بۇ بەتتىكى تېما: زامانىۋى جەمئىيەت دوقمۇشلىرىدا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 178 قېتىم كۆرۈلدى
ئۇدۇن~ئوغلى
كەچۈرگىن!مىنى سۆيگەن قىز.....
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 11375
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 1644
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1644دانە
شۆھرەت: 1660 كىشىلىك
پۇل : 16222 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2746 نۇمۇر
قوللاش: 2171 نومۇر
ئالقىش: 4100 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :213(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 زامانىۋى جەمئىيەت دوقمۇشلىرىدا

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
باشقۇرغۇچى ئەلقۇت بۇ تېمىنى رەسىملەر دىن بۇ سەھىپىگە كۆچۈرۈپ كەلدى .(2008-08-26)
K+';Xe:Z.  
TZv[b&/  
دىلبەر ناسىر $!f .| E  
*********** Exf%y  
    ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ،ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن 30 يىلدىن بۇيان جەمئىيىتىمىز ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى .بۇنىڭىغا ماس ھالدا ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە چولپان بۇلۇپ يېنىپ،ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىتى .يەنە بىرقىسىم خانىم-قىزلىرىمىز ئىقتىسادىي قۇرلۇش رىقابەت بەيگىسىدە ئۇتۇپ چىقىپ ،شىجائەتلىك ئايال كارخانچىلىرىمىزغا ئايلاندى .كىشىنى سۆيۈندۈردىغىنى شۇكى ،نەتىجە قازانغان خانىم-قىزلارنى قەدىرلەيدىغان ئۇلارغا مەدھىيلەر سوۋغا قىلىندىغان ،ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغان ياخشى ئادەت شەكىللەندى .بىراق،مانا مۇشۇنداق گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئالدىدا بويۇن قىسىپ چېنىپ قېلىۋاتقان يامان ئىللەتلەر بىزنى يەرگە قارىتىپمۇ قويۇۋاتىدۇ.... 4*'Iyq*  
يەنى،ئايرىم خانىم-قىزلىرىمىزدا زامانىۋى جەمئىيەت دوقمۇشلىرىدا يېڭىچە ئاجىزلىقلارنى يۇقتۇرۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىلارنىڭ ئوبرازىغا نۇقسان يېتىپ ،كىشىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتىدۇ ،بۇ يەردە بىزدىكى دورامچىلىق ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ .بولۇپمۇ ،تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى قويۇلغاندىن كېيىن بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز چەت ئەللىكلەرنىڭ ،ئەخلاقىي -پەزىلىتىمىزگە ،ئۆرپ-ئادىتىمىزگە يات بولمىغۇر يامان تەرەپلەرنى تېزلا قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ .تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ فىلىملىرى ئارىسىدا كورىيە ھېكايە فىلىملىرىنى قىزىقىپ كۆرۈش ئەۋج ئالدى،بولۇپمۇ «يەنە بىر كۆرسەم»دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى خانىم-قىزلىرىمىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالدى .بۇنىڭىدىن خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل ھاياتىنى ،گۈزەل تۇرمۇشىنى ،ئىنسانلار قەلبىدىكى گۈزەللىكىنى نەقەدەر سۆيىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.ئەسلىدە بۇ كىنولاردا ئۆگىنىشىمىزگە تېگىشىلىك ئىجابىي تەرەپلەر ناھايتى كۆپ ئىدى،ئۇلاردىكى چوڭلارغا بولغان ھۆرمەت،شەرم-ھايا،پاكىزلىق ،سەمىمىيەت،مۇھەببەتكە تولغان سادىقلىق ،تۇرمۇشقا بولغان تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئېسىل تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆگەنگەن بولساق بەلكىم ھەممە ئادەم سۆيۈنگەن بولاتتى .بىراق بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىز بۇ فىلىملاردىكى بىز ئۈچۈن سەلبىي بولغان بولمىغۇر تەرەپلەرنى تېزلا قۇبۇل قىلىۋاتىدۇ .ناۋادا ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى ئۆگىنىش ئەۋجىگە چىققان بولسىدى ،تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزغا گۈل ئۈستىگە گۈل چېكىلگەندەك بولار ئىدى ،بىراق تولمۇ ئەپسۇس!!! QcZUZ5(^  
ئەڭ يامان بولغىنى شۇكى ،ئاشۇ ئايرىم خانىم-قىزلىرىمىز كورىيىلىكەرنىڭ يىغىلىشلاردا ،قىز-يىگىتلەر ئۇچراشقاندا ،ئەر-ئايال دېمەي ھاراق ئىچىدىغان ،تاماكا چېكىدىغان ئادەتلىرىنى تېزلا قۇبۇل قىلىپ توي-تۆكۈن ،قاتار چاي،رەڭلىك ئولتۇرۇش دېگەندەك مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىنى كۆپەيتىۋەتتى ؛ھاراقكەشلەرنىڭ قوشۇنىنى ئۇلغايتىپ ھەرخىل ئىسپىرتلىق ئىچىملىكىلەرگە ئەيمەنمەي قول سۇنىدىغان بولۇۋالدى .ئۆتكەندە بىر كاتتا رېستوراننىڭ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ گىلاستەك لەۋلىرى ئارىسىدىن پۇرقىرىتىپ ئىس پۈۋلىگەن ھالدا سورۇنلاردا ھاراق ئىچەلەيدىغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتقان ،ھەتتا ئەيمەنمەستىن :«قارا ئاداش،ھاراق دېگەننى ئوبدانلا كۆتۈرىمەن جۇمۇ؟!مەسىت بولۇپ پالانچىنى تازا بىر شاپلاق ساپتىمەن !ناۋادا پۇلى بار ،قولى ئوچۇق ئەرلەر بىلەن ئولتۇرساڭ ،ھاراقنىڭ ئەڭ ئېسىلىنى ئىچىسەن ،ئۇنىڭىدىن كېيىن يەنە قانغۇچە ئويناپ بەرگەن پۇلىنى ئېلىپ خېلى باي بولۇپ قالىسەن دېگىنە؟!»دېگەندەك پاراڭلارنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى. 1#Lbdjd2  
بىر يىل بۇرۇن مەلۇم رېستوراندا ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار قاتار چاي مۇناسىۋىتى بىلەن ئولتۇرغان ئىدۇق ،مېھمانلار ۋاقتىدا كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ،بىزنىڭ تامىقىمىز سەل كېچىكىپ تارتىلىدى .تاماققا قول ئۇزىتىشىمىزغا مۇزىكا باشلاندى .قوشنا جوزىدىكى ناتونۇش ،بىزلەردىن سەل ياشراق كۆرۈندىغان ئەرلەر دەلدەڭشىگىنىچە كېلىپ بىزنى تانسىغا تارتىشىقا باشلىدى .ئورنىمىزدىن تۇرماسلىقىمىزنىڭ ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ ئۇ،بۇ سەۋەبنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇق .يەنە بىر ئۈستەلدە 30ياشلار ئەتراپىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئاق ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۇق ،بىزدىن كۆڭلى قالغان ئەرلەر بىر-بىرلەپ ھېلىقى جوزىدىكى ئىچەرمەن خانىم-قىزلارنى تانسىغا تارتتى ،ئۇلار ناھايتى رايىشلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تانسا ئويناشقا باشلىدى .مەن ئاياللار بىلەن ئاياللار ئوينايدىغان ھازىرقى «يېڭى مودا »ئەمما نورمالسىز تانسىنى ئويناۋېتىپ ھېلىقى تانسىكەشلەرنىڭ بىر-بىرىگە گىرە سېلىشىپ ،ھەتتا بىر تەنگە ئايلىنىپ تانسا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە روھىم چۈشۈپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالدىم .بىردەمنىڭ ئىچىدە ئۇلار سورۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۋالدى .بەزىلىرى تېخى ئەرلەرنىڭ قۇچىقىغا چىقىشقا ئۈلگۈردى ،يەنە بىرقىسىملىرى ھاراق رومكىلىرىنى ئەرلەر بىلەن ئۆتۈشتۈرۈپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىپ ئىچىشكە باشلىدى .بۇ ھال بىزنى سورۇننى تاشلاپ ،ئالغان تاماقلىرىمىزغىمۇ ئېغىز تەگمەي چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدى .  3C+GV5  
ئاچچىق نەپەسلەر بىلەن بوغۇزىمىز بوغۇلغاندەك بولدى ،پۇتلىرىمىز تالغاننىمۇ ئۇنتۇپ رېستوران ئالدىدا يېرىم سائەتتىن كۆپرەك غۇل-غۇلا قىلىشىپ تۇرۇشتۇق.كۆز ئالدىمىزدا ئەينەكتەك يېيىلىپ ياتقان بو رېئاللىقىنىڭ بىزنى ئەپسۇس قۇچىقىغا باشلىماسلىقى مۇمكىنىمۇ؟ K]2#WJ}  
ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش دېگەنلەرنى توغۇلغاندىن تارتىپ «ئەرلەرگە خاس» دېگەن قاراش ئېڭىمغا ئورۇنلىشىپ كەتكەن بولسا كېرەك ،خېلى بىر ھازاغىچە كۆرگىنىمىگە ئىشىنەلمەي قالدىم. بۇ ئاياللاردىكى ئەرلىشىش خاھىشىمۇ ياكى ...؟ [.0TXw%~  
بەلكىم بۇنى بىرقىسىم كىشلەر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى دېيىشىمۇ مۇمكىن ،ئەمما بۇ دورامچىلىقىنىڭ نەتىجىسى . \k*-X  
«دورامچىغا دو كەتتى،ئەسكى چاپانغا ئوت كەتتى»دېگەندەك ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە يات ناچار ئىللەتلەر ئاجىز كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن تېزلا قوبۇل قىلىنىپ ھەتتا ئۇلاردىنىمۇ ئاشۇرۋېتىپ بارغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىغا چىن پۈتتۈم .ئۆرپ-ئادەتتىكى دورامچلىق بىر خىل غەيرىي ھادىسە ،شۇنداقلا ئۆرپ-ئادەتنى ياتلاشتۇرۋېتىدىغان مەنبە .دورامچىلىق باشقىلارنىڭ غەيرىي ئادىتىنى ،مىللەتنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنى ،ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ،پىسخىكىسىغا يات بولغان ھالدا قارىغۇلارچە كۆچۈرۈپ كېلىشتۇر.زامانىمىز ئاياللىرىدا بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى ،كىشىنى تولىمۇ ئازابلايدۇ ،بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ چوڭ شەھەرلەردە ئەمەس ،بەلكى تۆۋەنلەردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز .مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتنى يادرو قىلغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلماسلىق بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك جىنايەتتۇر! mlcS'  
بۇ ناچار ئىللەتلەر بەزى ئورۇنلاردا ئاشكارىلىق دەرىجىسى سەل يۇقىرى ،بەزى جايلاردا سەل مەخپىيرەك ھالەتتە باش كۆتۈرۈپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ ،بىراق زېرەك كىشىلىرىمىزگە بىر سىر ئەمەس .مۇشۇنداق مېڭىۋەرسە ،ھاراقكەشلىكتەك بۇ پالاكەت ئىللەت ئومۇملاشقان ئادەتكە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. 4D[]=O$  
ئەرلىرىمىزدىن ئېشىپ ئەمدى ئاياللىرىمىز..... 6R,[ 7F  
ھەي... ھەيرانمەن ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىشىشى مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ -يا؟ a.3T.  
قارىسا بىر-بىردىن لاتاپەتلىك ،قاش-كۆزلىرى جايىدا خانىم-قىزلارنىڭ بۇ خىل ئىش-ھەركەتلىرى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ.بۇنىڭىدىن 1000يىل ئىلگىرى ياشىغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ«قۇتادغۇبىلىك»دېگەن ئەسىردە ھاراقخورلۇقىنى تەنقىدلەپ«مەي ئىچسە بولمىغۇر نە ئىشلار بولۇر،مەسىت بولسا نەچچە ياخشى ئىش قالۇر.ھاراق مىڭ گۇناھقا پاتۇرغاي سېنى ،قاچار بەخت،زىنادىن يۈزۈڭ تۆكۈلۈر»دەپ يازغانىدى .«قۇتادغۇبىلىك»تىكى بۇ ئالىي پىكىرلەر ھېلىھەم ئالتۇنغا بەرگۈسىز قىممىتى بىلەن خاسىيىتىنى يوقاتقىنى يوق ،ھاراقنىڭ بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پاجىئەسى ھەممىمىزگە ئايان .سەمىڭىزدە بولسۇن ،سىز يەنىلا ئانا ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇلۇغ ئانا! 2kX#g!f  
خانىم-قىزلىرىمىز ئىچىدىكى چېكىملىك ،ئىچىملىككە بېرىلىشىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يېرى شۇكى ئەۋلادلارنىمۇ ئىچىملىككە،چېكىملىككە بېرىلىش يولىغا باشلايدۇ،بۇنداق ئەۋلادتىن نېمىنى كۈتەلەيمىز ؟!ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئاياللاردىن ساغلام بالىلارمۇ تۇغۇلمايدۇ،بۇ قاراشنى تىببىي ئىلىم ئاللىقاچان دەلىللەپ بولغان. دېمەك، بىزدە يەنىلا ئەخلاق ئېتىقادى بولغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇ ئوق ئۆتمەس قالقاندۇر! C.#M?F0  
f7~]S`SE  
***************************************************************** iW9cn^  
Ygkj1Z  
مەنبە:«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2008-يىللىق 1-ماي سان
باشقۇرغۇچى ئەلقۇت تېمىنى تەستىقلىدى .
جىمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل!
ئەقىل بىرلە ۋاقتىڭنى ساقلاشنى بىل!
| ۋاقتى : 2008-08-26 21:47 [باش يازما]
سۇۋادان
سۇۋادان تېرەككە مەدىيە...
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 12603
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1421
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1421دانە
شۆھرەت: 1363 كىشىلىك
پۇل : 5 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1461 نۇمۇر
قوللاش: 1467 نومۇر
ئالقىش: 1564 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :814(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

دېمەك، بىزدە يەنىلا ئەخلاق ئېتىقادى بولغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇ ئوق ئۆتمەس قالقاندۇر! 1O.;HT$n -%4SEa4p  
kN-a%B9P'  
kaKbnJ  
توغرا........اللا ئىدقادىمىزنى مۇستەككەم قىلغايسەن......رەخمەت.
Gulyar tori
ياشىغان ئىكەنسەن ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ................
| ۋاقتى : 2008-08-26 22:48 1 -قەۋەت
ئاھۇ..كۆزلەر
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 19606
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە70دانە
شۆھرەت: 71 كىشىلىك
پۇل : 450 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇمۇر
قوللاش: 80 نومۇر
ئالقىش: 70 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :130(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-21
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەر - ئاياللىق باراۋەر لىكى شۇئارى ئاستىدىكى ، (ئايالغا ) باراۋەر لەنگەن ئەرلەر ،  (ئەرگە ) باراۋەرلەنگەن ئاياللار ..............
دىمكۇراتىيە قانداق بولىدۇ
| ۋاقتى : 2008-08-26 23:48 2 -قەۋەت
يۇلغۇنئوغلى
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 14086
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 801
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە801دانە
شۆھرەت: 724 كىشىلىك
پۇل : 507255 سوم
تۆھپە: 130 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1115 نۇمۇر
قوللاش: 940 نومۇر
ئالقىش: 1365 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :528(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز خەق شۇ باشقىلار تەرپىدىن ئاللىبۇرۇن شاللانغان غەيرى قىلىقلارنى ئىلغار مەدەنيەت دەپ قۇبۇل قىلىۋالىمىز````ئويلىنىپ باقساق ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر قۇرۇق شاكال`````
تەدبىرىڭ قانداق بولسا  تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
| ۋاقتى : 2008-08-27 12:17 3 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040