كەلگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك .
pvA_okw`u t2eMUP[\ ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
^_$^5%1g P>j6\G~bu ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .قىرىنداشلار ئالدىنقى ساندا جىنلار تۇغۇرلۇق ئۇمۇمي مەلۇمات دىن سۆزلىگەن ئىدۇق . بۇگۇن تىخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا سۆزلەيمىز.
^KfM$4(DBq 8Upm داۋامى ..
9QYaJ>? gggL3 Oi=U1=:.t UZum.{X7s 6.جىن شەيتانلار ھەر خىل شەكىلدە بولالامدۇ .
GQi\F@# جىن شەيتانلارنىڭ ئوخشاشمايدىغان شەكىل ۋە ھەر تۈرلۈك رەڭدە بولالىشى بىر ھەقىقەتتۇر . بۇنىڭغا قۇلاق ئاڭلىغان، كۆز كۆرگەن دەلىللەر بار ، ئەقىل ئالدىدىمۇ مۈمكىن ئىش . مۇنداق بولىشى مۇمكىن دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئەقىل ئالدىدا زىت كېلىدىغان بىر نەرسە يوق.
44XC3@l جىننىڭ ھەر خىل شەكىلدە بولىدىغانلىقىغا خەۋەر، دەلىللەر تۆۋەندىكىلەر ؛
fek.|J{* 1) شەيتاننىڭ (ئىبلىسنىڭ) مەككىدىكى مۇشرىكلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئاچقان سىياسىي كېڭەش مەجلىسىگە قاتناشقانلىقى بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خالايىقنى ئىسلامغا چاقىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، رەسۇلۇللانى قاماش ياكى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ياكى ئۆلتۈتۈش توغرىسىدا ھەر خىل پىكىرلەرنى ئوتتۇردا قويۇشۇۋاتقاندا ئىبلىس ئۇلار قىشىغا نەجدى ئۆلكىسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئادەملىرىدىن بىر ئادەمنىڭ سۈرىتىدە بولۇپ كىرىپ، يىغىنغا ۋە گەپ- سۆزگە ئارلىشىپ ، كۆپرەك ئادەمنىڭ پىكىرىنى قۇۋەتلىشىپ بەرگەن ، ئۇ ئاخىرسىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ قەبىھ ۋە بۇزۇق پىكىرگە باشقىلارنى كۆندۈرگەن .
"!#4a3< بۇ ئىش شۇنچە مەشھۇركى ، ئۇنى يالغانغا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس، ھەتتا گۇمانلىق قاراشقىمۇ ئورۇن يوق .
>v %{*) 2)مەدىنە شەھىرىنىڭ جىنلىرىدىن بىر جىننىڭ يىلان سۈرتىدە بولغانلىقىنى ئىمامى مۇسلىم ئەبۇ سەئىد خۇدەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلدى . بۇ كىشى دېدىكى؛ << بىز ئەسھابىلاردىن يىڭىدىن ئۆيلەنگەن بىر ياش يىگىت بار ئىدى . بىز رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام بىلەن خەندەككە (مەدىنىنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن مەدىنە ئەتراپىغا خەندەككە كولاشقا) مەشغۇل بولغان كۈنلەردە ، مەزكۇر ياش ساھابە چۈش ۋاقتىدا رەسۇلۇللادىن رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىرىپ كېلەتتى . بىر كۈنى يەنە رۇخسەت سورىدى. رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا؛<< قۇرالىڭنى ئىلىۋالغىن . قۇرەيزە كاپىرلىرىنىڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن>> دېدى . ئۇ يىگىت قۇرالىنى ئىلىپ ئۆيگە كەتتى .......... بارسا ، خوتۇنى تاشقىرى ئىشىكىدە ئۆرە تۇرغان ئىكەن. خوتۇنىنىڭ يات ئادەملەرگە كۆرۈنگىنىگە غەزەپلىنىپ خوتۇنىغا نەيزە تىقماقچى بولدى . خوتۇنى ئۇنىڭىغا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال! ئاۋۋال ئۆيگە كىرىپ باق. مىنى سىرىتقا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان نەرسىگە قارىغىن! دېدى . ئۇ يىگىت ئۆيگە كىردى. چوڭ بىر يىلان كۆرپە ئۈستىدە يۇمۇلاق بولۇپ ياتقان ئىكەن. يىلانغا نەيزە تىقتى. يىلان نەيزىگە قاتار تىزىلدى . ئاندىن سىرىتقا چىقىپ نەيزىنى يىلان بىلەن بىللە يەرگە چوقۇپ قويدى. يىلان چاچراپ يىگىتكە ئۆزىنى ئاتتى ، يىگىتمۇ ، يىلانمۇ ئۆلدى . قايسى بۇرۇن ئۆلگىنىنى بىلگىلى بولمىدى>>. سەھىھۇل مۇسلىم ھەدىسى.
oX5\C#:c 3)شەيتاننىڭ ئادەم سۈرتىدە كېلىپ، سەدىقە خورمىدىن ئوغۇرلىغان. ئىمامى بۇخارى ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلدىكى؛ رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالاتۇۋەسسالام ئەبۇ ھۇرەيرىنى زاكاتقا يىغىلغان خورمىنى ساقلاشقا مەسئۇل قىلغان ئىدى. بىر جىن(شەيتان) ئادەم سۈرتىدە بولۇپ كېلىپ سەدىقە خورمىنى ئالغىلى تۇردى. ئەبۇ ھۇريرە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولۇۋىدى. ئۇ ئۆزى ۋە باللىرىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ قىلىپ ئۆزرى ئېيىتتى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئۇنى قويۇپ بەردى. ئىككىنجى قىتىم يەنە ئوغۇرلىدى. يەنە قويۇپ بەردى . ئۈچىنجى قېتىم يەنە كېلىپ خورما ئالغىلى تۇرغاندا ئەبۇ ھۇرەيرە تۇتۇۋىلىپ. رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام قېشىغا ئېلىپ بارماقچى بولدى. لېكىن شەيتان ئۆزرى ئېيتىپ يالۋۇردى ۋە ئەبۇ ھۇرەيرىنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تىلىدى ۋە << ئۇنىڭ ئررنىغا قۇرئاندىن بىر ئايەت ئۈگۈتۈپ قوياي، ئۇنى ئوقۇغان كىشىگە شەيتان يىقىن كىلەلمەيدۇ>> دەپ ئەبۇ ھۇرەيرىگە ۋەدە قىلدى. ئايەتۇل كۇرسىنى ئۈگۈتۈپ قويدى. ئەبۇ ھۇرەيرە ئەپۇ قىلىپ قويۇپ بەردى. ئاندىن ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامغا ئۇچرۇشۇپ قالدى. ئەبۇ ھۇرەيرە گەپ قىلىشتىن بۇرۇن رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام؛<<ئۆتكەن كېچە قولۇڭغا چۈشكەن ئوغرى نىمە بولدى؟>>دەپ سورىدى. ئەبۇ ھۇرەيرە يۈز بەرگەن ئەھۋالنى سۆزلىدى. رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا؛<<شەيتان دائىم يالغانچى تۇرۇپ، بىر قىتىم راسىت گەپ قىلىپتۇ>> دېدى.(ئايەتۇل كۇرسى ھەققىدىكى سۆزى راسىت، دىمەكچى)سەھىدۇل بۇخارى ھەدىسى .
'p*/`?C ئاگاھلاندۇرۇش .
9{)`.7 پەرىشتىلەر ھەرخىل شەكىلدە بولالىغاندەك جىن، شەيتانلارمۇ ھەرخىل شەكىلدە بولالايدىغانلىقىنى مۇقەررەر قىلغىنىمزغا ئەگەشتۈرۈپ، شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرىمىزكى ، پەرىشتىلەر، جىنلار، شەيتانلارنىڭ قايسى ئۇسۇلدا ھەر تۈرلۈك سۈرەتكە كىلىدىغانلىقى ھەققىدە (ئۆزگۈرۈشنىڭ ئۇسۇل- چارىلىرى ھەققىدە) راسىت، ئېنىق بىر خەۋەرنى ئىسپاتلىيالىغىنىمىز يوق، لېكىن ئۇلارغا اللە تائالا بىر قانچە ئىسىملىرىنى ئۆگىتىپ قويغان، ئۇلار شۇ ئىسىملارنى ئوقۇپ دۇئا قىلىدىغان، شۇ سەۋەپتىن ئۇلار اللە رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە خالىغان شەكىلدە بولالايدىغان بولۇشىنى يىراق سانىغىلى بولمايدۇ. شەيتاننىڭ رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرتىدە بولالماسلىقى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. چۈنكى رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام؛<< ھەر كىم مېنى چۈشىدە كۆرسە، راستنلا مېنى كۆرىدۇ. چۈنكى شەيتان مىنىڭ سۈرتىمدە بولالمايدۇ>> دېدى. (مۇتەفەقۇن ئەلەيھ).
GfRaAT uHD(
+aj Q;;zJ-H 7. جىنلار نەدە ئورۇنلىشىدۇ؟
.~*q جىن شەيتانلار كۆپىنچە يىقىلىپ ۋەيران بولغان ئۆيلەردە، پاسكىنا ئەخلەت چاۋا بار يەرلەردە، خالا جايلاردا، يۈندە ئازگاللاردا ماكانلىشىدۇ، چۈنكى ئىمامى ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى؛<<خالا جايلاردا ھەرخىل زىيانلىق مەخلۇق بار. ھەر قايسىڭلار خالاغا كىرەر چاغدا نىجاسەتلەردىن ۋە پاسكىنا جىن شەيتانلاردىن اللە تائالانىڭ ساقلاپ قېلىشىنى تىلەيمەن. دېگەن دۇئانى ئوقۇسۇن>>
85=xl1J شەيتانلار يامان نىيەتلىك زەھەرلىك مەخلۇق بولۇپ، پاسكىنا يەرلەردە يۈرۈيدىغان بولغاچقا ھەمىشە جىنايەت ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان، يالغان بۆھتان توقۇيدىغان، گۇناھ بىلەن پاسكىنلاشقان، چوڭ جىنايەتلەرگە ئادەتلەنگەن ئەر، ئايال ئادەملەرگە يىقىن كىلىدۇ. ھەمراھ بولىدۇ. اللە تائالا سۈرە شۇئەرادا؛ <<شەيتانلار كىمنىڭ قىشىغا چۈشىدىغانلىقىنى سىلەرگە خەۋەر قىلايمۇ؟ بارلىق بۆھتانچى، داۋاملىق جىنايەت ئىشلىگۈچىلەر قىشىغا چۈشىدۇ. شەيتانلار پەرىشتىلەردىن ئوغۇرلۇقچە گەپ ئاڭلاشقا قۇلاق سالىدۇ. ئۇلارنىڭ تولىسى يالغانچى دىگىن>>دېدى.
XiAh?Cs .@N%!fN/s ,yCo~ 4 8.جىنلار يۇقىرى قاتلام پەرىشتىلەردىن ئوغۇرلۇقچە گەپ ئاڭلامدۇ؟ ھەئە، اللە تائالا جىن، شەيتانلارغا ئاسمان تەرەپكە يۇقىرى چىقىشقا كۈچ، قابىليەت بەرگەن، شۇڭا ئۇلار پەرىشتىلەردەك يەردىن ئاسمانغا چىقىدۇ. پەرىشتىلەردىن گەپ ئوغۇرلايدۇ. يەردىكى ئادەمدىن بولغان يىقىن دوستلىرىغا يەتكۈزىدى. شەيتاننىڭ دوستلىرى بولغان جىنكەش ئىزىتقۇ ئىنسانلار ئۇ گەپنى نەچچە ھەسسە كۆپەيتىپ خەلقلەرگە سۆزلەپ بىرىپ خەلىقنى ئازدۇرىدۇ .بۇ راسىت ئەمەلىيەتنى اللە تائالا قۇزئاندا ئىسپاتلاپ جىننىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ سۈرە جىن8-ئايەتتە؛<<جىنلار ئىيىتتى؛<<بىز ئاسماندىكىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىۋىلىش ئۈچۈن ئاسمانغا چىقتۇق. ئاسماننىڭ كۈچلۈك كۈزەتكۈچىلەر(پەرىشتىلەر) بىلەن ۋە كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز ھەمىشە (ئوغۇرلۇقچە گەپ تىڭشاش ئۈچۈن) ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ئولتۇراتتۇق؛ كىمكى ئەمدى ئوغۇرلۇقچە گەپ ئاڭلاشقا ئۇرۇندىكەن ئۇنى كۈزتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى تاپىدۇ، بىز (جىنلار جامائەسى) زىمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ؟ بىلمەيمىز>> دېدى.
l9Vv\7
~ شۇنىڭدەك بۇ ھەقىقەتنى سەھىھۇل بۇخارىدىكى ھەدىس قۇۋەتلەيدۇ، ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى؛<<پەرىشتىلەر بۇلۇتقا چۈشىدۇ. ئاسماندا ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلارنىڭ پارىڭىنى قىلىشىدۇ، ئۇ گەپنى شەيتانلار ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇنى يەردىكى جىنكەش چىراغچىلارغا يەتكۈزىدۇ. جىنكەشلەر بىر گەپكە يۈز يالغاننى قورسىقىدىن قوشۇپ خەلقىگە سۆزلەيدۇ>> سەھىھۇل بۇخارى 4-جۈزئى .
-
Bh}dQs r;GAUWk ,!zDpGP2 9. جىننىڭ قەدرى قىممىتى، ھۆرمىتى ئادەمنىڭكىدىن تۆۋەن. جىنلار ھەتتا سالىھ، ياخشىلىرىمۇ ئادەمدىن قەدرى ئاز، ھۆرمىتى تۆۋەن شەرىپى ئازدۇر . چۈنكى ئالەمنى ياراتقۇچى اللە تائالا ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنى مۇقەررەر ئىسپاتلاپ سۈرە ئىسرا 70-ئايەتتە؛<< چوقۇمكى ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا (ئۇلاققا) مىندۈردۇق. دېڭىزدا (كىمىلەرگە) چىقاردۇق. ئۇلارغا پاك يىمەكلىكلەرنى رىزق قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنى بىز ياراتقان مەخلۇقلارنى كۆپلىرىدىن ئەۋزەل قىلدۇق>> دېدى.
qa8e%" مۇنداق ھۆرمەتلەش جىنلارغا قۇرئاندىمۇ، رەسۇلۇللا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىدىمۇ يوق.، بۇنىڭدىن ئىنساننىڭ جىندىن شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
5d"Ne(_Sz جىنلار ئۆزىنىڭ ئىنساندىن يىتەرسىز، ئاجىز ئىكەنلىكىنى سەزگەنلىكىمۇ، بۇنىڭغا دەلىل. ئىنسانلار (بەزى قورقۇنۇشلۇق يەرلەردە ) جىنلارنىڭ باشلىقلىرىدىن پاناھ (قوغداپ قىلىشنى) تىلىگەندە ئۇلار كۆتۈرۈلۈپ، كۆرەڭلەپ كىتىپ كاپىرلىقىدا ھەددىدىن ئىشىپ كىتىدىغانلىقى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
t5_u'/T اللە تائالا سۈرە جىندا جىنلار توغرۇلۇق سۆزلەپ؛<<ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر بەزى جىنلارغا سىغىناتتى. (يەنى تەۋەلىكىدىكى جىنلارنىڭ ئاپىتىدىن ساقلاشنى تىلەيتى) شۇنىڭ بىلەن جىنلار تىخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى >> دېدى .
dj):8:M بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى شۇكى؛ ئىنسان ئۇلارغا تىقىنلىشىشقا ۋاستە ئىزدىسە ياكى ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى ۋاسلە قىلسا ياكى ئۇلارنىڭ شەرەپلىكلىرىنىڭ نامىغا قەسەم قىلسا، قوبۇل قىلىپ ھاجىتىنى راۋا قىلىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى، جىنلار ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى سەزگەنلىكى، اللە تائالاغا ئىشىنىپ يالغۇز اللەغا باش ئىگىپ ، تەربىيە قىلىشتا، ئىبادەتكە ھەقلقلىقىدا ، ئىسىم ، سۈپەتلىرىدە اللە تائالا يالغۇز دەپ ئەقىدە قىلىش يۈزىدىن اللە تائالا ئالدىدا ھۆرمەتكە ئىگە بولغان (مۆئمىن مۇسۇلمان) ئىنسان ئالدىدا ئۆزىنىڭ ھەقىر، تۆۋەنلىكىنى بىلگەنلىكدۇر. ئامما ئىمان ، ئىسلامدىن خالىي ئىنسان جىن بىلەن ئوخشاش ، جىننىڭ سالىھ، ياخشىلىرى ئادەمنىڭ كاپىر مۇشرىكلىرىدىن ئەۋزەل.
&^@R kf) Ul+;[z
2 ja;oM.ChXZ 10. جىنىڭ مۆئمىن سالىھلىرى جەننەتكە كىرەمدۇ؟
,R}o835M` يۇقىرىدا ئوچۇق بايان قىلدۇقكى، جىنلار ئىبلىسنىڭ ئەۋلادى ئەمەس (ئىبلىس جىن نەسلىدىن) جىنلارمۇ اللە تائالاغا قۇلچىلىق قىلىش بويسۇنۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ، جىنلار بۇ تەرەپتە ئادەم بالىلىرى بىلەن ئوخشاش، جىننىڭ ياخشى سالىھلىرىمۇ بار، ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىرىمۇ بار، ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن اللە تائالاغا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلانغان ياخشى جىنلار جەننەتكە كىرىدۇ. ئىمان ۋە تەۋھىد (اللە تائالا تەڭداشسىز ئۇلۇغ دىگەن ئەقىدە) بىلەن ۋە خۇدادىن قورقۇپ ياخشى ئىشلار قىلىش بىلەن ۋاپات بولغان بولسا جەننەتكە كىرىپ، جەننەتتە نىمەت بىرىلىدۇ. اللە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛<< ئىسلامغا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى ئىشلىگەنلەرگە تىگىدىن ئۆستەڭلەر ئىقىپ تۇردىغان جەننەتلەر بار ، بۇ جەننەتكە كىرىش بولسا، چوڭ مەقسەتكە يەتكەنلىكتۇر.>> بۇ ئايەت ئىمام ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بارلىق مۇكەللەپ بەندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ سۈرە بۇرۇج 11- ئايەت.
+`S:x'FLq يەنە اللە تائالانىڭ؛<<كىمكى دىن ئىسلامغا ئىشىنىپ، ياخشى ئىشلارنى ئىشلەيدىكەن، ئۇنىڭ ياخشى ئىشقا سەئىي قىلغىنىغا كۆز يۇمۇلمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى يىزىپ تۇرغۇچىلارمىز.>> دېگەن سۆزى دەلىلدۇر. سۈرە ئەنبىيا 94- ئايەت.
{|btjW_r يەنە اللە تائالانىڭ؛<<دىن ئىسلامغا ئىشەنگەن ۋە ياخشى ئىشلارنى ئىشلىگەنلەرگە مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجرى بار دەپ اللە تائالا ۋەدە قىلدى>> دېگەن سۆزىدۇر . سۈرە مائىدە 9- ئايەت.
X= >?)` <<دىن ئىسلامغا ئىشىنىپ ياخشى ئىشلار ئىشلىگەن كىشىلەر>> دېگەن سۆز ئىنسانغىمۇ، جىنغىمۇ ئومۇمىيدۇر. ئىمان ۋە ئەمەلىي سالىھ دىگەن شەرتنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى ئىنسان بولسۇن، مەيلى جىن بولسۇن، ئەجرى مەغپىرەت ۋە جەننەتكە تىگىشلىك بولىدۇ. سۈرە ئەرراھماندىكى ؛<< پەرۋەردىگارى ئالدىدا تۇرۇپ ھىساب بىرىشتىن قورۇققان كىشىگە ئىككى جەننەت بار>> دېگەن ئايەت تىخىمۇ ئوچۇقراق دەلىلدۇر.
N"9
!O *}m`$ TIInJ
Ts 11. جىنلار ئىنسانلارغا ئازار بىرەمدۇ؟ (زىيانكەشلىك قىلامدۇ).
#x,a#( جىننىڭ ئىنسانغا زىيانكەشلىك قىلىشى چوقۇم. ئۇنىڭغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ئۇ ئەھۋال قۇلاق ئاڭلىغان ھەم سەزگەن دەلىل بىلەن سابىت. ئەقىلىمۇ ئۇنى يىراق سانىمايدۇ. بەلكى ئىقرار قىلىدۇ، ئەگەر اللە تائالا ئىنسانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا مەسئۇل قىلغان ۋە ئادەملەرگە ئەگىشىپ يۈرۈيدىغان پەرىشتىلەر بولمىسا ئىدى. ھىچكىم جىن شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايتتى. ئىنسان ئۇلارنى كۆرەلمىگەچكە ھەم جىن ئۇلار تىزلىكتە ئۆزگىردىغان يۆتكىلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا ھەم ئۇلارنىڭ جىسمى بىز ھېس قىلالمايدىغان، سەزمەيدىغان نازۇك بولغاچقا، بىزنىڭ قوغدىنىشىمىز مۇمكىن بولمايتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى جىننىڭ بەزى ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشتا شەك يوق. چۈنكى ئادەملەر جىنلارغا كۆرمەي قايناق سۇ تۆككەن ياكى ئۈستىگە سىيگەن ياكى بىلمەستىن جىننىڭ ئورنىدا ئولتۇرۋالغاندەك ئىشلارنى قىلىپ سىلىپ رەنجىتكەنلىكىدىن ئۇلار ئادەمدىن ئىنتىقام ئىلىپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. ياكى ئىنسانغا زۇلۇم قىلىپ، بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ناھەق زۇلۇم قىلغاندەك، سەۋەبسىز ئاپەت سالىدۇ. بۇ ھەقتە ھىلىقى ياش ساھابە توغرىسىدا ئىشەنچىلىك ھەدىس باشتا ئۆتتى . ساھابى يىلان شەكىلدە بولۇپ ئۆيگە كىرگەن جىنغا نەيزە تىققاندا ، جىن ئۇنىڭدىن ئىنتىقامىنى ئالماي ئۆلمىدى. ئەبۇ سەئىد؛<< ياش ساھابە بۇرۇن ئۆلدىمۇ ياكى جىن بالدۇر ئۆلدىمۇ، بىلگىلى بولمىدى>> دېدى ، بۇ ئەمىليەت ھەممىگە مەشھۇر بولغاچقا ۋە ھەممە كىشى ئۇنىڭغا قايىل بولغانلىقىدىن بۇنىڭغا باشقا دەلىل كەلتۈرمەيمىز سەھىھۇل مۇسلىمدا ئىسپاتلانغان مەزكۇر ياش ساھابىنىڭ ۋەقەسىگە قانائەت قىلىمىز، ھەم ئۆز ئۆيىمىزدە يۈز بەرگەن ۋە بىز ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ ئۆتكەن، يامان تەسىرنى كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن يەنە بىر ھادىسىنى سۆزلەش بىلەن سۆزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرمىز.
X1[]<@XF مىنىڭ بىر ئاچام بولۇپ، ئىسمى سەئىدىيە ئىدى . بىزنىڭ ھويلىدا بىر تۈپ خورما بار ئىدى. بىز كىچىك بالىلار خورمىنىڭ بىر پۇتقىغا ئاغامچا باغلاپ ئاغامچىدىن يامىشىپ ئۆگزىگە چىقىپ چۈشۈپ ئوينايتتۇق. بىر كۈنى ئاچام ئۆگزىدە تۇرۇپ شاخقا باغلانغان ۋە بىز ئىسىلغا ئاغامچىنى تارتتى. كۈچى يەتمەي ئاغامچا ئاچامنى سۆرەپ كىتىپ ئۆزىدىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. نەق جىننىڭ ئۈتىگە يىقىلغان ئىكەن . جىن ئۇنىڭدىن قاتتىق ئازار يەپتۇ . شۇڭا ئاچامدىن جىن ئىنتىقام ئىلىشقا باشلىدى. ھەر ھەپتىدە ئىككى قىتىم يا ئۈچ قىتىم كىچىدە ئاچام ئۇخلىغاندا كىلىپ گىلىنى سىققىلى تۇردى. جىن ئاچامنىڭ گىلىنى سىققاندا ئاچام پۇت، قولىنى يىغىپ سۇنۇپ، بوغۇزلانغان قويدەك جان تالىشاتتى. تاڭ ئاتقاندا ئاچامنى ئۆلۈك شەكىلدە تاشلاپ كىتەتتى. ئاچام بىر قىتىم ؛<<جىن ماڭىمۇ شۇ ئازابنى ھىلىقى كۈنى خورما تۈۋىدە ماڭا ئازار بەردىڭ ، دەپ ئىنتىقام ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ>> دەپ ئۆز تىلى بىلەن ئوچۇق سۆزلىدى. مەزكۇر جىننىڭ ئاچام ئۇخلىغاندا كىلىپ گىلىنى سىقىپ ھۇشىدىن كەتكۈزۈپ ئازاپلىشى داۋام قىلىۋىرىپ ئاخىرى ئاچامنى چىدىغۇسىز ئازاب بىلەن ئون يىلدىن كىيىن ئۆلتۈردى . قاتتىق جان تالىشىپ ، پۇت قولىنى يىغىپ ، سۇنۇپ ئاخىرى ۋاپات بولدى . اللە ئاچامنى كەچۈرسۇن ۋە رەھىم قىلسۇن ، ئامىن!
`eZT,Xm sx:b|q]3q &)#P4#- r|R6nKd2 داۋامى بار.
PUG`qg<" um&xt~W5: