ئالما ئېلانى SALKIN kino 1
ئۈزۈمچى
مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر قىززىقچىسى
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 2269
نادىر تېما : 20
يازما سانى : 2338
شۆھرەت: 17342 كىشىلىك
پۇل : 63429 سوم
تۆھپە: 1584 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5439 نۇمۇر
قوللاش: 3509 نومۇر
ئالقىش: 3591 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى : 1605(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مۇھەببىتىمنىڭ قىزى

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
مۇھەببىتىمنىڭ قىزى
g9M')8a n  
=`rppO  
MiRibH XI,  
_ نېمانداق قىينايلا ئادەمنى؟ يېنىمدا بارى مۇشۇ! 8}Fw%;Cb  
_ كەم بولىدۇ ئۇكام، بولمىسا باشقا شوپۇرلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باق! bXa %EMF  
_ سىلىدىن باشقا شوپۇرلار ھەممىسى كېتىپ بوپتۇ. ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن قېرىنداشلىقنى يەتكۈزسىلى نېمە بولار؟ 5w]DncdQ~  
_ ئامال يوق، بىزمۇ پۇل تاپمىساق بولمايدۇ – دە؟! خوتۇنۇمنىڭ كېسىلى بار، بالام ئوقۇيدۇ، ئانام. . . &8pCHGmV)  
_ ۋاي، بولدى، بولدى. . . ئەمسە قالغىنىنى شەھەر ئىچىگە كىرگەندە بىرەر تونۇشۇمدىن ئېلىپ بېرەي. ئەمدىغۇ بولغاندۇ؟ vx({N?  
_ ماۋۇ گېپىڭ بولىدۇ. چىقە ئەمسە! =1%zI%  
ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ھەممە ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالماقچى بولغاندەك «گۈپپىدە» يېپىپ قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ ئولتۇردۇم. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنداق چەت بىر يەرگە كېلىپ قالغىنىم بىر ئېغىر كېلىپ، پۇلۇمنى ئوغرى ئېلىۋالغىنىنى ئويلىسام يىغا تۇتۇۋاتقان چاغدا ما شوپۇر ئاداشمۇ «ئىككى سوم كەم بوپ قالىدۇ» دەپ ئەجەپ تەتۈر قىينىدى ئادەمنى. باشقا ماشىنىلار بولغان بولسا ھەرگىز چىقمايتتىم بۇ ئەبجەق سانتاناغا. باشقا شوپۇرلار يەتتە سوم ئالىدىغان يەرگە قاراپ تۇرۇپ 15 سوم ئالىمەن، دەپ تۇرۇۋالغىنىنى. مېنى باشقا يەردىن كەلدى، دەپ قويماقچى بۇ! Gw{Gt]liq  
باياتىن بېرىقى قورساق كۆپۈكلىرىنى ئويلاپ ئىچىم ئېچىشىپ ئولتۇرسام شوپۇر بىردەم – بىردەم كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ماڭا قاراپ قويۇپ جىمجىتلىقتىن بەك زېرىكىپ كەتتىمۇ بىر كۈلۈپ قويۇپ مەندىن سورىدى: !#}v:~[A  
_ نېمە خىزمەت قىلىسەن؟ }|w=7^1z  
_ كومپىيۇتېر شىركىتىدە ئىشلەيمەن، _ دېدىم مەن خۇشياقمىغان ئاھاڭدا. g(ZeFOn  
_ ئۇزۇن بولدىمۇ؟ K0d -MC   
_ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، ناخشا ئاڭلاپ ماڭايلى! n's2/9x   
_ ماشىنامدا ناخشا قويغىلى بولمايدۇ. .= .yZ  
_ ئوخخووو... بۈگۈن مېنى راستىنلا نەس بېسىپتىغۇ زادى؟! !=8L.^5c  
_ تاماكا چەك ئەمسە. x!Z:K5%O  
شوپۇر شۇنداق دېگەچ بىر قولىدا رول يەنە بىر قولىدا تاماكىنى ماڭا ئۇزاتتى. ماڭا دەل لازىم بوپ تۇرغان نەرسىدە بۇ. تارتىنمايلا ئېلىپ تۇتاشتۇردۇم. تاماكىنى چېكىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ يەنە لاپپىدە قاراپ قويۇپ: '6Pu[^x  
_ قارىغاندا بۈگۈن ئىشلىرىڭ ئىلگىرى باسماپتۇ – دە؟ _ دەپ سورىدى. YR^Ee8_H  
ئەسلىدە بۈگۈن ئەتىگەن بۇ چەت يېزىدىكى بىر ئىدارىگە شىركىتىمىزدىن ئالغان كومپىيۇتېرلارنىڭ تالونىنى كەستۈرگىلى كەلگەنتىم. پىلانىمدا ئەڭ كېچىككەندىمۇ چۈشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇس قالغۇچە ھەممە ئىشىمنى تۈگىتىمەن، دەپ ئويلىغان. لېكىن ئۇلار «ئۇ باشلىق كەلسۇن» دەپ باشلىقى كېلىپ «بوغالتىر كەلسۇن» دەپ بوغالتىر كېلىپ «كاسسىر كەلسۇن» دەپ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرىۋەتتى. ھەممە ئىشىمنى تۈگىتىپ پۇللارنى سومكىغا سېلىپ بېكەتكە كەلسەم ئاپتوبۇس قالماپتۇ. قورسىقىم ئېچىپ ماغدۇرۇممۇ قالمىغان ئىدى  . تاماق يېگەچ يەرلىك كىشىلەردىن شەھەرگە قانداق قايتىدىغانلىقىنى سورىۋالماقچى بۇلۇپ  بىر ئاشخانىغا كىردىم. ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇق، تاماق ئۈستەللىرى باركەنتۇق، سالقىنراق ئولتۇراي دەپ شۇ ئۈستەللەرنىڭ بىرىگە كېلىپ سومكىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگىلا قويۇپ چاي ئالغىلى ماڭسام موتوسىكىلېتنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام مەندىن سەل كىچىكرەك ئىككىسى بىر موتوسىكىلېتنى مىنىپ كەلدى – دە، سومكامنى ئېلىپلا ماينى بولۇشىغا بېرىپ تىكىۋەتتى. كەينىدىن «ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغىنىمچە يۈگۈردۈم، ئەمما يېتىشەلمىدىم. يىغلىغۇدەك بولۇپ يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالسام ئاران 13 سوم پۇلۇم باركەن. شۇ يەرلىك كىشىلەردىن سورىسام ئەڭ يېقىن ساقچىخانىمۇ بۇيەرگە 40 – 50 مىنۇتلۇق يول ئىكەن. شەھەرگە قايتىپ ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپ بېكەتكە كېلىپ قارىسام بىر قارا رەڭلىك سانتانا تۇرىدۇ، ھەنىم بولسا سىرتتا قالمىغۇدەكمەن، دەپ شوپۇردىن شەھەرگە نەچچە پۇلغا ئاپىرىدىغانلىقىنى سورىسام 15 سوم، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ يەرگە كەلگىچە سەككىز سوم بىلەن كەلگەن دېسەممۇ «بىر ئادەمكەنسەن، ئىككى كىشىلىك ھەق تۆلەيسەن، بولمىسا مەن ئۆيۈمگە قايتىپ ئارام ئالاي» دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى. مەن 13  سوم دەپ باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك تالىشىپ قالدۇق. قورساق كۆپۈكىدە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كاللامدا ئۆز – ئۆزۈمگە سۆزلىگەندىن مۇشۇ ئاداشقا سۆزلەپ بېرەيچۇ، دەپ بۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ بايا ئۇنىڭ بىلەن باھادا تالىشىپ قالغۇچە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم. [ZL r:2+z  
_ بۈگۈن مېنى نەس بېسىپتۇ، _ دېدىم مەن گېپىمنىڭ ئاخىرىدا، _ بۇ ئىشلارنى دېرىكتورغا قانداق چۈشەندۈرەرمەن ئەمدى؟ ھەيييي. . . .{'Uvn  
_ قورسىقىڭ ھېلىمۇ ئاچمۇ؟ _ دېدى شوپۇر ماڭا قارىماستىنلا، ئاندىن رولنىڭ يېنىدىكى تارتمىدىن بىر تەييار چۆپ، بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇ ئېلىپ ماڭا سۇندى، _ ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ يەۋال! مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ كەتسە مىجەزىم چۇسلىشىپ كېتىدۇ. بىز ئوخشىشىپ قالىدىكەنمىز جۇمۇ؟! Zztt)/6*  
_ مەنمۇ شۇنداق، قورسىقىم ئېچىپ كەتسە ئاسانلا ئاچچىقلىنىمەن، _ دېدىم مەن تەييار چۆپ بىلەن مېنىرال سۇنى ئالغاچ، _ ما ئوخشاشلىقنى. a}[=_vb}K  
قورساق ئاچقاندا ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان مىجەزىم بايىقى ئوغرىلارنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىپتۇ. چۆپنى بىردەمدىلا يەپ بولۇپ سۇنىمۇ يېرىمداپ قويدۇم ھەم خىجىل بولۇپ شوپۇرغا ئۇزاتتىم. DK#65H'  
_ مەن ئىچمەيمەن، _ دېدى شوپۇر، _ سوغۇق سۇ ماڭا زىيان قىلىدۇ a< a&6 3  
_ ئەمسە نېمىشقا سۇ ئېلىۋالىدىڭىز؟ ($ [r>)TG  
_ سېنى ئىچەرمىكىن دەپ ئېلىۋالغان خې خې. . . Cu)%s  
_ يالغان سۆزلىمەڭا. Q KcF1?  
_ چاقچاق قىپ قويدۇم ئۇكا، _ دېدى شوپۇر كۈلۈپ كېتىپ، _ بايىقى بازاردىن شەھەرگە كىرگۈچە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. يولۇچىلار ئۇسساپ قالغاندا ئىچەر، دەپ ھەرقېتىم يولغا چىققۇچە بىرنەچچە بوتۇلكا سۇ ئېلىۋالىمەن. eMpEFY  
_ سىز بەك ئاق كۆڭۈلكەنسىز جۇمۇ، ھەممە شوپۇر سىزدەك بولغان بولسا ھە؟ n]6}yJJo  
_ ھې ھې شۇنداقمۇ؟ بەلكىم. aPY>fy^8D  
مەن شوپۇرغا قايتىدىن سەپ سېلىپ قارىدىم. ئۇنىڭ چاچلىرى رەتلىك قىلىپ كەينىگە تارالغان بولۇپ ھېلىلا مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇراتتى. كىچىك، ئويچان كۆزلىرى ئۇ ھەرقېتىم كۈلۈمسىرىگەندە يۇمۇلۇپ كېتەتتى. پېشانىسىدىكى تال – تال قورۇقلار، گۆشلۈك يۈزىدىكى  دانىخورەكلەرنىڭ ئىزلىرى، چېكىسىدىكى شالاڭ ئاق چاچلار ئۇنىڭ 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىغانسېرى بايا ئوساللىق قىلغانلىقىمدىن سەل خىجىل بوپ قالدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن مەندىن چوڭ تۇرسا. k#IS ,NKE  
ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ماشىنا كىچىك بىر كەنتكە يېتىپ كەلدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستىلىتىپ بىر پىششىق خىش بىلەن سېلىنغان، دەرۋازىلىرى كۆركەم نەقىشلەنگەن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئوتتۇرا ياش بىر ئايال ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۈجمە ئۈزۈپ 9 – 10 ياشلاردىكى ئوماق قىزىغا يېگۈزۈپ قويىۋاتاتتى. }Uq a8&  
_ ماڭا بىر ياردەم قىلامسەن؟ _ دېدى شوپۇر ماشىنىنى توختىتىپ. Pi"tQyw39$  
_ قانداق ياردەم؟ _ دېدىم مەن، _ ماڭا تاماق بەرگەن ياخشىلىقىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇۋالاي. *`S)@'@:(  
_ ھې ھې. . . كاللاڭ ئىشلەپ قويىدىكەن ھە؟ _ دېدى ئۇ كۈلۈپ كېتىپ، _ ئاۋۇ ھەدەڭدىن سۇ سوراپ باقە، مەن ئۇسساپ كەتكەندەك قىلىمەن. r[UyI3(i^  
شۇئان بوتۇلكىغا قاراپ قۇرۇقداپ قويغانلىقىمنى بىلدىم. ئەسلىدە مېنى ئىچىۋالسۇن دەپ «سۇ ماڭا زىيان قىلىدۇ»دەپتىكەندە، خىجىلچىلىقتا ئۇنىڭغا قارىيالماي ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇ ئايالدىن سورىدىم: *$4A|EA V  
_ ياخشىمۇسىز ھەدە، سۇ بولسا ئازراق بەرسىڭىز بوپتىكەن. 98b9%Z'2f  
ئۇ ئايال ماڭا سۇسلا بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ ماشىنىغا قارىدى، شۇئان چىرايى بىر قىسما بولۇپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ كىرىپ كەتتى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىككى بوتۇلكىغا سۇ قاچىلاپ ئەپ چىقىپ بىرنى ماڭا بەردى، ئاندىن يەنە بىرىنى قىزىغا بېرىپ: z6L>!=  
_ قىزىم، ماۋۇ سۇنى ئاۋۇ شوپۇر تاغىڭىزغا بېرىڭ، _ دېدى. DO1N`7@o  
_ مەن بەرسەممۇ بولاتتىغۇ؟ _ دېدىم مەن ھەيران بولۇپ. r:8]\RU  
ئۇ ئايال بايىقىدەك سۇس كۈلۈمسىرەپ قويۇپلا يەنە ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. مەن «رەھمەت ھەدە!» دەپ توۋلاپ قويۇپ ماشىنا تەرەپكە بۇرۇلدۇم. شوپۇر ماشىنىنىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ قىزچاققا بىر سىقىم شاكىلات، كەمپۈت. . . بەرگەندىن كېيىن «خوش قىزىم» دەپ ماشىنىنىڭ ئەينىكىنى چىقىرىۋالدى. مەن ماشىنىغا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ماشىنا قوزغىلىپ يەنە مېڭىپ كەتتۇق. قانچىلىك ئويلىساممۇ پۇل بۈگۈن قايتىپ كېلەلمىگۈدەك شۇڭا «ئويلىماي تۇرايچۇ بولدى» دەپ شوپۇر بىلەن پاراڭلىشىپ مېڭىشنى لايىق كۆردۈم. 0]2B-o"kI  
_ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق يېرىمىز ياخشى ھە؟ _ دېدىم مەن، _ بايىقى ئايالمۇ ئەنە تونۇمايمەن، دېمەستىن سۇ بەردى. G\,A> mT/P  
ئۇ گەپ قىلمىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن بىر خىل پەرىشانلىق چىقىپ تۇراتتى. مەن يەنە سۆز باشلىدىم: }G,SqpcG  
_ سىز دائىم بايىقى ئۆيدىن سۇ ئېلىۋالىدىكەنسىز – دە؟ :)+@qxTy  
ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن سۇسلا جاۋاب بەردى: nX.sh  
_ ھە ئە. . . 4 – 5 كۈندە بىر ئېلىۋالىمەن. oX:1 qJrC  
_ بايىقى قىزچاقمۇ سىزگە بەك ئامراقكەن، سىزنى كۆرۈپلا خۇشال بولۇپ كەتتى. $jm>tW&;  
ئۇ يەنە ئۈندىمىدى. مەنمۇ بىرەر ئازابلىق ئىش خىيالىغا كېلىپ قالغان بولسا كېرەك، دەپ ئارتۇقچە گەپ قىلماي تاماكا چېكىپ ئولتۇردۇم. HA3SQ  
خېلىدىن كېيىن ئۇ سۆز ئاچتى: 'j,Li(@}  
_ مابىتىڭ بارمۇ؟ Ek B6- nz  
_ يوق. qY~$wVY(  
كاللامدىن «نېمىشقا يېشى چوڭراق ئادەملەر مۇشۇ سوئالنى سورىماي قويمايدىغاندۇ؟» دېگەن خىيال كەچتى. (zTI)EV  
_ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ سىلەردەك ياشتىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مابىتى بولىدىغانغۇ؟ _ دېدى شوپۇر. {GH`V}Ob  
مەن سەل ئويلىنىۋېلىپ جاۋاب بەردىم: jO3u]5}.6  
_ ماڭا نىسبەتەن تېخى بالدۇر، ھازىر ياخشى ئىشلەپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلىگۈدەك بولغاندا ياكى جىقراق پۇل تاپقاندا ئاندىن ئويلىشىمەن. سىز بىلمەيسىز ھازىر پۇلىڭىز بولمىسا قىزلارمۇ يېقىن كەلمەيدۇ. بىر كۈن چۆرگىلىسىڭىزلا 100 سوم دېگەن ھېچنېمىگە دال بولالمايدىغان بوپ قالدى ھازىر. ,C'w(af@}  
_ گېپىڭگە قارىغاندا بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ باقماپتىكەنسەنمۇ نېمە؟ 3EW f|6RI  
_ مۇھەببەتلەشكەن، ئەمما تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم، ئۇ چاغلاردىكى مۇھەببەتنى مۇھەببەت دېگىلى بولاتتىمۇ؟ V jB`~  
_ شۇنداقمۇ؟ بايىقى قىزچاققا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ 3W0E6H"  
_ دىققەت قىلماپتىمەن. +q_lYGTi O  
_ ئايالغىچۇ؟ cT=wJ  
_ قىزچاقنىڭ ئاپىسىدۇ شۇ. m5;[,He  
_ سېنىڭچە ئۇ ئايال نەچچە ياشلارغا كىرگەندۇ؟ SeJFZ0p  
_ مېنىڭچە 35 ياشلاردا بار. t ]I(98pY  
_ بىچارە بارغانسېرى قېرىپ كېتىۋېتىپتۇ، _ دېدى ئۇ ئۆزىگە سۆزلىگەندەك ئاۋازدا. ئۇنىڭ دېمىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىدىن بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولۇپ: ?o(X0  
_ ئۇ ئايالنى تونۇمسىز؟ _ دەپ سورىدىم مەن. +@7x45;D  
_ ئۇ مېنىڭ تۇنجى ھەم ھەقىقىي سۆيگىنىم. Nj@?}`C 4  
_ ھە، ئايالىڭىزكەندە. ئەمسە نېمىشقا سىزگە گەپ قىلمايلا كىرىپ كېتىدۇ؟ =|JIY  
_ چۈنكى ئۇنىڭ يولدىشى بار. (#l_YI -  
_ بۇ. . .قانداق بوپ. . . كەتكىنى بۇ؟. . . ھە چۈشەندىم. ئۇ سىزگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ باشقا بىرىگە تېگىۋاپتىكەندە؟. . . ۋۇي، ياق! ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقىنىڭىزغا قارىغاندا بۇ يەردە چوقۇم بىر تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بار. =wR]X*Pan  
_ ئەقىللىقكەنسەن ئۇكا. Lvj5<4h;  
_ ئەمسە سۆزلەڭ، ئاڭلاپ باقاي! \gz wsT2&  
ئۇ بىرقولى بىلەن تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ بىر نەچچىنى قاتتىق شورىۋەتكەندىن كېيىن: w3bH|VnU8;  
_ ئۇنىڭ بىلەن ناۋايلىق قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا تونۇشقانتىم، _ دېدى ۋە ماڭا قاراپ، _ مەن ئاشۇ چاغلارنى قايتىدىن بىر ئەسلىۋالاي، ھېچكىمگىمۇ دەپ باقمىغانتىم ساڭا دەۋالاي ھە، ئەمما گەپ سورىما! [.Wt,zrE  
مەن «ماقۇل» دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. #M9D"  
_ دادام ناۋاي بولغاچ مەكتەپنى تۈزۈك ئوقۇمايلا چېكىنىپ چىقىپ دادامغا قارىشىپ بەردىم. ئۇچاغلاردا بايىقى ساڭا سۇ بەرگەن ئايال بىزنىڭ ناۋايخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيتتى. مەن ئۇنى تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ تېنىمنى ئاجايىپ بىر خىل شېرىن ھېسسىيات چىرمىۋالغان ئىدى. كۈندە ئۇنى كۆرۈپ تۇرسام دەيتتىم. بولۇپمۇ تۇنجى سۆھبەت بەك ئۇنتۇلغۇسىز بولىدىكەن. ساڭا دېسەم مېنى مازاق قىلىسەن. S{)n0/_  
_ ئــــــا. . . ئۇنداق قىلمايمەن. سۆزلەۋېرىڭ! NUnc"@  
_ ھې ھې. . .ماقۇل ھە، ئۇنى كۈندە كۆرىۋېرىپ مەندە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى. كۈندە ئۇنىڭغا گەپنى قانداق باشلاشنى ئويلاپ ئۇخلايتتىم. بىر كۈنىسى ئۇ نان ئالغىلى كەلگەندە مەن ئويلاپ قويغىنىم بويىچە ئۇنىڭغا سۆز ئاچتىم. #`L}.  
_ ۋاي، تەپسىلىي سۆزلەڭا! تازا پەيزى يەرلىرىنى قىسقارتىپ. . . ]GR q  
_ ھا ھا ھا. . . تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ بېرە! 6. 7 Kp  
مەن تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ ئۇنىڭغا بەردىم، ئۇ قاتتىق - قاتتىق شوراپ ئويچان كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنىچە يىراقلارغا تىكتى. مەنمۇ ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلمەسلىك ئۈچۈن گەپ قىلماي ئولتۇردۇم. خېلىدىن كېيىن ئۇ سۆز باشلىدى: wukos5  
_ ئۇ ناننىڭ باھاسىنى كۈندە سورايتتى، بىلىپ تۇرۇپ سورايتتى. ھەركۈندە سورىسا مەن ھەركۈندە ھەرخىل جاۋاب بېرەتتىم. ~q|e];tA  
_ ۋۇي، بۇ. . . تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتچۇ؟ _ قىزىقىپ قېلىپ ئۆزۈممۇ تۇيمايلا سوراپ ساپتىمەن. j.N\U#3KK  
_ ھې ھې. . . ئۇ مەندىن «بىر نان نەچچە پۇل؟» دەپ سورىغانتى، مەن «ئىككى سوم» دېدىم، ئاندىن ئۇ يەنە «ئۈچنى بەش سومغا بېرەمسىز؟» دېگەنتى، ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتتىكىن «سىزدەك چىرايلىق قىزلارغا بەش سومغا بەشنىمۇ بېرىمەن» دەپتىمەن. ھا ھا ھا . . . yz$1qEII`q  
_ ۋوي، تازىمۇ گەپكە ئۇستىكەنسىز سىز؟ ھا ھا ھا. . . |QTqa~ ~B  
ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق. KB *#t  
_ شۇنداق قىلىپ، _ دېدى ئۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى بېسىپ، _ كۈندە باھاسىنى سورىسا مەن كۈندە ھەرخىل جاۋاب بېرىپ بارا - بارا ئۇنىڭغا زەن سېلىپ قارايدىغان بولۇۋالدىم. ئۇمۇ سەزدى، لېكىن ماڭا تىكىلىپ قارىيالمايتتى. ساڭا دېسەم قارا، ئۇچۇ بەكلا يۈزى تۆۋەن. مەن يالغۇز بولسام چاقچاقلاشقىنى بىلەن يېنىمدا ئاپام ياكى دادام بوپ قالسا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلالمايدۇ، يۈزلىرى قىزىرىپ. . . مەنمۇ ئۇنىڭ ئاشۇنداق قىزىرىپ تۇرىدىغان تۇرقىنى كۆرۈشكە بەك ئامراق ئىدىم. كېيىن مەن ئۇنى كەچتە بىللە ئايلىنىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم. ئۇ ئۇنىمىدى، ماڭا كەچتە ئۆيىگە كەتمىسە بولمايدىغانلىقىنى دېدى. مەن ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ ئۇنى كۈندە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويسام بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇمۇ قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ شېرىن كۈنلىرىمىز باشلاندى. مەن ھەركۈنى ئۇ دەرستىن چۈشكىچە كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ، باشلىرىمنى يۇيۇپ، چاچلىرىمنى تاراپ ئۇنى مەكتەپتىڭ نېرىسىدىكى كۆل بويىدا ساقلايتتىم. ئۇ چاغلاردا ئۇ كۆلنىڭ سۈيى شۇنداق سۈزۈك، پاكىزئىدى. 1@z@  
_ ھە، ھېلىقى ئىككىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يان تەرىپىدىكى كۆلما؟ _ دەپ سورىدىم مەن. W#_gvW  
ئۇ كۆلنى بەلكىم تۇرپاندىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلىشى مۇمكىن، ئېسىمنى بىلسەم كىچىك ۋاقتىمىزدا چۆمۈلۈپ ئوينايتتۇق، قىش كۈنلىرى مۇز قاتقاندا چانا ئوينايتتۇق. لېكىن ھازىر ياز كۈنىمۇ سۇ كەلمەيدۇ. يولدىن ئۆيكەن - كەچكەنلەر، كۆكتات بازىرىغا كۆكتات ئېلىپ كىرىدىغانلار مۇشۇ كۆل ياقىسىدىكى يولدىن ماڭغىچە ئۇ يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەتنى ئايىماي قويۇپ بېرىپ ئادەم قارىغۇسىز دەرىجىدە مەينەت، يېنىدىن ئۆتكۈسىز دەرىجىدە سېسىق قىلىۋەتتى. ئۇ يەرنى ھازىر ئاممىۋى ھاجەتخانا دېسىمۇ ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. . . UpseU8Wo  
_ شۇنداق، ئاشۇ كۆل، _ دېدى شوپۇر، _ كۈندە باشقا بالىلار ئۆيلىرىگە ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن بىز كۆلنىڭ يېنىدا سەيلە قىلىپ، پاراڭلىشىپ، چاقچاقلىشىپ كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئۇنى قىيمىغان ھالدا ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياتتىم. ئۇ مېنى بەك چۈشىنەتتى. كۆڭلۈمدىكىنى ھەربىر چىراي ئىپادەم، كۆز قارىچۇقلىرىمنىڭ ھەرىكىتىدىنمۇ بىلىۋالاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولسام ۋاقىتنىڭ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىگە ئاچچىقىم كېلەتتى. E1ob+h:`d  
_ ئۇنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يەتمىدىمۇ؟ S, 9WMti4x  
_ ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ مەن بىلەن تونۇشۇپ، بىز يۈرگەندىن كېيىن دەرسلەردە كۆرۈنەرلىك ئالغا ئىلگىرىلەپتۇ. 8 Y~T$Yj^  
_ مۇھەببەت پايدا قىپتۇ _دە؟ )hJjVitG  
_ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىدى. ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپتىكەن. ئاچچىقىدا ئۇنى باشقا بىرىگە ياتلىق قىلماقچى بوپتۇ. Afhx`J1KO  
_ مابىتىم بار، دېمەپتۇما؟ >8;%F 
_ ئەلۋەتتە دەيدۇ _ دە؟! لېكىن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى مېنى ياراتماپتۇ. 11 گىچە ئوقۇغان قىزىمنى ناۋايغا بېرىپ بېشىم ئىششىپ قالمىدى مېنىڭ، دەپ ئاپىسى بىر تۇغقىنىغا بەرمەكچى بوپتىكەن. ئۇنى كېيىنچە تالا - تۈزگىمۇ چىققىلى قويمىدى، شۇڭا بىز كۆرۈشەلمىدۇق. ئۇنىڭ قوشنىسىنىڭ قىزى ئۇنىڭ بىلەن ياخشى دوست ئىدى. ئۇ ھەر قېتىم نان ئالغىلى كەلگەندە ماڭا ئۇنىڭ يازغان خەتلىرىنى ئەكېلىپ بېرەتتى. خەتتە باشقا گەپ يوق پەقەت «سىزنى سېغىندىم»، «سىزنى كۆرگۈم كەلدى»، «سىزنى ياخشى كۆرىمەن»، «ئاخشام چۈشۈمگە كىرىپسىز، كۆل بويىدا سەيلە قىپتىمىز. . .» دېگەنلا گەپلەر. ئاشۇ گەپلەردىنلا مەنمۇ ھەممە ئىشلارنى بىلەلەيمەن ئەلۋەتتە. شۇ كۈنلەردە قويغان - تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان، بىر خىيالغا چۈشۈپ كەتسەم قاچان بىرى كېلىپ نوقۇلاپ قويمىسا ئېسىمگە كېلەلمەيدىغان بوپ قالغان ئىدىم. ھەممىدىن بەك مېنى ناۋاينىڭ بالىسى دەپ كۆزگە ئىلمىغىنىغا ئاچچىقىم كېلەتتى. ناۋاي بولسام نېمە بوپتۇ؟ مەن يا خەقنى قاقتى - سوقتى قىلىپ ھارام پۇل تاپمىسام؟ يا بۇلاڭچىلىق قىلىپ خەقنىڭ دىلىنى رەنجىتمىسەم؟ ھەممە ئادەم رازى بولۇپ چىن كۆڭلىدىن بەرگەن پۇل بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتسام نېمىشقا چۈشەنمەيدىغاندۇ؟ دەپ تولا ئۆزۈمگە، ئۆزگىلەرگە سوئال قويۇپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يىغلاپ چىقاتتىم. ئۇ چاغدىكى ئازابنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ ئۇكا، سەن كېيىنچە بىلىپ قالىسەن. خۇدايىم مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن كۈنلەرنى سېنىڭ بېشىڭغا سالمىسۇن! YIUmCx0a  
_ شۇنداق قىلىپ ئايرىلىپ كەتتىڭلارما؟ SA n=9MG  
_ ياقەي، بىر كۈنى خېتىدە كەچتە كۆل بويىدا ساقلىشىمنى، مەن بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈۋالغۇسى بارلىقىنى دەپتۇ. مەن كەچتە ئۇ دېگەندەك كۆل بويىدا ئۇنى ساقلىدىم. ئۇ كېلىپلا ماڭا ئۆزىنى ئاتتى. ھېچنېمە دېيىشمەي بىر - بىرىمىزنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلىشىپ كەتتۇق. ئوغۇلبالا دېگەن خېلى - خېلى ئازابلارغا چىدىغىنى بىلەن ئۆز سۆيگۈنىنىڭ قۇچىقىدا ياش تۆكۈشىگە چىدىيالمايدىكەن. . . ھـــــــــەي، مەنمۇ يىغلاپ تاشلىدىم دېگىنە. ئەگەر باشقىلار قارشى تۇرغان بولسا ئادەم بولغىنىغا تويغۇزىۋەتكەن بولاتتىم. لېكىن قارشى تۇرغىنى ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرى ئەمەسمۇ؟ . . . ئۇ ئەسلىدە قېچىپ چىقىپتىكەن، مەن بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئىكەنلىكىنى سورىسام ئۇ «ھازىر قايتىپ بارسام چوقۇم ئاتا - ئانامدىن تىل - ئاھانەت ئىشىتىمەن، مېنىڭ ئۇ تۇغقىنىمىزغا ياتلىق بولغۇم يوق! سىزدىن باشقىغا مەيلىم يوق، مەن ئۆيگە كىرىپلا ئۇلارنىڭ ئالدىدا تەييارلاپ قويغان چاشقان دورىسىنى ئىچىپ ئۆلۈپ بېرىمەن!» دېگەنتى، بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. «سەن ئۆلسەڭ مەن نېمە قىلىمەن ياشاپ؟» دەپ ئۇنىڭغا باشقا يەرگە قېچىپ كېتىشنى دېدىم. ئۇمۇ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز شۇ كۈنى كېچىسى ئاتا - ئانىلىرىمىز بىلەن خوشلىشىپمۇ قويماي پىچانغا كەتتۇق. ئۇ يەردە ناۋايخانىدىن بىرنى ئاچتىم. شۇيەرلىكلەردىن ئۇقۇشۇپ نىكاھ ئوقۇتۇپ بىر ئۆيدە تۇردۇق. . . 5N+(Gv[`"  
_ چوقۇم رومانتىك ھە؟ _ دېدىم مەن. il%tu 
_ سەن نېمانداق قۇشقاچتەك گەپ سوراپلا تۇرىسەن؟ _ دېدى ئۇ سەل خاپا بولغاندەك ئاھاڭدا. cE>/iZc  
_ ئەمدى شۇ. . . ھې ھې... ياش ئەمەسمۇ بىز! 7.rZ%1N  
_ ئۇنىڭ بىلەن ئەر - خوتۇنمۇ بولدۇق. ئىككى ئاي بولغاندا ئاتا - ئانامنى بەك كۆرگۈم كەلدى. ئاپام تولا چۈشۈمگە كىرىپ ئەنسىرەپ قالدى... c!wB'~MS#  
_ ئاتا - ئانىڭىزغا دېمىگەنمىتىڭىز؟ 7#. PMyK9  
ئۇ ماڭا «ئۇف!» دەپ قارىۋىدى يەنە جىم بوپ قالدىم. مۇشۇ ئاغزىمنىزە؟... H>X1(sh#}  
_ ئاتا - ئانامغىمۇ دېگەن دادام «ئۈمىدىڭنى ئۈز!» دەپلا جىق گەپ قىلمىدى، ئاپامنىڭ بەك ئاچچىقى كەلدى. «ۋاي ئوغلىمىزغا قىزلار دېگەن ساماندەك، پۇلنى ئۇنداق چوڭ بىلمەيمىز، سەت ناينىقىنى چېكىگە تېڭىۋالسۇنا!» دەپ ئۇنىڭ ئاتا - ئانىلىرىغىمۇ چىش - تىرنىقىدىن ئۆچ بولۇپ كەتكەنتى. لېكىم ماڭا ئامراقتە؟ مەن ئۆيگە بېرىپ ئاتا - ئانامنى خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىش ئۈچۈن بارغىنىمدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى مېنى تۇتۇۋالدى، ئۇلار بىز كەتكەن كۈندىن باشلاپ مېنى پايلاپ يۈرۈپتىكەن. ئاپام يىغلاپ «يۈزىمىزنى تۆكتۈڭ، بىز بۇ مەھەللىدە تۇرامدۇق، تۇرمامدۇق؟» دەپ ئۇنى ئېلىپ كەلمىسەم ئۆلۈپ بېرىغانلىقىنى دەپ تۇرۇۋالدى. ئامالسىز ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن پىچانغا بېرىپ ئۇ ياندۇرۇپ ئېلىپ كەلدىم. داداممۇ «يا مەندىن تېنىپ كەت، يا تالاق قىل!» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. يېلىنىپ باقتىم، يىغلاپ باقتىم، پايدىسى بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ بىزنىڭ ئۆينى كۆزگە ئىلمىغىنى ئاتام - ئانامغا ساقايماس دىل يارىسى سېلىپ قويغان تۇرسا. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ھەم بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر بار ئىدى. مەن پىچاندا ناۋايلىق قىلىپ تاپقان پۇللىرىمنى تەييار قىلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا «سېنى تالاق قىلغۇم يوق. . .» دېيەلىدىم. «تالاق» دېگەن گەپنى ئۆلتۈرۈۋەتسىمۇ دېمەيمەن ئەلۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن مەھەللىنىڭ چوڭلىرى، ئىماملار «تالاق قىلغانغا ھېساب» دەپ ئۇنى ئېلىپ كېتىشتى. ئۇنىڭ كەينىدىن يىغلاپ يۈگۈردۈم، دادامنىڭ «ئوغلۇم بولساڭ قايتىپ كەل!» دېگىنىگىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ ئىككى ئاكىسى باتتى، قولۇمدىن چىڭ تۇتۇۋالدى، يۇلقۇنۇپ چىقىپ كېتەلمىدىم. ئۇمى كەينىگە قاراپ يىغلىغان پېتى كېتىپ قالدى. شۇ چاغدا تىزلىنىپ تۇرۇپ قان - قان يىغلاپ كەتكەنلىكىم ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ. بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە ئۆچ بولدۇم، ھەممىسى رەھىمسىز بىلىنىپ ئاتا - ئانامغىغۇ دېمەيلا ئۈرۈمچىگە كەتتىم. مەقسىتىم پۇل تېپىپ ئاشۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ قويۇش ئىدى. . . L(P:n-^  
ئۇ يەنە جىمىپ كەتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىدىم. ياشلىرىم ئىختىيارسىز مەڭزىمنى بويلاپ مەيدەمگە ئاقماقتا ئىدى. بۇ دۇنيادا مۇرادىغا يەتكەن ئاشىق - مەشۇقلاردىن زادى نەچچىسى باردۇ؟ قانداق ئاشىق - مەشۇقلار مۇرادىغا يېتەر؟ پۇل دېگەن نىجىس قانچىلىغان يۈرەكلەرنى زەرداپ قىلىپ، قەلبىگە ئۆچمەس ئازاب ئىزلىرىنى قالدۇرغاندۇ؟. . . N%E2 BJ?  
_ ھە، جىمىپ كەتتىڭغۇ ئۇكا؟ ئەمدى سورىغىنە سوئاللىرىڭنى! ھې ھې. . . \#7%%>p=O'  
ئۇنىڭ گېپى بىلەن خىيالدىن ئويغىنىپ سورىدىم: 1V$B^/_  
_ ئەمسە ھازىر شوپۇر بولۇپ قاپسىزغۇ؟ ?Cfp=85ea!  
_ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ناۋايلىق قىلدىم. مەن تاماكىمۇ چەكمەي، ھاراقمۇ ئىچمەي، باشقىلار بىلەنمۇ ئارىلاشمىغانلىقىم ئۈچۈنمۇ تېزلا خېلى پۇللۇق بوپ قالدىم. قىزلار بىلەنمۇ ئارىلاشمىدىم. كېينچە ئادەم ياللاپ ئىشلىتىپ دۇكاننى ئىككىگە كۆپەيتتىم. شوپۇرلۇقنى ئۆگىنىپ تاكسى ھەيدىدىم، كېيىنچە تاكسىنىمۇ ئادەم ياللاپ ھەيدىتىپ بەش يىلدىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ھەي ئاتا - ئانامنىڭ مېنىڭ دەردىمدە بولۇپ كەتكەن ھالىتىنى ئويلىسام يىغلاپ تاشلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ئۇكا! ھېلىمۇ جىق يىغلاپ كەتتىم، ئەمدى يىغلىمايمەن. zR_l ^NK  
ئاستا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قارىدىم. ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. <%uZwk>#  
_ بەرىبىر يېشىمنى كۆرەلمەيسەن، _ دېدى ئۇ ماڭا قارىمايلا، _ مەن يۈرىكىمدىن يىغلايمەن، يېشىم سىرتقا چىقمايدۇ. T sW6w  
_ راست شۇنداقكەن. n8aiGnd=v  
_ كېيىن ئۆيدىكىلەرنىڭ رازىلىقى بىلەن ھازىرقى ئايالىمنى ئالدىم. ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتقان ئاشۇ ئىككى ئاي مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ئۇنىڭمۇ ئېسىدىن چىقمايدۇ. N ] /d  
_ ۋۇي، باشقا بىرى بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەندىكىن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتكەنسىز؟ e ; r-}U  
_ ئۇنداق ئاسان ئۇنتۇغىلى بولسا مۇھەببەت شۇنچە سىرلىق، ئۇلۇغ بولماستى. ھازىرقى ئايالىممۇ بوپ قالىدۇ. لېكىن سۆيگەن ئادىمىنى ئۇنتۇماق بەكلا تەس بەلكىم مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ھازىرقى ئايالىم بىلەن بىر ئۆيدە بولساممۇ كۆڭلۈم يەنىلا ئاشۇ تۇنجى سۆيگۈنۈم بىلەن بىللە. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاندا ھەر كېچىسى تاڭ ئاتماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم، لېكىن ھازىر كۈندۈز بولسا كەچ بولماسلىقىنى، كەچ بولغاندا تېزراق تاڭ ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ساڭا دېسەم باغۇ ئۆزى سۆيمىگەن ئادەم بىلەن ھېلىقىدەك ئىشنى قىلسىمۇ ئانچە لەززىتى بولمايدىكەن. مەنمۇ بىر ئۆيگە كىرگەندىكىن ئۇنى - بۇنى دەپ مېھرىمىز چۈشۈپ قالار، دەپتىمەن. نەدىكىنى؟ ھازىرقى ئايالىم بىلەن ھېلىقى ئىشنى قىلىشقىمۇ پەقەتلا رايىم يوق. ئاللاھ سالغان مېھىردىن باشقىسى بىردەمچىلىكلا بوپ قالىدىكەن ئۇكا! ھازىرغۇ مۇھەببەت بىلەن قىلچە خوشۇم يوق، پەقەت بالامنى ياخشى تەربىيىلەپ ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشلا ئارزۇيۇم بار. ماشىنىنى ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەيدەيمەن. بولمىسا شۇنچە پۇلۇم بار ئادەم بۇ يېزىدا نېمە بار ماڭا؟ ئەمدىغۇ بايىقى ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلگەنسەن؟ ^@"f%3  
_ ھە، بىلدىم. ئەمسە ئۇ قىزچاقچۇ؟ سىلەر ئىككى ئاي ئۆي تۇتۇپسىلەر، ئۇ قىزچاق سىزنىڭ قىزىڭىز ئەمەستۇ؟ 2;r^~ :  
_ بىلمەيمەن. -3U} (cZ*  
_ بۇ. . . I3b-uEHev  
_ ئۇ قىزنى تەكشۈرتۈپ باقايلى دېگەن مەن ئۇنىمىدىم. Qn h1s u5  
_ دېمەك سىلەر ھازىرمۇ پاراڭلىشىپ تۇرىدىكەنسىلەردە؟ 8so}^2hTlT  
_ شۇنداق، ئۆيىدە يولدىشى يوق چاغدا سۇ ئېلىۋالغۇچە بولغان ئارىلىقتا بىر - ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىپ قالىمىز، ئەمما بۇنداق پۇرسەت يىلدا بىرەر - ئىككى قېتىم كېلىدۇ.ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن ئۈرۈمچىگە كېتىپ ھەپتە بولماي ئۆيىدىكىلەر ھازىرقى يولدىشىغا ياتلىق قىلىۋېتىپتۇ. بالىمۇ ئۇلار توي قىلىپ سەككىز ئاي بولغاندا تۇغۇلۇپتۇ، مېنىڭمىكىن دەپمۇ قالىمەن، تۇرۇپلا بەزىدە بىر - ئىككى ئاي بالدۇر تۇغۇلۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ بارغۇ، دەپ جەزىملەشتۈرەلمەيمەن. aKr4E3`  
_ بالىنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈپ باقماي. . . 7O :Gi*MA  
_ تەشكۈرتسەم ئەگەر مېنىڭ بوپ قالسا قاراپ تۇرۇپ بىر ئىناق ئائىلىنى بۇزغان بولمامدىم؟ Kx!|4ya,  
_ ھە، راست! ئەجەپمۇ مۇرەككەپ ئىشلاركەن بۇ. ئورنىڭىزدا مەن بولغان بولسام قاراپ تۇرۇپ بىر مۇنچە ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ قوياركەنمەن. ?KW?] o  
_ سىلەر ياشلارنىڭ قېنىڭلار قىززىق! كاللاڭلاردا پەقەت ھەق - ناھەق قارىشىلا بار. ئادالەت ئۈچۈن مەيدە كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقساملا دەيسىلەر، بەزىدە توغرا دەپ قارالغان ئىشلار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خاتا بوپ قېلىشى، خاتا دەپ قارىغان ئىشلار يەنە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن توغرا بوپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن مەن ئۇنىڭ بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇپ ئۆي تۇتقىنىمىزنى توغرا دەپ قارىغانتىم، ئەمدىلىكتە بەك چوڭ خاتالىق سادىر قىلغانلىقىمنى بىلدىم. ,W;8!n0  
_ چوقۇم سۆزلىرىڭىزنى ئېسىمدە چىڭ تۇتىمەن. بىرەرسى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالسام چوڭلارنىڭ رازىلىقى بىلەن بىر ئۆيگە كىرمىگۈچە ئۇنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمەن. RlI qH;n  
_ ھازىرقى ياشلاردىكى مۇھەببەتنىڭ ھېچقانداق ھۆرمەتلىگۈدەك يېرى يوق، مەن ئۈرۈمچىدە بەزى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈپ -كۈندۈزدىلا يول بويلىرىدا قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ تۇرغانلىقىنى جىق كۆرگەن. ھاياسىزلار! بىزمۇ مۇھەببەتلەشكەن، لېكىن ئۇ قېچىپ چىققان كۈنىسىدىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپمۇ باقمىغان. سىلەردەك يوللاردا قۇچاقلىشىپ مېڭىپ، ئازراق خالىي جاي تاپساقلا سۆيۈشۈپ يۈرمىگەن. ئاشۇنداق ھاياسىزلاردىن قانداق بالا تۇغىلىدىكىن؟ بۇرۇنقى ھايالىق ئاتا - ئانىلىرىمىزدىن تۇغۇلغان بالىلار ئاستا - ئاستا ھاياسىز بوپ كېتىۋاتىدۇ. ئاشۇ ھاياسىز ئاتا - ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار قانداق بوپ كېتەر؟ خۇدا ئۆزەڭ بار... KO$8l Mm$  
ئۇ شۇنداق دېگەچ بېشىنى چايقاپ قويدى. ئۇنىڭ دېگەنلىرى ھەقىقەتەنمۇ راست ئىدى. مەنمۇ تولا كۆرگەن ئاشۇنداق رومانتىك ئاشىق - مەشۇقلارنى. يا ئالدىغا بېرىپ «ھايالىق بولۇڭلار!» دېگىلى بولمىسا؟ قارىغاندا تەرەققىيات بىزگە نى - نى كۈنلەرنى كۆرسىتىدىغان ئوخشايدۇ. ھەي، نېمىشقىمۇ بوۋام دەپ بەرگەن ھەممە ئادەم «قورسىقىم تويسىلا بولدى» دەيدىغان مەزگىللەردە تۇغۇلمىغان بولغۇيتتۇم؟ ئادەملەر چوقۇم تەرەققىياتقا ماسلىشىپ ياكى توغرا قوبۇل قىلىپ، بىر - بىرى بىلەن رىقابەتلەشمىسە بولمايدىغان بولسا ئۇنداقتا ئادەمنىڭ قانائەت قىلمايدىغان تەبئىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا تەرەققىياتنىڭ چېكى يوقكەن. بىز كۆرمىگەن خېلى ئىشلار ئالدىمىزدىكەن. ئېھ! ئۇلۇغ، ھەممىگە قادىر ئاللاھ، ھەممە بەندەڭنىڭ دىلىغا ئىنساب ئىمان بەرگەيسەن! ھەممە بەندەڭنى ھىدايەت يولىغا باشلىغايسەن!!! e{S`iO  
_ سېنىڭچۇ؟ _ دېدى شوپۇر خىيالىمنى بۆلۈپ، _ بىرەر نىشانىڭمۇ يوقما؟ xF0 *q  
_ ھازىرچە يوق. $"1&!  
_ ساڭا بىر سىرنى دەپ بېرەيمۇ؟ lph_cY3p  
_ نېمە سىر؟ Np_6ZUaqz  
_ ھاياتىڭدا پەقەت بىرلا قېتىم ئۇچرايدىغان سۆيگۈنۈڭنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيدىغان سىر. Vdyx74xX  
_ ۋوي، مۇنداقمۇ ئىش بار، دەڭ. ماقۇل، ئاڭلاپ باقاي! i?9Lf  
_ ساڭا دېسەم باغۇ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇھەببىتىمدىن مەن شۇنداق بىر تەجرىبىنى يەكۈنلەپ چىقاردىم. مەن ئويلاپ باقسام ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئەركىلىيەلەيدىكەنمەن، تېخى ئۇ مېنى باشقۇرسا «ماقۇل، ئاپا!» دەپ قوياتتىم. شۇنداق خۇشال، ئۇنىڭدىن سۆيۈنگەن ھالدا دەيتتىم. گەپ تەگىشىپ قالغان شۇنداق دەپ قويسام ئۇ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالاتتى. بەك سۆيۈملۈك ئاشۇ تۇرقى. شۇڭا دەيمەن، سەن ئەركىلىيەلىگەن قىز سېنىڭ چىن دىلىڭدىن سۆيگەن قىزىڭ شۇ! d^>se'ya  
_ ھە، چۈشەندىم. ئۇنداقتا ھازىرقى خوتۇنىڭىزغىمۇ ئەركىلەپ قويامسىز؟ )~kb 7rfl  
_ ساڭا راستىنى دېسەم ئۇنى مۇشۇ چاغقىچە «خوتۇن» دەپمۇ چاقىرىپ باقمىدىم. ئىسمىنىلا چاقىرىمەن. ئەركىلەش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئوغۇلبالا دېگەن ھەرقانچە غورۇرلۇق، قوپال بولسىمۇ يۈرىكى يەنىلا گۆش، ئۆزىنىڭ سۆيگەن قىزىغا ئەركىلىيەلەيدۇ. پەقەت چىن دىلىدىن سۆيگەن قىزغىلا. . . (avaTUMOqy  
_ ھىم، بىلىۋالدىم. Gu=bPQOj  
_ ئەمدى كۆرگەنلا قىزلارغا ئەركىلەپ يۈرمە جۇمۇ! ھا ھا ھا . . . ^jA}*YP  
_ ھا ھا . . .ياق، مەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن سىناپ باقسام بولامدا؟ gUQCKNw  
_ ئۇنى سىناش كەتمەيدۇ، چىن دىلىڭدىن سۆيسەڭ ئۆزلىكىڭدىنلا ئەركىلەيسەن ھەم قىز بالا ئەركىلىسە ئېغىر ئالمايسەن. ھەر بىر باتناشلىرىمۇ، قاپاقلىرىنى تۈرۈۋېلىشلىرىمۇ، ساڭا گەپ قىلماي قېيىداشلىرىمۇ ساڭا شۇنچە تاتلىق، ئوماق تۇيۇلىدۇ. يەنە بىرسى ئالدىدا ھەرگىز تىلىڭ تۇتۇلۇپ قالمايدۇ. ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئەركىن تۇرغاندەك ھېس قىلىسەن! B[h9epU]K  
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دىلىم سۆيۈنۈپ كەتتى. چوڭلار نېمىلا دېگەن بىلەن بىزدىن تەجرىبىلىكتە؟!. . . \GP c_m:qL  
گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ شەھەرگە كىرگەنلىكىمىزنىمۇ تۇيمايلا قاپتىمەن. قاتار - قاتار چىراغلار ئاستىدا سىيلىق كېتىۋاتقان ماشىنا ئىچىدە ئۆزۈمنى خۇددى ئەھمىيەتلىك بىر سائەتلىك دەرس ئاڭلىغاندەك ھېس قىلىپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ سۈرىۋاتقان خىيالىمنى ئۇنىڭ سۆزى بۆلىۋەتتى: " OtLJ  
_ ساڭا نېمىشقا بۇ گەپلەرنى دەپ بەرگەنلىكىمنىڭ سەۋەبىنى بىلەمسەن؟ _ دېدى ئۇ. CPG %*E*  
_ ياق، بەلكىم ماڭا تەربىيە بولسۇن دېگەنسىز؟ S/aPYrk>6  
_ نېمىشقا ساڭا تەربىيە قىلدىم؟ }_x oT9HUr  
_ خاتا مۇھەببەتلىشىپ بىر ئۆمۈر ئازابتا قالمىسۇن، دەپ. . . 0Jrk(k !  
_ بۇ گەپلىرىڭمۇ توغرا، لېكىن ئاساسلىق بىرلا سەۋەب بار، ئۇ بولسىمۇ سېنىڭ ھازىرقى مىجەز - خۇلقۇڭ مېنىڭ ياش ۋاقىتلىرىمغا بولۇپمۇ سەندەك ۋاقىتلىرىمغا بەك ئوخشايدىكەن. X:5*LB\/v  
_ مەنمۇ ھېس قىلدىم، ھازىرمۇ ئوخشىشىپ قالىدىكەن مىجەزىمىز %iNDRLR%I  
_ ھە، شۇ. شۇڭا دەپ بەردىم. مەن يولۇققان ئىشلارغا يولۇققاندا قانداق قىلىشنى بىلىۋالدىڭمۇ؟ u p?8Pq*  
_ ھەئە، بىلىۋالدىم. `P~RG.HO  
_ ئۆيۈڭ نەدە ھوي؟ شەھەرنى بىر چۆرگىلەپ چىقتىم مەن، ھازىر ماينىڭ باھاسى قىممەت! ]]4E)j8  
_ شۇڭا ئىككى سومنىڭ ئۈستىدە تىك تۇردىڭىز دەڭا؟ ھا ھا . . . XDF" ,N)  
_ تازىمۇ بىر! بولدى سەندىن كىرا پۇلىنى ئالماپتىمەن. ئوبدان سىردىشىپ بەرگىنىڭگە رەھمەت! بىللە كەچلىك تاماق يەيلى! `JCC-\9T_  
_ بۇنىڭدا قانداق بولار؟ :|g{ gi  
_ مەن مېھمان قىلىمەن. $) $sApB  
_ ئۇنداق بولسا يەيلى! _ U\vHa$#  
_ ساقچىغا كىرمە بولدى، پۇلۇڭنى مەن ئېلىپ بېرىمەن، ئۇ يېزىدا جىقمۇ ئوغرىلار يوق، پەقەت شۇ ئىككى - ئۈچىلا بار، سەن ئادەم تونۇپ بەر، مەن پۇلۇڭنى ئېلىپ بېرەي. }m?L/Y'}  
_ ۋاھ! رەھمەت سىزگە! مەن ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېسىمدە تۇتىۋالغان. قاچان ئېلىپ بېرىسىز؟ Jor?;qo3  
_ تاماق يەپ بولۇپ قايتىپ كېتىمىز، ئەتە ئېلىپ بېرىپ يولغا سەپ قويىمەن. بۈگۈن كەچ قايتىپ كەتكۈچە يەنە پاراڭلىشىمىز. ھا ھا ھا . . . Z3d&I]Tf  
_ چاتاق يوق، مۇشۇنداق سۆزلەپ بەرسىڭىز مەن زېرىكمەي ئاڭلايمەن. h4C B1K  
_ گېپىڭدە تۇر ئەمسە! 8b/yT4f  
. . . Z.MD8^  
ماشىنا شەھەرگە كىرىپ بېزەكلىك يولىدىكى تىيەنما تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدىكى كەچلىك بازارغا كېلىپ توختىدى. . .
[ بۇ يازما گۈل-چۈشى تەرپىدىن 2008-09-09 19:37 دە قاي ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+99(جـانان) nima digan tasirlik isi ..
  • شۆھرەت:+20(گۈلگۈن) ئېسىل تېما
  • ياخشى باھا:+1000(پەرىشتە001) تەربىيىۋى ئە ..
  • تۆھپە:+100(ھىجران) ياخشى ئەسەر
  • ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2008-09-09 16:59 |
    قوزام
    ئەخلاقىڭ بىلەن ياشا !
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىلغار باشقۇرغۇچى ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 18431
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1439
    شۆھرەت: 2346 كىشىلىك
    پۇل : 170701 سوم
    تۆھپە: 510 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2157 نۇمۇر
    قوللاش: 1563 نومۇر
    ئالقىش: 2056 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 278(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-02
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئورۇن ئىگەللەيمەن .
    قىز بالا ھاياسىز بولسا،ئۆزىنىڭ قەدرى-قىممىتىنى ساقلىمىسا،مەڭگۈ ئوغۇل بالىنىڭ ئالدىدا خار-زار بولۇپ ئۆتىدۇ.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:01 |
    erk uzun
    ئوغۇز-ئوغلى
    ئوزلۇكىمىزنى يۇقاتمايلى!
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 13755
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 637
    شۆھرەت: 203 كىشىلىك
    پۇل : 137 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 230 نۇمۇر
    قوللاش: 307 نومۇر
    ئالقىش: 714 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھكايەڭلىمۇ خلى ياخشى چىقپتۇ.............خلى بۇلغان ھىكايەڭلىنى كۇرمىگىلى...
    armaninkas4
    باشقىلارنى ئىگز دەپ بىلىشىڭ،ئەمەلىيەتتە ئوزۇڭنىڭ ئولتۇرۋالغىنىڭدا،شۇڭا ھەر ۋاقىت دەس مەزمۇت تۇر...!~!
    تۇنۇگۇنكى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۇچۇن،ئەتىكى بەخىتكە ئىنتىلىش زورۇر!ئوغۇز-ئوغلى
    ئاللا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!

    In the election of a wife,as in project of war,to err but once is to be undone for ever。
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:12 |
    ئەكرەم
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2140
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 379
    شۆھرەت: 378 كىشىلىك
    پۇل : 4153 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 431 نۇمۇر
    قوللاش: 370 نومۇر
    ئالقىش: 446 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 306(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-06
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئالامەت پەيزى چىقىپتۇ...
    كۈمۈش ئوق بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ
    http://kumushoq.blogspot.com
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:16 |
    ئىلى.بۆرىسى
    تارخ: ئۇ كىنو ئەمەس...........
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 150
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2743
    شۆھرەت: 3642 كىشىلىك
    پۇل : 122342 سوم
    تۆھپە: 2318 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2863 نۇمۇر
    قوللاش: 2798 نومۇر
    ئالقىش: 2022 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 922(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۈزۈمچى سىنىڭ ھىكايىلىرىڭنى ئوقۇشقا قىزىقىپ قىلىۋاتىمەن ... ئەجرىڭگە رەخمەت ................
    دوپسىنى ئال يۇۋاش نىم دىسە ، بىشىنىلا ئېلىپ كەپتىمەن .
    ئەززەلدىنلا سۇنۇق دىللارغا يەنە ،ئازاپ سېلىپ كەپتىمەن .
                          << ئۇيغۇرۇم ئۆم بول >>
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:27 |
    غۇبار
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19560
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 18 كىشىلىك
    پۇل : 315 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    قوللاش: 28 نومۇر
    ئالقىش: 63 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى يېزىپسىز جۇمۇ بۇ ھېكايىنى.
    كۈن كۆپەيسە ئاي بولىدۇ،ئاي كۆپەيسەيىل،
    يىل يىلاندەك ئۆمرۈڭنى يەر دوستۇم بۇنى بىل.
    كۆزىمىزنىڭ چانىقىغا توشقىچە تۇپراق،
    بارچە ئىنسان ئەپ ئۆتەيلى رەنجىمىسۇن دىل.
                                                                                           
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:31 |
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7587
    شۆھرەت: 10956 كىشىلىك
    پۇل : 7587 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8092 نۇمۇر
    قوللاش: 7531 نومۇر
    ئالقىش: 7013 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 1509(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئوقۇپ بولدۇم!!! Umwd  
    قانداق ئاداش سەن ھە،نىمانداق ياخشى ئەسەر يازىسەن!
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:33 |
    خوتەنجان
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 18234
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 436
    شۆھرەت: 719 كىشىلىك
    پۇل : 4996242 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 349 نۇمۇر
    قوللاش: 301 نومۇر
    ئالقىش: 418 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~ئۇيغۇرشاھ~
    توردىكى ۋاقتى : 217(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-11
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سېنىڭ مابىتىڭنىڭ قىزى . . سېنىڭ قىزىڭ بولامدۇ ياكى باشقا بىرىنىڭ بولامدۇ . .  aOYRenqu  
    'c#ZW | A  
    مېنىڭ قىزىم دەپلا ئىسىم قويساڭ ئۇدۇل بولىدىكەنتۇق ئەسلى .. . .^s%Nh2jM  
    ]1]  
    سېنىڭ كېيىن بىر توم كىتاپ چىقىرىشىڭغا ئىشىنىمەن . . .      ساڭا ئامەت تىلەيمەن . . .     
    چېكىنىش، ھەرگىز يېڭىلگەننىڭ بىشارىتى ئەمەس !
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:43 |
    يامغۇرئاي
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 19627
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 726
    شۆھرەت: 788 كىشىلىك
    پۇل : 7035 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 897 نۇمۇر
    قوللاش: 705 نومۇر
    ئالقىش: 1035 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 422(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋويېېېېېېېېېېېېې  ,O a)  
    ھىكايىمۇ يازاتتىم دەڭا... lu-VBVwR  
    ئەمدى    مىنى  دوراپمۇ  يۈرمەيدىغان  بوپسىزدە  قارىغاندا  ... ,\}V.:THF  
    ھىم... $BH0W{S  
    تەسىرلىك  چىقىپتۇ 5+%BZ  
    ئىجادىيەت  سەپىرىڭىزگە  ئۇتۇق  تىلەيمەن
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:49 |
    ئۈزۈمچى
    مەن ئۆزۈمدىن باشلىدىم!
    ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ مۇنبەر قىززىقچىسى
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 2269
    نادىر تېما : 20
    يازما سانى : 2338
    شۆھرەت: 17342 كىشىلىك
    پۇل : 63429 سوم
    تۆھپە: 1584 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5439 نۇمۇر
    قوللاش: 3509 نومۇر
    ئالقىش: 3591 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 1605(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىخوتەنجاننىڭ2008-09-09 17:43دە يوللىغان يازمىسى  : GadD*psD2  
    سېنىڭ مابىتىڭنىڭ قىزى . . سېنىڭ قىزىڭ بولامدۇ ياكى باشقا بىرىنىڭ بولامدۇ . .   7ZJYT#>b  
    Y%Saz +  
    مېنىڭ قىزىم دەپلا ئىسىم قويساڭ ئۇدۇل بولىدىكەنتۇق ئەسلى .. . ;H}? 8L  
    'jfI1 ]q  
    سېنىڭ كېيىن بىر توم كىتاپ چىقىرىشىڭغا ئىشىنىمەن . . .      ساڭا ئامەت تىلەيمەن . . .     
    /dtFB5Z"w  
    v/CXX<^U(  
     H'2pmwk  
    شوپۇرنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ قىز _ ئۇنىڭ مابىتىنىڭ قىزى. ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاۋۇ ئايالنىڭ ھازىرقى يولدىشىنىڭ قىزىمۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. J/)Q{*`_  
    مەن بۇ ئەسەردە قوشۇمچە رول ئوينىدىمغۇ؟  /pV^w  
    `@eQL[Z9x  
    رەھمەت ساڭىمۇ........
    http://www.agranum.cn/bbs
    ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەيلى!!!
    ئەڭ نادىر تېمىلار «ئۈزۈمچى بلوگى»دا بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىمەن!
    blog.retim.cn/314681
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:49 |
    زىبائاي
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15005
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1913
    شۆھرەت: 11827 كىشىلىك
    پۇل : 62460 سوم
    تۆھپە: 5450 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3251 نۇمۇر
    قوللاش: 1968 نومۇر
    ئالقىش: 6275 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 937(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەجەپ تەسىرلىككەن    شۇنداق ياخشى يېزىپسىز  . بارلىق ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ مۇرادىغان يېتىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن . بۇنىڭ ئۈچۈن  ئوغۇللار تېخىمۇ بەك غەيرەتلىك بولۇڭلار چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا قىزلار بەك ئامالسىز قالىدۇ 
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 17:56 |
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7587
    شۆھرەت: 10956 كىشىلىك
    پۇل : 7587 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8092 نۇمۇر
    قوللاش: 7531 نومۇر
    ئالقىش: 7013 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 1509(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەۋېر ئالماشتى زىبا-ئاي!! E ekX|*  
    تېرىشىڭ!!
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:00 |
    زىبائاي
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 15005
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1913
    شۆھرەت: 11827 كىشىلىك
    پۇل : 62460 سوم
    تۆھپە: 5450 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3251 نۇمۇر
    قوللاش: 1968 نومۇر
    ئالقىش: 6275 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 937(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-07
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون11قەۋەتتىكىئابدۇقادىرنىڭ2008-09-09 18:00دە يوللىغان يازمىسى  : Y 3h`uLQ  
    دەۋېر ئالماشتى زىبا-ئاي!! C.].HQ  
    تېرىشىڭ!!
    < KG q  
    xy))}c%  
      ئۇنداق دېمەڭ .    سەت تۇرمامدۇ  .  دەۋىر ئالماشقان بىلەن قىزلار بىلەن ئوغۇللار  ئالمىشىپ قالمىغان تۇرسا . 
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+10(قورغان213) YAHXI JAWAP
  • چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:04 |
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7587
    شۆھرەت: 10956 كىشىلىك
    پۇل : 7587 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 8092 نۇمۇر
    قوللاش: 7531 نومۇر
    ئالقىش: 7013 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 1509(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇنداققۇ ئاملاشمايدۇ،ھۇجۇم ئالمىشىدۇ! mX 3p   
    تەرەقىيات شۇ ھازېر
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:20 |
    كەرىمە613
    مىنىڭمۇ ئاچچىغىم بار جىما!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 16501
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 415
    شۆھرەت: 424 كىشىلىك
    پۇل : 273 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 463 نۇمۇر
    قوللاش: 438 نومۇر
    ئالقىش: 527 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى : 733(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-01-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يىقىندىن بىرى بەك ياخشى ھىكايىلەنى يىزىۋاتىسىز ،بۇندىن كىيىنمۇ بوشاشماي يىزىپ تۇرۇڭ . 
    color=#0000FF][size=1]كىچە قانچە ئۇزۇن ، قانچە قورقۇنچلۇق ،قانچە قاراڭغۇ بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھامان تاڭ ئاتىدۇ .[/size][/color]
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2008-09-09 18:20 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر