<< ئامېرىكا بۇيىل ئىرانغا ھۇجۇم قىلامدۇ ؟>>دىگەن سۇئالغا ھەممە كىشى <<ھۇجۇم قىلالمايدۇ >> دەپ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق سەۋەپلەرنى ئوتتۇرغا قۇيىۋاتىدۇ : 1. ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئامىرىكا ھازىر دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ؛ 2. ئىرانغا ھۇقۇم قىلىشنىڭ خەتىرى ئىنتايىن چوڭ . ئامرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلمىسا ، ئۇنداقتا ھازىر دۈچ كەلگەن ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە تەڭلا قىسىلىشتەك پاسسىپ ھالەتنى نىمىگە تايىنىپ ھەل قىلدۇ ؟ i9J;b-E
ئامېرىكا دۈچ كەلگەن ئىچكى جەھەتتىمۇ ، خەلقارا سەھنىدىمۇ مەۋجۇت . ,dp*_ioW6
خەلقئارا سەھنىدىكى كونكىرىت ئىپادىسى شۇكى ، ئامىرىكىنىڭ خەلىقارادىكى ئىناۋىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، خەلقارا تەسىر كۈچى سۇسلاشقا باشلىدى ؛ ئىچكى جەھەتتە بولسا ، ئاساسلىغى ئامىرىكىنىڭ ئىقتىسادى ساھەسىدە گەۋدىلەندى . ئامىرىكا بايدەك كۆرۈنسىمۇ ، لىكىن ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ نەزىرىدىكىدەك ئۇنچە كۆپ پۇلى يوق ، پۈتۈنلەي قەرىز ئالغان پۇلنى خەجلەپ بايۋەتچىلەردەك قىياپەتكە كىرۋالغان ، مانا ئەمدى ئۆزىنى ئۆزى ئېغىر ئىقتسادى كىرزىسقا غەرىق قىلدى .گەپنى بىر نوقتىغا يىغقاندا ، ئامىرىكا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن بۇغۇلۇشتەك ئىستىراتىيلىك تەقدىرگە دۇچا بولدى . ئۇ ئەمدى يەنە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەركەت قوزغايدىغان بولسا ، ئۇنىڭ دۇچ كىلدىغىنى تېخىمۇ قاتتىق مەغلۇبىيەت بۇلىدۇ . w|i
U_O3
ئەگەر ئامېرىكا ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلماقچى بولسا ، ئۇنداقتا چۇقۇم ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ يىمىرلىپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى كىرەك . بۇ نىشاننى ئەمەلەە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامىرىكا ئىقتىسادىغا << قان بېرىش >>كېرەك . شۇڭا << قان مەنبەسى >> نى ئىزدەش نۆۋەتتە ئامېرىكا يولغا قۇيۋاتقان ئىستىراتىگىيىلىك ۋە تاكتىكىلق نىشاننىڭ مۇھىم ھالقىسى . << قان بېرىش >>نىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار 1.دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ئامىرىكىنىڭ ئۆتكەلدىن ئۈتىۋېلىشى ئۈچۈن << زاپاس قانلىرىنىڭ مىھرىدىن كىچىشى >> ؛ 2. ئامىرىكا باشقا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ بۇلاڭچىلىق تاكتىكىسى ئارقىلىق << قان مەنبەسى >>گە ئېرىشىشى ؛
3. ئامىرىكا ئالىقاچان ئىگەللەپ بولغان ئىنىرگىيە زوراۋانلىق ئورنىغا تايىنىپ، ئىنىرگىيە باھاسىغا ھىيلە ئشلىتىش ئارقىلىق ، كىرەكلىك << قان مەنبەسى >> گە ئېرىششى كېرەك .
ئەمما ئامېركىنىڭ بىرنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىشى ئىھتىماللقى چوڭ ئەمەس ، چۈنكى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى << قان >> بىلەن تەمىنلەشكە كۆندۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا چۇقۇم بەدەل تۆلىمىسە ، مەنپەئەتىگە << قان مەنبەسى >> نى تىگىشمىسە بولمايدۇ . ئامىرىكا ھازىر قاق- سەنەم باسقۇچىغا تېخى يىتىپ بارمىدى ، شۇڭا ئۇ مەنپەئەتىدىن ۋاز كىچىش بەدىلىگە قان مەنبەسىگە ئېرىشىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ .
2- خىل ئۇسۇلنى قوللنىشتا مۇنداق بىر نەچچە خىل تاللاش يۇلى بار :1. ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش 2.ئوتتۇرا ۋە شەرقى ياۋۇرپا ئەللىرنى كۈشكۈرتۈپ ، ياۋرۇپا بىلەن ئامىرىكىنىڭ روسىيەۋە مۇستەقىل
دۆلەتلەر ئورتاق گەۋدىسىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى قىسمەن ئۇرۇشلارنى قوزغاش ئارقىلىق ياۋۇرپا بىلەن روسىيىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك بايلىقىنى خورىتىش مۇددىئاسىغا يىتىش ؛ 3، پۇل - مۇمىلە ئۇرۇشى قوزغاپ ، باشقا دۆلەتلەرنى بۇلاڭ تالاڭ قىلىش . مەسلەن : شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتپاقى ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئافىرىقىدىكى ئەللەرگە ئوخشاش ئاجىز ئەللەرگە قول سېلىپ
، ئىستىراتىگىيىدە غەلبە قىلىشقا كاپالەتلىك . نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا ، ئامىرىكا قىلدىغان
ئىش چۇقۇم روسىيە بىلەن ياۋۇرپا ئارىسىدا تۇقۇنۇش قوزغاش ، ئۇنىڭ بۇ يىللاردا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ، خەلقارا ئىستىراتىگىيە ئۇمۇميىتىنى ئانالىز قىلغاندا ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش خىيالىي مەسلىنى ھەل قىلىشقا نىسبەتەن
ھىچقانداق ئىجابىي رول ئوينىيالمايدۇ ، ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇشۇمچە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بۇلىدۇ ، شۇڭا مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى قانچىلىك ؟ دىگەن مەسلىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ
ھاجىتى يوق .
ئامىركىنىڭ 3- خىل ئۇسۇلنى يولغا قۇيۇش ئىھتىمالقى ئاڭ چوڭ . ئامېرىكىدا ھازىر بۇلۇۋاتقان ئالامەتلەردىن قارغاندا ، بۇ خىل چارىنى قوللىنىش مۇمكىنچىلىقى زور . بىر جەھەتتىن ، نېفىت ئىشلەپچىقىرش كۆلىمىنى ئاشۇرسا ؛ يەنە بىر جەھەتتىن تىرورچىلارنىڭ يۆلەش ئارقىلىق ئامىرىكىنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ . نېفىت ئارقىلىق غايەت زور پايدىغا ئېرىشىپ ، ئۆزىدىكى ئىقتىسادى قىيىنچىلىقنى تۈگىتىشكە تېرىشىدۇ .
ئانالىزچىلار مۇنداق تەسسەۋۇر قىلۋاتىدۇ :ئامېرىكا بۇ يىل مۇنداق ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، ھەتتا كەلگۈسى ئۈچ يىلدىمۇ ئىرانغا ھۇجۇم قىلمايدۇ ، ھەتتا كەلگۈسى ئۈچ يىلدىمۇ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشى ناتايىن ، ئەمما ئامېرىكا ئىران زىدىيىتىدىن پايدىلىنپ ، نېفىت باھاسىنى ئۆرلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ ، بۇ ئاللىقاچان دەللىنىپ بولغان رىئاللىق ، بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا دۇنيادىكى باشقا نېفىت ئېكىسپورىت قىلغۇچى ئەللەرنىڭ نېفىت ئەسلىھەلىرگە تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئافرىقا ، شەرقى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتپاقى ۋە لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرنى كاردىن چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ .
<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى >> دىن ئېلىندى . ;f9kPT^h%j E&B564y