ئازاب قوڭغۇراقلىرى
1
سىلكىنىۋاتقان تاشلارنىڭ ئاراشلىرىدىن پارلاۋاتقان ئەي ، باھار تەبەسسۇمى ؛ قارچۇقۇڭغا يىلتىز تارىتقان قىزىلگۈل بەرگىگە دۇنيا بۆلەنمەكتە . شەپەق مىھرى چۇڭقۇرلۇقىغا ئۇۋا سالغان شېئىرلىرىم قۇياش قاينىمىدىن بۆيۈكلۈك گۈلشىنىگە شۇڭغۇماقتا . چايقىلىپ ئاققان مەنزىللەردە لاۋۇلداپ يانغان ئىزلىرىم روھىيەت قوڭغۇرىقىنى جاراڭلاتماقتا .
ئەي ، شائېر ؛ ۋەھىيسىمان كۈيلىرىڭدە ھامىلىدار بولغان تەبىئەت پەر سىلكىمەكتە . تەمتىرىمە ! ... شەپەقنى يۇلۇپ ئانىلارنىڭ چېھرىگە قىسىپ قوي !! .........
2
جېنىم ئانا ، قارىغىنا يۇلتۇزلارغا ! ... ئۇنىڭدا چاقناۋاتقىنى سېنىڭ ئۈمىدلىرىڭ ، بىپايان چەكسىزلىكتە شىددەتلىك مەۋج ئۇرۇپ تۇرغىنى سېنىڭ قەلبىڭ ، ئەتىگەندە شەرىقتىن چىقىپ پۈتۈن كائىناتنى نۇردا يۇيۇۋاتقىنى - سېنىڭ ئانىلىق مىھرىدە چاقنىغان يۈرىكىڭ ئەمەسمۇ؟!! ...
3
گۈلخانلاردىن كۆزۈڭنى ئۈز بالام ، ئۇ - داداڭنىڭ قەدەم ئىزى . يۇلتۇزلارغا قاراپ ھەيران بولما ، ئۇ -مېھرىبان ئاناڭنىڭ ساڭا باققان نۇرلۇق كۆزى ! ...
4
تەكلىماكان قۇملىرىغا كۆمۈلگەن بىر ناخشا بار . بۇ ناخشا گەرچە ئۇنتۇلغاندەك قىلسىمۇ ، ئەمما ئەسىر - ئېرالارنىڭ تومۇرلىرىدا ھاياتلىق بۇلىقىدەك مەڭگۈ توختىماي كۈۋەجەپ ئاقىدۇ . بۇ زامانىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىسىدە چەمبىرەكلەنگەن مىللىي روھ ، ئۇ گويا ئەپسۇنلانغان بىر تال تاش . بۇ تاش قارىماققا كۆرۈمسىز ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىنى قېلىن چاڭ - توزانلار بېسىپ ، ئادەتتىكى تاشلاردىن پەرىقسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان . ئەگەر ئۇ سۈرتۈلسە ئۇنىڭ ئادەتتىكى تاش ئەمەس ، بەلكى پارلاق نۇر تاراتقۇچى بىباھا گۆھەر ئىكەنلىكى زاھىر بولاتتى ! ...
2006 -يىل ، فېۋرال ، قەشقەر
ئاپتورى:غەنىزات ئۇيغۇر
[ بۇ يازما ياخشىلىق تەرپىدىن 2008-09-10 16:19 دە قاي ]