lWv:`A% ھازىرقى دۇنيا يەر شارى كەنتى دەپ قارىلىدۇ.ئىسلام ئىشلىرى دۆلەت ئايرىماي، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ بولۇپمۇ ئىسلام ساخاۋەت ئىشلىرى بىرگەۋدىلەشكەن بولۇپ، قەيەردە قىيىنچىلىق بولسا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى سەپەرۋەرلىككە كىلىپ، ئۇلارنى قوللايدۇ.دۇنيادا تىنچلىق بالدۇرراق ئىشقا ئىشىپ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەرخىل توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ،قۇتقۇزۇش ئەشيالىرىنىڭ جىددى ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگۈسى.
ac{Wn)U' قاتار زاكات فۇندى جەمىيىتى بىر يېڭى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۆتكىگىلى بولىدىغان چوڭ چىدىرلارنى لايىھىلىمەكتە، بۇخىل چىدىرغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە ھەرخىل يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر ئورنىتىلغان بولۇپ،ھەر قانداق جايدا ئورنىتىپ، شۇ يەردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ. بۇ يىل رامىزان ئىيىدا ئۇلار 23 چوڭ چىدىر ياسىماقچى، بۇنىڭغا 380مىڭ ئامىرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىدۇ.ھەربىر چىدىردا 300كىشى ئىپتالىنالايدۇ. بۇ فۇندى جەمىيىتى ئىككى رىستۇران بىلەن توختام تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ كىشىلەرنى يىمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىشىنى بىكىتتى. مۆچەرلىنىشچە بىر يىلدا 600مىڭ ئادەم قىتىم كىشىنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن. بۇ چوڭ چىدىرنى يەنە ئايرۇپىلان بىلەن باشقا جايلارغا توشۇغىلى بولىدۇ، ئىھتىياجغا قاراپ ئىچىنىڭ فۇنكىستسىيىسىنى ئۆزگەرتىلى بولىدۇ، مەسىلەن ناماز ئوقۇش ئۆيى، نوتۇق سۆزلەش زالى، مەدرىس، چوڭ يىغىن مەيدانى ۋە تەبلىھ ئورنى قاتارلىقلار. بۇ بۇ يىلقى رامىزان ئىيىدىكى خەلقئارالاشقان ساخاۋەت ئىشلىرى پىلانى بولۇپ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىلسا ھەر قايسى ئەللەردە كېڭەيتىلىىپ، چىگرا ئاتلاپ ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
y'y)rEXK قاتاردىكى داڭلىق شەيخ مۇھەممەد شانى ساخاۋەت ئۇيۇشمىسى قىزىل ھىلال ئاي ئارقىلىق چەتئەلدىكى مۇسۇلمانلارنى 140مىڭ ئامىرىكا دوللىرى ياردەم بىلەن تەمىنلىدى، بۇ 2600ئائىلىلىككە ياردەم قىلىنىدۇ.بۇ ساخاۋەت تەشكىلاتى يەنە چەتئەلگە ھەرخىل ئىسلام تەشۋىقات چىدىرلىرى سوۋغا قىلدى، بۇ چىدىرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قۇرۇلۇپ، قۇرئام كەرىم ئۈگىنىش ۋە دىنى ساۋات ئىلىش كۇرسى ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
~/:}$?Qp قاتاردىكى فانا ئىسلام تەشۋىقات مەركىزى بۇيىل چەتئەلگە 40دىن تەشۋىق قىلغۇچى ئەۋەتىپ، رامىزىن ئىيىدا چەتئەلدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يىزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ شۇ يەردىكى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئىسلام دىنى ساۋاتلىرى ۋە قۇرئان كەرىم بىلىملىرىنى ئۈگىتىدۇ.
XIyp5 j4Q ھەريىلقى رامىزان ئىيى دۇنيامۇسۇلمانلىرى بىردەك ھەركەتكە كىلىدىغان مۇبارەك ئاي بولۇپ، يەر شارىنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىتەك ئېقىم ئاستىدا رامىزان ئىيىدىكى ساخاۋەت ئىشلىرى تار رايۇنچىلىقتىن ھالقىپ، ئىسلامنىڭ يەر شارىلىشىشىدىكى خەلقئارالىق پائالىيەت بولماقتا.
8;%[fSxX rs6Ml b\" مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى
.~v=WxE'$ http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-5393