بەزىلەر ۋە بەزىلەر
بەزىلەر ئۇز، ئەمما خۇي- پەيلى يامان،
كۈلگىنى كۈلگەن ئۇنىڭ سۈرمەي زۇۋان.
مۈرىسىگە مۇشتلاپ قۇيۇپ ئاستىغىنە،
ئاستىرىتتىن ئالىدۇ پايدا- ھايان.
يول مېڭىپ پايپاق بىلەن شۇنچە يىنىك،
قوزغىمايدۇ ئۆزگىدە قىلچە گۇمان.
تۈلكىدەك قاملاشتۇرۇپ ئىشنى تۈزۈك،
شادلىنىىپ چۆرۈيدۇ سورۇندا چاپان.
ئشقىۋازلىق مۇنبىردە كۆز قىسىپ،
خۇددى ئايدەك جىلۋە ئەيلەر ھەر قاچان.
لىڭىشتىپ باش خۇددى مۆمىن بەندىدەك،
ئۆتىدۇ سانسىز خەتەردىن تىنىچ -ئامان.
بولسىمۇ گەر ئاغىزىدا ئىنساپ غورور،
كۆڭلىگە شۇنچە يېقىن تۈلكە - قاۋان.
ئشلگەن ئىش كەلسە ھار ھەمدە ئېغىر،
ئۆزگىگە شۇ ئىشنى تاشلايدۇ تامان.
خوپ كىلىشكەن بولسىمۇ گەر قامىتى،
قورسىقىدا باقىدۇ مىڭلاپ چايان.
بەزىلەر چېقىمچى، چېقىپ ياشايدۇ،
گۇپپاڭچى مەلئۇنغا يېقىپ ياشايدۇ.
يالغاندىن پەردازلاپ ئىچ - تېشىنى،
بىراۋنىڭ ئەيبىنى ئېچىپ ياشايدۇ.
بۇلغىنىپ ھاياتنىڭ توزانلىردا،
ئەۋرەزنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ياشايدۇ.
سارغىيىپ كاۋىنىڭ چىچەك، گۈلىدەك،
ئوغىرنىڭ كۆزىگە بېقىپ ياشايدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆزىنى گويا ئەۋلىيا،
ھەر كىمنىڭ ئچىنى سىقىپ ياشايدۇ.
ئۈندۈرۈپ يوق يەردىن تۇخۇمغا تۈكنى،
ياخشىنى ئورىغا تىقىپ ياشايدۇ.
ئاش بەرگەن قازاننى سۇندۇرۇپ چەيلەپ،
دوستىنىڭ بېشىغا چىقىپ ياشايدۇ.
بەزىلەر ئەزەلدىن يۇۋاشقا ئامراق،
نە ياۋاش، گەپ قىلماس سولاشقا ئامراق .
ئۆزنى ھۆر - پەرى كۆرسىتىپ گويا ،
ئۆزگىنىڭ ئەيپىنى كولاشقا ئامراق .
قارنى توساتتىن چىقىرىپ ئاققا ،
توغرىنى تەتۇرگە تولغاشقا ئامراق .
يەتمىسە ئەزەلدىن ئىشەككە كۇچى ،
ئاچچىقلاپ توقۇمنى ساۋاشقا ئامراق .
غاپىللار غەززەپتە ھومىيىپ باقسا ،
كۈچۇكتەك تاپاننى يالاشقا ئامراق .
چىشلىتىپ ئاغزىغا بىر پارچە ناننى ـ
قويسىلا سەتلىشىپ قاۋاشقا ئامراق .
راس بىلەن يالغاننى ئايرىماستىن ھېچ ،
غەيۋەتتە ئۆزگىنى غاجاشقا ئامراق .
ئېچىلسا پورەكلەپ تالاي - تالاي گۇل ،
قۇيۇندەك پىرقىراپ تالاشقا ئامراق .
بىر سومنى كۆرسىتىپ گويا مىڭ سومدەك ،
مەغرۇرلۇق ئىلكىدە ساناشقا ئامراق.
مەنبە : شئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى. [ بۇ يازما قىساسكـار تەرپىدىن 2008-09-05 15:54 دە قا ]