغا،
ئاندىن ئاكا-ئۇكاڭغا ، ئاندىن دەرىجە بويىچە ساڭا يېقىن بولغانلارغا )بەرگىن ، بايلىقتا
بېرىلگەن سەدىقە ئەۋزەل سەدىقىدۇر . كىمكى ئاللادىن كىشىلەردىن نەرسە تىلەشتىن ساقلاشنى
تەلەپ قىلسا ، ئاللا ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بېرىدۇ ، كىمىكى ئاللادىن بايلىقنى تىلىسە ئاللا ئۇنى
باي قىلىدۇ .
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن : كىشىلەرگە ھەركۈنى ئاسماندىن ئىككى پەرىشتە چۈشۇپ ، ئۇلارنىڭ بىرى ؛ئى
ئاللا سېخى ئادەمگە ئۇنىڭ خەيرى- ئىھسان قىلىپ بەرگىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن
دەيدۇ ، يەنە بىرى : بىخىلنىڭ مېلىنى تىرىپىسىن قىلىۋەتكىن ، دەيدۇ .
مەنبە ؛ سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى ناملىق كېتاپتىن ئېلىندى .
中国农业银行 جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك بانكىسى
كارتا نۇمۇرى:9559980890439319215
كارتا ئىگىسىنىڭ ئىسمى:خالىدەم شىرىپ[ 哈力旦 西热普 ]
تورداشلار پۇلنى مۇشۇ كارتىغا سالساڭلار بولىدۇ ......
بۇ كارتىنى بىجىرىشىمىزدىك سەۋەب نۇرغۇن تورداشلار قىسقا ئۇچۇر ھەم ئىنكاس ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بۇ ياخشى ئىشتىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئېيتىپ ، مۇمكىن بولسا يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلسە دىگەن ئۈمىدىنى يەتكۈزگەنىدى . ئۇنڭىدىن باشقا يۇرت يۇرتلاردىكى تورداشلاردىنمۇ ئۇچۇر كىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئارىلىقى يىراقلىقىنى ، بولسا تورداشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئايرىم بىلدۈرسە ياخشى بولىدىغانلىقى ئېيتتى . ھەم بۇنداق قىلساق ئۈنۈمى ياخشى بولغۇدەك ، مۇشۇ كەمگىچە پۇل سېلىۋەتتتۇق دىگەن خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىۋاتىدۇ . ئەمما ، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئەمەس . ئىنىق بولسۇن ئۈچۈن تورداشلارغا ئايرىم بىر كارتا تۇتۇپ يىغىلغان پۇلنى شۇ كارتىغا سېلىشنى توغرا تاپتۇق.
ئۈرۈمچى رايونىدىكى سۈبھىنۇرنى يوقلاپ كىلىشنى ، ھەمدە ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈشنى خالايدىغان تورداشلار بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز .
13009627648 ئالىپ تىكىن
15999193673 ياخشىلىق
ۋاقتى:شەنبە كۈنى يەنى 13 - چىسلا چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدە تىببىي ئۇنۋېرسىتىت قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا
سالام ياخشى يولغا ماڭغان كىشىلەرگە .
[ بۇ يازما ئالىپتىكىن تەرپىدىن 2008-09-11 14:35 دە ق ]