~HWQ8or تۈنجى نۆۋەتلىك ئەرەپ ۋە مۇسۇلمانلار پەن-تىختىكا تەتقىقات يىغىنى 2008-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ساجا ئونۋىرسىستىدە ئۆتكۈزۈلدى،يىغىندا نۆۋەتتە يەر شارىلىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىدە ھەر قايسى ئەللەرنىڭ بەس-بەستە ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىدەك ۋەزىيەت شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسى چوقۇم ئويلانمىسا بولمايدىغان مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
oN8|Og>MA ساجا ئونۋىرسىسىتى ئىسلام پەن-تىخنىكا،مائارىپ مۇتەخخەسىسى دوكتۇر مۇھەممەد.مەجىد موھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى: ئىجدىمائى تەرەققىياتتا مائارىپنى ئاساس قىلىش كېرەك، بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەجدادلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجرىبە. ئىسلام تارىخىدا شانلىق تەرەققىيات دەرۋرى كۆرۈلگەن، ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ مىۋىسى ئىدى.مۇسۇلمانلارنىڭ پەن-تىخنىكىسى دۇنيانىڭ ئالدىدا ئىدى. ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: ئەينى يىللاردا ئابباس خاندانلىقىدا ئوردىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىملار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنى ئالىم، پەن-تىخنىكا ئالىملىرى، فىزىكىشۇناسلار، پەيلاسوپلار،قانۇنشۇناسلار بار ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىلمى تەتقىقاتى دۆلەتنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكەن ئىدى،ئۇلارمۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىنى كۆرسىتەتتى. ئابباس خاندانلىقى دەۋرىدە ئىسلام دۇنياسى مۇكەممەل مائارىپ تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان ئىدى. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىسلام تارىخىنى ئالتۇن دەۋرگە ئىلىپ كىرگەن ئىدى، نۇرغۇن ساھەلەردە مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئىسلامنىڭ مائارىپ شەكلى ھەرخىل ئىدى، مەسىلەن: خەلىپە دەۋرىدىن باشلاپ مەسچىدنى بازا قىلغان مائارىپ مەركىزى قۇرۇلغان.جەمىيەت ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن مەسچىدنىڭ سىرتىدا مەدرىسلەر ئېچىلغان.بۇ مەدرىسلەر ھازىرقى كەسپى مەكتەپلەرگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭدا كۆپ خىل كەسپ تەسىس قىلىنىپ، ئىقتىساس ئىگىلىرى تەربىيىلىنەتتى. بۇنداق باشقا نۇرغۇن جايلاردا ئوقۇتقۇچىلار ئەل ئىچىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ شاگىرت تەربىيىلەتتى. مۇتەخخەسىسلەر ۋە مەدرىسلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا تەدرىجى ھالدا باشقۇرۇلۇشى مۇكەممەل، تۈزۈمى چىڭ ئالى مەكتەپلەر بارلىققا كەلدى، مەسىلەن قارۇن ئونۋىرسىسىتى. جېنىس دۇنيا رىكورتىدا كۆرسىتىلىشچە، ھازىر دۇنيادىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئالى مەكتەپ ماراكەشتىكى قارۇن ئونۋىرسىسىتى. بۇ مەكتەپ مىلادى 859-يىلى قۇرۇلغان،بۇ ياۋرۇپادىكى ئەڭ قەدىمى داڭلىق مەكتەپلەر بولغان ئوكىسفورد ئونۋرىسىستى ياكى پارىژ ئونۋىرسىسىتىدىن خىلىلا بۇرۇن قۇرۇلغان. قارۇن ئونۋىرسىسىتىدىن باشقا مىسىردىكى ئەزھەر ئونۋىرسىسىتى مىلادى 988-يىلى قۇرۇلغان.ئەزھەر ئونۋىرسىسىتىدا ئەڭ بۇرۇنقى، مۇكەممەل ئالى مەكتەپ رامكىسى ۋە سېستىمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ،ھەرخىل كەسپلەر تەسىس قىلىنغان،ئۇندىن باشقا يەنە ئاممىۋى دەرسلەر ئۆتۈلۈپ ھازىرقى مەنىدىكى زامانىۋى ئونۋىرسال مەكتەپ تۈسىنى ئالغان.
k~870U\ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپادا نۇرغۇن شەھەرلەر ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئالى مەكتەپ تۈزۈمىنى تەقلىت قىلدى، ياۋرۇپا مەكتەپلىرىدە ئەينى يىللاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەكتەپلىرىدىكى نۇرغۇن ئادەتلەر ساقلانماقتا، مەسىلەن:ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش كىيىمى كىيىدۇ، ئالى مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىجازىسىنى ئوقۇپ،ئۆزىنىڭ ئالى مەكتەپ نەتىجىلىرىنىڭ لاياقەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
#^*U]3 ئىسلام ئەللىرىدە ئەڭ بۇرۇن بولۇپ مۇستەقىل ئىچكى ۋە تاشقى بۆلۈم ئايرىلغان تىببى مەكتەپلەر قۇرۇلغان، ياۋرۇپالىقلار چىركاۋدا كېسەل داۋالايتتى، كېيىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ تىببى مەكتەپ تۈزۈمىنى بايقاپ داۋالاشنى چىركاۋدىن ئايرىپ چىقىپ،تىببى مەكتەپ تۈزۈمىنى يولغا قويدى.ياۋرۇپالىقلار كۈتۈپخانا ئېچىشنىمۇ ئىسلام ئەللىرىدىن ئۈگەنگەن.مۇسۇلمانلار ئەڭ بۇرۇن ئاستىرونومىيە كۈزۈتۈش پۇنكىتى قۇرغان،بۇ ھەم ئاستىرونومىيە تەتقىقات ئورنى بولسا ھەم ھازىرقى مەنىدىكى ھاۋارايدىن ئالدىن مەلۇمات بىرىش ئورنى بولغان.
-/v|Mg>;qr تارىخى ماتىرىياللارغا قارىغاندا، دەمەشىقتىكى بىمارىس ئونۋىرسىسىتى تىببى ئىنىستىتوتى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇن كىلىنكىلىق داۋالاش ئەمىلىيىتى ۋە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئونۋىرسال بازا بولغان. مەكتەپ يەنە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئۇلارنى ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا خىزمەتكە تەيىنلگەن.
wX{R"Sq.] ئەنگىلىيىلىك تارىخشۇناس يۇھان.گىروب مۇنداق دەپ يازىدۇ: خەلىيە مامىن دەۋرىگىچە يەنى مىلادى 813-يىلىدىن 833-يىلىغىچە، باغداددا نۇرغۇن تىببى مەكتەپلەر بولغان،بۇندىن بۇرۇنقى خەلىپە ھارۇن دەۋرىدە باغداددا داڭلىق 3چوڭ دوختۇرخانا بولغان.بۇ دوختۇرخانىدا تىببى ئالىملار ھەم دوختۇر ھەم ئوقۇتقۇچى بولغان. ئۇلار ئىچكى بۆلۈم، تاشقى بۆلۈم تەسس قىلغان.
k "*mm مىسىردىكى تۈنجى دوختۇرخانا مىلادى 872-يىلى قۇرۇلغان، شۇندىن كىيىن مۇسۇلمانلارنىڭ دوختۇرخانا تۈزۈمى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارالغان، كېيىن ئىسپانىيە ئارقىلىق شىمالى ئافرىقا ۋە پارس تىلى قوللىنىلىدىغان رايۇنلارغا يېتىپ بارغان.
K?,;s دوكتۇر مەجىد مۇنداق دىدى:قانۇن مەكتەپلىرىمۇ ئەڭ ئاۋال ئىسلام ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن،ئىسلام دۇنياسىدىكى مەدرىسلەردە ئىسلام قانۇنى كەسپى مەكتەپلىرى بولغان،بۇ مەكتەپلەر ئىسلام قانۇنچىلىقىغا ئائىت تۈرلۈك مەسىلىلەرۋە ئىجدىمائى مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغان،بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى قانۇن مەكتەپلىرى ياكى ئىجدىمائى مەكتەپلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
"/.B8f1"| VR{X!:1+ مەنبە:
http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-4079 WT9%T\~j rP(;.nNBv