
يۈز تېرىسى تېرە ماي بەزلىرىنىڭ ئاجىرلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئادەتتە 3 تۈرگە بۆلۈنىدۇ.
1. قۇرغاق تېرە: بۇ خىل تىرىنىڭ رەڭگى كۆپىنچە ئاق پىشماق كېلىدۇ، تەر تۆشۈكچىلىرى ئىنچىكە ۋە كىچىك بولغان تېرە بولۇپ، تېرە ماي ماي بەزلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى ئازراق بولىدۇ بۇ خىل تېرە بىر قەدەر قۇرغاق بولىدۇ. تېرىگە ئاسانلا ئىنچىكە قۇرۇقلار چۇشۇپ قالىدۇ. تېرىدىكى قىلدام قان تومۇرلار بەكمۇ يۈزەكى بولىدۇ، سىرتقى مۇھىت تەسىرىگە سەزگۈر بولىدۇ.
2. مايلىق تېرە: بۇ خىل تېرىنىڭ رەڭگى سەل توقراق بولۇپ، تەر تۆشۈكچىلىرى يوغانراق، تېرە ماي بەزلىرىىنىڭ ئاجراتمىلىرى كۆپرەك بولىدۇ. تېرە مايلىق پارقىراق بولۇپ، ئاسانلىقچە قۇرۇق چۇشمەيدۇ. سىرتقى مۇھىت تەسىرىگە نىسبەتەنمۇ ئانچە سەزگۈر بولمايدۇ. بىراق تېرە ماي بەزلىرى ئاجراتمىلىرى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى دەۋرىدە تېرىگە ئاسانلا ھەرخىل دانىخورەكلەر چىقىپ قالىدۇ.
3. ئارلاشما تېرە: بۇ خىل تېرىدە مايلىق تېرە بىلەن قۇرغاق تېرىنىڭ ئالاھىدىلكلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ، يۈزنىڭ مايلىق قىسىمى بۇرۇن، پىشانە، قاڭشار، زاڭاق قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلىدۇ.
تېرىگە زىيانلىق ئامىللار
1. تېرە تازلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك بەدەن ۋە يۈز تىرىسىنى ئىسسىق سۇ بىلەن پات-پات يۇيۇپ تازىلاپ تۇرماسلىق.
2.ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئۇخلاش ئالدىدا غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىچىملكلەرنى ئىچىش
3. ئۆتكۈر غىدقلاش تەسىرىگە ئىگە يېمەك-ئىچمەكلىكلەرنى قىزلمۇچ، ھاراق، پىۋە، كۈپلۈك قۇرۇما دىگەندەك
4. كالا گۆشى، قېتىق، سۈت ، ۋە بېلىقنى بىرگە قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا تېرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاق كىسەلگە ئوخشاش تېرە كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.
5. يېتەرلىك چىنىقماسلىق، يېتەرلىك چېنىقمىغاندا ماددا ئالمىشىش ئاستىلاپ مەسھۇلاتلرنىڭ چىقىرلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇۋە قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. تاماكا-ھاراقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا يۈزدىكى قورۇقلار شۇنچە تىز پەيدا بۇلۇپلا قالماستىن يۈزگە داغ، سەپكۈن چۇشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. چۈشكۇنلىشىش، ئۈمىدسىزلىنىش، ھەسرەتلىنىش قاتارلىق ئامىللار ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشسا سىمپاتىك نېرۋىنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۈرۈپ، تېرىنىڭ نۇرمال ماددا .ئالماشتۇرۇشۋە ئوزۇقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تېرىنىڭ بالدۇر قېرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
8.تېرىگە قالايمىقان گىرم بۇيۇملارنى ئىشلىتىش، تېرىنىڭ قورۇلۇپ، قۇرۇق ۋە داغلارنىڭ چۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
9.كۈچلۈك ئاپتاپقا تېرىنى ئۇزۇن مەزگىل قاقلاشمۇ تېرىگە زىيانلىق بەزى كۈن داغلىرى كۈچلۈك ئاپتاپقا قاقلىنىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
10. ھەرخىل نۇرلارمەسلەن: رېنتخېن نۇرى، ئىنفىرا قىزىق نۇرى ۋە كومپىيۇتېردىن چىققان نۇرلار ئاستىدا مەشغۇلات قىلىش تېرە رەڭگىنىڭ بۇزۇلۇشى ۋە شۇ خىل نۇرلارغا زىيادە سېزىمچانلىق پەيدا قىلىدۇ.
11. ئۇسسۇزلۇقنى ۋاقتىدا قاندۇرماسلىق تېرىنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىپ قۇرۇق پەيدا قىلىدۇ.
1. روھى جەھەتتىن ئۆزىنى خۇشال -خۇرام تۇتۇش، ئاچچىقلانماسلىق.
2. ئۇيقۇنى ياخشى ئۇخلاش، بەزىلەر<< ئاياللارغا گۈزەللىكنى كېچىدە ئاپىردە قىلغان>> دىيىشىدۇ. بۇ سۆز ھەقىقەتەن تۇغرا ياش ئاياللار كۈنىگە8~7 سائەت ئۇخلاشنى كاپالەتلەندۈرۈش كىرەك.
3. يېمەك-ئىچمەكنى مۇۋاپىق تەرتىپكە سېلىش ئۇنىڭغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرىنى ئىستېمال قىلش كېرەك
4. ھەرخىل بەدەن گىمناستىكىسى ئوينىغاندا تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ. كۈندە ئەتىگەن ياكى كەچتە ئازراق ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە تېرىنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
5. تېرىنىڭ مىزاجنى ساقلاپ قېلىش زىيادە ئىسسق ۋە زىيادە سوغۇقلۇقنى توسۇش كېرەك. قىش پەسلىدە تېرنى ئوزۇقلاندۇرۇش زىماتلىرىدىن ئۈزۈم شىرنىسى، ھەسەل، قېتىقنى ئارلاشتۇرۇپ سۈرتۈش كېرەك. يازدا بولسا سالقىنلىتىدىغان سۈيۈقلۇقنى سۈرسە بولىدۇ. يەنى تۇخۇم، يالپۇز جەۋھىرىنى ئېلىپ مەلھەم تەييارلاپ يۇزىنى تازىلاپ بەرسە بولىدۇ. ئاپېلىسىن، ئۈجمە، قوغۇن، چىلان، ئالما سۇلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئىستېمال قىلسىمۇ بولىدۇ.
6. تېرىنى پاكىز ساقلاش كىرەك.تېرنى ئاسراشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئەتىگىنى ۋە كەچتە سۇغۇق ياكى ئىلمان سۇدا يۈز يۇيغاندا، تېرىنى يىنىك ئۇۋۇلاپ تېرىنىڭ سۇ بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۇزارتىش ، ھورداش ماشىنىسى ياكى ھور چىقىرىش ئەسۋابى ئارقىلىق تېرنىڭ سۇ تەركىبىنى تولۇقلىغاندا، ئىسسىق ھور قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، تۈك تۆشۈكچىلىرىنى ئېچىپ، سۇنىڭ تېرىگە سۈمۈرلىشىنى ئاشۇرىدۇ.
7. ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ياخشىلىشىمىز كىرەك. ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتمۇ ناھايتى ساپ، گۈزەل بۇلغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
8.بىر دانە نەشپۈت، قېتىق مۇۋاپىق مىقتاردا، نەشپۇتنى ئىزىپ چىنىگە سىلىپ، قېتىقنى ئارلاشتۇرۇپ يۈزىگە سۈرۈپ 20 مىنۇت تۇرغۇزۇپ يۇيۇۋەتسەك، تۈك يۆشۈكچىلىرىنى قورۇش ، تېرە سۇ تەركىبىنى ساقلاش تەسىرىنى بېرىدۇ.
9. ماش تالقىنى 6گرام، .الما، ئارپا، ئۆلۈك ئاق پىلە قۇرتى ھەربىرى 4گرامدىن، ناۋات 2گرام، ئىپار1گرام، دورىلارنى ئىزىپ، سوپۇن دەرىخىدىن 200 گرام قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ، قاچىغا سېلىپ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ ئەتىگەن ۋە كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بېرىلىدۇ.
10. تۇخۇم ئېقى، ھەسەل، مەرۋايىتلارنى سۇقۇپ ئارلاشتۇرۇپ يۇزگە چىپىپ ئەتىگىنى يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.
11. ئاپېلسننى يۇمشاق ئىزىپ يۇزنى يۇيۇپ بەرسە تېرىنى يۇمران قىلىدۇ.
12. يۇمغاقسۈتنى سىقىپ، سۈيىدە يۇزىنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا ھەسەل سۈيى ئىچسە، ئالما مۇرابباسى يەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مايلىق تېرىلەرنى ئاسراشتا تۆۋەندىكى لىمۇن مەلھىمى مۇۋاپىق كېلىدۇ. يېڭى لىمۇن سۈيى 50 مىللىلىتىر، سۇ 100 مىللىلىتىر، ئۇن 3 قۇشۇق، ئۈچىنى ئارلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ، يۇزنى پاكىز يۇيۇۋىتىپ، مەلھەمنى سۈركەپ 30 مىنۇتتىنكىيىن يۇيۇۋىتىلسە بولىدۇ.
مايلىق تېرە، قۇرغاق تېرە، ئارىلاشما تەبىئەتلىك تېرە ھەققىدە ئايرىم - ئايرىم تېما يوللاندى.
بىر زات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگىغا مەرھەمەت قىلغايسىز:
http://www.birzat.cnپايدىلانغان ماتېريال : ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئەزالارنى ئاسىراش
كومپۇتېر مەشغۇلاتىدا بىرزات بلوگ ياردەمچىسى: بۈۋىخەدىچە ئابدۇلھەكىم