بۇ بەتتىكى تېما: چۆچەك ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1677 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنـتىـل
بىرئېغىزمۇ ئارتۇق سۆزلىگۈم يوق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا تەشۋىقات ئەلچىسى
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 9691
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1199
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1199دانە
شۆھرەت: 1009 كىشىلىك
پۇل : 303000876 سوم
تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1418 نۇمۇر
قوللاش: 1288 نومۇر
ئالقىش: 1637 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
توردىكى ۋاقتى :149(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 چۆچەك ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلئارا تەرپىدىن تاقالدى(2008-08-27)
ئىلى -چۆچەك ۋەقەسىنىڭ باش - ئاخىرى H/T.6F  
ئابدۇرېھىم ياقۇپ V8R@ 
S> pK>I  
c?-$3Q.  
>?5~G'T*R  
ش ئۇ ئا ر تەزكىرە كومىتېتىدىن 1962 - يىلى ئېلىمىز ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغان، خەلق تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىققا يولۇققان مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ئىلى- تارباغاتاي رايونىدا نۇرغۇن ئادەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە قېچىپ كېتىشتەك ئېغىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟ 4KJvd   
6 <AJ{ n  
sy dm/K  
ۋەقەنىڭ باشلىنىشى ("V'+# ^  
(- يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ جۇڭگو بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ چاپاننى تەتۈر كىيىپ قەرزنى قىستىشى بىلەن خەلقنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلاشتى، بولۇپمۇ 1961 - يىلدىن باشلانغان ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت ئەسلىدىنلا غۇربەتچىلىكتە ئۆتۈۋاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. دەل شۇ مەزگىللەردە خۇددى ئوتقا ياغ چاچقاندەك سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى دىپلوماتىيە تونىغا ئورۇنىۋالغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ك گ ب نىڭ ئىشپىيونلىرى تەرەپ - تەرەپكە قاتىراپ بىر ياقتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرسە، بىر ياقتىن ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، كىشىلەر كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى تىتوف، كونسۇلخانا كاتىپى چىمخېنىكلار 1961 - يىل 1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 1962 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە ئالتە قېتىم تارباغاتايغا كېلىپ جۇڭگو چېگرا ئاھالىسىدىن 4743 ئادەم قېتىم بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆسەك سۆز تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلدى. بۇنىڭغا ماس ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ جۇڭگوغا تۇغقان يوقلاشقا، كاماندىروپكىغا كەلگەن كىشىلەردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈشكە قىزىقتۇردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چۆچەكتە تەسىس قىلغان سوۋېت مۇھاجىرلىرى ئۇيۇشمىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلى كونسۇلخانىسىدىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ قانۇنسىز پائالىيىتىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئارىسىدا ئاتالمىش چاقىرىق قەغىزى ، تەكلىپنامە ، كاپالەتنامە قاتارلىق قانۇنسىز ئىسپاتلارنى ھە دەپ زور مىقداردا تارقىتىشقا باشلىدى ھەمدە چېگرا ئاھالىلىرىگە چېگرىدىن ئۆتسىلا گراژدانلىق كىنىشكىسى تارقىتىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ جۇڭگونىڭكىدىن باياشات، مائاشىنىڭ جۇڭگونىڭكىدىن يۇقىرىلىقى ھەققىدە توختىماي گەپ ساتتى، چېگرىدىن ئۆتكەنلەرنى ياتاق، تاماق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى، خىزمەتكە تونۇشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كاپالەت بەردى، نەتىجىدە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىكى قىيىنچىلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئىرادىسى ئاجىز كىشىلەر ئارىسىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن بىر خىل قىزىقىش پەيدا بولۇپ، قېچىپ كېتىش ئىستىكى كۈچەيدى r[ WA  
8/y07q n1  
=\yT"N[p  
)P8!;7S9  
ۋەقەنىڭ قىسقىچە جەريانى GWMs%hw]Y  
:@[0K`G  
چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەتكە قېچىش ۋەقەسى ھەممىدىن بۇرۇن قورغاستىن باشلاندى. 1962 - يىل 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى قورغاس ناھىيىسى بەخت گۇڭشېسىدىن بىر گۇڭشې ئەزاسى ئۇيغۇ بىر خەنزۇ قىزنى باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە كىرىپ كەتتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قورغاس چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىسىدىكى ئەسكەرلەر ئۇلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ تۇرىۋەردى. شۇ يىلى 3 - ئاينىڭ 28- كۈنى قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا گۇڭشې 5 - چوڭ ئەترەت 3 - كىچىك ئەترەتتىكى گۇڭشې ئەزالىرىدىن ئۈچ كىشى ھېچقانداق توسالغۇسىزلا چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ قاچىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ قورغاس ناھىيىسىدىكى ئاز ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق ئاھالىلىرى چېگرىدىن قاچىدىغان ئىش يۈز بەردى. 4 - ئاينىڭ 25- كۈنىدىن ئېتىبارەن چېگرىدىن قېچىش پۈتكۈل قورغاس ناھىيىسىگە كېڭىيىپ، كىشىلەر ئائىلە بويىچە تۈركۈملەپ قېچىشقا باشلىدى، بۇ ئىش تاكى شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىگە قەدەر داۋاملاشتى. 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېلىمىز ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارقىلىق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى كەچ سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 3تە قورغاس چېگرىسىنى تاقىدى. چېگرىدىن ئۆتۈپ كېتەلمىگەنلەر بىربىرلەپ تىزىمغا ئېلىنىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۆز جايلىرىغا قايتۇرۇلدى. دۆربىلجىن ناھىيىسى تەرەپتىن قېچىش 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى باشلىنىپ 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملاشتى. 4- ئاينىڭ 21 - كۈنى دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدىكى ئاز ساندىكى ئاھالە چېگرىدىن ئۆتۈپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە قېچىپ كەتتى. بۇ ئىش 6 - ئاينىڭ ئالدى- كەينىدە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ قاچىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى ھەمدە دۆربىلجىن ناھىيىسىنىڭ ھەرقايسى گۇڭشېلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىغىچە كېڭەيدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى، نەسىھەت قىلىپ توسۇشى نەتىجىسىدە دۆربىلجىن ناھىيىسى تەرەپتىكى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى 8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئاساسىي جەھەتتىن تىنچىپ قالدى. چۆچەك ناھىيىسى ھازىرقى چۆچەك شەھىرى تەرەپتىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىش 1962 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى باشلىنىپ، 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەۋجىگە چىقتى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۆچەك ناھىيىسى راكېتا گۇڭشېسىنىڭ تېرەكچى چوڭ ئەترىتىدىكى قىسمەن ئاھالە چېگرىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كەتتى، ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ قاچىدىغانلار ئاستا - ئاستا كۆپىيىشكە باشلىدى، دەسلەپتە قاچقانلار كېچىدە ئوغرىلىقچە قاچقان بولسا كېيىنچە كۈپ - كۈندۈزدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مال - چارۋىلىرىنى ھەيدەپ تۈركۈملەپ قېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ چۆچەك، چاغانتوقاي ناھىيىلىرىدىن نۇرغۇن ئادەم قېچىپ كەتتى. 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ۋەزىيەت تىنچىپ جەمئىيەت تەرتىپى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. بۇ قېتىمقى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسىدە غۇلجا شەھىرىدىنمۇ نۇرغۇن ئاھالە، قورغاس چېگرىسىدىن قېچىپ ئۆتۈپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقراسىغا ئايلاندى.بۇ قېتىمقى ۋەقە جەريانىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ جاسۇسلۇق ئورگىنى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىك ك گ ب ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ناھايىتى زىچ ماسلاشتى. ئىچكى جەھەتتە ك گ ب نىڭ جاسۇسلىرى دىپلوماتىيە تونىغا ئورىنىۋېلىپ ھەدەپ قۇتراتقۇلۇق قىلسا، تاشقى جەھەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى 4 - ئاينىڭ 16- كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 3 - باش ئىدارىسىغا قاراشلىق چېگر مۇداپىئە ئارمىيىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىۋاسىتە باشقۇرىدۇ.   سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ چېگرىدىكى سىم توساقنىڭ 20 نەچچە يېرىنى ئېچىۋەتتى ھەمدە كېچىسى نۇرغۇن ئاپتوموبىلنى سىم توساقنىڭ قارشى تەرىپىگە تىزىپ چىرىغىنى ياندۇرۇپ كېچىدە قاچقانلارغا يول كۆرسىتىپ بەردى، بەزى جايلاردا ئاسمانغا يورۇتۇش ئوقى ئېتىپ يول كۆرسىتىپ بەردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك دائىرىلىرىمۇ نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئاجرىتىپ چېگرىدىن ئۆتكەنلەرنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ توختىماي توشۇپ تۇردى. RZ0 E]  
` 1v{! gk  
ئېغىر ئاقىۋەت9 'AJwwP.X  
B+t^i(i  
بۇ قېتىمقى جۇڭگو چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىش ۋەقەسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەنلىكتىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئەنگليە رادىئو شىركىتى-BBC، رېيتېر ئاگېنتلىقى، ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارادىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى بۇ ۋەقەنى بەس - بەستە خەۋەر قىلىشتى، ئۇلار تۈگمىنى تۆگىدەك قىلىپ كۆرسىتىپ، ئاق - قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىپ، ئېلىمىز ھۆكۈمىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى ۋەقە سىياسىي جەھەتتە ئېلىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە زور دەرىجىدە نۇقسان يەتكۈزدى، ئىقتىسادىي جەھەتتە، بۇ قېتىمقى ۋەقە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق سەككىز ناھىيىنىڭ ئىچىدە قورغاس ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەنلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 32گە يەتتى، بۇ سان ئىلى - تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدىن چەت ئەلگە قاچقان چېگرا ئاھالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %83.7ئىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا بويىغا جايلاشقان شەرق شامىلى ، بەخت ، ئالغا گۇڭشېلىرىدىن قاچقانلار قورغاس ناھىيىسى بويىچە چەت ئەلگە قاچقان چېگرا ئاھالىسىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. قورغاس ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەن ئاھالە ئىچىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەمگەك كۈچى 5785، ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچى 897، دىنىي زات 13 بولۇپ، ئۇلار ئۆزى بىلەن بىرگە 17 مىڭ390 تۇياق چارۋا مال - بۇنىڭ ئىچىدە ئات8370، كالا6540، ئېشەك723، تۆگە ئۈچ، قوينى بىللە ھەيدەپ ئېلىپ كەتتى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 5 مىليون 659 مىڭ 962 يۈەنگە يەتتى، ناھىيىنىڭ ئاشلىق ۋە سۇيېغى مەھسۇلاتى 17 مىليون 560 مىڭ كىلوگرام كېمىيىپ كەتتى. غۇلجا شەھىرى تەۋەسىدىن قاچقان چېگرا ئاھالىسى 1012 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر ئاھالىسى 916، دېھقان 227، ئوقۇغۇچى 40، ئوقۇتقۇچى يەتتە، پىركازچىك بەش، ئورگان كادىرى يەتتە، خەلق ساقچىسى بىر، نەتىجىدە غۇلجا شەھىرى بىرمۇنچە بىھۇدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. چۆچەك ناھىيىسىدىن قاچقانلار 6985 ئائىلە، 28 مىڭ 894 ئادەم، بۇلارنىڭ ئىچىدە قازاقلار 26 مىڭ 610 بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندا ئۇيغۇر، تاتار، موڭغۇل، رۇس، تۇڭگان، داغۇر، ئۆزبېك قاتارلىقلارمۇ بار. بۇ قېتىمقى چېگرىدىن قېچىش ۋەقەسى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننى پۇلغا سۇندۇرغاندا چۆچەك ناھىيىسى 8 مىليون 789 مىڭ 266 يۈەنلىك بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن قېچىپ كەتكەن ئاھالە1666 ئادەم بولۇپ، ئۇلار ئۆزى بىلەن بىرگە كوللېكتىپنىڭ 19 مىڭ 244 تۇياق چارۋىسىنى ھەيدەپ ئېلىپ كەتتى.يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى قېچىش ۋەقەسىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىدىن 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىگە ئۆتۈپ كەتتى. مەسىلەن تارباغاتاي ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق چۆچەك، چاغانتوقاي، دۆربىلجىن ناھىيىلىرىدىن جەمئىي 44 مىڭ 597 ئادەم بۇنىڭ ئىچىدە چۆچەك ناھىيىسى ئاھالىلىرى ۋە ۋىلايەتكە قاراشلىق ئورگان، كارخانا - كەسپىي ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن قاچقانلار 23 مىڭ 106 ئادەم، چاغانتوقاي ناھىيىسىدىن قاچقانلار 10 مىڭ 528 ئادەم، دۆربىلجىن ناھىيىسىدىن قاچقانلار 1666 ئادەم بولۇپ، بۇ ۋەقە ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە، بولۇپمۇ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەزى ناھىيىلەردىكى قىسمەن گۇڭشې، مەيدانلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى بىر مەھەل پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، 608 مىڭ 879 مو تېرىلغۇ يەر ئاق تاشلىنىپ قالدى، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 26 مىليون490مىڭ يۈەنگە يەتتى، قاچقانلار يەنە ئۆزىنىڭ ۋە كوللېكتىپنىڭ چارۋىلىرىنى بىللە ھەيدەپ ئېلىپ ماڭغاچقا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە تارباغاتاي ۋىلايىتى تەرەپتىن 238 مىڭ 300 تۇياق چارۋا مال سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ھەيدەپ كېتىلگەن ئومۇمىي چارۋا سانى 300 مىڭ تۇياقتىن ئاشتى. ;n lk*{  
بۇ قېتىمقى قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى دەرھال ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋە غەربىي شىمال بيۇروسىغا دوكلات قىلدى ھەمدە مەركىزىي كومىتېت ۋە غەربىي شىمال بيۇروسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چېگرا مۇداپىئە كۈچلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئىلى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىرىگە خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ۋەقەنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى. گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى جۇ ئېنلەي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى جاڭ جۇڭخەينى بېيجىڭغا چاقىرتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلاردا چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىنى نەسىھەت قىلىپ توسۇش بىلەن بىرگە، چېگرا ئاھالىسى قېچىپ كېتىش سەۋەبىدىن تاشلىنىپ قالغان جايلاردا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 1962 - يىل 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 22 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە شىمالىي شىنجاڭ رايونى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلدى، يىغىندا مەركەزنىڭ يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، يىغىن ئەھلى بىردەك بۇ قېتىمقى ۋەقەنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرلىرى پىلانلىق، تەشكىللىك، قەدەم - باسقۇچلۇق ھالدا پەيدا قىلغان، شۇڭا بۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. يىغىندا يەنە سوۋېت مۇھاجىرلار ئۇيۇشمىسىنى بىكار قىلىش، چېگرا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايونلاردا ئىشلەپچىقىرىشنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇھاكىمە قىلىنىپ مەخسۇس قارار چىقىرىلدى.جايلاردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى بولغان زىياننى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايتىشقا تىرىشتى. مەسىلەن: ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەتكە قېچىشىنى توسۇش ھەققىدىكى پىكىر ، چۆچەك، چاغانتوقاي ناھىيىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە جىددىي ئۇقتۇرۇش قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقاتتى ھەمدە زور بىر تۈركۈم كادىر ئاجرىتىپ، بىر تەرەپتىن ئاممىغا قاچماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن چېگرا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئاقسىتىپ قويماسلىققا تىرىشتى. بۇ جەرياندا چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى بىلەن چېگرا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشىنى بىرلىكتە توسۇش ھەققىدە بەخت - باقتۇ ئېغىزىدا ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك پارتكوم ۋە خەلق كومىتېتىمۇ ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. ۋەقە كۆرۈلۈش بىلەنلا تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، نەسىھەت قىلىش، زەربە بېرىش فاڭجېنىنى تۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئىسمائىل كېرەمنىڭ باشچىلىقىدا چەتكە قېچىشنى توسۇش كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ گۇرۇپپا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ۋە ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا زىچ ماسلىشىپ 600 نەچچە تەشۋىقات ئاكتىپىنى تېزلىكتە تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. بۇ تەشۋىقاتچىلار ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشۋىق تەربىيىنى قانات يايدۇردى، ناھىيە بويىچە ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىش نىسبىتى %90تىن، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە ئاممىنىڭ تەربىيە ئېلىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى. تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، خىزمەت ئىشلەش ۋە نەسىھەت قىلىپ توسۇش نەتىجىسىدە، تارباغاتاي ۋىلايىتى بويىچە ئون نەچچە قېتىملىق چېگرىدىن كوللېكتىپ قېچىش ۋەقەسىنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، 14 مىڭ576 ئادەمنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈپ قېچىپ كېتىشى توسۇپ قېلىندى ۋە يۇرت - ماكانىغا قايتۇرۇلدى. ئىلى ۋىلايىتى تەرەپتىنمۇ 1061 ئادەم چېگرا بويىدىن نەسىھەت بىلەن قايتۇرۇپ كېلىندى. گەپ ئاڭلىماي ئامما ئارىسىدا داۋاملىق قۇتراتقۇلۇق قىلغان، قېچىشنى تەشكىللىگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە قانۇن بويىچە مۇناسىپ چارە كۆرۈلۈپ، ۋەزىيەتنى يەنىمۇ يامانلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى. O2aq/CM>  
tsI=a_hJ  
xD WZ> d  
/^$;rqS  
{msr>0p[aM  
يىلنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ھازىرمۇ تېخى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. ۋەقە تەلتۆكۈس تىنچىتىلغاندىن كېيىن، جۇ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ يوليورۇقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك]4-، 5-، 6 -،7 - 8 -، 10 - شىلىرى ۋە بىڭتۇەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىن 810 كادىر، 16 مىڭ 750 ئىشچى ئاجرىتىپ ئۈچنى ۋاكالىتەن ئىشلەش ۋاكالىتەن تېرىش، ۋاكالىتەن بېقىش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش خىزمەت ئەترىتى تەشكىللىدى، خىزمەت ئەترىتىگە 39 ئاپتوموبىل، 54 تراكتور ۋە كومبايىن سەپلەپ بەردى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر چېگرا ئاھالىسى قېچىپ كەتكەنلىكتىن تاشلىنىپ قالغان780 مىڭ مو يەردىكى زىرائەتنى ۋاكالىتەن پەرۋىش قىلدى، 420 مىڭ مو ئاق تاشلىنىپ قالغان يەرنى ۋاكالىتەن تېرىدى، تارقىلىپ كەتكەن327 مىڭ تۇياق چارۋىنى يىغىۋېلىپ ۋاكالىتەن باقتى، جۇڭگو - سوۋېت چېگرىسىنى بويلاپ نۇرغۇن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق تۇەن - مەيدانلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشتى. ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى جەريانىدا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھويلا - ئاراملىرى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىرمۇ بىر تىزىملىنىپ ۋاكالىتەن باشقۇرۇلدى. مەسىلەن: 1962 - يىلى ئىلى -چۆچەك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتېتىنىڭ ئالاقىدار يوليورۇقلىرىغا ئاساسەن چۆچەك شەھىرى چۆچەك بازىرىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن كىشىلەر قالدۇرۇپ كەتكەن ئۆي - مۈلۈكلەرنى تىزىملاشقا باشلاپ جەمئىي 289 ھويلا، 1246 ئېغىز ئۆي، 22 دۇكان، 99 ئىسكىلات،96 لاپاس، يەتتە باغنى رويىخەتكە ئالدى ھەمدە ئايرىم - ئايرىم ئارخىپ تۇرغۇزدى. 1979 - يىلى ئاپتونوم رايوندا مۇھاجىرلار سىياسىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندە، بۇ ئۆيلەرنىڭ بىر قىسمى مەملىكەت ئىچىدىكى قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى، مەملىكەت ئىچىدە قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى يوق ئۆي - مۈلۈكلەرنى بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇردى. 1987 - يىل 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھاجىرلار سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ، 11 مىڭ 662 ئائىلىنىڭ379مىڭ 513 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيى قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.
[ بۇ يازما ئىلى.بۆرىسى تەرپىدىن 2008-08-28 13:20 دە ]
بەخىت كەلگەندە شۈكرى قىل.
دەت كەلگەندە سەۋىر قىل ،
| ۋاقتى : 2008-08-27 19:18 [باش يازما]
جاللات~بۆرە
غەمسىز كۇنلەر.
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 15719
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 362
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە362دانە
شۆھرەت: 186 كىشىلىك
پۇل : 2111 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 382 نۇمۇر
قوللاش: 364 نومۇر
ئالقىش: 433 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :643(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تېمىكەن
[ بۇ يازما جاللات~بۆرە تەرپىدىن 2008-08-27 19:46 دە ]
Gulyar tori
| ۋاقتى : 2008-08-27 19:33 1 -قەۋەت
ئىدىرىسجان
قارايمىزغۇ؟ چىرايلىقمىكەنمەن؟
مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 2095
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 6129
ئۇنۋان:22 دەرىجە ھازىرغىچە6129دانە
شۆھرەت: 7726 كىشىلىك
پۇل : 972021424 سوم
تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5985 نۇمۇر
قوللاش: 5763 نومۇر
ئالقىش: 7194 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :602(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ  روسلار  ئۆزىنىڭ نوپوسىنىڭ بارغانسىرى  ئازىيىپ كىتىشىنى شۇ چاغدىلا بىلىپ بولغان ئوخشايدۇ  ھە؟  m6yfr*#q+  
?tsE;5xo  
رەھمەت
ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
| ۋاقتى : 2008-08-27 19:37 2 -قەۋەت
سەۋرې
-تاقىتىمنىڭمۇ چىكې بار جۇمۇ!!
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 12829
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 889
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە889دانە
شۆھرەت: 958 كىشىلىك
پۇل : 900 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 963 نۇمۇر
قوللاش: 918 نومۇر
ئالقىش: 1052 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :705(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-29
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-17
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خىلى تەپسىلىيكەن ھە!! باشقا سەۋەپلەرمۇ بارمۇ يا؟ بىلگىم بار
./read.php?tid-27786-keyword-.html
./read.php?tid-31691-keyword-.html
| ۋاقتى : 2008-08-27 19:50 3 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » تارىخ سەھنىسى


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040