}ej,'aR< ئوكرائىنا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىغا رامىزان ئىيىنى كۈتىۋىلىش سەپەرۋەرلىك ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ مۇنداق دىدى:جايلار ئۆز ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەرخىل دىنى پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشى، دىنى نوتۇق سۆزلەش، ساخاۋەت ئىشلىرىنى قىلىش ۋە جەمىيەتكە دىننى تەرغىپ قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روھى دۇنياسىنى يەنىمۇ بىيىتىشى،جەمىيەتكە ئىسلام مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ تەشۋىق قىلىش كىرەك.
Bx5~(OYQ ئوكرائىنا ئىسلام تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى ئىسمايىل.قادىر مۇخبىرغا مۇنداق دىدى:بىز ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تەييارلىدۇق،بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتىقادىنى كۈچەيتىش، بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ ئىچىدە ئەڭ موھىم بولغىنى قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنى ئۈگىنىش.
csm D:Y
{ مەزكۇر ئىتتىپاق ئوكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يەرلىكتىكى نامرات مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزىن مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇىشىنى، ئوپچا تاماققا تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلدى.
^ 1:T#< ئوكرائىنادا 2مىليۇن مۇسۇلمان بار،پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 5پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. ئوكرائىنا قۇرئان كەرىم ئۈگىنىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سالەن مۇنداق دىدى: رامىزان ئىيى مۇسۇلمانلار خوشاللىققا چۆمىدىغان ۋاقىت،كۆپچىلىك بۇ ئاينى خوشال خورام كۈتۈۋىلىشى كىرەك. ئۇ مۇنداق دىدى: ھازىر ئوكرائىنادا بارغانسىرى كۆپ مۇسۇلمان ياشلار قۇرئان كەرىمنى ئۈگىنىشكە قىزىقىۋاتىدۇ،رامىزان ئىيى ياشلارغا قۇرئان كەرىمنى ئۈگىتىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىت.
2#'!Fh#R ئوكرائىنا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن، دىنى ئەركىنلىك سىياسىتى ئوموميۈزلۈك يولغا قويۇلدى،ئوكرائىنا ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە گۈللەندۈرۈش تەلىۋىنى كەڭ قوللىدى.قىسقىغىنا 10نەچچە يىل ئىچىدە ئوكرائىنادا مەسچىد يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى ۋە ناھايىتى تىزكۆپەيدى،ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە 200دىن ئارتۇق مەسچىد، ئونۋىرسال ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىدىن 20دىن كۆپرەكى بار. ئىسمايىل قادىر مۇنداق دىدى:بىز غەيرى مۇسۇلمانلارغا دىننى تەشۋىق قىلغاندا قىزغىن قارشى ئىلىنىمىز، بىز ھەريىلقى رامىزان ئىيىدا نۇرغۇن ئوكرائىنالىقنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىش تەلىۋىنى قۇبۇل قىلىمىز.
p%L7<,,\ #)SbM_4K مەنبە:
http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-5388