ئەسىلامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز دوسىتلار:
@1ROXv$4l ~,p:T*.m ئالدىنقى كۈنى<< سۈبھىنۇرغا كىم قارىشىپ بېرەر>> دىگەن تېما تورغا يوللانغاندىن كىيىن نۇرغۇن دوسىتلىرىمىز ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ سۈىھىنۇرغا قارىشىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، دوستىمىز چىمەلتەك قىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال ئۈرۈمچىگە يەنى سۈبھىنۇرنىڭ يېنىغا كىلىپ سالام ئاكىغا ئۆزىنىڭ سۈبھىنۇرغا قارايدىغانلىقىنى ئېييتى، سالام ئاكا بۇ چاغدا نىمە دەپ رھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي كۆزلىرىگە ئىسىق ياش ئالدى، شۇنداق قىلىپ چىمەلتەك قىز 3 كۈن سۈبھىنۇرغا قارىدى، دوستىمىز قادىخانمۇ كۈندۈزى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاقتى چىقمىغاچ يېرىم كېچىدە كىلىپ سۈبھىنۇرغا ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ كىتىپ قالدى، بۇ جەرياندا دوستىمىز ئالىپتىكىن ۋە مەن بىكار ۋاقتىمىز بولسىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ سۈبىنۇرنى يوقلاپ تۇرىۋاتىمىز.
O`L^M9 ھازىر سۈبھىنۇرنىڭ 3-قېتىملىق خېمىىيلىك داۋالىشى باشلاندى، بۇ ئارقىلىق كېسەللىك ھالىتىنى كونتىرول قىلغىلى بولىدىكەن خالاس، سۈبھىنۇرنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا خېمىيلىك داۋالاش ئۇنۇڭغا ناھايتى ئېغىر كېلىدۇ، بىچارە قىز ئاخشىمىسى ئاغىرىق دەستىدىن تۈزۈكرەك ئۇخلىيالماي بەك چارچاپ تىنى ئاجىزلاپ كەتتى، سالام ئاكا نىمە ئۈچۈن خېمىيلىك داۋالاشقا قۇشۇلىدۇ؟ سەۋەبى ۋاقىتنى بىر ئاز بولسىمۇ كەينىگە سۈرۈش، بىچارە دادا قىزىنىڭ شۇنچە ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىغا چىدىيالماي ئۆزىنى چەتكە تارتىپ كۆزىدىن ئېقىپ چىققان ياشلارنى قىزىغا كۆرسەتمىدى، بۇ خىل خېمىيلىك داۋالاشقا ئىشلەتكەن ئۇكۇل، دورىلار بەك قىممەت ئىكەن، ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرۈپ ھەيران قالدىم 3000يۈەن بىر كۈنگە يەتمەيدىكەن، بىر تەرەپتىن كىچىكىنە بالا خېمىيلىك داۋالاشنىڭ دەردىنى تارتسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقدىسادى چىقىم سالام ئاكىنىڭ ھالىنى قويمىدى،
6CLf=\ سۈبھىنۇرنىڭ ئەھۋالى توغۇرسىدىكى خەۋەر تورغا چىقىرىلغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى دوسىتلىرىمىز ئارلىقنى يىراق-يېقىن دىمەي ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ كىلىۋاتىدۇ، سالام ئاكا بۇلارنى بىزگە بىر- بىرلەپ سۆزلەپ كۆزلىرىدىن قانچە قېتىملاپ ياش ئاققانلىقنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ نىمە دەپ، قانداق ئۇسۇلدا رەھمەت ئېيتىشىنىمۇ بىلمەيدۇ، پەقەت ئۇلۇغ خۇدادىن شۇ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ئامان ئىسەنلىك تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بىزگە يەنە بىر پارچە خەتنى كۆرسەتتى، خەت بىزنىڭ سەلكىندىشىمىز يەنى ياپۇنيەدىكى كۆك ئەتىرگۈل تەرىپىدىن يېزىلغان ئىدى، ئۇ خەتتە سۈبھىنۇرغا ئامان ئېسەنلىك تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، يەنە سۈبھىنۇرغا ساخاۋەتلىك كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ پۇل ۋە چىرايلىققىنە بىر قونچاق ئەۋەتكەن ئىدى، سالام ئاكا بۇ ئاقكۆڭۈل قىزغا نەچچە قېتىملاپ رەھمىتىنى بىلدۈردى، سۈبھىنۇر بولسا ھېلىقى قونچاققا شۇنداق ئامراق بۇلۇپ كېچىللىرى ئۇنى بېشىغا قۇيۇپ ياتىدىكەن، بۇ يەردە دوستىمىز كۆك ئەتىرگۈلگە رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇلۇغ اللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسايشلىق قىلسۇن.
t[=rC?a قەشقەردىكى دوستىمىز ئىدىرسجانمۇ دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈردى، سالام ئاكا بۇلارغىمۇ ئالاھىدە رەھمىتىنى بىلدۈردى، ھازىر ئالىپتىكىن، پارتىيە ۋە سەلكىن شىركىتىدىكى دوسىتلىرىمىز بىر ئاماللارنى قىلىپ بۇ ئەھۋالنى گېزىتكە چىقارماقچى بۇلىۋاتىمىز، چۈنكى ۋاقىت بارغانسىرى قىستاپ قالغانئىدى، پەقەت يېتەرلىك خىراجەت يىغىلغاندىلا ئاندىن سالام ئاكا بالىنى ئېلىپ ئىچكىرگە بېرىپ رەسمى ئوپىرىتسىيە قىلىدىكەن، دوختۇرلارمۇ ئوپىراتسىيەنىڭ 70 پىرسەنىت ئۇتۇغلۇق بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى، سالام ئاكا ئۆزىنىڭ قەتئىي بەل قۇيىۋەتمەيدىغانلىقنى ئېيتتى، ھىچ ئامال بولمىغاندا ئۆزىنىڭ بۆرەك، تال قاتارلىق ئەزالىرىنى سېتىپ بۇ ئوپىراتسىيەنى قىلدىغانلىقنى بىلدۈردى، ھەر ھەر يەرلەردىن نۇرغىنلىنغان ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىز ساخاۋەتلىك قوللۇرنى سۇنىۋاتىدۇ، لىكىن زور بولغان داۋالاش چىقىمى ئالدىدا بۇ پەقەت نەچچە يۈزدىن،ھەتتا نەچچە مىڭدىن بىرىلا خالاس، سالام ئاكىنىڭمۇ بېشى قېتىپ تەرەپ تەرەپكە قاتىراپ ھېرىپ ھالىدىن كەتتى ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بەل قۇيىۋەتمىدى.......
u1&z9YHw غۇلجىدىكى دوستىمىز دىلئارامۇ يۇرتىدا دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا بۇ توغۇرلۇق مەسچىد، مەكتەپ ، ئىدارە-جەمىيەتتە تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن چىمەلتەك قىز مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ ئىدارە-ئورگان ۋە مەسچىدلەردە تەشۋىق قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۇرتىغا قاراپ ماڭدى، ئۈلۈشكۈن ئاقكۆڭۈل دوستىمىز لەيلى كىلىپ سۈبھنۇرغا قاراۋاتىدۇ، ئاقكۆڭۈل دوسىتلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشلىرىدىن سالام ئاكا بەك مىنەتتار بولدى.
/?(xQm QCdv%:"| ئۇلۇغ رامىزان كۈنلىرىدە ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ بۇندىن بۇرۇن ئاللا ئالدىدا بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن تۆۋە قىلايلى، ھەممەيلەن يەنە بىر غەيرەت قىلىپ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، قولىمىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلساق بولاتتى، مۇنبەردە جەمىي 18777 ئەزا بار ئىكەن، ھەر بىرەيلەن 20 يۈەندىن ياردەم قىلساق 375540 يۈەن بولىدىكەن، سۈبھىنۇرنىڭ داۋالىنىش چىقىمى ئۈچۈن 360000 يۈەن كېتىدىكەن، شۇڭا قاراپ تۇرۇپ، شۇ نارسىدە بالىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئۈن -تىنسىز كىتىشىگە قاراپ تۇرساق بولماس، كۈچى بارلار كۈچ چىقىرىپ ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى مەكتەپ، ئىدارە-جەمىيەت ۋە مەسچىدلەردە بۇ توغۇرلۇق تەشۋىق قىلساق، پۇلى بارلار ئازىراق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرسەك، شۇ ئوماق نارسىدە قىزنى ئەزىرائىلنىڭ قولىدىن ياندۇرۇپ كەلسەككەن دەيمەن، ھازىر بۇ كېسەلنىڭ جەمىيتىمىز ئارسىدىكى سانى بارغانسىرى كۆپىيۋېتىپتۇ، ھەممىزنىڭ ئۇرۇق- تۇققان، دوسىت-بۇرادەرلىمىز بار <خۇدايىم بارلىق بەندىلىرىڭنى ئامان ئېسەن قىلغايسەن!> ، شۇڭا اللا ئالدىدا ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلايلى،بىر ياخشى ئىشنى قىلىشنى باشلىغانكەنمىز ئاخىرىنى چىقىرايلى، شۇ نارسىدە بالىنى قۇتقۇزۋالايلى!!!
:!U\B=[n 'G/vb--)n بۇ سۈبھىنۇر ۋە سالام ئاكا نامىدىكى بانكا كارتىللىرى:
fby}#8 'z67z>dY !u5 3r&$v F50!':^ سۈبھىنۇرنىڭ ھازىرقى تۇرۇشلۇق ئورنى : شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرستت قارمىقىدىكى بىرىنچى دوختۇرخانا (يى شۆيەن 高层楼) يېڭى بالنىست بىناسى 9 - قەۋەت 21 ئۆي .
Tc3BV9 EUfG]L ئالىپتىكىن ياكى يۇلغۇن ئوغلى بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشساڭلارمۇ بولىدۇ:
7!!QY|19c ئالىپتىكىن: 13009627648
4;h^5`l يۇلغۇن ئوغلى: 13579883417
}krMO/ EwPH?c@)L رامزانلىق نادىرلاندى.[ بۇ يازما يۇلغۇنئوغلى تەرپىدىن 2008-09-03 17:06 دە ]