بىزنىڭ چاقچاقنىڭ كۆزى يوق ، ھېزى بولۇپ نېرىراق تۇرۇشالا ، ئىسپانىيەنىڭ كالىسىدەك تېگىپ كېتىپ قالسا سورىقى يوق جۇما !
باشلىدۇق .
بىر كۈنى ئىدرىسقارى سىنىپقا كېچىكىپ كەپتۇ ، قاق سەھەردە ! مۇئەللىمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كېلىپ :
-- ماڭ قايلاۋە شۇم ، نەلىنى چۆگىلەپ كېلىشىڭ قاق پودا ؟
-- ۋاي خانىم چۆگىلىمىدىم ، شۇ ئۇخلاپ قېلىپ ، چۈشۈمدە بىر پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرەپتىمەن . جۇڭگو دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىزنىڭ مەھەللە كوماندىسى ئويناپتىمىش چۈشۈمدە .
-- ھەي ، مەن سەندىن مۇسابىقىنى سورىدىمما ؟ نېمىشقا كېچىكتىڭ دەۋاتىمەن !
-- ۋاي خانىم ما گەپنى قىلىۋاغۇچە تۇپ تۇماملا دەيمەن ! شۇ بۇ مۇسابىقە تەڭلىشىپ قېلىپ ۋاقىت قوشۇپ ئوينىغان ، ئايىغىنى كۆرىۋېتەي دەپ شۇڭا كېچىكىپ قالدىم دەيمەن ...
قادىخان تاماكا چەككىلى 30 يىل بولغانىكەن . چەكمىسە تۇرالمايدىغان بولۇپ ، پۈتۈن ئەزايى بەدىنى نىكوتىنغا تولۇپ كېتىپتۇ . بىر كۈنى بۇ ئاپتوبۇسقا چىقىپ بىر يەرگە كېتىپ بېرىپ ، تۇيدۇرماي «پىس»سىدە قىلىپ ئوسۇرۇقتىن بىرنى قويۇپ بېرىپتۇ . قارىسا بېلەتچى ئايال توۋلاۋاتقۇدەك :
-- كىم ئۇ تاماكا چېكىۋاتقان ؟ ئاپتوبۇستا تاماكا چەكمەڭ !
مۇشۇ پەيلاسوپ قېرىغانسېرى ئۆزىگە پەقەت ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ . بۇ بىر كۈنى مېنى ئىزدەپ كەپتۇ . كېلىپلا قولۇمنى سىقىۋېلىپ ۋاتىلداپ كەتتى :
-- ئادەم ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىكى كېرەك ئىكەن .
مەن دېدىم :
-- شۇنداق پەيلاسوپ ، لېكىن ئۆزىمىزگە قاتتىق ئىشىنىشىمىز كېرەك .
پەيلاسوپ چەكچىيىپ :
-- ياق ، ئۆزىمىزگىمۇ قەتئىي ئىشەنمەسلىكىمىز كېرەك ئىكەن .
-- قانداق دەيسەن ؟
-- باياتىن قورسىقىم ئاغرىغاندەك قىلدى ، قۇرۇق يەلدەك سېزىلدى ، شۇنىڭ بىلەن ئازراق كۈچىۋېدىم . قارىسام ئىشتىنىمنىڭ كەينى پۈتۈن ھۆل ...
بىر كۈنى پەخىركام يولدا كېتىپ بېرىپ ، قارىسا كۆزىگە بىر تال بىر موچەنلىك تەڭگە كۆرۈنۈپتۇ . پەخىركامنىڭ كۆزلىرى پاللىدە يورۇپتۇ -دە ، تۆت تەرەپكە قارىۋەتكەندىن كېيىن ، ئېڭىشىپ قولىنى شۇنداق قولىنى سوزۇپ يەنە ئىتتىك توختىۋاپتۇ :
-- بېشىڭنى يەيدىغان ، كىم بەلغەمنى بۇنداق يۇمىلاق تۆكۈرۈپ قويغاندۇ ؟
[ بۇ يازما ئەزىزان تەرپىدىن 2008-08-26 20:18 دە قايت ]