دەل مۇشۇ تېمىدا بىرەر نەرسە يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم. ئويلىغانلىرىمنىڭ بۇ شىئېردا ئەينەن ئەكس ئەتكەنلىكىدىن تولىمۇ ھەيران بولدۇم.
d8:v^& H8%MQ~| مەن 1998 - يىلىدىن بۇيان ئۆز ئالدىمغا سىنىپ ئېچىپ ۋە ياكى تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە دەرس ئۆتۈپ نەق 10 يىل ئىنگلىز تىلى دەرسى بەردىم. مۇشۇ 10 يىل جەريانىدا نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلىدىم، ئارىدا نەچچە ئونى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقتى.
kA.Vqk;2 10 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان گېپىم «مۇئەللىم نېمىشقا چەتئەلگە چىقىپ كەتمەيسىز؟ بىز سىزدەك بىلگەن بولساق ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان بولاتتۇق...» دېگەن گەپ بولدى.
*wL;DURd مەن شۇ سۇئاللارغا كۈلۈپ تۇرۇپ «مەنمۇ ئۇزۇن بولدى شۇنى ئويلاۋاتقىلى. ئەمما قەيەردە گۆش - پولو، كاۋاپ، لەغمەن ۋە تونۇش چىرايلار باردۇ؟ بولسا شۇنداق يەرگە چىقسام بولاتتى.»، دەپ جاۋاپ بەردىم.
~2O4OU<&M }Jg,8]XfG غەمگۈزار ئاپامنى، ئۇماق سىڭلىمنى، ئەقىللىق ئىنىلىرىمنى تاشلاپ چەتئەلگە چىقىپ قانچىلىك خۇشاللىق تاپارمەن؟
JM3]l(pE7g كىچىكىمدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلۈپ، جاپادىمۇ - ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولغان دوستلىرىمدىن ئايرىلىپ كۆڭلۈم قانچىلىك يايراپ كېتەر؟
|o,yW شۇ چەتئەلدە تاپقىلى بولىدىغان پۇلنى مۇشۇ يەردە سەل كۈچەپرەك ئىشلىۋەتسەم تاپقىلى بولماسمۇ؟
.t&,4;V#. شۇ چەتئەلدە ئۆگەنگىلى بولىدىغان بىلىمنى مۇشۇ يەردە باشقىلاردىن سەل ئارتۇقراق تىرىشسام ئۆگەنگىلى بولماسمۇ؟
...... HyZK+,2K
H@Mw@?CG7
مۇشۇنداق سۇئاللار مېنى بۇ ئانا تۇپراقتىن مەڭگۈ، بىر قەدەممۇ ئايرىلماسلىققا ئۈندەيدۇ. بەلكىم مەن ئەخمەقتۇرمەن. ئەمما مەن مەڭگۈ مۇشۇنداق ئەخمەق بولۇشقا رازى. k "]jU
;_m)<
دوستۇم خالىسىڭىز كېلىڭ. بىز مۇشۇ زىمىندا بىرلىكتە بىر ئۆمۈر شۇنداق «ئەخمەق» بولايلى.