روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، بلوروسىيەنىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىلى دورگلېف 28 - چىسىلا بلوروسىيەنىڭ كەلگۈسى بىر ئىككى كۈندە ئابغازىيە ۋە جەنۇبىي ئوستېسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
M@x8kGax& دورگلېف سۆھبىتىدە بلوروسىيە بىلەن روسىيەنىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختىلىپ ، « بىز ئىتتىپاقداش ، مانا بۇ ھەممىنى چۈشەندۈرىدۇ . بلوروسىيە زۇڭتۇڭى لوكاشىنكې كەلگۈسى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىدۇ » دىدى . روسىيە سەيشەنبە كۈنى ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلغاندىن كېيىن ، زۇڭتۇڭ مېدىۋىدىۋ باشقا دۆلەتلەرنى ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغاندى . ئەمما ھازىرغىچە تېخى باشقا دۆلەتلەر ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلمىدى . ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېست بولسا گرۇزىيەنىڭ ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى ۋە ئاپتونۇم ئوبلاستى بولۇپ ، روسىيە بىلەن چېگرىداش . ئىككىلىسى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھەمدە گرۇزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىزچىل قارشىلىشىپ كەلگەن ، بىراق روسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن .
2*jff!8 لوكاشىنكې 28 - چىسىلا روسىيە زۇڭتۇڭىغا يوللىغان تېلگراممىسىدا ، بلوروسىيە بولسا روسىيەنىڭ ئىشەنچىلىك ئىتتىپاقدىشى ، ئەمما مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بىخەتەرلىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېسىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىدۇرىدىغان ئورتاق مەيدانغا چاقىرىق قىلىش كېرەك . لوكاشىنكى : « ھازىرقى ئەھۋالدا ، روسىيەنىڭ باشقا مۇۋاپىق تاللىشى يوق ، پەقەت جەنۇبىي ئوستېست بىلەن ئابغازىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئىكەنلىكىنى قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش » .
aIH~ mP زۇڭتۇڭ ئاخبارات باشقارمىسى لوكاشىنكېنىڭ يەنە ئابغازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوستېسنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشنى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئېچىلىدىغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بىخەتەرلىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش تەكلىپ بەردى . دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسى بىخەتەرلىك ئەھدى تەشكىلاتى سوۋېت ئىتتپىاقى پارچىلانغاندىن كېيىن قۇرۇلغان بىر بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەزالىرى روسىيە ، بلوروسىيە ، ئەرمىنىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ، ئۆزبىكىستان ، تاجىكىستان قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
7ly y+#!- مەنبە :
http://news.sina.com.cn/w/2008-08-29/095516195882.shtml