#OE87`n كولومبىيە جەنۇبى ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ،غەربى تىنچ ئوكيان بىلەن، شىمالى كارىپ دىڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ. كولومبىيىنىڭ غەربى شىمالىدىكى مەيكاۋ شەھىرىدە لاتىن ئامىرىكىسىدىكى 2-چوڭ مەسچىد بار بولۇپ، بۇ يىل رامىزان ئىيىدا يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلار مەسچىد سىلىنغانلىقىنىڭ 10يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مەسچىدنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مۇسۇلمانلار مەكتىبى بار. يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى پىتىرو يەرلىك كىشى بولۇپ، 20يىل بۇرۇن ئىسلام دىنىغا كىرگەن.ئۇ مۇنداق دىدى: رامىزان مەزگىلىدە ھەركۈنى 500دىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئۆسمۈر ۋەياشلار مەسچىدگە كىلىپ قۇرئان كەرىم ۋە ئەرەپ تىلى ئۈگىنىدۇ.
dH31JIu كولومبىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ قسىمى چوڭ شەھەر ۋە پورت شەھەرلىرىدە ياشايدۇ، سودا-سانائەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپ، كولومبىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىر قەدەر باياشات. رامىزان مەزگىلىدە كولومبىيەدىكى ھەرقايسى گىزىتلەر زامىزان ئىيىنى مەخسۇس خەۋەر قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە كولومبىيەدىكى مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ رامىزان ئىيىدىكى دىنى پائالىيەتلىرىنى كەڭ خەۋەر قىلىدۇ.
m4(ZE
+ H):_}mah مەنبە:
http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-4466