P(4|'+ % ئەنگىلىيە بىرلەشمە دورا شىركىتىنىڭ ئەنگىلىيەدە 800 دورا دۇكىنى بار، بۇ شىركەت ئەنگىلىيىدىكى 3-چوڭ دورا شىركىتى.يىقىندا بۇ شىركەت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ،مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دورىخانىلىرىدا رامىزان مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەخسۇس مۇلازىمەت ۋاقتى بەلگىلەپ، رامىزان ئىيىغا ماسلىشىپ مۇسۇلمانلارنى كىسەل كۆرسىتىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغانلىنى بىلدۈردى. شىركەت داۋالاش مۇلازىمىتى بۆلىمىنىڭ مۇدىرى ئىدلان مۇنداق دىدى:مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ۋاقتىدا دورا ئىچىش ۋاقتى تەڭشىلىدۇ، ئىچىدىغان دورىنىڭ مىقدارىمۇ باشقا ۋاقىتتىكىگە ئوخشىمايدۇ.ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر قولايسىز بولغاچقا دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئالالمايدۇ.شىركىتىمىز بۇنى كۆزدە تۇتۇپ بارلىق دورىخانىلاردا زامىزان ئىيىتى مۇلازىمەت بۆلىمى تەسىس قىلدى، بۇ بۆلۈم مەخسۇس مۇسۇلمان بىمارلارنى قۇبۇل قىلىپ، ئۇلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بىرىدۇ.بىمارلار پەقەت كىسەل ئەھۋالى ۋە دورا ئىشلىتىش ئەھۋالىنى دورىخانىلاردىكى دوختۇرلارغا ئىتيسىلا دوختۇرلار ناھايىتى تىزلا ئۇلارغا دورا ئىچىش مىقدارىنى تەڭشەپ بىرىدۇ، بۇ بىمارلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە پايدىلىق.
<%,ytYcY: ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: بىز تەن سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئىيى كىرىشتىن بۇرۇن تەن سالامەتلىكىنى بىر قىتىم تەكشۈرتىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
H;H&C_Yi ئەنگىلىيە بىرلەشمە دورا شىركىتى رامىزان ئىيى كىرىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 40دىن ئارتۇق جايدىكى دورىخانىلاردىكى پراۋىزورلارنى بىر تۇتاش تەربىيىلدى ھەمدە بۇ دورىخانىلارغا رامىزان ئىيىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ۋارىقىنى تارقاتتى.
CM
Sq[=s ئىدلان مۇنداق دىدى: بىز مۇسۇلمانلارنى رامىزان ئىيىدا بىزنىڭ تەلىۋىمىز بويىچە دورا ئىستىمال قىلىشى كىرەك دىگىنىمىز ئەمەس،بىز پەقەت بىمارلارنىڭ دوختۇرلاردىن ئاكتىپ مەسلىھەت سورىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز، بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز ھەقسىز بولىدۇ. بىز شىركىتىمىزنىڭ مەقسىتىنى ئىنگىلىز تىلى، ئوردۇ تىلى ۋە بىنگال تىلىدا كۆپچ
ىلىككە ئۇقتۇردۇق،چۈنكى ئەنگىلىيىدە 2مىليۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمان بار، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ھىندسىتان قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن.
/nN,[S^ R]3~m'O^ مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى
LPon'h& http://210.0.141.99/?action-viewnews-itemid-5373