رۇقىيە ئۇبۇلقاسىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى
py-\>vM 9t8O9ow" 2004-يىلى ئىشلەنگەن «ئازغۇن» ناملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا پۇل ۋە ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ، ئەخلاق پەزىلىتىنى يوقاتقان، ئاتا-ئانىسىنى زار-زار قاخشىتىپ، ئاشۇ ۋاپاسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن پەرزەنتلىك قەرزگە يەتكۈچە بوغۇلغان ئاينۇردىن ئىبارەت يولدىن ئازغان بىر قىزنىڭ ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى تەسىرلىك ئىپادىلەپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ھەم شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «تۇماق سېتىش».....قاتارلىق كۆپلىگەن ئېتوتلاردا ئوخشاش بولمىغان خارەكتېرىگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىپ، سەنئەت ساھەسىدە يېڭى ئىزلارنى قالدۇرۋاتقان ياش ئاكتىيور رۇقىيە ئۇبۇلقاسىم 1982-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە شىنجاڭ بالىلار پېداگوكىكا مەكتىپىدە بالىلار مائارىپى كەسپىدە ئوقۇغان. 1998-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، كېرىيە ناھىيىلىك بالىلار باغچىسىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ 2005-يىلى 6-ئايدىن ئېتىبارەن تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە. روقىيە كىچىكىندىنلا سەنئەتكە قىزىقاتتى، بولۇپمۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى، ھەمىشە چوڭ بولغاندا چوقۇم بىر سەنئەتچى بولۇش ئارزۇسى كۈچلۈك ئىدى. 2002-يىلى 4-ئايدا كېرىيە ناھىيىسىدە «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» ناملىق كىنو سۈرەتكە ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ ئۇزاق يىللىق شېرىن چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان پۇرسەت ئاخىرى يېتىپ كەلدى. شۇ چاغدا ئۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ، بۇ فىلىمدىكى كېچىككىنە بىر كۆرۈنۈشتە رول ئېلىشقا تاللاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ھاياتى ۋە كەسپىدە ئۆزىمۇ ئويلىمىغان ئاجايىپ يېڭىلىقلار ۋە ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئۇ ئابدۇكېرىم ئابلىز بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئابدۇكېرىمنىڭ سەۋرىچانلىق بىلەن يېتەكلىشى ئارقىسىدا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ «ئازغۇن» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ۋە «تۇماق سېتىش»، «ئۆزۈڭنى بىل ئۆزگىنى قوي»، «ئۇخلىماي كۆرگەن چۈش»، «ۋاكالىتەن مال ساتقۇچى»، «ئوخشاش كۆرگەن چۈش»، «2007-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى»، «ھەۋەسكارنىڭ ھازىسى»، «ئسىسىتقۇنىڭ كۈچى»، «بەش مىليۇنلۇق خىيال».....قاتارلىق ئېتوتلاردا ۋە «ئابدۇكېرىم ئابلىز يومۇرلىرى» ناملىق VCDپىلاستىنكىسىدا ھەر خىل ھەجۋى ئوبرازلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارغا تونۇلدى.
/N-MT)41k مەنبە:ھۆرىيەت مۇنبىرى