ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيسىنى يەنە كىچىكتۈرەمدۇق؟
بەزىلەر ساغلاملىق تور خاتىرەم ( بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى
http://birzat123.78.la) دە ۋە مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىۋاتقان جىنسىيەت ۋە ساغلاملىققا ئائىت تېما-يازمىلىرىمغا قارىتا دوپپامنى ئالدىمغا قويۇپ بۇنداق تەربىيەنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە زىيانلىق ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىمنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپتۇ.
دۇرۇس، مەن دوپپامنى ئالدىمغا ئىلىپ تۇرۇپ كۆپ ئويلاندىم. دىيارىمىزدىكى ئوغۇللار كىچىك بولغاندا 12 ياش ئەڭ كېچىكتى دېگەندىمۇ 14-15 ياشتا بالاغەت يېشىغا يېتىپ بولىدۇ . ئۆزۈمنى مىسالغا ئالسام، 13 ياشلار ۋاقتىمدا بالاغەتكە يەتكەن ئىدىم. دەسلەپتە ئىھتىلام (شەيتان ئاتلاپ ) بولۇپ قالغان چاغدىكى ھېس - تۇيغۇم ھازىرغىچە ئېسىمدە ، نەچچە كۈنگىچە ئاجايىپ بىر خىل چۈشۈنۈكسىز سېزىم ئىچىدە قويغان - تۇتقىنىمنى بىلەلمەي يۈرگەن ئىدىم. قىزلار ماڭا نېسبەتەن ئاجايىپ بىر سېھىرلىك ئالەم ئىدى. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ چوڭ ئائىلىدە تاغام << دۇنيا ئەدەبياتى >> جورنىلىنىڭ ھەر قېتىملىق سانىنى چالا قويماي مۇشتەرى بولۇپ كۆرەتتىكەن. دەسلاپتا جورنالنىڭ مۇقاۋىلىرىدىكى چەتئەلنىڭ يىرىم يالىڭاچ ئاياللىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ يېگىتلىك سېزىملىرىم ئويناپ كېتەتتى. ئىچىدىكى مۇھەببەت ھېكايىلىرىنىڭ جىنسىيەت ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان ئابزاسلىرى بەكرەك دېققىتىمنى تارتاتتى، ھەتتا تەكرار-تەكرار ئوقۇيتتىم. ئاخشاملىرى ئۇخلاي دەپ ياتساملا شۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋالاتتى.
جاڭگالغا قوي باققىلى بارغاندا بىزدىن چوڭراق باللارنىڭ ئەر-ئاياللار ھەققىدە قىلىشقان پاراڭلىرى، مادا ئىشەكلەرگە چىقىلىشلىرى دېققىتىمنى بەك تارتاتتى، كىچىكلىرى چوڭلىرىنى دوراپ ئىشەكلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتەتتى. بەزىلىرى ھەتتا شەھەردە قانداق ئويناپ، قانداق تاماشا قىلىشقانلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرەتتى. كىيىن شۇ پاراڭلارغا ئىشتىراك ئەتكەن كىچىكلەرنىڭ چوڭلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ << ئويناپ >> كەلگەنلىكلىرىنى، شۇ ئىش سەۋەبلىك بەزىلەرنىڭ ئالدىدىن توختىماي << مەينەت>> بىر نەرسىنىڭ ئاقىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. مانا شۇ چاغلاردا ماڭىلا ئەمەس باشقا كىچىك ئۆسمۈرلەرگىمۇ ئاشۇ << چوڭ بالىلار >> دىن باشقىلار جىنسىيەت ھەققىدە ھېچكىم ساۋات بىرىپ باققان ئەمەس. ئاشۇنداق ئىشلارنىڭ تۈرتكىسىدە جىنسىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل يىرگىنىچلىك نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قالدىم. كىيىن چوڭ بولدۇق. كىتاب ماتېرياللاردىن جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئەسلى ئۇ بىلىملەرنى بالدۇرلا بىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلدىم. تەن-ساقلىق، مەنىۋى پاكلىقنى ساقلاشتا جىنسىيەت بىلىملىرىنى كىچىكىدىنلا بىلمىسە بولمايدىغان ئىلىم ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. تېبابەت ئۈگۈنۈش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش جەريانىدا ياشلار ئىچىدە ئانانىزم (جەلق) نىڭ ئېغىر بىر ھادىسە ئىكەنلىكىنى، كۆپۈنچىسىنىڭ جىنسىيەت بىلىملىرىدىن پەقەتلا خەۋەرسىز، بىر مۇددەت ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللىنىش نەتىجىسىدە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى بىلمەي ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقان نۇرغۇن ياشلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ھەتتا بالىلىق بولۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغان، نۇرمال ئەرلىك سالاھىتىدە ياشىيالمايدىغان كۈنگە قالغان ئىدى. مۇشۇ كۈنگە قالغان ئەر كىشىدە - بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، مىللەتنىڭ ئۈمۈتلىرى بولغان ئەركەكلەرنىڭ روھىيتىدە زەئىپلىك، چۈشكۈنلۈكتىن باشقا يەنە نېمە قالىدۇ دەيسىز؟!!!
بلوگدا << بوھران>> دېگەن تېما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن خوتەندىن بىر تورداش پوچتا ئادرىسىمنى سوراپ تېلفۇن قىپتۇ، نېمە قىلاتتىڭىز دېسەم سىلىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ بىر پارچە خەت يازماقچى ئىدىم. سىلى مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قاللا، دەپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى، ھەيران قالدىم، مەن قاچان بۇ بالىغا ياردەم قىلغان بولغىيتتىم دەپ ئولتۇرسام تېلفۇن قىسقا ئۇچۇرى كەلدى، قارىسام يەنە ھىلىقى بالا. ئۇ مۇنداق دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ: مەن ئەسلى ئۆلىۋالىش نىيتىگە كىلىپ كىلىپ بولغان، بۈگۈن كەچ تورخانىدا بىر كۈن تۈنىۋىتىپ ئاندىن ئۆلىۋالاي دەپ كومپۇتېر ئالدىدا مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ سىلە يازغان بىر تېمىغا كۆزۈپ چۈشۈپ قالدى. ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدىم، مەن ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر تېمىنى بۇنداق ئەستايدىل ، تەپسىلىي كۆرمەيتتىم. بۇ قېتىمقىسى مېنىڭ ھاياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا تېمىنى نەچچە رەت ئوقۇدۇم. ئۆزۈمدە ھاياتقا نىسبەتەن بىر ئۈمۈد پەيدا بولدى. ئۆلىۋالىمەن دېگەن قارارىمدىن تەۋرىنىپ قالدىم. سىلى بىلەن بەك مۇڭداشقىم كەلدى. مەن ئەمدى ياشىماقچى، ئاللاھ ئىگەم ئىشلىرىغا بەركەت ئاتا قىلغاي!.......قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى مانا مۇشۇنچىلىك، ئۇ بالا ئۆلىۋىلىش سەۋەبىنى ئىنىق يازمىغان بولسىمۇ ئۇ بالىنى ئۆلىۋىلىش ئىرادىسىدىن قايتۇرالىغان تېما دەل جىنسىيەت، ئانانىزىمنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان نەسىرى ئەسەر ئىدى...يەنە بىر ئىش ، خوتەندىكى چاغدا بىر ياش، دۇككانغا كەپتۇ، ئۇستام ئۇنىڭ چىرايىغا بىر قارىۋىتىپلا قولىدىن تارتىپ دۇككاننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئەھۋال سوراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغىلى تۇرغىلى 6-7 يىل بولغان بولۇپ ئەرلىك ئەزاسى بەك كىچكلەپ كېتىپتۇ، ھەتتا خورما ئۇرۇقىچىلىك قالغان بولۇپ يەنە 3-4 ئايدىن كىين تويى بولماقچى ئىكەن، توي قىلىشتىن بەك قورقۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئەڭ ياخشى دورىلاردىن ياساپ بىرىشنى سوراپ كەپتۇ. ئۇ بالا بۇ گەپلەرنى ئېيتقۇچە يەرگە قاراپ يېغلامسىراپ تۇرۇپ بەك تەستە دېدى. ئۇستام بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەك تەس، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىپسە، دېدى. كىيىن مەن قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم. ئۇ بالىنىڭ ساقايغان ياكى ساقايمىغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق. بۇ يەردە يۇقۇردىكى مىساللارنى ئۆزۈمنى ماختاش ئۈچۈن ئوتتۇرغا قويمىدىم بەلكىم جىنسىيەت تەربىيسىنىڭ ياش ئۆسمۈرلەرگە كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكچى. ئىزدىنىش، دىيارىم، سەلكىن، شەبنەملەردە ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە ياشلارنىڭ ساغلاملىقى ئاسا قىلىنغان تېمىلىرىم ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئانانىزىمغا ئادەتلىنىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ زېينىنى تارتۋاتقان ياشلارنىڭ ھەر خىل سۇئاللىرى ۋە رەھمەت-تەشەككۇرلىرىنى بىلدۈرۈپ ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرىنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.
ئانانىزىمغا ئۈگۈنۈپ قىلىش سەۋەبلىك ياشلاردا بىنۇرمال پىسخىكا، بوشاڭلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىدىن سەسكىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈش بىلەن بىللە جىسمانىي جەھەتتە بەدەن ئورۇقلاپ چىرايى نۇرسىزلىنىش، داۋاملىق ھارغىن ھېس قىلىش، جىنسىي ئەزانىڭ شەكلى بىنۇرمال بولۇش، مەزى بېزى ياللۇقى، ئۇرۇق پۈچەكلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە گىرىپتار بولماقتا. بۇ خىل ئەھۋاللار مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرى بولغان ياشلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىشى ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيە خىزمىتى ئىلىپ بىرشى تولىمۇ زۆرۈر ئىشلاردىن ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ئانانىزمدىن ئىبارەت يامان ئىللەتنىڭ ياشلار ئۈچۈن قانچىلىك زور ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىۋاتقانلىقىنى بلوگدىكى باشقىلارنىڭ ماڭا يازغان خەتلىرىنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ئىنىق ھېس قىلالايسىز.
يۇقۇردا بايان قىلىنغان بىر تالاي ئىشلار سەۋەبلىك بلوگىمدا ئانانىزىمنىڭ ياش ئەركەكلەنى يەپ كېتىۋاتقانلىقىنى تېبابەت ئىلمى نۇقتىسىدىن بايان قىلىپ چۈشەنچە بەرمەكچى بولدۇم.
كۆپ يىل ئانانىزىم بىلەن شۇغۇللانغان كېشىلەرنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك زارىدىن قارىغاندا تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ: زەكەر يىگىلەش ، پۇت قول ماغدۇرسىزلىق ، بەل-پاچاق تېلىپ ئاغرىش، ئورۇقلاش، سۈيدۈك قىستاش، ئاغرىتىپ كېلىش، سۈيدۈك بېسىمى بولماسلىق، مەنى سۇيۇق بولۇش، پۈچەك بولۇش، بالدۇر كېتىش ، زەكەر قاتماسلىق، چاچ چۈشۈش، بۆرەك ئورۇقلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلاش، چىرايى نۇرسىزلىنىش، زېھنى قۇۋۋەتلەپ ئاجىزلاپ ئۇنتۇغاقلىق، قورقۇنچاقلىق، چۈشكۈنلۈك، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى سۇسلاش دېگەنگە ئوخشاش پىسخىك ئاجىزلىقلار قوشۇلۇپ كىلىدۇ. دوختۇردا تەكشۈرتكەندە مەزى بىزى، ئۇرۇقدان ياللۇغى، ئۇرۇق پۈچەكلىك دېگەندەك دىئاگنۇسلارنى قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا خىلى ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىۋاتقان داۋالاش ئۇسسۇللىرىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ ھېچقانچە ئۈنۈمى كۆرۈلمەيدۇ. ئەر-ئاياللىق جىنسىي تۇرمۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىق، بالىلىق بولالماسلىق دېگەندەك ئىشلار بىمارنى تېخىمۇ چۈشكۈنلەشتۇرۋېتىدۇ.
بلوگدا ياش-يېگىتلىرىمىزگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە ھەمدە ئۇيغۇر تېبابىتى بويچە ئۆزىنى ئاسىراش تەربىيىسى ئىلىپ بىرلىۋاتقاندا ئانانىزىم ئادىتىنىڭ يالغۇز ياش يېگىتلەردىلا ئەمەس قىزلاردىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى دېققىتىمنى تارتتى. ئاياللاردىكى ئانانىزىم ئادىتى ئاسارىتىدىن جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىش- پۇت-قوللار ئېغىرلىشىپ ئاسان چارچايدىغان، كۆز ئاستى قورۇق، كۆكۈش بولۇپ قالىدىغان، چىرايى سۇلغۇن ، نۇرسىز بولۇپ قالدۇ. جىنسىي ئەزا ياللۇقلىنىش، شەلۋەرەش بولۇپ ئادەت قالايمىقانلىشىش، ئاق خۇن كۆپىيىش، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ئۇنتۇغاقلىق ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. پىسخىكىلىق جەھەتلەردىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاش، ئۈمۈدسىزلىك، ئۆزىدىن بىزار بولۇش، يالغۇزلۇقنى خالاش قاتارلىق ئاجىزلىقلار پەيدا بولىدۇ.
بۇنداق تەخىرسىز مەسىلىدە شەرمىي ھايا، ئەقىدە-ئىتقادنى خاتا ئىستىمال قىلىۋىلىپ ساختا، ياسالما ئالىيجانابلىق بىلەن كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىلمى جىنسىيەت تەربىيسى ئىلىپ بىرىلمىغانىلىق سەۋەبىدىن يۈز بىرىۋاتقان مىللىتىمىزدىكى روھىي ۋە جىسمانىي زەئىپلىكلەرنى، جىنايى-زالالەتلەرنى، ئەيدىز كەبى ھالاكەتلىك قىسمەتلەرنى كۆرمەسكە سىلىپ يۈرىۋەرسەك بولمايدىكەن. ( بۇ ھەقتە، ئەيدىز ھەققىدىكى يازما - ئۇچۇرلار بىلەن تورداشلارنى كەڭ بەھرىمان قىلىۋاتقان بۇرادىرىم يۈكسەلنىڭ yuksel.blogbus.com خىزمەتلىرىنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ. )
ئەگەر بىز ساغلام ، توغرا بولغان جىنسىيەت تەربىيسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاسراش، تەن-سالامەتلىكىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقۇرى كۆتۈرىشىگە ياردەم بەرمىسەك ياش-سەبىيلەر قاراڭغۇ، مەينەت بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا باشقىلار تەرىپىدىن ئۈگۈتىلىدۇ . ئەھۋال مانا شۇنداق تۇرسا ئۆسمۈرلەرگە جىنسىيەت تەربىيسىنى يەنە كىچىكتۈرەمدۇق؟!!!
(ھازىر ئالدىراش بولۇپ قىلىپ تېمىنىڭ ئاخىرى چولتىلا چۈشۈپ قالدى. بۇ ھەقتە تورداشلار بىلەن يەنە پىكىرلىشىمىز، ئىنشائاللا!)
مەنبە: بىرزات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق بلوگى
http://www.birzat.cn[ بۇ يازما بىرزات تەرپىدىن 2008-09-08 22:45 دە قايتا ]