cFx+T9-kJB ئىسلام دىنىنىڭ تېنچ ئوكياننىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئارال دۆلەت يېڭى زىللاندىيىگە كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى.ئۇ يەردە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ناھايىتى تىزلا بىر مۇسۇلمانلار جەمىيىتى قۇردى.يېڭى زىللاندىيە ئىسلام بىرلەشمىسى يەرلىك ئاھالىلىلەرنىڭ يېڭى قوشنىسى بولغان مۇسۇلمانلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەريىلى بىر قىتىم تەشۋىقات ھەپت
ىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا ئۇدا 5يىل بولدى،بۇ يىلقى تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئۆۆتكۈزۈلدى.تەشۋىقات پائالىيىتىدە ھەر قايسى دىنى تەشكىلاتلار،يېڭى زىللاندىيىنىڭ سىياسى ساھەسىدىكىلەر،جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسدىكى كىشىلەر مەسچىدگە، كۈتۈۋىلىش يىغىنى ۋەسۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.
%P0;ZQfOm بۇ يىلقى تەشۋىقات پائالىيىتى نوقتىلىق يېڭى زىللاندىيىنىڭ پايتەختى ۋىللىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلدى، ۋىللىنگىتوندىكى چوڭ مەسچىددە ھەرخىل دىندىكى ئالىملارنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، ھەمدە ئىسلام سەنئەت بويۇملىرى ۋە يىمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.يېڭى زىللاندىيىدىكى بارلىق مەسچىدلەرمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇپ ھەرخىل پائالىيەت تەشكىللىدى،بۇ پائالىيەتلەردە بىردەك <ئائىلە قارىشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جەمىيەت قۇرۇش> تېما قىلىندى.يېڭى زىللاندىيە ئىسلام بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى موفتى 11-ئاۋغۇست يەكشەنبە گىزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى: بىزنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىمىزنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلام دىنىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن.يېڭى زىللاندىيىدە نۇرغۇن كىشى مەسچىدنى كۆرۈپ باقمىغان،بىز بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇلارغا مەسچىدلەرگە، ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە كىرىپ،مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدۇق.ئۇلار بىزدىن نۇغۇن سۇئال سورىدى.
k!81 يېڭى زىللاندىيە مۇسۇلمان ئاياللار ئۇيۇشمىسىمۇ ئىسلام ئاياللىرى كىيىم-كىچەك كونسىرتى ۋە نوتۇق سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پايتەخىتتىكى ھەرساھە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ كىيىم كىيىش پىرىنسىپى ۋە ئەخلاق قارىشىنى نامايەن قىلدى. بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشقان مىھمانلار ئىچىدە يېڭى زىللاندىيە ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ھەرقايسى دىندىكى ئالىملار ۋە داھىيلار، سودا سانائەت ساھەسىدىكى ئەرباپلار ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بار.بۇ پائالىيەتلەر جەمىيەتتە ئوموميۈزلۈك ئىنكاس قوزغىدى، مىھمانلارغا ناھايىتى كۆپ بولدى.بۇ ئارقىلىق چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلدى.
F$)6kM^im ئىسلام دىنىنىڭ يېڭى زىللادىيىدىكى تارىخى ئۇزۇن ئەمەس، مۇسۇلمانلار نوپۇسىمۇ ئاز،2006-يىلىدىكى ئىستاستىكىغا قارىغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتە 36مىڭ مۇسۇلمان بار ئىكەن.20نەچچە يىلدىن بىرى مۇسۇلمانلار يېڭى زىللاندىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا 40دىن ئارتۇق مەسچىد ۋە ئسلام مەدەنىيەت مەركىزى، ئىككى ئىسلام دىنى مەكتىبى،ھەرخىل مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى قۇردى، مەسىلەن ئىسلام ئۇيۇشمىسى، ئىسلام كىڭىشى، مۇسۇلمان ئاياللار ئۇيۇشمىسى،مۇسۇلمان ياشلار جەمىيىتى ۋە مۇسۇلمان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسى قاتارلىقلار. يېڭى زىللاندىيە ئىسلام بىرلەشمىسى ئونۋىرسال تەشكىلات بولۇپ، يېڭى زىللاندىيىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن يېڭى زىللاندىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە سۆزلىشىشكە مەسئۇل.
R*%?
h'T ئاۋكلاند ئونۋىرسىسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىدە، ئاۋكلاند ئونۋىرسىستى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىسلام دىنى ئەقىدىنىلىرىنى تونۇشتتۇردى.
PpybFv4 H1}\h,k مەنبە:ئىسلام نۇرى تورى
]JT[\ 9F http://210.0.141.99/?viewnews-5378 fK YzE