بۇ بەتتىكى تېما: (مۇراجەتنامە) ئىنىمىز ئەزىمەتجانغا ياردەم قىلايلى !! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1237 قېتىم كۆرۈلدى
چايان-شاھ
ئېمپىرىيە شاھزادىسى
ئالاھىدە ئىلگىرلەش رەسىم يوللاش ئۇستىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 164
نادىر تېما : 13
يازما سانى : 2060
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2060دانە
شۆھرەت: 4055 كىشىلىك
پۇل : 47308 سوم
تۆھپە: 501 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2735 نۇمۇر
قوللاش: 2228 نومۇر
ئالقىش: 2069 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
توردىكى ۋاقتى :824(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 (مۇراجەتنامە) ئىنىمىز ئەزىمەتجانغا ياردەم قىلايلى !!

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما خەلىپە تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-09-01)
ساخاۋەتلىك قوللاردىن گۈل-چېچەكلەر پورەكلەپ ئۈنگەي!!!

كىشىلىك ھاياتتا ھەمىشە ئويلىمىغا ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تەقدىر بەزى ئادەمنى ئېغىر دەرت-ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىدۇ. مەن ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن بۇ ئايالنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتتىن چۈچۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ ياداپ كەتكەن يۈزى، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ بەكلا ئېچىندىم. قۇچىقىدىكى ئۈچ ياشلىق بالىسى ماڭالمايدىكەن، ئولتۇرالمايدىكەن، ھەتتا بوينىنىمۇ تۇتالمايدىكەن. پۈتۈن ئەزايى پالەچ ئىكەن. ئەمما چىرايى شۇنداق ئوماق ئىكەن. ئۇ بالىسى بىلەن يوغان بىر بوقچىنى كۆتۈرۈپ ئىشخانامغا كىردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 5-6 ياشلىق بىر بالىمۇ ئەگىشىپ كىردى.
مەن ئۇنىڭ ياش تۇرۇپلا بۇنداق روھسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئولتۇرۇپ گەپ باشلىغاندىن كېيىنلا بىلدىم. ئۇ تولىمۇ چۈشكۈن، بىچارە ئىدى. ئۇ گېپىنى باشلىدى:
- ئىسمىم نۇرگۈل سامساق، ئاۋات ناھىيە يېڭىرىق يېزا قوش قۇدۇق كەنتىدىن، ئىككى بالام بار، چوڭى 6 ياشقا كىردى، كىچىكى قۇچۇقۇمدىكى مۇشۇ ئومۇقۇم. بۇ بالام تۇغۇلغاندا نورمال ئىدى، بىر ياشتىن ئاشقىچە ھەرىكەت قىلالمىدى. بىز ھەيران قېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپاردۇق. دوختۇر تەپسىلى تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن سەككىز ئايلىق بولغاندا مېڭىسىگە قان چۈشۈپتۇ دەپ دىئاگنوز قويدى ھەم ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتىشىمىزنى ئېيتتى. بۇنىڭغا 15 – 20 مىڭ يۈەن پۇل كېتىدىكەن. لېكىن بىزدە كۆپ پۇل بولمىغاچقا، ئاۋات، ئاقسۇدىكى دوختۇرخانىلاردا ئانچە-مۇنچە داۋالاتتۇق. بىراق ئۈنۈمى بولمىدى. يولدىشىمنىڭ خىزمىتى مۇقىم بولمىسىمۇ (يولدىشىم كوچا ئاپتۇبۇس شوپۇرى ئىدى)، كۆپرەك پۇل تېپىپ بالىنى داۋالىتىشقا ئىرادە باغلىغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلىگەن ئىدى. بىراق، 2007-يىل 2-ئاينىڭ 23-كۈنى يولدىشىم بىلەن ئاپام تەڭلا كۈمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۈلۈپ كەتتى. مەن يىغلىدىم، قاقشىدىم، كىرىم مەنبەيىم پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. ئاپام ئۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن دادام ئۇزاققا قالماي ئۆيلىنىۋالدى. گەپنىڭ ئۇچۇقىنى قىلغاندا ئۇ ماڭا ياردەم قىلالمايتى. بىر ئۆي دېگەندە ئەقەللىسى كۈندە 2 ۋاخ تاماق يېمىسە بولمايتى. تېخىمۇ چوڭ غېمىم بالامنى داۋالاتمىسام بولمايتى. مەن ئۆيدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە نەرسىنى ساتتىم. مەڭ تەستە 1700 يۈەن پۇل يىغىپ بۇلتۇر يازدا ئۈرۈمچىگە باردىم. دوختۇرلار بالامنى كۈرۈپ <<كېسەل كونىراپ كېتىپتۇ، ھازىر ئاز دېگەندە 40-50 مىڭ يۈەن بولمىسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ>> دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ قالغىلى تاس قالدىم. كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلۇق باستى. مەن ئامالسىز ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاياللار بىرلەشمىسى، گېزىتخانا، تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلىپ باقتىم. لېكىن جەمىيەتتە ئالدامچىلار كۆپىيىپ كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلمىدىم. ئاخىرىدا پۇلۇم تۈگەپ كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۈنكى يېنىمدا كىرا قىلىپ كەتكۈدەك پۇل قالمىغان ئىدى. ئاخىرى 200 نەچچە كوي يىغىپ ئاۋاتقا كېلىۋالدىم. بىر نەچچە ئايدىن بۇيان تۇرمۇشتا بەك قىينالدىم. بۈگۈن بىر ۋاق تاماق ئەتكەن بولسام، ئەتىسى قانداق قىلىشنى، نېمە يېيىشنى بىلەلمەي بېشىم قېتىپ كېتىدۇ. بالامغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپ، ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. نەچچە قېتىم بالامنى مەسچىتنىڭ ئالدىدا ياتقۇزايمۇ دەپ ئويلاپ باقتىم. لېكىن ئانا بولغان ئادەم بالىسىغا چىدىمايدىكەن. ئۇنداق قىلالمىدىم. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن كۆرۈشۈپ بالامنى يېتىم بالىلار پاراۋانلىق ئورنىغا ئاپىرىپ بېرەيمۇ-يا، دەپمۇ خىيال قىلىپ باقتىم، لېكىن بۇنىڭغا ۋىجدانىم يول قويمىدى. كىمدىن ياردەم سوراشنى، نەگە بېرىشنى، بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرىمنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن.
- مەن جەمىيەتتە ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىگە، كىشىلىك دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىغا ئىشىنىمەن، جەمىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ماڭا ياردەم قىلىشىنى، بالامنى قۇتقۇزۇۋېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


جەمىيەتتىكى كەڭ دوستلار، تۇل ئايال نۇرگۈلگە ياردەم قىلايلى، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ قويايلى، بالىسىنى قۇتقۇزۇپ قالايلى.

ئىزاھات: بۇ مۇراجەتنامە ئاقسۇ گېزىتىنىڭ 2008-يىللىق 7703-سانىغا بېسىلغان.

بۇ تېما 2008-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى سەلكىن مۇنبىرىگە بىر قېتىم يوللانغان بۇلۇپ، ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتچى كىشىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن نۈرگۈل ھەدە بالىسىنى بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالىتىشنى تۈگىتىپ كەلگەن ھەمدە بالىنىڭ كېسىلىدە كۈرۈنەرلىك ھالدا ياخشىلىنىش بولغان. دوختۇرلار يەنە 2 باسقۇچ داۋالاتقاندا ساقىيىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتقان. لېكىن نۈرگۈل ھەدىنىڭ ھېچقانداق باققۇنچىسى ياكى ئىقتىسادى كىرىمى بولمىغاچقا، بالىنى داۋالىتىشقا ئامالسىز قالغان بۇلۇپ، شۇ سەۋەپتىن بۇ مۇراجەتنامە سەلكىن مۇنبىرىگە يەنە بىر قېتىم يوللاندى. ۋاقىپ بۇلۇپ قالغايسىزلەر.

ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇچۇلارنى كۈرۈۋېلىڭلار.
بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ ئىسىمى: نۇرگۈل سامساق.
تېلفۇن نۇمۇرى: 13139867625
بانكا كارتا نۇمۇرى: 4563518300026886673 (جۇڭگو بانكىسى)
بانكا كارتا نۇمۇرى: 6228483650128059614 (يېزا ئىگىلىك بانكىسى).
كارتا ئىسىمى: 努尔古丽 • 沙木沙克



مۇناسىۋەتلىك ئىسپات-ماتېرياللار:
























ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىڭلارنىڭ تېنىنى سالامەت، ئۆمرىنى ئۇزۇن، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق، تۇرمۇشىنى بەخىتلىك قىلغاي!!!!
[ بۇ يازما چايان-شاھ تەرپىدىن 2008-09-07 10:25 دە قا ]
ئاشۇ زەئىپلەشكەن تەنلىرىڭ، چىرىكلەشكەن روھىڭ بىلەن «دۈشمەنگە قارشى تۇرىمەن، ۋەتىنىمنى قوغدايمەن» دەمسەن تېخى .
ئۇخلاپ چۈشۈڭ !!!
دۈشمەننىڭ سېنى بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن بىر بوتولكا ھاراق، بىر چېكىم تاماكا ۋە ۋە بىر چىرايلىق ئايال بولسىلا كۇپايە، خالاس.
_________________________________________
بىلىمسىزلىكنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر.
| ۋاقتى : 2008-09-01 18:57 [باش يازما]
قىساسكـار
پاختا ماكانى ، دولان ئوغلى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 16499
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 700
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە700دانە
شۆھرەت: 1688 كىشىلىك
پۇل : 2000 سوم
تۆھپە: 230 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1121 نۇمۇر
قوللاش: 892 نومۇر
ئالقىش: 1441 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :181(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلساق بولغۇچەك.
Gulyar tori
قىساسكـار بـۆرە.
دوست تۇتساڭ ۋىجدانلىق غۇرۇرلۇقنى تۇت.
دوست بىلەن بىرلىشىپ بەيگىلەردە ئۇت،
چاغلىماي تۇلكىنى دوستۇم دېسەڭ سەن.
بىر ئۇتۇك ئىچىگە كىرەر ئىككى پۇت،
| ۋاقتى : 2008-09-01 19:24 1 -قەۋەت
دولان009
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17900
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 387
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە387دانە
شۆھرەت: 390 كىشىلىك
پۇل : 2200 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 396 نۇمۇر
قوللاش: 389 نومۇر
ئالقىش: 415 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :321(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياردىمىمىزنى ئايىمايلى تورداشلار،(سېچۇەنگە 10000لاپ 100000لاپ ئىئانە قىلغان ساخاۋەتچىلىرىمىز مۇنداق خەۋەرنى كۆرۈپ قالىدىغان بولسا...................ئىش پۈتتى دىگەن گەپ~~~~~~~~~)
بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس،بىريامانلىق..........
| ۋاقتى : 2008-09-01 19:25 2 -قەۋەت
ئىمىرسايىپ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 19071
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 382
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە382دانە
شۆھرەت: 386 كىشىلىك
پۇل : 2171 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 389 نۇمۇر
قوللاش: 383 نومۇر
ئالقىش: 404 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :103(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇلۇغ ئاللا ئاسان قىلسۇن  قۇلۇمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلايلى
مەن ئۇزەم بىر دۇختۇر بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن بارلىق سەلكىنداشلارنىڭ تىنىنىڭ ساغلام ئىشلىرىنى ئۇڭۇشلۇق ھەمدە كەلگۈسىدا ياراملىق ئاداملەردىن بۇلىشىنى تىلايمەن
| ۋاقتى : 2008-09-01 19:33 3 -قەۋەت
يېشىللىق
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 5567
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە82دانە
شۆھرەت: 82 كىشىلىك
پۇل : 1883 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 81 نۇمۇر
قوللاش: 81 نومۇر
ئالقىش: 81 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رامىزان ئېيىدا ساۋاپ ئىزدىگەنلەر ئالدىراڭلار ................
اللە شىپالىق بەرسۇن ، ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن............
bugra
| ۋاقتى : 2008-09-01 19:48 4 -قەۋەت
گۇڭگا
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19879
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
پۇل : 245 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
قوللاش: 26 نومۇر
ئالقىش: 33 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :5(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

سىچۈەندىكى ئاپات خەۋرى تارقالغان ھامان ئەڭ تىز سۈرئەتتە ياردەم قۇلنى سۇنغان ساخاۋەتچى كىشلىرمىز ، ئاقكۈڭۈل،قۇلى ئۇچۇق پۇلدار سودىگەرلىرمىزنىڭ ئۆز مىللىتىدىن بولغان بىر مۇسۇلمان سەبىگە ياردەم قۇلىنى سۇنالىشى تامامەن مۇمكىن...ھەر بىرمىز جىق ياردەم قىلالمىساقمۇ كۆپ تۈكۈرسە كۆل بۇلدىغىنىغا ئىشنىمەن...~~~
izdax.com
~~~~~~~~~~~بۆرە ھۇۋلايدۇ~~~~~~~~~~
| ۋاقتى : 2008-09-01 20:45 5 -قەۋەت
زۇلپېقار
ئەخمەق بالاخاتىرسى 
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 3244
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 929
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە929دانە
شۆھرەت: 1302 كىشىلىك
پۇل : 6886 سوم
تۆھپە: 20 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1274 نۇمۇر
قوللاش: 1088 نومۇر
ئالقىش: 1585 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :92(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قۇرۇق گەپتىن 10نى  قىلغۇچە  ئەمىلى  ئىشتىن بىرنى  قىلايلى 
قىنى دوسلار  بۇ ئۇلۇغ رامزاننىڭ ھۆرمىتى  ئۈچۈن بولسىمۇ قاراپ تۇرمايلى  .
qarluq
                    بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر 
قاتىق يامغۇردىن كىيىن ھاۋانىڭ ئىچىلىشىغا  ئىشىنىڭ
تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە  ،بۈگۈننى چىڭ تۇت، ئەتىنى  قەدىرلە .
| ۋاقتى : 2008-09-01 21:26 6 -قەۋەت
ئاپپاق
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17903
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 297
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە297دانە
شۆھرەت: 306 كىشىلىك
پۇل : 2433 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 337 نۇمۇر
قوللاش: 357 نومۇر
ئالقىش: 387 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :399(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

كۆڭلۈم ھەجەب يېرىم بولدى ..بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم....مۇشۇ پۇلى بار بايلار نىمىش قىلار مۇشۇنداق چاغلاردا....

جاھان دېگەندە مۇشۇنداق مۇھتاج كىشىلەرگە ياردەم قىلىپ قويۇشتىمۇ ساۋابلىق ئىش بارمۇ.......خەقنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش تولىمۇ

ئېسىل ئىش ئىدى...ئاللاھ بۇيرىسا ئىنسابلىق كىشىلىرىمىز جىق چىقار يەنە..............
qarluq
ئاپپاق قىز!
ئوماق قىز!
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ!
| ۋاقتى : 2008-09-01 21:57 7 -قەۋەت
كۇكلەم520
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 7262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1056
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1056دانە
شۆھرەت: 1109 كىشىلىك
پۇل : 6501 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1088 نۇمۇر
قوللاش: 1066 نومۇر
ئالقىش: 1146 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :208(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رامزانلىق ساۋاپ دىگەن مانا
qarluq
بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما،بىلىپ تاشلا كىيىن سىغىنما.
| ۋاقتى : 2008-09-01 23:18 8 -قەۋەت
atella-concord
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 20117
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 55
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە55دانە
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
پۇل : 415 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 55 نۇمۇر
قوللاش: 55 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-11
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ھىلىقى دۇنيادىكى ئون چوڭ باي پادىشا بۇلارنى بىلىشنى خالامدىغاندۇ... اللا بۇ يىگىتكە شىپالىق بەرگەي!
تاما-تاما كۆل تولار...
qarluq
ئوغلۇم! ئالدىڭغا قارا...
| ۋاقتى : 2008-09-02 14:04 9 -قەۋەت
جـانان
ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 2120
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 4573
ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4573دانە
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
پۇل : 14145 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4582 نۇمۇر
قوللاش: 2575 نومۇر
ئالقىش: 4263 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
توردىكى ۋاقتى :111(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

اللە ئاسانلىق بەرسۇن! بىزمۇ قاراپ تۇرمايلى دوسلار!
qarluq
بۇ دۇنيادا باشقىلار ئۈچۈن غەم يىگىنىڭ ، كىيىنكى دۇنيادا ئۆزەڭ ئۈچۈن نان يىگىنىڭ .
| ۋاقتى : 2008-09-02 14:15 10 -قەۋەت
خۇشخۇي
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
مۇنبەر باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى موللا تاپقاق
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 4
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 43025
ئۇنۋان:ناھىپ پادىشاھ ھازىرغىچە43025دانە
شۆھرەت: 12509 كىشىلىك
پۇل : 54039 سوم
تۆھپە: 8463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1430 نۇمۇر
قوللاش: 1045 نومۇر
ئالقىش: 2134 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دوسلۇق
توردىكى ۋاقتى :12943(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

توۋا خۇدايىم . مەن كۆرگەن بالا ئىكەن 
qarluq
كۆكلەي دېسەڭ سەلكىنىم ، سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ ؟
我心中的爱不在外^_^
| ۋاقتى : 2008-09-02 16:23 11 -قەۋەت
kukbura1
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 13875
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە88دانە
شۆھرەت: 88 كىشىلىك
پۇل : 640 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 104 نۇمۇر
قوللاش: 96 نومۇر
ئالقىش: 124 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :39(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

سىچۇەندىكى خەنزۇلارغىمۇ قىلدۇق بۇياردەمنى . بۇلارغىمۇ قۇلىمىزدىن كىلشچە ياردەم قىلايلى.
qarluq
ھايات ئادەمگە بىر قىتىم كىلدۇ.
دۇنيادىكى بارلىق رەزىللىكنىڭ مەنبەسى_ شەخسىيەچىلىكتۇر.
غەلبە ھامان ئالغا ئىنتىلگۈچلەرگە مەنسۇپ.
| ۋاقتى : 2008-09-07 11:45 12 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040