دۇنيا ئىسلام ياشلىرى قۇرۇلتىيى بۇيىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 100دىن ئارتۇق يازلىق لاگىر قۇرۇپ،مۇسۇلمان ياشلىرىغا قارىتا ئىسلام قىممەت قارىشى، ئائىلە قارىشى ۋە جەمىيەت قارىشى تەربىيىسى ئىلىپ باردى.بۇخەلقئارا تەشكىلات ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ياشلارنىڭ يازلىق ئارام مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ يازلىق لاگىر قۇرۇپ، كوللىكتىپ ئىسلام تۇرمۇش ئادىتى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بەردى. ئۇلار قىسقىغىنا نەچچە ھەپتە ئىچىدە ھەرقايسى جايلاردىكى مۇسۇلمان ياشلارنى بىريەرگە جەم قىلدى، بۇ ياشلار ئسلام ئالىملىرىنىڭ لىكسىيىسى ۋە ياشلار خىزمىتى مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى بىللە ئۈگەندى، ئىسلام ساۋاتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى،ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ باردى.
MIo$gGz دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى ئوخاپ مۇنداق دىدى: بىز بۇيىل دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەچچە مىڭ مۇسۇلمان ياشنى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدۇق.بۇ يازلىق لاگىرلىرى يەنە غەيرى مۇسۇلمان ياشلىرىغىمۇ ئىچىۋىتىلدى،چۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ كەڭ قورساقلىقىنى ئىپادىلىشىنى،سۆزلىشىشكە رىغبەتلەندۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
h;o~Xm&N[ ئوخاپ يىقىندا مالدىۋىنىڭ باش ئەلچسى ھاشىپ بىلەن كۆرۈشكەندە مالدىۋى ياشلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھاشىپ مۇنداق دىدى:مالدىۋى دۇنيا مۇسۇلمان ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ مولدىۋىنىڭ ئىسلام ئەدلىيە ئىنىستىتوتى قۇرۇپ، ياش سوتچىلارنى تەربىيىلىشىگە ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.
#Fp' Tmpz 5MZ'
f,z مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى
&h8^UWC http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-5359