مۇشەررەف قاتتىق قۇللۇقلۇقى بىلەن نام چىقارغان زۇڭتۇڭ ، ئۇ نىمىشقا ۋاز كىچىش يولىنى تاللىۋالدى ؟ پاكىستاننىڭ سىياسى سەھنىسىدىكى بۇ قاتتىق قولنى ياش تۆككۈزگەن كىم ؟ k~7&%
ئارمىيە <<يۈزسىزلىك >> قىلدى RP97K
بىر ئۆمۈر ھەربىي فورىما كىيگەن مۇشەررەف سىياسىي دۈشمەنلىرىنىڭ ئەيىپلەش تەھدىتىگە دۈچ كەلگەن ھەل قىلغۇچ پەيىتتە ، ئارمىيىنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋىتىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ شىتاپ باشىلىقى قىيانمۇ بار ئىدى . -"p{r"/
پاكىستان ئارمىيە دائىرلىرى بۇلتۇر 2- ئۆكتەبىردە تۇيۇقسىز ۋەزىپىگەتەيىنلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، ئەسلىدىكى ئۈچ ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باش u_?}:80K
لىقى قىيانىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن شىتاپ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك گېنرال پاگۇنى بەردى . ئەينى چاغدا دۇنيا جامائەتچىلىكى ئانالىز قىلپ : بۇ مۇشەررەف ھەربىي فورمىنى سالسىلا ( مۇشەررەف ئەينى چاغدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ شىتاپ باشلىقلىق ۋەزىپىسنى قۇشۇمچە ئۆتەيتتى )، قىياننىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ ، دەپ قارىغانىدى .ئەمەليەتتىمۇ مۇشەررەف كۆپ قېتىم : << قىياننى تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار چاغدىلا تۇنۇيمەن . مەن ھەربىي فورمىنى سالغاندا ئۇنى ئۆز ئورنۇمغا قويسام خاتىرجەم بۇلىمەن ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن >> دەپ ئاشكارا پۇزىتسىيە بىلدۈرگەنىدى . بىراق باش شىتابى لوندونغا تەسس قىلىنغان of}%UTlJ
<< ئاسىيا تىنىچ ئوكيان فوندى جەمىيىتى >> نىڭ ئابرويلۇق مۇتەخەسسى گۇفېر ئىلگىرى قىياس قىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى :<< پاكىستاننىڭ سىياسى سەھنىسدە ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەم دائىم ئاسى بۇلۇپ قالىدۇ .گەرچە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ نەزىرىدە قىيانى مۇشەررەفكە سادىقتەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن ئۇ ۋە باشقا ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ سادىقلىق دەرىجىسى چەكلىك . مەسلەن : پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيەسى 2007- يىلى 9-مارىتتا ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇرلانغاندا ، بىر قاتار ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بىلەن ھەربىي ئەمەلدارلار دەرھال قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، پەقەت قىيانىلا جىم تۇرۋالغانىدى >> . ]7z%D
گوفېرنىڭ قىياسى توغرا چىقتى ، بۇ قېتىم مۇشەررەفكە بولدى قىلش تەكلىپى بەرگەن ئادەم دەل قىيانى بولدى . قىيانى ئاۋغۇسىتنىڭ ئوتتۇرلىرىدا زۇڭتۇڭ مۇشەررەف بىلەن سۆزلىشىپ ، مۇشەررەفنىڭ u5v*|0.
پارلامىنىتنى تارقىتۋىتىشكە قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ، ئىستىپا بىرىشنىڭ مۇشەررەف ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چىقىش يۇلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيىتقانىكەن . مۇشەررەفنىڭ بىر يېقىن ياردەمچىسى ئامىرىكىدىكى 6~
<< ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى >> نىڭ مۇخبىرىغا ئېيىتقان ئەھۋالغا قارىغاندا ، قىيانى مۇشەررەفكە يەنە : <<سىز ئىستىپا بەرگەندىن كىيىن ، ئارمىيە سىزنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىڭىزگە p6{GY
مەسئۇل بۇلالمايدۇ ، بۇنىڭغا پەقەت پاكىستان ھۆكۈمىتى مەسئۇل بۇلالايدۇ ، شۇڭا سىزنىڭ بىردىنبىر چىقىش يۇلىڭىز چەت ئەلگە سەرگەردان بۇلۇپ چىقىپ كىتىش >> دىگەن مۇشەررەف بۇ سۆزگە قاتتىق ھەيران بۇلۇپ :<< بۇ كىرزىستا ئارمىيە بىتەرەپ مەيداننى ساقلىماي ، قارشى تۇرغۇچىلار تەرەپكە ئۈتۈپ كىتىپتۇ !>> دەپ ئاھ ئۇرغان . قىيانى ئاخىردا مۇشەررەفكە ئۇنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ ۋە ئارمىيىنىڭ سابىق ئالىي قۇماندانى بولغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ئارمىيىنىڭ ئۇنى خورلۇققا ئۇچراتمايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بەرگەن . AKsJjc1
قىيانى 2003-يىلى مۇشەررەف ئەۋەتكەن بىر پارچە يۆتكىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۋالدى ، ئۇ راۋالپىندى شەھىرىدىكى 10- ئارمىيىنىڭ كۇماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى . شۇ چاغدا ئانالىزچىلار مۇنداق دىيىشكەنىدى : 10 - ئارمىيە ئىنتايىن مۇھىم ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ،پايتەخىت ئىسلامئاباد بىلەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شىتابى تۇرۇشلۇق جاينىڭ خەۋىپسزلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل. پاكىستان تارىخىدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىنچىسنى 10- ئارمىيە قوزغىغان ، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەش بۇيرۇقى قىياننىڭ مۇشەررەفنىڭ قاتتىق ئىشەنچىسىگەۋە ئەتىۋارلىششىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . 2XBS`pA
2003 -يىلنىڭ ئاخىرىدا مۇشەررەف ئىككى قېتىم ئەمەلگە ئاشمىغان قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگەئۇچىرغاندىن كىيىن ، قىيانى بۇيرۇققا بىنائەن تەكشۇرۇشكە باشلىدى . ئۇ ئەتراپلىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ناھايتى تىزلا ئون نەچچە قاتىل ۋە جاسۇسنى تۇتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زۇڭتۇڭنىڭ بىر قوغدىغۇچىسمۇ بار ئىدى . مۇشەررەف شۇ چاغدا قىياننىڭ تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئاخبارات جېڭىگە يارايدىغان سەركەردە ئىكەنلىكىگە ئىشەندى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى تېخىمۇ مۇھىم تارماق - ئۈچ خىل ئارمىيە ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى . قىياننى چۈشىندىغان غەرىپلىك بىر ئەمەلدار مۇنداق دىدى :ئۆزىنى ئانچە كۆز- كۆز قىلىپ كەتمەيدىغان قىيانى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئۇ ھەرقانچە جىددىي ئىشقا يۇلۇققان تەقدىردىمۇ ئاز سۆزلەپ ، كۆپ ئاڭلايدۇ ، سۆزنى ئىھتىيات بىلەن قىلىدۇ . سىز ئۇنىڭ قەتئىي ۋە باتۇرلىقىنى ھېس قىلالايسىز . <%b%EQBZ
0PU$Wcr$ l&ywr << شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى >> دىن ئېلىنىدى .
6"
0hz$,l lw_#P
e*