E
/ycPqD دۈبەينىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان شەيخداد مەسچىدى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا، مەسچىد تېخى تولۇق پۈتمەيلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. مەسچىد قۇرۇلۇشىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى سۇلايمان مۇنداق دىدى: بۇ مەسچىد كۆلەم جەھەتتە ئىككى مۇقەددەس مەسچىددىن قالسىلا دۇنيادا 3-ئورۇندا تۇرىدۇ.بىزنىڭ بېلىشىمىزچە بۇ مەسچىد دۇنيادىكى يېڭى مەسچىدلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىد،مەسچىدنىڭ چوڭ زالىغا سىلىنغان گىلەم ئىراندا مەخسۇس توقۇلغان،دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىلەم ھىساپلىنىدۇ،بۇگىلەم 6مىڭ كۇۋادىرات مىتىر زالغا سېلىنىدۇ.بۇ مەسچىدنىڭ ئىككى مۇقەددەس مەسچىدگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى بۇ مەسچىد غەيرى مۇسۇلمانلارغىمۇ ئېچىۋىتىلىدۇ،ئەمما غەيرى مۇسۇلمانلار چوقۇم مەسچىدگە كىرگەندە مىھمانلار دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشى كىرەك، يەنى ئاياللار مەسچىدگە كىرگەندە چوقۇم قارا پەرەنچە كىيىشى، بىشىغا ياشلىق ئارتىشى كىرەك، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىدكە تىزىپ قويۇلغان قۇرئان كەرىمنى تۇتۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.
e.|t12)L " بۇ مەسچىدنى سىلىش 1998-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ خەلپىسى شەيخداد پۇل چىقىرىپ سالغان. بۇ قۇرۇلۇش كىلەر يىلى 11-ئايدا تولۇق پۈتىدۇ.شەيخداد مەسچىد پۈتمەي تۇرۇپ 2004-يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىتى مەسچىدنىڭ يىنىدىكى قەبرىگە قويۇلغان.
Gl T/JZ9 قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى مۇھەممەد ئەمىر مۇنداق دىدى: ئاساسلىق قۇرۇلۇش تاماملاندى،ئارقا گۈللۈكى،ماشىنا توختۇتۇش ئورنى قاتارلىق قوشۇمچە قۇرۇلۇشلارلا قالدى،بۇ مەسچىدگە ئىشلەتكەن ماتىرىياللار ئىنچىكە تاللانغان، مەسىلەن ئىشتىلىگەن تاشلارنىڭ ھەممىسى ئىتالىيىدىن كىرگۈزۈلگەن ئاق مەرمەر تاش،تاملارغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلىپ كىلىنگەن قىممەتلىك رەڭلىك گىئومىتىرىلىك نوسخىلارچاپلانغان، ئىشلىتىلگەن گىلەم ئىراندا توقۇلغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گىلەم،قۇرۇلۇشقا يەنە ماراكەشتىن ئۇستا نەققاشلار ۋە ئاسىيادىن كەلگەن نەچچە مىڭ ئىشلەمچى 10يىل جاپالىق ئىشلىگەن.مەسچىدنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 22مىڭ كۇۋادىرات مېتىر بولۇپ، مەسچىدنىڭ ئەڭ سىرتى تىمىنىڭ 4 بۇلۇڭىدا 100مىتىردىن ئىگىز 4 مۇنار بار،مەسچىدنىڭ قۇببىسىلا 82بولۇپ، 96 تاش تۈۋرۈگى بار،سىرتقى ھويلىسىدا 1048 تاش تۈۋرۈگى بار،مەسچىد ئالدى تەرىپىدىكى ئەڭ چوڭ قۇببىسىنىڭ ئىگىزلىكى 75مىتىر، كەڭلىكى 32.2مىتىر كىلىدۇ.بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇببە ھىساپلىنىدۇ.چوڭ زالنىڭ يىنىدا ئاياللار ناماز ئۆتەش ئۈچۈن ئاياللار زالى سىلىندى،بۇ زالدا 1200كىشى بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئۆتىيەلەيدۇ.زالنىڭ ئالدىغا چوڭ ئىكران ئورنىتىلغان بولۇپ ئىمام تەبلىق ئېيتقاندا ئىشلىتىلىدۇ. چوڭ زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك چوڭ خىرىستال ئاسما چىراق ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ گىرمانىيىدە ياسالغان. ئىگىزلىكى ۋە دىئامىتىرى 10مېتىر كىلىدۇ،بۇ ئاسما چىراق 8مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىغا توختىغان.
NVDvd6 بۇ مەسچىدنى سىلىش باشلانغاندا دەسلەپتە 557مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان،بۇ بەلكىم دۇنيادىكى ھازىر سىلىنغان ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىنغان مەسچىد بولسا كىرەك.
NE@P8pQ> ?&b"/sRS مەنبە:
http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-4057[ بۇ يازما مۇھەممەد-2008 تەرپىدىن 2008-09-03 13:09 د ]