ئامىرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ۋە ئەڭ ئۇزۇن يەر ئاستى پويىز سىستىمىسى بار،نيويورك شەھىرىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىشقا چىققاندا ۋە ئىشتىن چۈشكەندە، سىرتقا چىققاندا يەر ئاستى پويىزىغا ئولتۇرىدۇ.يەر ئاستى پويىزىغا كۈنىگە نەچچە مىليۇن ئادەم قىتىم كىشى ئولتۇرىدۇ.شۇڭا يەر ئاستى پويىزىدىكى ئىلانلار شەھەر ئاھالىلىرى ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان ئىلانلار بولىدۇ. بۇ يىل رامىزان ئىيىدا يەر ئاستى پويىزلىرىغا ئىسلام دىنى تەشۋىق قىلىنىدىغان ئىلانلار چاپلىنىپ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىگە ئىسلام دىنى بىلىملىرى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
5V ;{3;d بۇ تەشۋىقات پىلانىغا شىمالى ئامىرىكا قىتئەسى ئىسلام بىرلەشمىسى مەسئۇل بولغان. بۇ بىرلەشمىنىڭ تور بىتىدە مۇنداق دىيىلدى:بۇ تەشۋىقات پىلانى شەھەر ئاممىسىغا ھەقىقى ئىسلام ساۋاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، جەمىيەتنىڭ ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشى،ئوخشىمىغان دىنلار ئارىسىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئىلىپ بىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
9)w#DSO W( شىمالى ئامىرىكا ئسلام بىرلەشمىسى خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر چۆككەن بىر تەشكىلات بولۇپ،ئىرق ۋە مەزھەپ ئايرىماي مۇسۇلمانلار بولىدىكەن بىر ئائىلە كىشىلەردەك بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆز-ئارا كۆيىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
EP_L
بۇ پائالىيەت بىر ئاي داۋاملىشىدۇ، نيويوك شەھىرىدىكى 1000 ۋاگونغا تەشۋىقات ئىلانى چاپلىنىدۇ،ھەربىر ئىلان ناھايىتى قىسقا ئەمما چوڭقۇر مەنىلىك بولۇپ، ھەربىر كۆرۈرمەننى چوڭقۇر ئويغا سالدۇرىدۇ.تۈنجى ئىلاندا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن يۈزىنى ئورايدىغانلىقى چۈشەندۈرلىدۇ، كىشىلەر كاللىسىدىكى مۇجمەل مەسىلىلەرگە سۇئال بىرىلىدۇ.2-ئىلان ئىسلام بىلىملىرى تىلىغۇنى ئىلانى بولۇپ، شىمالى ئامىرىكا ئىسلام بىرلەشمىسى ئىسلام بىلىملىرى مەخسۇس تىلىغۇنى ئارقىلىق كىشىلەر سورىغان ئىسلامغا ئائىت سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدۇ.3-ئىلان<بىز نىمە ئۈچۈن ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىمىز> دىگەن تور پۇنكىتىنىڭ ئىلانى بولۇپ، كىشىلەرنى تور پۇنكىتلىرى ئارقىلىق ئىسلامنى چۈشىنىشكە سەپەرۋەر قىلىنىدۇ.ۋاھاكازالار. بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىزغىن قارشى ئىلىنىشىغا ئۇچرىدى. aI!-a36x
ئامىرىكىدا ھازىر 7مىليۇن مۇسۇلمان بولۇپ، ئامىرىكا نوپۇسىنىڭ 2پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. P{bjhx$Y;
da]'hmB
مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى /YKaO%A
http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-5112