ئەسلى تىمىنى كۆرمەكچى بولساڭلار ماۋۇ ئادىرسىتىن كىرىڭلار./read.php?tid-27424-keyword-.html مانا بۇ ھەقىقى تىما.
بۇ تىمىنى يىزىشىمدىكى سەۋەب
./read.php?tid-29882-fpage-0-toread--page-16.html مۇۋۇ تىمىنىڭ 16- بەت 225-قەۋەتتىكى تونۇيدۇ دىگەن ئەزانىڭ ماۋۇ ئىنكاسىدىكى بۇ مەزمون:225قەۋەتتىكىتونۇيدۇنىڭ2008-08-20 02:07دە يوللىغان يازمىسى ( تىمىغا قىزىققۇچىلارنىڭ شەبنەم تور بىتىدىكى تۆۋەندىكى مۇنازىرىنى كۆرۈپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،مىنىڭ ئوبزوروم شەبنەم تور بىتىدىكى نەسىر -ئوبزورلار سەھىپىسىدە «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» گە ئوبزور دىگەن تىما بىلەن بىرىلدى!
يەنى تۆۋەندىكى تىما
http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-69276-keyword-.html~V) مۇنۇ قۇرلارنى كۆرۈپ ماۋۇ ئادىرىسقا كىرسەم http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-69276-keyword-.html
ماۋۇ تىما چىقتى (بۇ ۋەقە مىنىڭچەمەلۇم ئەسلىمە ئاساسىدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان بۇلىشى مۇمكىن.
ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى يىزىشتا ئۇسلۇپ ۋە ئەدىبى جەھەتتە خىلى كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ ،بۇ ئەسەر نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ،مىنىڭچە ئەدەبىيات تەرەققىياتى نوقتىسىدىن قارىغاندا ،بىزنىڭ تەنقىتلىشىمىزگە تىگىشلىك دەپ قارايمەن،تورداشلارنىڭ بۇ ئەدىبى ئوبزوزغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن.
مەن بۇ تىمىنى قايتا قايتا ئاڭلاپ،ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ،مىنىڭ بۇ تىمىغا ئوبزور يازغىم كىلىپ قالدى؛
1-دىن ۋەقەلىكلەر رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس(غەيرەتتەك ئۇنداق ياخشى تەربىيە كۆرگەن تۇغما ئىسىل يىگىتنىڭ ئۇنداق تىزلا دىلخۇمارنى ئۇنداق ياخشى كۆرۈپ قىلىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ)،ھەم شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ ئاپتۇرنىڭ غەيرەتنى ئۇنداق يۇكسەكلىككە كۆتىرىشىنىڭ ھىچ قانداق قىممىتى يوق ،ھەم غەيرەتنىڭ ھىچقانچە قۇربان بىرىش ئاساسى بولمىغان شارائىتتا بۇنداق قىلىپ ئۆز ئاتا -ئانىسى ۋە ئۆز ئابرۇيىغا دەخلى تەرۈز قىلىدىغان بۇنداق قارارغا كىلىشى مىنىڭچە بۇنداق ئاسان بولمايدۇ.
2-دىن ئاپتور ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىلخومارغا بولغان ھىسداشلىقىنى قەستەن قوزغاش ئۇچۇن ،بىرقاتار ۋەقەلىكلەرنى قايتا قايتا ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ئۆزىنىڭ بۇ خىل خاھىشىنى ئاشكارىلاپ قۇيۇپ ۋەقەلىكنىڭ چىنلىقىغا بولغان گۇمانىمىزنى قوزغاپ قويدى.
3- دىلخومارغا بولغان ھىسداشلىقىنى ئاساسى ئورۇندا قويۇپ،ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئامال بار باشقا تەرەپتىن ئىزدىگەن.غەيرەتنىڭ ھايات قارشىنىڭ بۇنداق تىزلا ئۆزگىرىشىگە قولغا چىققىدەك بىرەر ئاساس تىپىپ بىرەلمىگەن.
4-بىزدىكى تاشقا موھۇر بىسىپ كەتكەن ئەخلاق ،نىكاھ ،مۇھەببەت ،نەسەب كۆز قارىشىنى قايرىپ قويۇپ ،ئۆزىنىڭ پۇچەك ھايات قارىشىنى باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۇمۇد قىلغان.مەن بۇ ئەسەردىكى غەيرەتنىڭ ئىنتايىن چۇشكۇنلەشكەن ئوبرازىدىن بەكمۇ ئۇمۇدسىزلەندىم،ئۇنىڭغا جەميەتتە نۇرغۇن ياخشى قىزلارغا ئۇچرىشىش پۇرسىتى تۇرسا ،ئۇ قانداق بۇلۇپ بۇ كۇنگە چۈشۇپ قالىدۇ؟
5-مىنىڭچە بۇنداق روھى چۇشكۇن كىشىلەردىن «چىن ئېسل » قىرىنداشلىرىمىزنى شەك -شۇبىسىز ئايرىۋىتىشىمىز كىرەك،ئوچۇق -ئاشكارا پاش قىلىشىمىزكىرەك،«چىن ئېسل » قىرىنداشلىرىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشىدىن ساقلىشىمىز كىرەك ،«چىن ئېسل » قىرىنداشلىرىمىزنى ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قوللىشىمىز،ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن نەپكە ئىرىشتۈرىشىمىز كىرەك؛
تورداشلارنىڭ ئۆزۇڭلارنىڭ پىكرىنى بىرىپ بىقىشىڭلارنى سورايمەن.بۇ ئەسەرنى خۇددى «ئۆلىۋىلىش سەنئىتى »دىگەن روماننى تەنقىد قىلغاندەك ئەتراپلىق باھالىشىڭلارنى سورايمەن. )ئاۋۋال مۇنۇ ئوبزورچىمىزغا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، چۈنكى بۇ ئوبزورچىمىز شەبنەمدىكى بۇ ئوبزورىنىڭ تىمىسىنىلا ئوبزوز دەپ يىزىپ ساپتۇ، ئوڭشاپ قوياي دىسەم مەن شەبنەمنىڭ يا باشقۇرغۇچىسى ئەمەس يا ئەزاسى ئەمستىم، شۇڭا ئامال بولمىدى
ئەمدى گەپكە كەلسەك بۇ تونۇيدۇ دىگەن ئوبزورچىمىزنىڭ 1-ئابزاستىكى سۆزلىرىدىنلا تونۇيدۇ دىگەن توردىشىمىزنىڭ ئوبزورغا ناھايىتى قىزىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم، ھەمدە بۇ ئوبزورچىمىزنىڭ ئۈزۈمچىنىڭ بۇ تىمىسىنى يىزىش ئۇسلۇبىدىن ياكى تىمىدىن خىلى قۇسۇر ياكى كەمچىلىك ئىزلىسىمۇ تازا ئارزۇسىغا لايىق ئىۋەن تاپالمىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ،
1-ئابزاستا يەنە ئۇسلۇب ئەدەبى جەھەتتىن خىلى تىرىشقان بولسىمۇ تەنقىدلىشىمىزگە تىگىشلىك دەپ قارايمەن دەپتۇ، دىمەك ئاۋۋال بۇ ئوبزورچىمىز ئۈزۈمچىنىڭ ئۇسلۇبىغا دىققەت قىپتۇ،
مەنمۇ ئۈزۈمچىنىڭ ئۇسلۇبىغا قاتتىق دىققەت قىلغان :ئەمسە ئۈزۈمچىنىڭ تىمىسىدىكى ماۋۇ دىئالوگنى ئەسلەپ كۆرەيلى: بىزمۇ ئەمسە ئۇسلۇبتىن كەلدۇق ھە 1-(-_ ھۇجرام بوپ قويامدىكەن؟ _ ئۇ كۈلۈمسىرەپ مەندىن سورىدى. .
_ مۇشۇنىمۇ ھوجرا دەمدا؟ توخۇ كاتىكىغا يەتمەيدىكەن
(
گەپتە ئۇنى چۈشۈرۈشنىلا ئويلايتتىم. كۆڭلۈمدە بولسا"ھەممە ئوغۇللار ماختاپ مۇشۇ ھالغا قالغان ئادەمسەن، بۈگۈن ماختىمايدىغان يىگىتكە ئۇچرىدىڭ!" دەپ ئويلايتتىم. ) _ ئۇغۇ شۇ! قېنى ئولتۇرۇڭ! _ دېدى ئۇ مېنى كارىۋاتقا تەكلىپ قىلىپ. مەن ئاستا كېلىپ بىر قولۇمدا تايىنىپ پۇتۇمنى ئالماپ ئولتۇردۇم.
_ بايا مېنى ئىشنىڭ كەينىنى ئويلىمايدىكەنسەن، دەيسەنغۇ؟ سەن خاتالاشتىڭ! مەن بۇنداقلاردىن قورقۇپ قالمايمەن. يامىنى كەلسە بىر ئۆلۈم
_ مەن سىزنى ئويلىمايدىكەنسەن، دېمىدىم. ئويلمايدىكەنسىز، دېدىم، _ دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ.
قىزلار مېنى "سەن" دېسە ئاچچىقىم كېلەتتى، بۇ مجەزىمنى قانداق بىلگەندۇ؟ ئۇ سۆزىنى
داۋاملاشتۇردى
ئەمدى ماۋۇ دىئالوگقا قاراڭ : _ سىز بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىشقا ئىشىنەمسىز؟ _ دەپ سورىدى.
_ مېنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان قىزلار جىق! ئىشىنىمەن.
ئەمەلىيەتتە ئىشىنىشىم قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ مەن 4 – 5 يىل قوغلىشىپمۇ ياخشى كۆرۈلۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان تۇرسام. پەقەت ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچىلا بولاتتىم. (ئەڭ ھەقىقى گەپ)
يەنە ماۋۇ يەرمۇ بار _ بايا ئاغىنەم سۇيۇقتىن بىر بولاق بېرەيمۇ، دېۋىدى، _ ئۇ شۇنداق دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى. مانا! ئەمدى خاتالاشتىڭ! مەن ئەزەلدىن نەشە چەكمەيمەن. ئۇنىڭغا "كۆتە ئۇنداق نەرسەڭنى!" دېمەكچى بولۇشۇمغىلا پىۋىنى رومكىغا قۇيۇپ ماڭا قاراپ:
_ لېكىن سىزنىڭ چەكمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلگەچكە كۆتە ئۇنداق نەرسەڭنى، دەپ ئالمىدىم. _ ئۇ شۇنداق دېگەچ رومكىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەن قېتىپلا قالدىم. قانداق بىلىۋالغاندۇ بۇ؟ رومكىنى قولۇمغا ئېلىپ ئىچكەچ ئۇنىڭغا قارىدىم.
قاراڭلار يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىدا مەسلە بارمىكەن؟
يەنە قاراڭلار :ماۋۇ ئىچكى ھىسىياتنى ئىپادىلەشكە قاراڭ
_ ئۇنداق بولسا قانداق قىلىپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟ #/( T!w$i
_ ۋاي - ۋۇي! سىز ساقچى بولسىڭىز بولغۇدەك، _ ئۇ ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ، _ سىز سورىمىسىڭىزمۇ مەن دەپ بېرىمەن. ھەممىنى تولۇق دەيمەن، پىۋا ئىچىپ ئولتۇرۇڭە!_ يەنە كۈلۈمسىرىدى.
نېمىشقىكىن باشقىلار ماڭا كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلسا ياۋاشلاپلا قالىمەن. بۇ مېنىڭ تومۇرۇممىكىن يە؟! نېمىلا بولمىسۇن خەقنىڭ گېپىنى بۆلىۋېتىشمۇ بىر خىل ئەدەپسىزلىك! ئۇنىڭ گەپلىرىدىنمۇ ياكى سوغۇق پىۋىنى ئىچىپمۇ كەيپىم خېلى يېشىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ سۆزى يەنە سۈكۈتنى بۇزدى.
ماۋۇ ئىچكى ھىسىياتنى ئىپادىلەشكە قاراڭ
_ تۈزۈك گەپ قىل ھە؟! ئادەم بىلەن ئادەم باراۋەر. ھەممىمىز خۇدانىڭ بەندىسى. سېنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك گەپلەرنى قىلمىغاندىمەن، _ ئامال بار ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەسلىكنى ئويلايتتىم.
_ ئۇنداق گەپلەرنىغۇ قىلمىدىڭىز. سىزنىڭ كەسپىڭىز بار، مۇئاشىڭىز بار. ئەتراپىڭىزدا قىزلارمۇ پەرۋانىدەك ھەقىچان.
_ خاتالاشتىڭ! قىزلار مېنىڭ مىجەزىمگە كۆنەلمەيدۇ. سەن دەپ باقە! مېنىڭ مۇشۇ مىجەزىمنىمۇ ياقتۇرىدىغان قىزلار چىقارما؟
_ مەن ياخشى كۆرىمەنغۇ؟ ھېچكىم ياخشى كۆرمىسىمۇ مەن ياخشى كۆرسەملا بولدى.
ئۇ ئەركىلەپ ھىجىيىپ قويۇۋىدى نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. . گەپلىرىمىز تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئۇنىڭغا خىزمەتلىرىمنى، ئىش ۋاقىتلىرىدىكى خېرىدارلار بىلەن ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىزىقچىلىقلارنى سۆزلەپ ئۇنى كۈلۈپ تېلىقتۇرۇپ قوياتتىم. ئۇمۇ توي قىلىشتىن بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، باشقىلارنى قانداق بوزەك قىلغانلىقىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەيتتى. بەزى گەپلىرىگە گەپ قىستۇرۇپ ئۇنى جىلە قىلىپ تازا كۈلەتتىم ئۇ جىلە بولۇپ مۈرەمگە شاپىلاقلاپ كېتەتتى. گاھىدا ئاغزىلىرىنى ئۈمچەيتىپ قارىۋالاتتى. نېمە قىلساڭ
قىلمامسەن، دەپ كارىم بولمىسا يەنە ھىجىيىپ مەن تەرەپكە ئۆرۈلۈپ كىچىك بالىنى ئەركىلەتكەندەك «ئومىقىم، ئومىقىم!» دەپ تېخى. ئۇنىڭ بىلەن ياخشى كۆرىدىغان يامان كۆرىدىغان نەرسىلىرىمىز ھەققىدە ھەتتا يەيدىغان نەرسىلەرگىچە پاراڭلاشتۇق. پەقەت زېرىكىش ھېس قىلمىغانكەنمەن. ئۆمرۈمدە بىرەر قىز بالا بىلەن بۇنداق ئېچىلىپ - يېيىلىپ، كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ باقماپتىكەنمەن شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ تاڭغا يېقىن پىۋىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك بەك ئۇيقۇم كەپ كەتتى. لېكىن بۇنداق يەردە ئۇخلاشنى خالىمايتتىم. ئۇمۇ بىلگەندەك ئىككىنچى قەۋەتتىكى مېھمانخانىدىن ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي يېنىدىن پۇل چىقىرىپ بىر ياتاق ئالدى.
_ بۇيەر خېلى پاكىز، _ دېدى ئۇ ياتاققا كىرگەندىن كېيىن.
_ بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ ئالدىمدا كىملەر كىرىپ نېمە ئىشلارنى قىلىپ چىقىپ كەتتى بۇيەردىن، بۇنى سەن بىلەمتىڭ؟ _ دېدىم مەن.
_ ئۇغۇ شۇ. مەن چۈشۈپ كەتتىم ئەمىسە!
ماقۇل. ئۆزەڭنى ئاسرا! _ بۇ گەپ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتتىكىن، راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن يەنە پاراڭلاشقۇم باتتى._ راستلا چىقىپ كېتەيما؟ _ ئەتەي تەنە قىلىپ سوراۋاتاتتى.
_ چىقىپ كەتكۈڭ بولسا زورلاپ ئېپ قالغىلى بولاتتىمۇ؟ _ كۈلگۈم كېلىپ باشقا ياققا قارىۋالدىم. ئۇ بەك خۇش بوپ كەتكەن بولسا كېرەك كەينىمدىن كېلىپ قۇچاقلىۋالدى. بۇ قىلىقلىرىنى ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ قوپاللىق بىلەن رەت قىلىۋېتەلمىدىم. -
_ چىقىپ كەتمەيمەن تازا! سىز ئۇخلاڭ. مەن سىزگە قاراپ ئولتۇرىمەن. يالغاندىن كۆزۈمنى يۇمۇۋالماقچى بولۇپ شۇ يۇمغانچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن. ئويغانسام يېنىمدا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئاخشام ئىچكەن ھاراق ئۆزۈمگە پۇراپ پىۋا چىشلىۋالغان چېغى باشلىرىممۇ ئېغىر، كۆڭلۈم ئاينىپ تۇراتتى. .
_ تېنچلىقمۇ؟ ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ _ ئۇ يەنە كۈلۈمسىرەپ سورىدى.
ياخشى. . . سەن ئۇخلىمىدىڭما؟
_ ياق! سىزگە قاراپ ئولتۇردۇم. ئۇخلىغاندىكى ھالىتىڭىز بەك ئوماقكەن. ھە راست! يەنە تېخى جۆيلىدىڭىز. _
_ ئۇنداق ئەمەستۇ؟ مەن ئەزەلدىن جۆيلىمەيدىغان تۇرسام؟
_ ئىچىۋالغاندا جۆيلۈپ قويىدىغانسىز؟
_ ئەمسە نېمە دەپ جۆيلىدىم، _ قانمىغان ئۇيقۇمنى ئېچىپلاۋەتتى بۇ.
دىلخۇمار! سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. مەن ساڭا ئاشىق، دېدىڭىز. ھى ھى ھى........ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ دىلخۇمار ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلگەن ئىدىم. ( ماندا تاتلىق، گەپدان قىزبالىنى مەنمۇ ياخشى كۆرۈپ قالىمەن) _ ماڭەۋا! ئۇنداق ئاسان بىرسىگە ئاشىق بوپ قالمايمەن مەن،_ سۆزلىگەچ سائەتكە قارىسام ئىشقا چىقىشىمغا ئازلا ۋاقىت قاپتۇ. ئالدىراپلا يۈزلىرىمنى يۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقچى بولدۇم.
_ مەن ئىشقا ماڭاي!
_ يەنە بىردەم توختاپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟ سىزگە ناشتىلىق ئەكىرىپ بېرەي!
_ بولدى. شۇ تاپتا گېلىمدىن بىر نەرسە ئۆتمىكىمۇ تەس. ماقۇل ئەمسە! كېيىن كۆرۈشەيلى
نېمە؟ كېيىن كۆرۈشەيلى؟ سىز دېدىڭىز ھە؟! _ كىچىك بالىلاردەك خۇش بوپ كەتتى ئۇ. «كېيىن كۆرۈشەيلى» دېگەن گەپنىمۇ قانداق دەپ سالغاندىمەن. ھە مەيلى، ئىچىم پۇشۇپ قالغان چاغدا مۇڭدىشارمەن. ھازىرچە مېنى چۈشىنىدىغان ئادەم مۇشۇ بولغاندىكىن.
_ مەنمۇ بىر قىزبالا بىلەن تۇنجى قېتىم يامغۇر سەيلىسى قىلىۋاتىمەن. مەنمۇ بەك خۇشال! ساڭىمۇ رەھمەت!
_ رەھمەت دېمەڭا! بىر خىللا ئاڭلىنىدىكەن. ,*
_ مانى؟ ئۆزەڭ دەيسەن؟ مېنى دېگىلى قويمامسەن؟
_ ھە ئە! سىز دېمەيسىز، مەن دەيمەن، _ ئۇ ئەمدى بوينۇمدىنلا قۇچاقلىۋالدى. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۇنىڭ بەللىرىدىن بوشقىنا قۇچاقلىدىم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى ئويلىغۇممۇ يوق ئىدى. لېكىن كۆڭلۈم يەنە بىر قىسمىلا.
بۇنداق مىساللارنى چاپلاۋەرسەم مىنىڭ ما ئوبزورىم ئۈزۈمچىنىڭ ھىكايىسىدىنمۇ بەكىرەك ئۇزۇن بوپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ شۇڭا ئوقۇيدىغان يەرنىڭ بەلگىسىنى دەپ بىرەي ئۆزەڭلار ئوقىۋىلىڭلار
ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقانغا دەل يەتتە ئاي بولغان كۈنى سەل ئىچىم پۇشۇپ ئازراق ئىچكۈم كېپ قالدى. سوغۇق ئىچىملىك دۇكىنىغا كىرىپ پىۋا ئىچىپ ئولتۇرغاچ يەنە ئۇنى ئويلاپ خىيالغا چۈشۈپ كېتىپتىمەن. بىر چاغدا بىرى كېلىپ:
_ ئاداش، چاقمىقىڭنى بېرىپ تۇرە! _ دېگىنىچە مەن تەپكە كېلىۋاتاتتى. چىرايىغىمۇ قارىماي چاقماقنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم.
_ ۋوي! غەيرەتقۇ سەن؟! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ياۋ پانا. . . باكەنسىلە ھە؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ھېلىقى ئالىم چېڭلۇڭ. ئۇنى كۆرۈپ خېلى كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭغا "رەھمەت" دېمىسەممۇ ئوبدان بىر مېھمان قىلىۋېلىش ئويۇم باتتى. چۈنكى ئۇ مېنى دىلخۇمارغا تونۇشتۇردى ئەمەسمۇ؟ گەرچە بىۋاسىتە ئۇ ئارقىلىق تونۇشمىغان بولساممۇ كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە ئۇنىڭغا رەھمىتىم باتتى. شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كىرمىگەن بولسام دىلخۇمار بىلەن تونىشالمايتىم دە
دىگىن يەردىن _ نېمە؟ ھەسەن پاچاق 20 يۈنگە سېتىلىپ كېتىپتىما؟ ئۇ مېنىڭ سەككىز يىللىق يېقىن ئاغىنەم ئىدىغۇ؟ _ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدۇم، _ خەپ ئەتە كۆرۈشۈپ پۇلغا تويمايدىغان گېلىنى بوغۇزلاپلا ۋەتمەيدىغان بولسام، _ شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋالدىم. ماڭا كېرىكى دىلخۇمارنىڭ ئىشلىرى ئىدى.
_شۇنىڭ بىلەن، _ گېپىنى داۋاملاشتۇردى ئۇ، _ ئۇلار دىلخۇمارنى كۈندە بوزەك قىلىپ، ماللىرىنى دەسسەپ - چەيلەپ، ھارۋىسىنىڭ چاقىغا پىچاق تىقىپ، ئۇنىڭ بۇرۇن قانداق ئىش قىلغانلىقىنى خۇددى تەشۋىقات قىلغاندەك كوچىدىلا ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە توۋلاپ ئوتتۇرىغا ئېلىۋېلىپ «باھا قويۇڭلار! بىر كېچىلىكى مانچە پۇل . . .» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى ھاقارەتلەپتۇ. بىچارىنى ياقىلاپ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئوغۇلبالىدەك گەپ قىلىدىغانلاردىن بىرىمۇ چىقماپتۇ. تېخى بەزى چوڭ – چوڭ ئادەملەرمۇ ئۇ يانچۇقچىلارغا يوشۇرۇن ھالدا تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىپ تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنى سودا بازىرىدىكى بازار ئوينايدىغان ئاغىنىلىرىمدىن ئاڭلىدىم. ئۇلار يانچۇقچى بولغان بىلەن خېلى غورۇرى بار. بىراق ئۇلارغا نېمە ئامال؟ ئۇلار ئۆز ئالدىغا بازار ئوينىغاچقا ئۇنداق ئارقا تېرىكى بار بازارچىلارغا ئارتۇق گەپ قىلالمايدۇ - دە؟ ئۇنىڭ ئۈسىتىگە دىلخۇمارمۇ كۈندە چىقىدىكەن. ئۇلارمۇ كۈندە بوزەك قىلىدىكەن. . .
دىگەن يەرگىچە بولغان ھىكايىنىڭ ئۆزىنى بىر ئايرىم ھىكايە قىلسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ ھىكايە بولۇشقا ئەمدى ماۋۇ بىر ئابزاسقا قاراڭلار _ سىلەر ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇڭلار! ئەمەلىيەتتە خاتالاشتىڭلار! ئۇ دېگەن بىزنىڭ خوجايىننىڭ ئاشنىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ سىلەرگە دىلخۇمارنىڭ توغرا ئادرېسىنى دەپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ئالىم ئۇنى تاللىشىغىلا مەن ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ تۇرۇۋالغان. پەرىزىمچە سىزگە كىم بولسا بولىۋېرىدۇ. بەرىبىر قولىنىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقازمايسىز. ھې ھې . . .
ۋاااااااھ! مەن بىكار ئاللاھتىن ئاغرىنىپتىمەن. ئەسلى ئاللاھ مېنى يۆلەۋېتىپتۇ. ھەي! يەتتە ئاي مۇشۇ يەرنىڭ ئىشىكىدىن قانچە قېتىم ئۆتۈپ بىرەر قېتىممۇ كىرمىگىنىمنى. رەھمەت ئاللاھ! مېنى يۆلىگىنىڭگە رەھمەت! يۇقۇردىكى قىزىل رەڭدە بوياپ قويغان يەر مەن ئەڭ قىززىقان ھەم قايتا-قايتا ئوقىغان يەر بولۇپ ، بۇ ھىكايىنى تۇرمۇشقا ئەڭ يىقىن قىلغان مۇشۇ ئابزاستىكى يازغۇچىنىڭ ئىچكى ھىسياتى قاراڭلار بىر پاھىشە قىزنى ئىزلەش جەريانىدا كىچىككىنىە سەمىمى ياردەم قىلغۇچىغا ھەم يىپ ئۇچىغا ئىرىشكەندىكى رازىمەنلىك، يەنە ئاللاھقا قايتا قايتا رەھمەت ئوقىغان <رەھمەت ئاللا ،مىنى يۆلىگىنىڭگە رەھمەت> دەپ كەتكەن ،بىر پاھىشە قىزنى ئىزدەش جەريانىدا ئىرىشكەن يىپ ئۇچىغا ئىرىشىشنىڭ سەۋەبى،،<ئۆزىنىڭ 7ئاي جەريانىدا مۇشۇ ئىشىكتىن نەچچە قىتىم ئۆتۈپ ،بىرەر قىتىممۇ كىرىپ باقمىغىنى >نى بىلگەندىكى ئاللاھقا بولغان رەھمىتى،ئەڭ چىن ھەقىقى ھىسيات
مەن مۇشۇ يەرنى ئوقىغان چاغدىلا بۇ ھىكايىنى ئەمەلى بولغان ھىكايە دەپ ھۆكۈم قىپ بولغان، قاراڭلار ئاۋۇ دىئالوگلارغا، يازغۇچى بۇ ھىكاينى يازغۇچە ھەرخىل ھىكايىلەرنى قىستۇرغان ئورۇن شۇنداق مۇۋاپىق، شۇنداق جايىدا، دىلخۇمارنىڭ لوبىنىنىڭ دىلخۇمارغا قىلغانلىرىنى توقۇشقا خىلى كۈچ كىتىدۇ ئەلۋەتتە، ئاندىن يەنە دىلخۇمار بىلەن پاراڭلاشقاندىكى دىئالوگلاردا ئاساسەن ئاپتۇرنىڭ ئىچكى ھىسياتىنى يىزىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان، بولۇپمۇ ئۇ ئىچكى ھىسىيات شۇنچە چىن،ھەقىقى،ھىسيات، ئەڭ قايىل بولغان يىرىم شۇ ،
سىلەرمۇ ئاشۇ دىئالوگلارنى ئوقىغان چاغدا ئاپتۇرنىڭ ئۇسلۇبىغا قايىل بولدۇڭلارمۇ ياكى قايىل بولمىدىڭلارمۇ؟ 2- ئەمدى غەيرەتنىڭ بىر پاھىشە قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىنىڭ تامامەن رىياللىققا ئۇيغۇنلىقىنى ئىسپاتلايمىزئەمدى تونۇيدۇ دىگەن توردىشىمىزنىڭ 1-كۆزقارىغا قايتىمىز. ئۇ بۇ ھىكايىنى رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس دەيدۇ، سەۋەبى غەيرەتتەك ئۇنداق ياىشى تەربىيە كۆرگەن تۇغما ئىسىل يىگىتنىڭ ئۇنداق قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشى ئەقىلگە سىغماسمىش، ھا ھا ھا ھا قاراڭلار ماۋۇ توردا دايىم تىما ئوقۇيدىغان ھەم تورغا كىرىپ تىما كۆرەلىگىدەك بولغان بىر تورداشنىڭ مۇھەببەتكە بەرگەن تەبىرىنى ، مۇشۇ گىپىنى ئوقۇپلا شۇ <تونۇيدۇ> دىگەن تورداشنى تىخى 14ياشقا توشمىغاندەك ھىس قىپ قالدىم، ياكى بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغان دەپ چۈشەندىم،
مۇھەببەت دىگەن تەربىيە يىساپلاشمايدۇ، بىرسىنى تەبئى ياخشى كۆرۈپ قىلىشقا ھەرقانداق باھانە توساق بولالمايدۇ ئەلۋەتتە،
بۇنداق ئىشلار جەمىيەتتە بەك جىق، مەسلەن قەشقەردىكى مەلۇم بىر داڭلىق<قەشقەر بويىچە داڭلىق> پولاخانىنىڭ خوجايىنىنىڭ< ئەلۋەتتەمىلىيونىر خوجايىن ،كۈنلىكى پولاغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالغان گۆشىلا 3000كوي،يەنە شورپىمۇ بار، كۈنلۈك سودىسى 10000كويدىن ئاشىدۇ. > ، قىز ئالغان بىر خوتىنىنى قويىۋىتىپ بىر كوچىدىكى ئايالغا ئۆيلىنىپ پۈتۈن بىساتىنى شۇنىڭغا سەرىپ قىلىپ ياشاتقىنى كۆرگەنمەن.
بۇنداق مىساللارمۇ بەك كۆپ ،ساناپ كەلسەم بىر قۇرامىغا يەتكەن بىر ئوغۇلبالىنىڭ بىر قۇرامىغا يەتكەن بىر قىزبالىنى <بۇ يەردە تۇغما ئىسىل بالا ،پاھىشە قىز دەپ يۈرمىدىم> ياخشى كۆرۈپ قىلىشىنىڭ ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تامامەن يىتىدۇ، بۇرۇنقى ئاشۇق-مەشۇقلارنىمۇ ئەسلەپ بىقىڭ،
غىرىپ-سەنەم ئاڭلىغانمۇ؟ پاتىشاھنىڭ قىزى كىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدى؟ ئەلۋەتتە غىرىپنى
يۈسۈپ-زىلەيخا دىگەن قىسسەنى ئوقىغانمۇ؟ ئەينى چاغدا بىر دۆلەتنى پۇخرالىرى بىلەن قوشۇپ قۇل قىلغان،چىراي جەھەتتە پۈتۈن دۇنيادا <مەغرىپتىن-مەشرىققىچە ئۇنىڭغا يىتىدىغان چىرايلىق ئىنسان يوق> تەڭدىشى يوق ، بىر پەيغەمبەر كىمنى ياخشى كۆردى؟ ئەلۋەتتە توي قىلىپ بولغان<ئەمىلىيەتتە زىلەيخا توي قىلىپ بولغان بىلەن تىخى قىز ئىدى> ئىسلامغا يىڭى كىرگەن زىلەيخانى ياخشى كۆرۈپ قالدى،
دىمەك مۇھەببەتتە تۇغما ئىسىللك بىلەن تەقدىرنىڭ كاجلىقى ياكى جەمىيەت تەرىپىدىن ئامالسىز پاھىشە بولۇپ قالغان پەسلىكنى يىسابلاپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىزغۇ دەيمەن، ئەلۋەتتە بۇنى مۇھەببەتلىشىپ باققانلار چۈشىنىدۇ. چۈنكى مۇھەببەت ئوتىنى سالغۇچى ئالەمدىكى پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى ياراتقۇچى ئاللاھتۇر، ئۇ سالغان ئوتنى بەندىنىڭ كونتىرول قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. جىڭ گەپ قىلسام بۇنداق ئىش مىنىڭ بىشىمدىنمۇ ئۆتكەن
<ئەمدى ئىخرا قىلماي ئامال يوق> ئەمدى تونۇيدۇ دىگەن توردىشىمىزنىڭ 2-3--4داۋلىسىغا كىلەيلى بۇ ئۈچ داۋلى مەزمۇن جەھەتتىن ئاساسەن پەرقى يوق بولۇپ بۇ تونۇيدۇ دىگەن تورداش يىتەرلىك داۋلىنىڭ كاملىقىدىن بۇ بىر داۋلىنى ئۈچكە بۆلىۋەتكەن، بوپتۇ بۇنىڭ بىلەن يىسابلاشماي. ئوبزور دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ بۇنىڭدا تونۇيدۇ دىگەن توردىشىمىز ئاپتۇرنى دىلخۇمارغا ھىسداشلىق قىلىش خاھىشىنى ئاشكارلاپ قويدى دەيدۇ، ھىكايىدىكى غەيرەتنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ تىز ئۆگەرگەنلىكىە ئىسپات تەلەپ قىلغان.
دىدىمغۇ مۇھەببەتنى چۈشەنمىگەن ئادەمگە بۇنى چۈشەندۈرمەك سەل تەس.
چۈنكى دىلخۇمار غەيرەتنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاسان چۈشىنىدۇ<چۈنكى ئۇ مىڭ قىلمىغان بىلەن بىر قىتىم مۇھەببەتلەشكەن، يەنە ئىككى قىتىم توي قىلغان ،غەيرەتكە قارىغاندا پىشقان يىسابلىنىدۇ> ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تىپىۋالىدۇ، شۇڭا غەيرەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغان. بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش. ھەم مەن يۇقىردا دىگەندەك ياخشى كۆرۈشكە توسالغۇ بار ،لىكىن ھەرقانداق توسالغۇ ھەرقاندا مۇھەببەتنى توسالمايدۇ. مەن دىمەكچى ھەممىنى.
ئەمدى غەيرەتنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ تىز ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى بولسا ئۇ دىلخۇمار بىلەن پاراڭلاشتى، سىرداشتى، ھەم يامغۇردا سەيلى قىلدى. دىمەك ئىككىلىسى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مۇھەببەتلەشتى. <مۇھەببەتلىشىش دىگەننى بىز مۇھەببەتلەشتۇق دەپ دىيىشىۋىلىپ ياكى تەلەپ قويۇشۇپ مۇھەببەتلەشسىلا مۇھەببەتلەشكەن بولمايدۇ> مۇشۇ جەرياندا ياخشى كۆرۈپ قالدى.
دىمەك ئۆزىنىڭ چىقىشىدىغان ئادىمىنى تاپقاندەك بولدى.
شۇنى ھىس قىلىۋىلىڭلاركى غەيرەتمۇ بىر قىتىم 15ياش ۋاختىدا مۇھەببەتلەشكەن، تۇنجى مۇھەببىتىنىڭ دەردىدە نىشە چەككەن،ھاراق ئىچكەن، يەنە شۇ مۇھەببىتىنىڭ<،مەن چەككەن،ئىچكەن ئادەمگە ئۆچ> دىگەن بىر ئىغىز گىپى بىلەن ھەممىنى تاشلاپ ھىلقى <،تۇغما> ئىسىل ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن. ئاخىرىدا مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ دىلى سۇنۇپ يەنە ھاراقكەش بوپ قالغان. لىكىن ئۇنىڭ دەردىگە شۇ ھاراق،شۇ تاماكىلار دەرمان بولالمىغان .
ھاراق،تاماكا كار قىلمىغان پەيىتتە ئۇ دىلخۇمار بىلەن ئۇچراشقان،ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن سىردىشىپ ،دەردىنى سۆزلەپ بىرىپ يەڭگىللەپ قالغاندەك بولغان، بارغانسىرى دىلخۇمارغا مايىل بوپ قالغان،ئۇنىڭغا دەردىنى دىمىسە،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىسا چىدىيالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزى ئىسپات بولماي نىمە؟ <مۇھەببەت ھەمىنى ئۆزگەرتىدۇ> دىگەننى ئاڭلىمىغانما ئوبزورچىمىز <تونۇيدۇ>؟
غەيرەت بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ بىر ئىغىز گىپى بىلەن <ئىسىل>غا ئايلانسا بولىدۇ. يەنە بىر ئىغىز گىپى بىلەن ھاراقكەشكە ئايلانسا ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولىدۇ. دىلخۇمارنى ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆتمىشى بىلەن يىسابلاشماي،ئۇنى ئەمرىگە ئىلىش خىيالىغا كەلسە بولمامدا؟ مۇشۇ قارىشىڭىز سىزنىڭ مۇھەببەتكە بەرگەن باھايىڭىزما؟ دۇنيادا ئۆزىنى چۈشەنگەن، ئۆزىنىڭ قەلبىنى ئۇتالىغان،ھەم كۈلمىگىلى بىر نەچچە يىل بولغان قەلبىنى كۈلدۈرەلىگەن قىزنىڭ ئۆتمىشىنى كەچۈرسە بولمامدا؟
يەنە ئاپتۇر ھىكايىدە كونىلارنىڭ<كۆيگەن يامانمۇ ؟كۆنگەنمۇ؟> دىگەن ماقال-تەمسىلىنىمۇ يىزىشقا مەجبۇر بوپتۇ.دىمەك غەيرەتنىڭ دىلخۇمارغا ھەم كۆيۈپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزىنى دايىم ماختاپ تۇرىشىغا ،ئۆزىگە دايىم كۆيۈنۈپ تۇرىشىغا كۆنۈپ قالغانلىقى يالغان ئوخشىمامدا.؟
ئەمىلىيەتتە ئوغۇللارمۇ ماختاشقا ئامراق، ئۇنىڭسىزمۇ دىلخۇمار ئەقىللىق،ئوغۇللارنىڭ مىجەزىگە قارىتا مۇڭدىشالايدىغان ، گەبدان بىر قىز تۇرسا، كەچكىچە ھاراقتىنلا دەردىنى ئالىدىغان غەيرەتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋىلىشى رىياللىقتىن ئۇنچىۋالا بەك يىراقمۇ ئەمەس.
بىزدىكى تاشقا موھۇر بىسىپ كەتكەن ئەخلاق ،نىكاھ ،مۇھەببەت ،نەسەب كۆز قارىشىنى قايرىپ قويۇپ ،ئۆزىنىڭ پۇچەك ھايات قارىشىنى باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئۇمۇد قىلغان.مەن بۇ ئەسەردىكى غەيرەتنىڭ ئىنتايىن چۇشكۇنلەشكەن ئوبرازىدىن بەكمۇ ئۇمۇدسىزلەندىم،ئۇنىڭغا جەميەتتە نۇرغۇن ياخشى قىزلارغا ئۇچرىشىش پۇرسىتى تۇرسا ،ئۇ قانداق بۇلۇپ بۇ كۇنگە چۈشۇپ قالىدۇ؟ سىزنىڭ ماۋۇ گىپىڭىزگە دىدىمغۇ يەنىلا ( يۈسۈپ- زىلەيخا دىگەن قىسسە)نى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنىڭغا جاۋابنى سىز بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىلا ئاندىن تاپالايسىز5-باھايىڭىزغا كەلسەك، <چىن ئىسىل> قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھوقوق-مەنپەتىنى بەك قوغداپ كىتىپسىز؟ لىكىن <چىن ئىسىل>نىڭمۇ يۈرىكىنىڭ گۆشتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپسىز. <لەيلىگە مەجنۇننىڭ كۆزى بىلە قارا >دىگەننى ئاڭلىمىغانما؟ سىزنىڭ<چىن ئىسىلىڭىز> نىڭ 2-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋەتمەكچى بولغان ياكى، غەيرەتنىڭ 2-بىر قىزنى ياخشى كۆرۈشىگە قايىل بولماسلىقىڭىزغا ھەيرانمەن ؟ ئاشۇ سىزنىڭ<چىن ئىسىل>لارنى قوغدىشىڭىزما؟ ۋاي چىڭسەي قوغام دەي دىسەم سىزگە ئىغىر كىتىشى مۇمكىن ،شۇڭا دىمىدىم<لىكىن دىمەكچى بولغانتىم>
ئاندىن يەنە سىزگە مۇشۇ ھىكايىنىڭ باشتىكى دىئالوگلارنى قايتا-قايتا يەنە قايتا -قايتا ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، بولۇپمۇ ماۋۇ يەردى بۇنىڭ ھوجرىسى دىلخۇمارنىڭكىگە پەقەت ئوخشمايتتى. كىرىپلا سېسىق، قاڭسىق پۇراقتىن يۆتىلىپ كەتتىم.
_ زۇكام بوپ قاپسىزمۇ نېمە جېنىم؟
ئۇ بىرنېمە ئۆزىگە ماس كەلمىگۈدەك ناز بىلەن يۈزۈمگە قولىنى ئۇزاتتى.
_ ئىشىڭنى قىلە پاسكىنا! ماۋۇ سېسىق پۇراقتىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. . . ;
_ بۇرۇن كىرىپ باقمىغاندەك گەپ قىلىسزغۇ؟ دىلخۇمار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭلارنى بىلىمەن جۇمۇ!
ئۇنىڭ ئىسمى چىقىشىغىلا يەنە ياۋاشلاپ، قۇلاقلىرىم دىڭ بولۇپ كەتتى.
_ ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتەمتىڭلار؟ _ دەپ سورىدىم مەن.
_ ئەلۋەتتە. مەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى. ئۇ ھەممە گەپلىرىنى ماڭا دەپ بېرەتتى
_ بايىقى ئالىم بىلەن كىرىپ كەتكەن پاسكىنىچۇ؟
_ ئۇ پەقەت دىلخۇمارنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ ئوتتۇرىدىن نان يېگەن شاپاق.
_ ئۇنداقتا ئۇ دىلخۇمارنىڭ ئادرېسىنى بىلەمدۇ؟
_ بىلىدۇ. لېكىن دەپ بەرمەيدۇ.
_ نېمىشقا؟
_ دەپ بەرسە خوجايىن ئۇنى قوغلىۋېتىدۇ.
_ ئەمسە سەن بىلەمسەن؟
_ بىلىمەن. دىلخۇمار ماڭا سىزنىڭ بىر كۈنلەردە كېلىپ ئۆزىنى ئىزدەيدىغانلىقىڭىزنى، شۇ چاغدا مېنىڭ سىزگە دەپ بېرىشىمنى تاپىلاپ كېتىپ قالغان. خاتىرجەم بولۇڭ! مەن سىزنى بايا ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ يوق، دەپ سىناپ باققانتىم. ھەقىقەتەن دىلخۇمار دېگەندەك جىگەرلىك ئەزىمەتكەنسىز. مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. بۇ ئىشنى مەندىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. باشقىلار مېنىڭ دىلخۇمار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنىمۇ بىلمايدۇ. شۇڭا خوجايىن سىز كەلگەندە ئالدىڭىزغا بايىقى ئالىم بىلەن كىرىپ كەتكەن شۇمنىڭ چىقىشىنى تاپىلىغان.
_ ئەمسە ئۇ ئالىم بىلەن كىرىپ كەتتىغۇ؟
_ سىلەر ئۇنىڭدىن ئەھۋال ئىگىلىمەكچى بولدۇڭلار! ئەمەلىيەتتە خاتالاشتىڭلار! ئۇ دېگەن بىزنىڭ خوجايىننىڭ ئاشنىسى. ئۇ ھەرگىزمۇ سىلەرگە دىلخۇمارنىڭ توغرا ئادرېسىنى دەپ بەرمەيدۇ. شۇڭا ئالىم ئۇنى تاللىشىغىلا مەن ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ تۇرۇۋالغان. پەرىزىمچە سىزگە كىم بولسا بولىۋېرىدۇ. بەرىبىر قولىنىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقازمايسىز. ھې ھې . . .
ۋاااااااھ! مەن بىكار ئاللاھتىن ئاغرىنىپتىمەن. ئەسلى ئاللاھ مېنى يۆلەۋېتىپتۇ. ھەي! يەتتە ئاي مۇشۇ يەرنىڭ ئىشىكىدىن قانچە قېتىم ئۆتۈپ بىرەر قېتىممۇ كىرمىگىنىمنى. رەھمەت ئاللاھ! مېنى يۆلىگىنىڭگە دىگەن يەرنى ئوبدان ئوقۇپ بىقىشىڭىزنى ھەم ئويلىنىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن
ۋاااااااھ! مەن بىكار ئاللاھتىن ئاغرىنىپتىمەن. ئەسلى ئاللاھ مېنى يۆلەۋېتىپتۇ. ھەي! يەتتە ئاي مۇشۇ يەرنىڭ ئىشىكىدىن قانچە قېتىم ئۆتۈپ بىرەر قېتىممۇ كىرمىگىنىمنى. رەھمەت ئاللاھ! مېنى يۆلىگىنىڭگە ماۋۇ يەرگىچە ئوقۇپ بىقىڭ [size=
4]قاراڭ ئاشۇ گەپكە، نىمە دىگەن ھەقىقى ئىچكى ھىسيات بۇ؟
ماۋۇ يەرنى توقۇپ چىقارماق مىنىڭچە ھەم سىزنىڭچە بەك تەسمىكى دەيمەن، ئەگەر بۇ يەرنى ھەقىقەتەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان دەپ قارىسىڭىز مۇشۇ يەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرالىغان ئادەمنىڭ يىزىقچىلىق ئۇسلۇبىدىن قانداقمۇ ئىۋەن تاپقىڭىز كەلدى؟ ئەسلىدىكى تىمىنىڭ كۆرۈلۈشى35مىڭ ئادەم- قىتىمدىن ئاشقان 26بەتتىن ئاشقان،چۈشكەن ئىنكاس 388گە يەتكەن ، ئاۋازلىق تىمىنىڭ كۆرۈلۈشى بولسا 71مىڭ ئادەم -قىتىمدىن ئاشقان بىر يازمىدىن ئىۋەن تاپىمەن دىگۈچە مىنىڭ يازمىللىرىمدىن ئىۋەن تاپقان بولسىڭىز غەلبە قازانغان بولاتتىڭىز. نىشاننى خاتا تاللاپسىز. مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئۇزۇن تىمىنى ئوقىمايتىم،لىكىن ئۈزۈمچىنىڭ بۇ تىمىسىنى 5قىتىمدەك ئوقۇپ چىقتىم، نىمىشقا ؟ياخشىلىقىدىن، 1-قىتىم ئۆزەم ئۈچۈن ئوقۇدۇم،2قىتىم بىر خىزمەددىشىمغا ئوقۇپ بەردىم، 3-4-5قىتىممۇ شۇ يەنە خىزمەداشلىرىمغا ئوقۇپ بىرىش بولدى. ماۋۇ ئوبزورنى يازغىچە يەنە بىر قىتىم ئوقۇدۇم بۇ تىمىنى مىنىڭچە باشقىلارمۇ بۇ تىمىنىڭ يازمىسىنى ئوقىدى، ياخشىلىقىدىن ئاۋازلىقىنى يەنە ئاڭلىدى.،
بۇ ئەسەر رىيالىققا ئۇيغۇن بولمىسا مەزمۇنى شۇنچە ياخشى چىقارمىدى؟ مەزمۇنى ياخشى بولمىسا، يىزىلىش ئۇسلۇبى ياىشى چىقارمىدى؟يىزىلىش ئۇسلۇبى ياخشى بولمىسا بۇ ئەسەر ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە شۇنچە ئالقىشقا ئىرىشەرمىدى؟
سىزنىڭمۇ مەندىن ئاغرىنماي بۇ تىمامنى بىر ئوبزور دەپ چۈشىنىشىڭىزنى ،يەنى( «ئۆلىۋىلىش سەنئىتى »دىگەن روماننى تەنقىد قىلغاندەك ئەتراپلىق باھالىشىڭىزنى سورايمەن. )
ئەسلى تىمىنى كۆرمەكچى بولساڭلار ماۋۇ ئادىرىستىن كىرىڭلار ./read.php?tid-27424-keyword-.html مۇشۇ ئادىرىس[ بۇ يازما ئاناقۇشئۇۋىسى تەرپىدىن 2008-09-05 15:38 د ]