« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: باي خاتىرىلىرى Omarjan Imin IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 454 قېتىم كۆرۈلدى
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 باي خاتىرىلىرى Omarjan Imin

0
باي خاتىرىلىرى u@BDUt3?  
ئۆمەرجان ئىمىن(1)قۇتلۇق سەپەر :ji_D6|1  
[size=5]مېنىڭ بالىلىق دەۋرىم مەكىت بازىرىدىكى ئۆگزىلىرى بىر بىرگەتۇتۇشۇپ كەتكەن،ئوتتۇرا ئەسىر تۈسىدىكى پومزەك-پومزەك ئۆيلەردىن تەشكىل تاپقان قەدىمىي بىر كوچىدا ئۆتتى.بىزنىڭ كوچا ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقاچقىمۇ قانداق،ئەيتاۋۇر بىر قانچە كادىر ئائىلىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئاھالىلەر ئاساسەن ھۆنەرۋەن-كاسىپلار،ئۇششاق يايمىچىلار ھەم بەشتە كاپاتلەندۈرىلىدىغان نامرات ئاھالىلەر تەركىپلەنگەنىدى،سىرتتىن قارىماققا تۇلىمۇئاددى،غېرىبانە كۆرۈنىدىغان ئاشۇ كۆرۈمىسىز خالتا كوچا ئەمەلىيەتتە ھاياتقا قايناق مۇھەببەت باغلىغان بىرتوپ مېھرىبان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك جەننىتى،كىچىك ۋەتىنى ئىدى.چوڭلار گويا تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك مۇھتاجلىقنىمۇ بىرلىكتە يېڭىشكە قەسەم ئىچىشكەندەك،ئۆتنە-يېرىم قىلىشىپ،تاماق سۇنۇشۇپ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشەتتى،ئىززەتلىشەتتى.بىز بالىلارمۇ خۇددى بىر بوۋىنىڭ نەۋرىلىرىدەك قىزىق-قىزىق ئويۇنلارنى ئويناپ يۈرۈپ،كىمنىڭ قازىنى بۇرۇن قاينىسا،شۇنىڭكىگە ئۈسسۈپلا كىرىپ كېتىۋېرەتتۇق.ئاخشاملىرىمۇقىڭغىر-قىيسىق تۇپاتاملارغا يۈلەنگىنىمىزچە چۆچەك ئېيتىشىپ تۈننى تەڭ قىلىۋەتكەندىن كېيىن،كىمنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولسا شۇنىڭكىگە كىرىپلا ئۇخلاپ قېلىۋېرەتتۇق.قىسقىسى،تالاي ئوت يۈرەكلەرنى ئۆز باغرىدا ئوينىتىپ،يىغلىتىپ چوڭ قىلغان ئاشۇ قايناق كوچا،بەئەينى چوڭ بىر جەمەتنىڭ كەڭرى ھويلىسغائوخشايتتى. +g'5c5<@]  
لېكىن،ھەريىلى كەچكۈز پەسلىدە،ھەممە ئائىلە قىشلىق يېقىلغۇنىڭ غېمىگە پاتقان پەيتلەردە،يىلبويى ئورتاق تۇرمۇش مۇھىتىدا باراۋەر ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ھەرقايسى ئاھالىلەر ئۆزىدىكى ئەجەللىك پەرقنى ئاشكارىلاپ قۇياتتى.بولۇپمۇ،كادىر ئائىلىلىرى ھۆكۈمەتىن بېرىدىغان بىر توننا كۆمۈر بىلەن  ئۆگزىسىگە ئۇتۇن،شاخ-شۇمبا،چاۋا-چاتقال بېسىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەن باشقا خولۇم-خوشنىلار ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىۋالاتتى.بىر ئائلىە كۆمۈر چۈشۈرسە،خولۇم-خوشنىلار يۇپۇرلۇپ كېلىپ كۆمۈرنى باھالىشاتتى،ئۆي ئىگىلىرىگە ھەۋەس بىلەن بېقىشاتتى،ناۋادا،چۈشۈرۈلگىنى باينىڭ كۆمۈرى بولۇپ قالسا،داۋرىڭى خوشنا مەھەللىلەرگە قەدەر بىر كېتەتتى.چۈنكى،ئۇ زامانلاردا باينىڭ كۆمۈرى بەك داڭلىق ئىدى.باينىڭ كۆمۈرىگە ساقلاپ قارا قىشقا دۈگدىيىپ كىرىپ كېتىدىغان چاغلارمۇ بولۇپ تۇراتتى. `h1?-S  
باي-پومىچىكلارنى كۈرەش قىلىشنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى تېخى بېسىقمىغان شۇ يىللاردا،‹‹ باينىڭ كۆمۈرى››دېگەن بۇ ئىسىم قەلبىمدە تولىمۇ چىگىش تەسىرات قالدۇرغانىدى.مەن ھەر قېتىم ئائىلىمىزنىڭ كۆمۈرخانىسىغا كىرگىنىمدە،قارا مەرۋايىتتەك پاقىراپ تۇرغان باي كۆمۈرىگە قارىغىنىمچە:‹‹بۇ قايسى باي دېھقاننىڭ كۆمۈرىدۇ؟››دېگەندەك خىياللارنى سۈرۈپ كېتەتتىم.سەل كېيىنچە،نىمشېھىتنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدىكى‹‹بىلىم ئىشقىدا››ناملىق شېئىرى ئارقىلىق،باينىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بىر ناھىيىنىڭ نامى ئىكەنلىكىنى ،ئۇ جايدىن داڭلىق كۆمۈرلا ئەمەس،يەنە داڭلىق ئادەملەرنىڭمۇ چىقىدىغانلىقىنى بىلىۋالغانىدىم. B8+k.g)}  
ستودېنتلىق ھاياتىمدا،‹‹تارىخى ھەمىدى››،‹‹تارىخى ئەمىنىيە››قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى بولمىش مولل امۇسا سايرامىنىڭمۇ باي ناھىيىسدە  ياشاپ ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇپ،ئۇ سىرلىق يۇرتقا ھەيرانلىق ئىچىدە مۇھەببەت باغلىغانىدىم.كېيىنكى يىللاردا،مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن باي ناھىيىسىدە2 مىليون 900مىڭ توننا كۆمۈر زاپىسى،250مىليارت كۇپ مېتىرلىق تەبىئىي  گاز         زاپىسى،قېلىنلىقى30 مېتر،كۆلىمى4200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان نېفىت زاپىسى ھەم ياقۇت،ئالتۇن،مىس،ئاليۇمىن،تۆمۈر قاتارلىق63خىل قېزىلما بايلىق زاپىسى بارلىقىنى  ئوقۇپ،بۇ يۇرتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بايلىق كانى ئىگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم. ;B91I  
شۇ سەۋەبتىن،تارىم بويلىرىدا ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرگەن كېيىنكى يىللاردا،پۇرسەت بولسىلا باي ناھىيىسگە چۈشۈپ ئۆتۈشنى قولدىن بەرمىدىم.بىراق،تۇرۇش ۋاقتىم قىسقا بولغاچقا،ھېس قىلغانلىرىممۇ چۇۋالچاق،يۈزەكى تەسىراتلاردائىرسىىدە چەكلىنىپ كەلدى.‹‹تىلىسەڭ تاپارسەن››دېگەندەك،باي ھەققىدىكى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇ-ئارمانلىرىم بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان‹‹17-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتلاش يىغىنى››نى باي ناھىيىسدە ئېچىش ئىشىغا  يانداشقان ھالدا رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى.بۇيىللىق يىغىن رېداكسىيىمىزنىڭ باش ساھىپخانلىقىدا ئېچىلىدىغان بولغاچقا،ماي بايرىمى ھارپىسىدا ئېچىلغان تەھرىر بۆلۈم يىغىنىدا،باي ناھىيىسگە بېرىپ، يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ھەم ژۇرنىلىمىزنىڭ4-سانىنى باي ناھىيىسىگە ئاتاپ ئىشلەپ كېلىش ۋەزىپىلىرى ماڭا تاپشۇرۇلدى.باش مۇھەررىر جۈرئەت سەيپۇل بايغا ئۆزى ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا ۋەدە بەردى pI ~>f8  
E`L .h3G{  
2-قېيىردا بىر كۈن جۈرئەت ئىككىمىز8-ماي(پەيشەنبە) چۈشكە يېقىن باي ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدۇق، ھەم ئۇدۇللا ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىغا باردۇق.ئىدارە باشلىقى جاڭ چىن خانىم بىزنى ئۆزىنىڭ ياسىداق ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.ئۇ بۇ قېتىمقى يېغىنغا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلەرنى بىرەرقۇر تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،بىزنى ناھىيىلىك مېھمانخانا رېستۇرانىغا چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى،ياتىقىمىزمۇ شۇ مېھمانخانىغا ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇلغانىكەن. T|.w9#8_2z  
چۈشتىن كېيىن،بىز جاڭ ئىدارە باشلىقىنىڭ ھەمراھلىقدا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گاۋ كېپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئشخانىسىغا باردۇق.گاۋ كېپىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە ھېرىسمەن بولغاچقا ، سۆھبەت داۋامىدا،ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىنغا ئىنتايىن ئېتىۋار بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى قايتا-قايتا ئىپادىلەپ،بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ناھىيىلىك پارتكوم،خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ زور دەرىجىدە تىرشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى كەچتىكى مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان زىياپەتتە،جۈرئەت ئەتىسى ئەتىگەندە ناھىيىلىك پارتكومدا مەخسۇس بۇ قېتىمقى يىغىن تەييارلىقى ئۈچۈن ئېچىلىدىغان دائىمى ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىدىغان،مەن ناھىيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن ھېكىمنىڭ ھەمراھلىقىدا قېيىر يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتنىشىشقا باردىغان بولۇپ كېلىشتۇق. &EV11@Bb  
ئەتىسى سەھەردە جۈرئەت ناھىيىلىك پارتكوم قورۇسىغا ماڭدى. مەن تۇرسۇن ھېكىم،ياش شائىر قەھرىمان روزىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇنياز تۇراپنىڭ ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قېيىر يېزىسىغايۈرۇپ كەتتىم. Wqm5akPDS@  
بۇ مىنىڭ بايدىكى تۇنجى سەپىرىم بولغاچقا،ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە قىزىقىش ئىچىدە قارايتىم.بولۇپمۇ،سەپەرداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى ھەم ئۆز يۇرتى ھەققىدىكى مەلۇماتىنىڭ خېلىلا موللىقى مەندىكى قىزىقىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەنىدى. &HI^\=  
ماشىنا كانچى،ياتۇر،توقسۇن سايرام يېزىلىرىنى كىسىپ ئۆتۈپ،قىزىل دەريا كۆۋرۈكىگە يېقىنلاشقاندا،يولنىڭ شىمالىي قاسنىقىدىكى‹‹قارا2-گازلىقى››دېگەن خەت يېزىلغان تاختاينى بويلاپ شىمالغا ئەگىلدى.بىز مىس مەھەللىدن ئۆتۈپ،تېتىر مەھەللە تەۋەسىگە كىرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي،تۇرسۇنجان ماشىنىنى توختاتقۇزۇپ بىزنى مەھەللىنىڭ غەربىي شىمالىغا مىڭ مېتىرچە كىلىدىغان تاغقا باشلاپ چىقتى.تاغ ئۈستىدە بىر تۇر بولۇپ،ئۇنىڭ ئاستىدا غار بار ئىدى.تۇرسۇنجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ غار ئەسلى بۇددا خارابىسى بولۇپ،مەدەنىيەت رايۇنى جەھەتتە قىزىل مىڭئۆيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.غار ئۈستىدىكى تۇرمۇ ئۆز زامانىسىدىكى شىمال بىلەن جەنۇپ ئوتتۇرىسدىكى كارۋان قاتنىشىغا بېرىپ چېتىلىدىكەن. ,EpJfc#S  
ماشىنا تېتىر مەھەللىسىدىن چىقىشى بىلەنلا،كۆز ئالدىمىزدا غايەت زور يارداڭلىق نامايەن بولدى.مەن ئەتراپنى كۆزىتىش ئارقىلىق غەربىي شىمال تەرىپىمىزنىڭ‹‹قارا2-گازلىقى››رايونى ئىكەنلىكىنى،شەرق ۋە شەرقىي شىمال تەرىپىمىزنىڭ بولسا كەڭ كەتكەن يار داڭلىق ئىكەنلكنى ھېس قىلدىم .يارداڭلىق تۈرلۈك ھەيكەلسىمان چوققىلار،قېتىپ قالغان دېڭىز دولقۇنلىرىنى ئەسلىتىدىغان ھەيۋەتلىك تىزمىلار ھەم خەتەرلىك گىئومېترىيىلىك قۇرۇلمىدىن تەركىپلەنگەن رومانتىك تەبىئىي گەۋدە بولۇپ، شەكىل جەھەتتىن قاراماي تەۋەسىدىكى ‹‹ئالۋاستى شەھىرى›› گە بەك ئوخشايدىغان بولغاچقا،‹‹ئالۋاستى قەلئەسى››دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، مۇھىم ساياھەت نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغانىكەن. !XHWl0  
بىز ئادەمگە قويۇق رىۋايەت تۇيغۇسى بەخش ئېتىدىغان ‹‹ئالۋاستى قەلئەسى››دىن چىقىپ ئۇزاق ماڭمايلا، ئالدى تەرەپتىكى ئويمانلىقتا كەڭرى سوزۇلۇپ ياتقان بوستانلىق گەۋدىسىگە دۇچ كەلدۇق. #\2z{3  
- بۇ يەرنى مىڭ بۇلاق دەيمىز، بۇ ئەتراپتا بۇلاق كۆپ بولغاچقا شۇنداق نامدا ئاتالغان. قېيىر بوستانلىقى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ،- دېدى قەھرىمان چۈشەندۈرۈپ. oquWZ3$  
-مىڭ بۇلاقتا ئەنئەنىۋى پالازچىلىق مەدەنىيىتىمىز ساقلىنىپ قالغان، ھازىر بۇ كەنتتىكى كەسپىي پالازچىلار ئائىلىسى 30 دىن ئاشىدۇ. قېيىر تاغلىرىدىن گىل، سۈرمە قاتارلىق تەبىئىي تاش بۇياقلار، بۇياق ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان زىرىق، قارا گۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر جىق چىقىدۇ. شۇڭا، بۇ جايدىكى ئاھالىلەر بۇرۇندىنلا ئۆز يېرىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، تۆگە، قوي يۇڭلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ پالازچىلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. بۇ يەردە توقۇلغان پالازلار مۈرەن خارابىسىدىن تېپىلغان پالاز ئەۋرىشكىسىدىن قىلچە پەرقلەنمەيدۇ،- دېدى تۇرسۇنجانمۇ قەھرىماننىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا. p:x gtK#  
مەن مىڭ بۇلاقتا ئازراق توختاپ، پالاز توقۇيدىغان ئائىلىدىن بىر- ئىككىنى كۆرگەچ مېڭىش تەكلىپىنى قويۇۋىدىم، تۇرسۇنجان بىلەن قەھرىمان يېزا مەركىزىدە پەرىدەمخان ئىسىملىك ئۈچىنچى ئەۋلاد پالاز توقۇش ئۇستىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئايالىنىڭ يەنە كەشتە ئىشلەش، مىخلىما ساندۇق ياساش كەسپى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، يېزىدىكى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مېنى شۇ ئايالنىڭكىگە مەخسۇس باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى خاتىرجەم قىلدى. SZ?bv}$j  
قېيىر يېزىسى ناھىيە بازىرىنىڭ 101 كلومېتىر شەرقى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت قازانچى كەنتىگە جايلاشقانىكەن. بۇ يېزا شىمالدا تەڭرىتاغ ئارقىلىق خېجىڭ، تېكەس ناھىيىلىرى بىلەن، شەرقتە كۇچا بىلەن، جەنۇپتا قىزىل يېزىسى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدىكەن.غەرب تەرىپى ئېدىرلىق- تاغلىق رايون ئىكەن. ئېيتىلىشىچە بۇ يەردە قېيىن دەرىخى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، شۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانىكەن. ^u}uYP-  
مەن قېيىر يېزا مەركىزىگە كېلىپلا،خۇددى قاغىلىقنىڭ ئۇششاقباش بازىرىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. چۇنكى، بۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى،ئادەملەرنىڭ روھى ھالىتى ھەم ھاۋا كېلىماتى ئۇششاقباشنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. مەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىدا خېلى ئۇزاق تۇرۇپ، ئىلى ۋىلايىتىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە ئۆتۈشتىكى تۇنجى ئۆتەڭ، ستراتېگىيىلىك مۇھىم ئېغىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن بۇ خاسىيەتلىك يۇرتنىڭ ھەممە نېمىسىگە چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قاراپ كەتتىم. 8  N&  
يېزىدىكى پائالىيەت ‹‹ئولىمپىك يىغىنىنى قارشى ئېلىش: مىڭ كىشىلىك ئىمزا قويۇش پائالىيىتى››تېمىسىدىكى ئاممىۋى سەنئەت يىغىلىشى ئىكەن. پائالىيەت ئوتتۇرا مەكتەپ مەيدانىغا كەڭرى يېيىتىلغان ئاق رەختكە كوللىكتىپ ئىمزا قويۇش تۈرى بىلەن باشلاندى. ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار، يېزا كادىرلىرى ھەم ئوقۇتقۇچىلار، ئاخىرىدا دېھقان- چارۋىچىلار رەتلىك تىزىلغىنىچە كېلىپ، ئالدىن تارقىتىلغان ماي قەلەملىرى بىلەن رەخت ئۈستىگە ئىمزا قويۇشقا باشلىغاندا، مەيدان خېلىلا جانلىنىپ قالدى. ئارقىدىن سەنئەت پائالىيىتى باشلىنىپ، ھەر قايسى كەنتلەردىن كەلگەن خەلق سەنئەتكارلىرى، مەكتەپلەردىكى سەنئەت كۇرژىكلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان نومۇرلىرىنى تەرتىپ بىلەن كۆرسەتتى. خەلق سەنئەتكارلىرى ئاساسەن كۇچا خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇندىدى. V x3 zcz  
پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، تۇرسۇنجان، قەھرىمان ئۈچىمىزچۈشلۈك تاماققىمۇ قارىماي، پەرىدەمخان ئىسىملىك پالازچى ئايالنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. پەرىدەمخاننىڭ ئۆيى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئارقا تەرىپىدىلا بولۇپ، 40 ياشلاردىن سەل ئاشقان، ئاق سۈزۈك كەلگەن مۇلايىم بۇ ئايال بىزنى ئىشىك تۈۋىدىلا كۈتىۋالدى.  cN.4:p  
- موزايلىق ئىنەك يوققۇ؟ قويلارمۇ ئازلاپ قاپتۇ. پالاز توقۇمايزە،بارنى يەپ ياتتىڭلىمۇ نېمە؟،- تۇرسۇنجان ھويلىغا كىرىپلا ئوڭ قاسناقتىكى قوتانغا بېشىنى تىقىپ تۇرۇپ شۇنداق دېۋىدى،پەرىدەمخانمۇ بوش كەلمەي : 2`;RGZK8  
-ئىت- مۆشۈكنىمۇ ئۆيگە سولاپ باقىدىغان شەلىك ئەمەس بىز.قېيىر دېگەندىچۇ،چارۋا- پاينى يازدا تاغقا قويۇۋېتىمىز جۈجاڭ. ھە قاسىلىرىغا كېرىكىمىز يوق چاغلىدىمۇ توقۇغان جۇما پالازنى،- دەپ تېزلا ئىنكاس قايتۇرۇپ تۇرسۇنجاننىڭ ئاغزىنى ئەتتى. 955|s P  
بىز پەرىدەمخاننىڭ چاقچىقىدىن كۈلۈشكىنىمىزچە ئۇنىڭ پالاز توقۇيدىغان قازناق ئۆيىگە كىردۇق.ئۆي كونا، سەرەمجان ئاددى بولسىمۇ، ناھايىتى پاكىز ئىدى. سۇپا- تاملار ھەرخىل رەڭ، ھەر خىل شەكىلدە توقۇلغان گىلەم- سېلىنجا، سومكا- خۇرجۇن، بەلۋاغ- پوتىلار بىلەن كۆركەم تۈسكە كىرگەنىدى. ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تۆر تەرەپكە پالاز توقۇيدىغان دۇكان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. قىلۋە تامغا ئىدىتلىق يىغىلغان يوتقان- كۆرپىلارنىڭ ئۈستىدە بولسا، ئىنتايىن نەپىس ھەم كۆركەم كەشتە گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن ياستۇق قېپى، داستىخان، شارپا، ياغلىق ھەم ھەم يوتقان تاشلىرى كۆزنى چېقىپ تۇراتتى. 3WX*Qk\$  
مەن پەرىدەمخان بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ پالازچىلىق كەسپىنى ئاتا مىراس كەسپ سۈپىتىدە تونۇپ، ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى، كېيىنكى چاغلاردا، ئۆزلىكىدىن كەشتە ئىشلەش، مىخلىما ساندۇق ياساش كەسپلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپى ئائىلە بولۇپ قالغانلىقىنى،يېزا تەۋەسىدە،پالازچىلىققا قارىغاندا كەشتىچىلىك ھۈنىرىنىڭ خېلىلا ئېقىپ قالغانلىقىنى، پالازچىلىق ھۈنىرىنىڭ ئانچە بازار تاپالماسلىقىدا قېيىرنىڭ چەت- يىراق جاي بولۇپ قالغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ ھېساپلىنىدىغانلىقىنى،يېقىنقى بىر- ئىككى يىل مابەينىدە ناھىيە، جۈملىدىن يېزا رەھبەرلىرىنىڭ خېلى قوللاۋاتقانلىقىنى، تېخى يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پالازچىلىق- گىلەمچىلىك كەسپى سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى،يېقىندا كۇچاغا بېرىپ بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كەلگەنلىكىنى... بىلىۋالدىم. Y~'7OXcy  
پەرىدەمخان خېلىلا سەزگۈر ئايالكەن، مەن ئۇنىڭ ھەر خىل رەڭدىكى تەبىئىي بۇياقلاردا بۇيالغان قوي يۇڭىدا توقىغان سومكىغا ھازىرقى زاماندىكى سىرتما ئورنىتىپ قويغانلىقىنى تەنقىد قىلغىنىمدا، ئۇ مەقسىدىمنى دەرھال چۈشىنىپ، تەبىئىي مەھسۇلاتقا سۈنئىي نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويسا ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ يوقۇلىدىغانلىقىنى قايتا- قايتا تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، سومكىلارنى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. NKZ}'qqJ|  
بىز پەرىدەمخان بىلەن خوشلىشىپ، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئالدىغا كەلگىنىمىزدە تۇنىياز تۇراپلار ساقلاپ تۇرۇشقانىكەن،ھايالشىمايلا ناھىيە بازىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق.مەن ماشىنىغا چىقىۋېتىپ يىراقتىكى ئاقتاغ چوققىسىغا مېھرىم بىلەن بىر قارىۋالدىم.يول ئۈستىدە، تۇرسۇنجان ئۆزلىرىنىڭ 2003-يىلىدىن باشلاپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى 144خىل ئەل ئىچى مىراسلىرىنى رەتلەپ، ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ئەنگە ئالغانلىقى ھەم ئۇنىڭ ئىچىدىكى 34 خىل مىراسنى ئاپتونوم رايونغا ئىلتىماس قىلغانلىقى،2006-يىلى،دەسلەپكى قەدەمدە، قېيىر يېزىسىدىكى ئەنئەنىۋى پالازچىلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ باھالانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. mw)@[x@  
ناھىيىلىك مېھمانخانىغا قايتىپ كەلسەم، جۈرئەت ئۈرۈمچىگە قايتىش ئۈچۈن تەق بولۇپ،مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ياتىقىمىزمۇ ناھىيىدىكى ياش يازغۇچى- شائىرلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كېتىپتۇ. جۈرئەت ئاپتورلارنى ماڭا بىر- بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن،ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، مېنىڭ بايدا قىلىدىغان خىزمەتلىرىم ئۈستىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، ‹‹ئۆمەرنى تاشلىۋەتمەڭلار››دېگىنىچە ئاپتورلار بىلەن بىر- بىرلەپ خوشلىشىپ، ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە ئۈرۈمچىگە يول ئالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ،،باي ئەدىبلىرىنىڭ مۇھەببەتلىك قوينىغا سىڭىپلا كەتتىم. ماڭا 4- سان ژورنالنى ئىشلەشتىن باشقا، مەخسۇس باي ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن قوشۇمچە بىر سان ژورنال ئىشلەش ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەنگەنىدى. y{$}Q  
C8^]pZ3  
3-ئۆتمۈشنىڭ يورۇق كۆزنىكى. J!ABp| -^  
~+;G R8fu8  
قېيىر سەپەرى تۇرسۇنجان ئىككىمىزگە چوڭقۇر دوستلۇق ئاتا قىلغانىدى،ئاشۇ كۈندىكى سەپەردە، بىز ئۆتمۈش ۋە تارىخي يالدامىلار ئۈستىدە جىق مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ يەرلىك تارىخ- تەزكىرىگە دائىر بىلىمىنىڭ كەڭلىكى، مېنىڭ جاھاننىڭ ئىشلىرىدىن ئاز- تولا خەۋەردار بولۇشۇم بىزنى دەسلىپىدىلا ئۇزاق يىللىق كەسپداشلاردەك سىرداشلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. X6[vi+~7  
بىر كىم مەخسۇس تونۇشتۇرمىسا،خۇي- پەيلىدىن چوڭ بىر ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بۇ ئادەم خىزمەت- كەسپ دېسە جېنىنى بېرەتتى. بىر كۈنلىرى ‹‹دۆڭ مازاردا بىر قەبرە ئېچىلىپ قاپتۇ، قوغدىلىدىغان جاي ئىدى، بىر بېرىپ كېلەي››دېگىنىچە، تاپالىسا ماشىنىلىق، بولمىسا موتسېكلىتلىق يۈرۈپ كەتسە، يەنە بىر كۈنلىرى ‹‹سايرامدىكى نەغمىكەشلەر ئىدى، ئارخىپلاشتۇرۇپ قوياي دەپ چاقىرغان››دېگىنىچە بىر توپ دېھقاننى ئەگەشتۈرىۋېلىپ قاياقلارغىدۇر پالاقشىپ يۈرەتتى. بەزى كۈنلىرى ‹‹ئاخشام بىر تاڭسىخانىدا جېدەل چىقىپتىكەن، بىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرىمىزدە بولغاچقا كېچىچە ساقچىخانىدا بولدۇم››دېگىنىچە كۆزلىرىنى قىزارتىپ كەلسە، تۇرۇپلا ھەپتە- ھەپتىلەپ تۈرلۈك يىغىنلاردىن نېرى بولالمايتتى. ئۇنى ئاز دېگەندەك، سىرتتىن خىزمەت بىلەن كەلگەنلەرنىڭ ئالدىغا چىقىشمۇ ئۇنىڭ  ئۇنىڭ ھېچ ھالىنى قويمايتتى.شۇنداقتىمۇ ئۇ ۋايسىماي- قاقشىماي، ھەممە ئىشنى چوڭقۇر مۇھەببەت، رازىمەنلىك بىلەن قىلاتتى، بىر كىم بۇيرۇسىمۇ، بۇيرۇمىسىمۇ ئۆزىنى سوراپ قىلىۋېرەتتى.بەزى كۈنلىرى‹‹مىللى بازار››دىكى كەچلىك سورۇنلاردا ئاغىنىلىرى ئارىغا ئېلىۋېلىپ:‹‹چىۋىندەك ھەممە نەرسىگە تەڭ قونۇپ يۈرۈيدىغان بىر نېمىكەنسەن، باي يالغۇز سېنىڭمىتى؟ قول ئاستىڭدىكىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، جۈيجاڭلىق سالاپىتىڭنى ساقلاپ يۈرمەمسەن››دەپ تەرەپ- تەرەپتىن تالاپ كەتسىمۇ،‹‹باي مېنىڭ شۇ››دېگىنىچە جىمجىت ئولتۇرىۋالاتتى. 5uPWoN  
تۇرسۇنجاندىكى بۇ خىل خىزمەت ئىستىلى بىزنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىۋەتتى.كۈندۈزى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولسىمۇ، كەچلىرى، ھەتتا كېچىلىرى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ، مېنىڭ ئىشلىرىمغا قاراشتى. بولۇپمۇ ئىككى سان ژورنالنىڭ 16 بەت رەڭلىك سەھىپىسىگە كېتىدىغان زور مىقداردىكى سۈرەتلەرنى تەييارلاشتا جىق ئەجىر قىلدى. 40 كۈندىن ئارتۇق ئاشۇنداق ھەمكارلىشىش داۋامىدا، مۇناسىۋىتىمىز نوقۇل كەسپداشلىق رامكىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جانجىگەر ئاغىنىدارچىلىق دەرىجىسىگە يەتتى. < 4pGU  
24- ماي ( شەنبە) كۈنىدىكى  ‹‹ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى››ئاخىرلاشقاندا،تۇرسۇنجان يىغىن ئەھلىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇپ قۇرۇپ چىققان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىۋىدى،كۆپچىلىك خوشاللىقىدا چاۋاك چېلىشىپ كەتتى،شۇنداق قىلىپ، 40 تىن ئارتۇق قەلەمكەش تۇرسۇنجانغا ئەگشتۇق. *6npvRC  
‹‹قىزىلنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى››نامىدا ئاتالغان بۇ مۇزېي ناھىيىلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسى خىزمەت بىناسىنىڭ يەر ئاستى بۆلىمىسىگە جايلاشقان بولۇپ، زالغا ئاران 150 دانىگە يېقىن مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇمى قويۇلغان بولسىمۇ، بۇيۇملار ئىلمىي يوسۇندا تۈرگە ئايرىلىپ، مۇزېي قائىدىسى بويىچە جاھازلانغان ئۆلچەملىك ئەينەك رامكىلار ئىچىگە ئىدىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، كىشىگە گۇيا چوڭ مۇزېيلاردا تۇرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. be}u }:#  
زال ئىشىكىگە ئۇدۇللاپ ئورنىتىلغان يوغان تاختايغا ئۇيغۇر، خەنزۇ، ئېنگلىز تىللىرىدا مۇنداق مۇقەددىمە سۆزلىرى يېزىلغانىدى:‹‹20 ئەسىرنىڭ 90-  يىللىرىدا باشلانغان قىزىل سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى قىزىلنىڭ تارىىتىن بۇرۇنقى مەدەنىيىتىنىڭ بايقىلىشىغا پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.ئۈچ يىل داۋاملاشقان ئارخىئولوگېيىلىك قېزىشتا، باي ئويمانلىقىدىكى تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسى ئېچىپ تاشلىنىپ، بۇندىن 2400-3000يىللار ئىلگىرىكى چاغلارغا مەنسۇپ بولغان شانلىق مەدەنىيەت قوغداپ قېلىندى. ئارقىدىنلا، ئارخىئولوگېيە خادىملىرى يەنە يىل دەۋرى جەھەتتىن ئەمىنىيە، يېغىلىق دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدىغان دوگان قەبرىستانلىقىنى قازدى. قىزىل قەبرىستانلىقى بىلەن دوگان قەبرىستانلىقىدىن جەمئىي 258 قەبرە قېزىلىپ، تاش، ساپال، سۆڭەك، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ئەينەك قاتارلىق كۆپ خىل ماددىلاردىن ياسالغان مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىق بۇيۇملىرى ھەم بىر تۈركۈم قىممەتلىك ئىنسانشۇناسلىق ئەۋرىشكىلىرى يىغىۋېلىندى. بۇ ئىككى ئورۇندىن قېزىۋېلىنغان تارىخى يالدامىلار مەزمۇنىنىڭ مول ھەم رەڭدارلىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ روشەنلىكى بىلەن 20- ئەسىر ئاخىرىسىدا شىنجاڭ ئارخىئولوگىيە ساھەسىدە  قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ يالدامىلار جەنۇبىي  تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىنىڭ برونزا قوراللار ھەم تۆمۈر قوراللار دەۋرىدىكى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا، بولۇپمۇ كۈسەن رايونىنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە›› is <`e{?#  
تۇرسۇنجاننىڭ چېھرىدە غۇرۇر، ئىپتىخار نۇرلىرى چاقنايتتى.ئۇ بىزنى ئەگەشتۈرگىنىچە،گويا نەچچە يۈزلىگەن ئېكىسكۇرسىيىچى ئالدىدا سۆزلەۋاتقاندەك، تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرگەزمە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى: J?t t#?[  
-ئاپتونوم رايونلۇق ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملار 1991—1992- يىللىرى قىزىل دەريا ساھىلىدىكى قەبرىستانلىقتا قېزىش ئېلىپ بېرىپ، مىڭ خىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت- يادىكارلىق بۇيۇمىنى قېزىۋالغان. بۇ بۇيۇملار ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىش جەريانىدا، بىر قىسمى گېرمانىيە، شاڭخەي قاتارلىق دۆلەت ۋە شەھەرلەردە كۆرگەزمە قىلىنغان.مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى ئارقىسىدا، بىز 2007- يىلى 6-ئاينىڭ 14- كۈنى بۇ بۇيۇملارنىڭ 150 دانىسىنى ناھىيىمىزگە يۆتكەپ كېلىپ، ئىككى ئايلىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق 280 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى مۇشۇ كۆرگەزمىخانىنى قۇرۇپ چىقتۇق. بىر قىسىم يادىكارلىقلىرىمىز ھېلىمۇ ۋىلايەتلىك مۇزېيدا ساقلانماقتائ كۆرۈپ تۇرۇپسىلەركى، پۈتكۈل كۆرگەزمە قەبرىلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىكى، دەپنە ئادىتى ۋە ھەمدەپنە بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، سىپتا تاش قوراللار، مىس قوراللار، جەمئىيەت خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدىغان بۇيۇملار ھەم نۇقتىلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن ئىبارەت بىر قانچە چوڭ تۈرگە ئايرىلغان. مانا ماۋۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك،- تۇرسۇنجان بىزنى قىزىل قەبرىستانلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن چوڭ پورماتلىق سۈرەت ئالدىغا باشلاپ كەلدى- دە، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،ـ قەبرىستانلىق قىزىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سايلىققا جايلاشقان، قەبرىلەر ئاساسەن ئورەك شەكلىدە كولىنىپ، جەسەت قويۇلغاندىن كېيىن، چالا كۆيدۈرۈلگەن قارىغاي ياغىچى بىلەن تىندۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش، توپا دۆۋىلەنگەن.قەبرىلەرمۇ ئۆز ئىچىدىن بىر جەمەتكە مەنسۇپ قەبرە، قوشۇپ كۆمۈلگەن  قەبرە، قايتا يۆتكەلگەن قەبرە ۋە كۆپ جەسەت قويۇلغان قەبرە دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلغان.قوشۇپ كۆمۈلگەن قەبرىلەر ئالاھىدە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.ئەمدى بىز نەزىرىمىزنى ھەمدەپنە  بۇيۇملار  بۆلۈمىگە ئاغدۇرىدىغان بولساق،جەسەتلەرنىڭ بېشى ئومۇمەن غەربكە قارىتىپ قويۇلغان. ھەمدەپنە  بۇيۇملار بولسا جەسەتلارنىڭ باش تەرىپىگە قويۇلغان. ھەمدەپنە  بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمى رەڭلىك جوغىلىق قۇلاقلىق جام، قۇلاقلىق قازان، ساپال قەدەھ، برونزا پىچاق، برونزا زىننەت بۇيۇملىرى، قەدىمكى پارىس مەدەنىيىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۆڭەك مارجان؛تاش قوراللار، دېھقانچىلىق ھەم چارۋىچىلىقتا ئىشلەتكەن ئوتتۇرىسى تۆشۈك ئوتىغۇچ، كولىغۇچ،قازغۇچى بۇيۇملار، سوقۇش- يونۇش بۇيۇملىرى، ھەتتا تاش قەلەم، سۈرمە قاتارلىقلاردىن تەركىبلەنگەن. بۇ بۇيۇملارنىڭ ئىچىدە قۇلاقلىق جوغىلىق ساپال بۇيۇملارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بۇ بۇيۇملارنىڭ يۈزىگە قىزىل گىل بۇياق بىلەن پىرامىدا شەكىللىك،تاغ شەكىللىك، سۇ شەكىللىك نەقىش- بىزەكلەر چۈشۈرۈلگەن. سىپتا تاش قوراللار بىلەن برونزا قوراللارنىڭ بىرگە مەۋجۇت بولۇشى، قەبرىلەردىن زىرائەت ئورۇقلىرى بىلەن كالا، جەرەن سۆڭەكلىرىنىڭ بىرلىكتە تېپىلىشى ئەينى دەۋردىكى قىزىل رايونىدا چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن دېھقانچىلىق ئىگىلىكىنىڭ بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. `*tXjpBv  
تۇرسۇنجان باي قەلەمكەشلىرىگە يۇرت تارىخىدىن بىر مەيدان ئەھمىيەتلىك دەرس سۆزلەپ بەردى. بۇ پائالىيەت ئەدەبىياتنىڭ رومانتىك ھاياجانلىرى تەرىپىدىن مەستخۇشلانغان،تارىىخ تۇيغۇسى سۇس ياش قەلەمكەشلەر ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. مەن كۆرگەزمىنىڭ خاتىمە قىسمىدىكى ‹‹قىزىل قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان بۇ تارىخى يالدامىلار باي- قىزىل مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئوينىغان رولىنى چۈشىنىشىمىزنى پايدىلىق ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ››دېگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇۋېتىپ، ‹‹ بۇ كۆرگەزمە باي ناھىيىسىنىڭ تارىخ- مەدەنىيىتىنى چۈشۈنىشتىكى يورۇق كۆزنەك ئىكەن››- دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. \5!C:vl  
شۇنىڭدىن 10 كۈنلەر كېيىن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت  يادىكارلىقلىرىنى قوغداش- باشقۇرۇش ئورنىدىكى ئەسقەر قاسىم بايغا كەلگەندە، ماڭا قىزىل قەبرىستانلىقىنى ئەڭ دەسلەپ  تۇرسۇنجاننىڭ بايقاپ، ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئىشنى تۇرسۇنجاندىن سۈرۈشتە قىلىۋېدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىلى 11-ئايدا ‹‹3 توپلام››خىزمىتىگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلاش ئۈچۈن قىزىل تۇرغا بارغاندا، ئىلگىرى شۇ ئورۇندا ئات بەيگىسى قىلغان يەرلىكلەرنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى ئاساسىدا، دەسلەپكى قەدەمدە 150تىن ئارتۇق قەبرىنى بايقاپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت  يادىكارلىقلىرىنى قوغداش- باشقۇرۇش ئورنىغا مەلۇم قىلغانلىقىنى قىسقىلا سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇنىڭ باي ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئىچىمدە يەنە بىر قېتىم ئاپىرىن ئېيتتىم. n0!sIgl  
0RY C8X  
4-مەڭگۈلۈك سايرام =C/%]{bF  
E$`,C8   
كىچىك چاغلىرىمدا بىرەر ئىشقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەر ئاغزىدىن‹‹يا سايرامدىن چىقسۇن، يا بايدىن››دېگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايتتىم ھەم سايرام دېگەن قانداق يەردۇر؟ بىر كۆرۈپ باقسام...دېگەندەك خىياللارنى سۈرەتتىم.ستۇدېنتلىق ھاياتىمنىڭ تۇنجى يىلى،شىماللىق ساۋاقداشلىرىم ئاغزىدىن بۆرتالادىكى سايرام كۆلىگە تىمسال قىلىنغان ‹‹يا سايرامدىن چىقسۇن، يا قاينامدىن››دېگەن ئىبارىنى ھەم سايرام كۆلىگە بېغىشلانغان تەسىرلىك شېئىر-غەزەللەرنى ئاڭلاپ، ھاياجانلىنىپ يۈردۈم.بۇ خىل ھاياجان قەلبىمگە بالىلىق چاغلىرىمدا ئورناپ كەتكەن سايرام مۇھەببىتىدىن غالىپ كېلىپ، كېيىنكى يىلى كانىكولدا مېنى سايرام كۆلى بويىغا باشلاپ كەتتى. قىزىق يېرى،كېيىنكى ئوقۇش يىللىرىدا قەلبىمدىكى ئىككى سايرامغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەردە يەنە داۋالغۇش يۈز بەردى. بۇ چاغدا مەن موللا مۇسا سايرامى بىلەن نىمشېھىت ئەرمىيادىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك شەخسنىڭ مەن بالىلىق چاغلىرىمدا بېرىشنى ئارزۇ قىلىدىغان سايرام دېگەن يۇرتتا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى، ھەر ئىككىسىنىڭ سايرام نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلگەنىدىم ھەم بۇرۇنقى چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى چوڭ ۋىلايەتلەرنىڭ بىرسى سۈپىتىدە دەۋران سۈرگەن، ئەمدىلىكتە  باي ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغان سايرامغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغانىدىم. ئەپسۇسكى، كېيىنكى خىزمەت ھاياتىمدا، ئاقسۇ ئەتراپلىرىدا كۆپ قاتراپ يۈرگەن، ھەتتا باي ناھىيىسىگە بىر قانچە قېتىم قەدەم باسقان بولساممۇ،ئىلمىي كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە سايرام يېزىسىغا بېرىپ باقمىغانىدىم.چۈنكى ئۇ يىللاردا مەن ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئادىمىيەت ئىلمى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى تولىمۇ كەمچىل، تۇرمۇش رېئاللىقىدىن كۆرە تەبىئەت مەنزىرىلىرىگە بەكرەك پەيزى بار ئاممىباب بىر ئادەم ئىدىم.مانا، مۇرەككەپ ھايات قايناملىرىدىن ھېكمەت ئۈنچىلىرىنى سۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئازدۇر- كۆپتۇر بىلىپ قالغان ئاسايىشلىق بىر پۇرسەتتە،سايرام يېزىسىغا بىر ئەمەس، ئۈچ مەرتەم باردىم.تېخى،خېلى ئەتراپلىق كۈزەتتىم. 5_k}4='  
مەن 17- ماي( شەنبە)كۈنى سەھەردە ناھىيىلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇنجان، ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پىنسىيونىرى قېيۇم مەمتىمىن، ناھىيىلىك ماليە ئىدارىسىدىكى قەلەمكەش دوستىمىز قۇربان مولنىياز قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تۇنجى قېتىم سايرام يېزىسىغا زىيارەتكە باردىم. yt>@}[  
بۈگۈن سايرامنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا،سايرام بازىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى.باي- كۇچا تاشيولىدىن توغرىسىغا جەنۇپ تامان سوزۇلغان چوڭ يول- يېزا تەۋەسىدىكى مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارمەركەزلىك جايلاشقان رايون بولسىمۇ،بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك بازاردا ئۇششاق يايمىچىلارغا ئوڭچە قالغانىدى.چوڭ يولدىكى تىقما- تىقما ئادەملەر توپى ئارىسىدا،ماشىنا –موتسىكلىتلار يېقىمسىز سىگناللىرى ئارقىلىق ئادەملەرنى ھەر تەرەپكە ئۈركىتىپ ئۆتۈپ كەتسە،بىردە تۇرۇپلا،ئۈستىدە ئۇزايىدىن توپا يېغىپ تۇرىدىغان بومبا ساقاللىق بوۋايلار،قورۇلۇپ مۇشتەك بولۇپ قالغان بولسىمۇ،كۆزلىرىدىن يېشىل نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ياشقا چوڭ مومايلار تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان كونا پاسوندىكى ئېشەك ھارۋىلىرى پەيدا بولۇپ، ئادەملەر توپىغا ماس ھالدا ھەر تەرەپكە چايقىلاتتى،ھارۋىلارغا ھېچكىم يول بېرىدىغاندەك قىلمايتتى.يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى قاقىرامچىلىقتا تەرلەپ –پىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، ئۆز ماللىرىغا خېرىدار ساقلاۋاتقان يايمىچىلار  تاقەتسىزلىك ئىچىدە ھەر تەرەپكە بويۇنداشقىنىچە جىمجىت ئولتۇرىشاتتى.بىرەر كىمنىڭمۇ ئۆز ماللىرىنى ماختاپ ياكى خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى. hcd1f4q&  
بىز بازارچىلار توپى ئىچىدە تاسقىلىپ يۈرۈپ،يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىيپاش ئودۇلىدىكى دەرۋازىدىن ئۆتۈپ ئاستا ئىلگىرىلەشكە باشلىدۇق.سەل كەڭرىچىلىككە چىققاندا كۆردىمكى،ئەسلى بازار تۆت ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان مۇشۇ قاقاس ھويلا ئىچىدە قىزىيدىكەن.سايرام ھەم قوشنا يېزىلاردىن، ناھىيە بازىرىدىن ھەتتا كۇچا قاتارلىق قوشنا ناھىيىلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن ماللىرىدىن قۇراشتۇرۇلغان بۇ چوڭ بازار بەئەينى مەزەلىرى مول تىزىلغان داستىخانغا ئوخشايتت.مانا مۇشۇ بەرىكەتلىك داستىخان سايرام دېھقانلىرىنىڭ جان ھۇزۇرى،كۆڭۈل شادلىقى ھەم ھەپتىدە بىر يايرىۋالىدىغان جەنننىتى ئىدى.لېكىن سودا- سېتىق ھەر قانچە  قايناق بولسىمۇ،بازاردا شاۋقۇن- سۈرەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ھەممە ئادەم سايە تاشلىغۇدەك بىرەر تۈپ تېرەكمۇ ئۇچرىمايدىغان ئوچۇقچىلىقتا ھاسىراپ- ھۆمىدەشكىنىچە ئۆز ئىشى بىلەن بەنت ئىدى. "}i%!p9s  
بىز دوپپا بازىرىدىن ئۆتۈپ،ئوڭ تەرەپتىكى كەڭرى بوشلۇققا ئەگىلىشىمىز بىلەنلا قېتىق بازىرىغا دۇچ كەلدۇق ھەم بىر بىرىمىزگە قاراشقىنىمىزچە كۈلۈپ كېتىشتۇق. CRvW&D  
-ئۆمەرجان، ئىسسىق ئۆتۈپ كەتمىسۇن،بىرەر چىنىدىن قېتىق ئىچىلى، ئاۋۇ ئايالدىن سېتىۋاتقانلىرى نېمىنىڭ قېتىقى، دەپ سوراپ باقسىلا،-دېدى تۇرسۇنجان چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ. 1Si%.^$0oL  
-ئاناڭنىڭ قېتىقى، دەپ تىللاپ كەتسە قانچە خوش بوپ كېتەسىلە ھە،- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي. ram`kzkz  
قېتىق بازىرى ناھايىتى قىزىپ كەتكەندەك قىلاتتى.بىر چەتتىكى توپ تارقىتىدىغان قېتىقچىلار ماشىنا- بولكىۋايلارغا تۇڭ- ئىدىشلارغا قاچىلانغان قېتىقلارنى بېسىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.ئۇلارنىڭ بىر- ئىككى چىنىدىن قېتىق ئالىدىغانلارغا قاراشقا چولىسى يوقتەك قىلاتتى.شۇ ئارىدا قېيۇمكام: cwjhg(KvA  
-ئاقسۇ، كۇچا،قەشقەر،ئاتۇشلاردىكى دوغاپچىلارمۇ سايرامدىن قېتىق يۆتكەيدۇ.ئاخىرى بېرىپ ئۆزىمىزگە تەگمەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ قېتىقمۇ.-دېدى قۇلىقىمغا شىۋىرلاپ تۇرۇپ. f@QAW@/wK  
بىز قېتىق ئىچىش ئۈچۈنبۇلۇڭدىكى پارچە قېتىقچىلارنىڭ ئالدىغا باردۇق.پارچە قېتىقچىلارنىڭ ئالدىمۇ خېلىلا ۋالىۋاش بولۇپ،ھەممە يەر يوغان جانان چىنىلەرگە ئۇيۇتۇلغان،ئۆپكىدەك لىغىرلاپ تۇرىدىغان قايماقلىق قېتىقلارنى خۇددى ئاش ئىچىۋاتقاندەك خولۇپشىتىپ ئىچىشىپ ئولتۇرغان كىشىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى.بىز چىڭقى چۈشنىڭ كۈچلۈك ئاپتىپىدا بوشىشىپلا كەتكەچكە،بىر ئارىلىققا قىسىلدۇق- دە، خېلىلا ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ،ئوبدانلا ياسىنىپ –تارىنىۋالغان ئاقپىشماق مومايدىن تۆت چىنە قېتىق ئېلىپ ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە باشلىدۇق.بىر كەمدە قېتىقچى موماي بىزگە قايرىلىپ تۇرۇپ: ct+{G|P}  
-غوجىلىرىم،نەدىن كېلىشلە؟ نېمىنىڭ قېتىقى دەپ سوراپمۇ قويماي ئىچىپ كېتىشلىغۇ؟،-دەپ بىزگە گەپ ئاتتى. tv"4zR  
بىز ئاغزىمىزدىكى قېتىق يۇقۇندىلىرىنى بىر بىرىمىزگە پۇرقىشىپ تۇرۇپ  تېلىقىپ كۈلۈشتۇق. كۈلكىدىن ئاران بېسىقىپ تۇرىۋىدۇق، قۇربان مولنىياز ئىش تاپتى.ئۇ: &_j{lj*4  
- مۈڭگۈزى يوقنىڭ بۇلۇپ قالمىسىلا چاتاق چىقمايدۇ،-دەپ مومايغا چاقچاق ئارىلاش گەپ قايتۇرىۋىدى، موماي: swMTby6w  
-بايدىن مۈڭگۈزى بارنىڭكىگە ئامراق بىركىملەر كېلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلاپ،مۈڭگۈزى بارنىڭ قايمىقىدىن ئېپ كەلگەن،خاتىرجەم ئىچىۋەرسىلە،- دەپ تېزلا ئىنكاس قايتۇرۇپ،بىزنى يەنە كۈلدۈرىۋەتتى.قۇربان مولنىياز ئىچىۋاتقان قېتىقىنى يەرگە قويۇپلا كېتىپ قالدى.بىز بۇ گەپدان موماي بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كېيىن،ھاپىز ھاكىم ئىسىملىك ئەلنەغمىچى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بازار سىرتىغا ماڭدۇق.تۇرسۇنجان قېتىقنىڭ بىر چىنىسىگە  ئىككى كويدىن ھېساپلاپ پۇل تۆلىدى. Pz*K;Du1  
بىز قايناق بازارنىڭ دوقمۇشىدىكى ئاشخانىدا  تاماق يېگەچ ھاپىز ھاكىمنى ساقلىدۇق.ئاشخانا خوجايىنى ئالدىمىزغا ئىككى چىنە قېتىقنى ئەكىلىپ قويۇۋىدى،پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى يەنە قېتىققا يۆتكەلدى. Hr2EKhS  
-سايرام قېتىقىنىڭ داڭلىق بولۇشى، بۇ يۇرت مۇھىتىنىڭ ساپ- پاكىزلىقى ھەم سۇ،ئۆت- چۆپلىرىدىكى مېنىراللىق تەركىب،دورىلىق ماددىلارنىڭ ككپ بولۇشىدىن باشقا، يەنە يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن؛ سايراملىقلار سېرىق كالىنىڭ سۈتىدە قېتىق ئۇيۇتۇشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن.مېدىتسىنادىمۇ سېرىق كالىنىڭ سۈتىدە ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلىكى تىلغا ئېلىنىدىكەن. ئۇندىن باشقا،سايراملىقلار سۈت قايناتقاندا ئوتنى سۇس قالاپ، سۈتنى توختىماي سورۇپ،سۈتتىكى سۇ تەركىبىنى پارغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.ئاندىن سۈتنى چىنىلەرگە قويۇپ،بىر قوشۇقتىن كۈنەگە سالغاندىن كېيىن ئۈستىنى يۆگەپ قويىدۇ.ئالاھىزەل سەككىز سائەتلەردىن كېيىن قېتىق ئۇيۇيدۇ،-قېيۇمكام چوڭ چىنىدىكى قېتىقلارنى پىيالىلەرگە بۆلۈۋېتىپ شۇنداق دېدى. @F Z =+5  
-ئۇنداقتا، ئېشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق، دېگەن گەپ نەدىن كەلگەن؟-قېيۇمكامدىن سورىغان سۇئالغا قۇربان مولنىياز جاۋابەن ئارىلاشتى: oJ,qic;1@?  
-ئېشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق،دېگەن گەپنى دەمسىز؟ مەن بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغان،بۇنىڭ مۇنداق تارىخى ئاسارسى بار ئىكەن. ئېيتىلىشىچە،بۇندىن 500يىللار بۇرۇن،يەكەن خانلىقىنىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىسى ئەپىس دېگەن كىشى باي ناھىيىسىنى تالان- تاراج قىلغاندا،ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرى سايرامغا كەپتۇ ھەم سايرام قېتىقىغا ئامراق بولۇپ قاپتۇ.ئۇلار يەرلىك خەلقنى كۆپلەپ قېتىق بىلەن تەمىنلەشكە قىستاپتۇ،بۇ چاغلاردا سېرىق كالا ئاز بولغاچقا، سايراملىقلار ئۇنچە زور قوشۇننى قېتىق بىلەن تەمىنلەپ بولالماپتۇ.ئەسكەرلەر ئۆيمۇ- ئۆي ئاختۇرۇپ قېتىق ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ،نۇرغۇن ئاھالە باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بىر كۈنى بىر ئەقىللىق ئايال ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئەسكەرلەر  قېتىق ئىزدەپ يۈرۈپ، دەل شۇ ئايالنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە،ئۇ ئايال قەستەنگە‹‹بۈگۈن قېتىق ئۇيۇتالمايدىغان بولدۇق،تەخەي ئېشەكنى ئىمىۋاپتۇ ئەمەسمۇ››-دەپ ئۈنلۈك ۋارقىراپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر  ھۆ قىلىشىپ، سايرام قېتىقىنى ئىچكەنگە مىڭ پۇشايمان قىلىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، سايرام خەلقى قېتىق ئالۋىڭىدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. لېكىن ئەسكەرلەر بارغانلا يېرىدە ‹‹سايراملىقلار ئېشەك قېتىقى ئىچىدىكەن››دېگەن گەپنى تارقىتىپتۇ، بۈگۈنكى سايراملىقلار بۇ گەپنى ئۆز ئارا چاقچاق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. ymMVR$t   
مەن يەنە سۇئال تاشلاي دەپ تۇرۇشۇمغا،سىرتتىن بىرسىنىڭ UP.&O0ql  
-سارام(1) سەنىمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندىن كەلگەن رەھبەرلەر قايسى بوشاڭدا؟- دېگەن بۇغۇق ئاۋازا ئاڭلاندى.ئارقىدىنلا گەۋدىلىك،سېمىز كەلگەن بىر كىشى بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا ئۈسسۈپلا كىردى. ئۇ  بىز ساقلاۋاتقان ھاكىم ھاپىز دېگەن كىشى ئىكەن. 2 a_}3  
ھاپىزكام ئىنتايىن قىزغىن، سەنئەت دېسە جېنىنى بىرىدىغان، كېلىشەڭگۈ كىشىكەن. ئۇ سورۇنغا كىرىپلا تاقەتسىزلىك ئىچىدە قايناپ سۆزلەپ كەتتى: `,z;w  
-ئۆزلىرىنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم،بۇرۇنراق بىلگەن بولساق،بۇ چاققىچە نەچچە  قېتىم ئەكىلىپ بولىتۇق سارامغا،بۇ ياققا يېنىپ كەلسىلە، زېرىكىپ قالىلا بايدا. بىزدە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر يۈرۈش سەنەم پەدىلىرى بار ئىدى،ئۆزلىرىگە بىر دوكلات قىلساق، مۇشۇ ئىشىمىزنى قوللاپ، غەمخورلۇق قىلىپ قويسىلا بوپتىكەن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن بەزىلەر كېلىپ تەكشۈرگەن، لېكىن كۇچا ئاھاڭلىرىغا ئوخشايدىكەن، سارام سەنىمى دەپ ئاتاشقا بولمايدىكەن، دەپ كېتىپ قېلىشتى. بۇ يەردىكى مەسىلە سارامنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. سارام دېگەن ئۆز دەۋرىدە ۋىلايەت بولغان جاي تۇرسا،ئۆز ئالدىغا ناخشا- سەنەملىرى بولماي قالارمۇ؟ تېخى يېقىنقى چاغلارغىچە توقسۇن، قىزىل ھەتتا  قېيىر يېزىلىرىمۇ بىزگە قالايتى. كۈسەن مەدەنىيىتى دېگەنمۇ يالغۇز كۇچانى كۆرسەتمەيدۇ،كۇچانى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى جىمى يۇرتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.نۇرغۇن ئېرىق- ئۆستەڭلەر بىرلىشىپ دەريا ھاسىل قىلغاندەك گەپ بۇ. شۇنداقكەن، سارام سەنىمىدە كۇچا ئاھاڭلىرىغا ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي- دە. قوپسىلا بىزنىڭكىگە كېتىلى، مەن نەغمىكەشلەرگە خەۋەر قىلاي،بۇ ئىشنى يەنە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ... 6g @?O  
ھاپىزكام قول تېلېفونىنى چىقىرىپ كىملەرگىدۇ خەۋەر قىلىشقا تەمشىلىۋىدى،مەن كېيىنكى ھەپتىسى مەخسۇس سايرام سەنىمىنى تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى پەيلىدىن تەستە ياندۇردۇم.بىز ئۇنىڭ بىلەن تەستە خوشلىشىپ ناھىيە بازىرىغا قايتتۇق. ly9am A  
كېيىنكى ھەپتىسى مەن سايرامنىڭ بازار كۈنىگە توغرىلاپ، پېشقەدەم شائىر زوردۇن ئىمىرنىڭ ھەمراھلىقىدا سايرامغا ئىككىنچى قېتىم باردىم. ھاپىزكام بىر قانچە نەغمىچىلەر بىلەن يولىمىزغا قاراپ تۇرغانىكەن،بىزنى يېزا بازىرىنىڭ قۇيرۇق تەرىپىدىكى چوڭ مەرىكە زالىغا باشلىدى. چايدىن كېيىن،ھاپىزكامنىڭ تەشكىللىشىدە نەغمە باشلاندى،ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تەمبۇر بىلەن تەڭكەش قىلىشىپ بەردى.نەغمىچىلەر ئىنتايىن قىزغىن،شوخ ئىدى.تېخى بايىلا كوچىدا ئەسكى چاپان ئىچىدە دۈگدىيىپ تۇرۇشقان بۇ كىشىلەر مانا ئەمدى، داپلارنى ئوينىتىپ چېلىشىپ،شوخ، جۇشقۇن ناخشىلىرىنى ئەگىتىپ ئوقۇپ زالنى بىر ئالدى.پۈتۈن ئاھاڭ 14 يۈرۈش بولۇپ، تولۇق بىر قېتىم ئورۇنلاپ چىقىشقا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقت كەتتى.زوردۇنكام ئىككىمىز تەھلىل قىلىش ئارقىلىق،پۈتكۈل ئاھاڭ ئىچىدىكى كېيىنكى بەش  ئاھاڭنىڭ نەق كۇچا ئاھاڭلىرىنىڭ  ئۆزى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلدۇق. نەغمىدىن كېيىن ھاپىز ھاكىم ‹‹سايرام سەنەملىرى ھەققىدە››سەرلەۋھىلىك قېلىن بىر قوليازمىنى ماڭا تاپشۇردى.مەن مۇھىم جايلىرىنى ئامال قىلىپ ژورنىلىمىزدا ئېلان قىلىپ بىرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.ناھىيە بازىرىغا قايتىۋېتىپ زوردۇنكامدىن ھاپىز ھاكىمنىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن يىل سايرام يېزىسىنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغانلىقىنى،ئارامغا چىققاندىن كېيىن.يېزا تەۋەسىدىكى نەغمىكەشلەرنى تەشكىللەپ، سايرام سەنىمىنى رەتلەشكە تۇتۇش قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم. e9n}sA  
6-ئىيۇن(جۈمە) كۈنى سەھەردە، مەن بۈگۈنكى باي زىيالىيلىرىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى ئۆمەر كېرەم باشلىق، تۇرسۇن تەۋەككۈل، ئېزىز قادىر، ئىبراھىم سۇلايمانلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈچىنچى قېتىم سايرامغا سەپەر قىلدىم.بۇ قېتىم ناھىيىلىك كوپىراتىپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىز قادىر ئۆزى ماشىنىسىنى ھەيدەپ چىققانىدى.بىز باي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ئۇچىقى كونا سايرامنى نىشانلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. |l0IJ_W  
بىز توقسۇن يېزىسىدا قىسقىچە توختاپ،موللا مۇسا سايرامىنىڭ يول ئۈستىدىكى قەبرىسىنى ھەم توقسۇن خانىقاسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، سايرام تەۋەسىگە كۆتەمە ئۆستەڭ ئارقىلىق ساي زەرەتنى ئەگىپ،كوناسايرام يولىغا چۈشتۇق. دەل شۇ چاغدا ئۆمەر كېرەم قارا دۆڭ بۇلاقتا 103 ياشلىق بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ قالدى.بىز قارا دۆڭ بۇلاقنىڭ شەرقىگە ئىككى كېلومېتىرچە مېڭىپ، ئىسمائىل ئېلى ئىسىملىك بۇ ئۆمۈر چولپىنىنىڭ ئائىلىسىگە يېتىپ يېتىپ باردۇق. ئۇ كىشى بىزگە كونا سايرامغا دائىر خېلى كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى.قايتىش ئالدىدا، ئېزىزجان ماشىنىسىنىڭ ئارقا بۆلمىسىدىن 150 يۈەن قىممىتىدىكى يۈرۈشلۈك ‹‹ئارمان  قۇۋۋەت تالقانلىرى››نى چىقىرىپ‹‹ماۋۇ ئۆمەرجاننىڭ كۆڭلىكەن››دەپ ئىسمائىل ئاكىنىڭ ئالدىغا قويدى. E.J,C,Q=  
بىز قارا دۆڭ بۇلاقنىڭ شەرقى، كونا سايرام يولىنىڭ جەنۇبىدىكى  مەيدە مەھەللىسى،چاڭچى بۇلاق،چامغۇر مەھەللىسى قاتارلىق كونا جايلاردىن ئۆتۈپ، ناھايىتى يوغان قارا تېرەكلەر بىلەن كۆجۈملىشىپ تۇرغان قەدىمى بىر بوستانلىق بويىدا توختىدۇق.ئۆمەر كېرەم ماڭا ئەتراپتىكى ناتونۇش مەنزىرىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى: 1;kp8d  
مۇشۇ يولنىڭ جەنۇبى يانبۇلاقنىڭ بېشى دەيمىز، يولنىڭ شىمالىدىكى ئاۋۇ تېرەكلىك جايدا كونا سايرام باشلانغۇچ مەكتىپى بارتى.كونا ئوتتۇرا مەكتەپ ئاۋۇ كۆرۈنۈپ تۇرغان قارا تېرەكلىك ئارىسىدا ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپ رۇس پاسۇنىدا تاختايلىق قىلىپ سېلىنغان بۇلۇپ، 1972- يىلىدىنم كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.باي ناھىيىسىدە پەننى مائارىپ سايرامدىن باشلانغان.مانا مۇشۇ جايلاردا 1934- يىلىدىن باشلاپ پەننى مەكتەپلار قۇرۇلغان. 4G$Sg?t  
بىز قۇچاق يەتكۈسىز قەدىمى تېرەكلەر، ئەسلى ھالىتىنى يوقاتمىغان جىگدىلىك،يىراقلارغا سوزۇلغان يايلاق- ئېدىرلىق ھەم شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۇلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆجۈملىشىپ تۇرغان كونا سايرام يولىنى بويلاپ داۋاملىق شەرققە مېڭىپ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەڭ،تاشقى سودا پونكىتى،ئۇلاق بازىرى، سېپىل قالدۇقى، باجخانا، گۇڭشې ئورنى قاتارلىق خارابە –ئىزلارنى ئارقىمىزغا قالدۇرۇپ،كونا دادۈي( ھازىر ئائىلىلىك رايونى)ئورنىدىن  جەنۇپقا قايرىلدۇق.ماشىنا ئاق تېرەك،قارا تېرەك،ئۈژمە،جىگدە كۆچەتلىرى قويۇق سايە تاشلاپ تۇرغان،ئىككى قاسنىقىغا تۇتش ئائىلىلىك ئۆيلەر جايلاشقان تار يولغا چۈشۈشى بىلەن ئۆمەر كېرەم: I9v?g1No~  
-مانا مۇشۇ كوچا ئىلگىرى قېتىق- قايماق بازىرى ئىدى،جەنۇبىي ئۇچى مازار بۇلاققا تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا بۇ كوچىنىڭ غەربى قاسنىقىغا  مەمتىمىن ئازناخۇنۇم  قاتارلىق بىر قانچە مۆتىۋەر كىشىنىڭ ئۆيلىرى ھەم بوتكا- دۇكانلار جايلاشقانىدى.شەرقىي قاسنىقىدا بولسا مەمەترېھىم ئەلەم، قاسىم ھاجى، مەمەترېھىم ياغلىق قاتارلىق يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ئۆيلىرى بارتى. بۇ كوچا ئۇلاغ بازىرىدىن  باشلىنىدىغان ئوتتۇرا يولنىڭ جەنۇبىي رەستىسى ئىدى.ئېزىزجان ئىككىمىزنىڭ ئۆيى ئالدى تەرەپتىكى  توغرا يولدا ئىدى،-دەپ تونۇشتۇرغاچ ماڭدى. \&J+mPl  
بىز قېتىق- قايماق بازىرىدىن چىقىپ، غەربىي قاسناقتىكى مەشھۇر سايرام خانىقاسىنى قىسقىلا زىيارەت قىلغاندىن كېيىن،داۋاملىق جەنۇبقا  قاراپ يۈرۈپ، مازار  بۇلاققا يېتىپ كەلدۇق. ئۆمەر كېرەم مېنى ناھايىتى يوغان بىر تۈپ تېرەك قېشىغا باشلاپ بېرىپ: w'u Rb}K.  
-مانا مۇشۇ جاي موللا مۇسا سايرامى مۇددەرىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىنىڭ ئورنى. ئەنە ئاۋۇ ئىسكىلات ئۆيلەر ئورنىدا بۇرۇن 18 ئېغىزلىق مەدرىس ئۆيلىرى باركەنتۇق،كېيىن بۇلاق بېشى ئەترىتى ئىشخانا ئورنىدا ئىشلىتىپتىكەن،بەك كونىراپ كەتكەندىن كېيىن ئىسكىلاتقا ئۆزگەرتىۋەتكەن.ئۇنىڭ شەرقى تەرىپى مەمەترېھىم ئەلەمنىڭ زىمىنى ئىدى.ئالدىمىزدىكى پەس تەرەپتە بىر ئېرىق بار،ئۇ يانبۇلاقتىن تارتىپ خېلى كۆپ جاينى سۇغۇرىدۇ. جەنۇب تەرەپ تاكى چكل تاغقا بارغۇچە سايلىق، چۆلتاغ باغرىدا مۇزات دەرياسى بار. بۇ جايدا بۇلاق كۆپ، ئەنە ئاۋۇ قەبرىستانلىقنىڭ ئايىغىدا كۆز ئاغرىقىغا پايدا قىلىدىغان بىر بۇلاق بولىدىغان،بۇ كەمگە قۇرۇپ كەتتىمىكىن،- دېگىنىچە  ئەتراپنى تونۇشتۇرۇپ چىقتى. e"K */rN  
مازار بۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ساپ ھاۋاسى قەلبىمدە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇردى. مەن بىز دەسسەپ تۇرغان ئېگىز قىيالىقتىن جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلگەن يايسىمان ئېدىرلىقلاردىكى تەبىئىي يەر تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ياسالغان پارچە- پارچە پەلەمپەي شەكىللىك ئېتىزلارنى،سەيلىكلەرنى خېلى ئەتراپلىق كۈزەتكەندىن كېيىن:‹‹بۇ يۇرت خەلقى يالغۇز قارا كۈچىگىلا ئەمەس،يەنە پاراسىتىگىمۇ تايىنىپ ياشايدىكەن››،-دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.بۇ چاغدا، ئۆمەر كېرەم بىلەن ئېزىزجان جەنۇب تەرەپتىكى ئويمانلىقتا سۇزۇلۇپ ياتقان،قويۇق دەرەخلەر ئارىسىدىكى گىرىمسەن شولىلار ئارىسىدا خىرە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يايلاق- ئېدىرلارنى ئىما قىلىشىپ، پىخىلداپ كۈلۈشكىنىچە قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. c2TS?$lE  
كېيىنكى زىيارىتىمىز شەكىل –قۇرۇلما يېقىدىن قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونىدىكى خالتا  كوچىلاردىن قىلچە پەرقلەنمەيدىغان ئەگرى- بۈگرى تار كوچىلارنى ئايلىنىش شەكلىدە داۋاملاشتى.مەن مۇشۇ پۇرسەتتە،سايرام خانىقاسىنىڭ 70 ياشلىق ئىمامى ئۆمەر كېرەم،100ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپىنى ئوسمان ئىسلام قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق،كونا سايرامنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردا ئاھالىلەر ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشقان، كوچا- رەستىلەر بوتكا- دۇكانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇرغان، سودا- سېتىق گۈللەنگەن قايناق بازار ئىكەنلىكىنى،يەر شەكلى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا پايدىسىز دەپ قارىلىپ، 1972- يىلى يېزا مەركىزى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن،بۇ بازارنىڭ ئاۋاتلىقى بارا- بارا يوقاپ، ئاھالىلەر تەرەپ- تەرەپكە كۆچۈپ كېتىپ، تەدرىجى چۆللىشىشكە يۈزلەنگەنلىكى، شۇنداقتىمۇ، يەرلىك ئاھالە ئۆز يۇرتىنىڭ ئىلگىرى چوڭ بازار بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغانلىقى، ھازىرمۇ ئەتراپتىكى قوشنا يېزىدىكىلەرنى ھەتتا ناھىيە بازىرىدىكىلەرنىمۇ ‹‹سەھرالىق›› دەپ ياراتمايدىغانلىقى،يېقىنقى زاماندا بايدا دەۋر سۈرگەن داڭدار كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇشۇ كونا سايرامدىن چىققانلىقى...قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلىۋالدىم. b&r)EZgd  
بىز كونا سايرام بازىرىنىڭ غەربىي قاسنىقىدىكى قېلىنلىقى بىر يېرىم مېتىر،ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىر كېلىدىغان سېپىل قالدۇقلىرىنى زىيارەت قىلغاچ،شىمالغا سۇزۇلغان تار كوچا ئارقىلىق تاختا كۆۋرۈك بويىغا چىقتۇق.يوغان پور تېرەكنىڭ سايىسىدا 8- 10 دېھقان قارتا ئويناپ ئولتۇرغانىكەن،ئۆمەر  كېرەم  بىلەن ئېزىزجانلارنى كۆرۈپلا ئالمان- تالمان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. CqVR=mbXrw  
ئېزىز لوبەن،سەرادا پۇل تاپالماي، شەگە كەپلادە سودا قىلغىلى،- شاپاق دوپپىسىنى قىستۇرۇپ كىيىۋالغان 65 ياشلاردىكى شاپ بۇرۇت، قاتاڭغۇر بىرەيلەن تېنچلىق سوراشنىڭ ئورنىغا ئېزىزجانغا گەپ ئاتتى. .tpi?S  
-ھەي پوچى سەرالىقلا، بازانىڭ كىندىكىدىن كەلدۇق بىز،سايرامنىڭ سۈيى زىيان  قىلدىمۇ؟بازاغا باماس بوپكەتتىڭلا،شۇڭا ئالدىڭلىغا سالامغا كەلدۇق،-ئېزىزجان شۇنداق دېيىشىگە،بومبا ساقال،قۇش بۇرۇن،كۆزى بۈركۈتنىڭكىدەك چاقناپ تۇرىدىغان 75 ياشلاردىكى ئۇستىخانلىق بىر بوۋاي: m]$QJ|  
بازا دېگەن سارام بىلەن تۈگىگەن ئۇكام،ئۈژمىلىك بوممىسا ئۇ، بارىمەن دەپلا كېتىۋېرىدىغان.ياش چاغلىرىمىزدا،ھەي..ئەتە سارامنىڭ بازىرى دېگەن كۈنى، كېچىچە  ئۇخلىماي چاچ- ساقاللىرىمىزنى ياساپ،كوسەي- ئۆتۈكلىرىمىزگە قېيىرنىڭ قارا گۈللىرىنى ئۇرۇپ،مايلاپ چاقاتتۇق.ئەتىسى سەھەردە قايسى ئۆستەڭ قۇرۇق بولسا شۇنىڭ قىنىغا كىرىپ، پۇتىمىزنى تىزىمىزغىچە قۇمغا پاتۇرۇپ تۇرۇپ نەچچە يۈز قەدەمدىن ماڭاتتۇق. ئۆتۈك پاقىراپ،چىرايىمىز كۆرۈنگىدەك ھالەتكە كەگەندىلا كىرەتتۇق شەگە.كۆپە تۇماقلىرىمىزنى قىرلاپ كىيىپ، قولىمىزنى بەلۋاققا قىستۇرغىنىمىزچە قېتىق بازىرىغا كىرىدىغان بولساق،ھەي ئۇكام... چوكانلار كۆزىنى ئۈزەلمەي قالاتتى دەيمەن،-دېدى مەيدىسىدىكى ئاق تۈكلەرنى قاشلاپ تۇرۇپ. n$!E/z0  
-يامان ئوغرى ھاي بۇ،بىر قېتىم قېتىقچى خوتۇنغا قېتىق بېرەملا، دېمەي،قېتىپ بىرەملا دېيىشىگە، ئېرى ئاڭلاپ قېپ تازا ساپتىكەن. راستمۇ- يا،-دەپ گەپ قىستۇردى ياشراق بىرەيلەن. w@bf!~NP  
چاقچاق،پو ئېتىشلار شۇ يوسۇندا خېلى ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن،بىز بۇ زۇۋاندازلار بىلەن خوشلىشىپ، يولنىڭ شىمال قاسنىقىدىكى يەنە بىر سېپىل قالدۇقىنى زىيارەت قىلىشقا يۈرۈپ كەتتۇق. V=7 >HyZ=$  
بىر چاغدا ئېزىزجان سائىتىگە قارىۋىدى،ئەتىگەندىن بىرى ئۇيقۇچان ھالەتتە جىملا يۈرگەن تۇرسۇن تەۋەككۇل تولۇمدىن توقماق چىققاندەك: +2i{ BJ  
-تېزراق قايتىپ، پۇل تاپقىڭلار كېپ كەتتىما؟كىمگە ماشىنا ھەيدەۋاتقانلىقىڭلىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار  جۇمۇ؟، دەپ ئېزىزجاننىڭ چىشىغا تەگدى.ئېزىزجان تە بولۇپ،: EfC1>GS  
-توۋا دېسىلە دەيمەن ما ئادەمنى... گۇڭجۇدىن كېلىدىغان مال بار ئىدى،شۇڭا...سايرام ئۈچۈن بىرەر كىتاپ يېزىلىپ قالىدىغان ئىش بولسا جېنىمنىمۇ ئايىمايدىغان ئادەممەن،مەلىم جۈرسىلە،قاياققا ماڭىمىز؟-دېگىنىچە ئۆمەر كېرەمنى ئالدىرىتىشقاباشلىدى.تۇرسۇنكام بولسا، ئىبراھىم سۇلايماننىڭ دالدىسىدا پىخىلداپ كۈلەتتى. [x 
بىز كۈن ئولتۇرىدىغان چاغ بولۇپ قالغىنىغا قارىماي، ئۆمەر كېرەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، قىزىل يېزىسىنىڭ جىگدىلىك كەنتىگە موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەۋلاتلىرىنى ئىزدەپ ماڭدۇق.بۇ مېنىڭ پۈتكۈل باي سەپىرى داۋامىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر قەدىمىم بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم مەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەۋرىسى ئابلا قارىم ھەم باشقا تۇغقانلىرىنى  ئىزدەپ تېپىپ، ئۇلار بىلەن كېچىلەپ ئولتۇرۇپ سىردىشىپ، بۇ بۈيۈك ئالىمنىڭ جەمەت شەجەرىسىنى دەسلەپكى  قەدەمدە تۇرغۇزۇپ چىقتىم،ھەتتا موللا مۇسا سايرامىدىن قالغان مىخلىما ساندۇق،قارا چىراغ، قەلەمدان ھەم قوليازما قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى ئۆلچەپ- سىزىپ، سۈرەتكە تارتىپ ئارخىپلاشتۇرىۋالدىم. `<:iOef  
شۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۆزۈم ھەر جايدا قاڭقىپ يۈرگەن بولساممۇ،كۆڭۈل- رىشتىم كاتتا بازىرى كۆچۈرىۋېتىلگەن بولسىمۇ،ئەسلىدىكى روھى ئۆچمىگەن كونا سايرامنىڭ تاشلاندۇق، غېرىبانە كونا كوچا- رەستىلىرىدە، بىر زامانلاردا،سايرام بازىرىدا ياشىغانلىقى بىلەن تۆت ئەتراپىدىكىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىپ ئۆتكەن،‹‹بىز دېگەن شەلىك››دەپ مەيدە مۇشتلاپ دەۋر سۈرگەن،ئەمدىلىكتە بولسا تەقدىرگە تەن بىرىپ دېھقان بولۇپ كەتكەن ئەشۇ پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ پاكىز ھويلا- ئاراملىرى ئارىسىدا قانات قېقىپ يۈردى. o2Y 3^9  
2ugs6;XW  
P: N&Rrh{  
5-ياش ئەدىپلەر ئارىسىدا &^*P!Y2 6  
J:3Ga-~  
مەن باي ناھىيىسىدە ئىككى ئايغا يېقىن تۇرۇپ، يىغىن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ھەم بايغا ئاتاپ ئىككى سان ژورنال ئىشلەش داۋامىدا،بۇ ناھىيىدىكى ياش ئەدىبلەر بىلەن كەڭ –كۆلەمدە ئۇچرىشىپ، يېقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتتۈم ھەم ئۇلارغا دائىر  نۇرغۇن چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتىم. FrIC#f?  
بۇ ھەقتىكى تەسىراتىمنى مۇنداق ئىككى مىسال بىلەن باشلاي. wcDw^y"  
جۈرئەت ئىككىمىز بايغا كېلىپ ئەتىسى سەھەردە مېھمانخانا قورۇسىغا چىقىشىمىزغا،چوڭ تىپتىكى تېلېكامىرا ئاپپاراتىنى قولتۇقلىۋالغان بۇرۇتلۇق بىر يىگىت كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپ كەلدى- دە،قويۇن يانچۇقىدىن كومپيۇتېردا كۆپەيتىلگەن بىر پارچە سۈرەتنى چىقىرىپ،جۈرئەتكە  بىر قۇر سېلىشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن: &Qph0DU  
ۋاي-ۋۇي، جۈرئەت سەيپۇل دېگەن كىشى سىز ئىكەنسىزدە، Ia}_4oRRU;  
كېلىدىغانلىقىڭىزنى خېلى بۇرۇن ئاڭلىغانىدىم،تونۇيالماي قالماي دەپ ‹‹كروران››ژورنىلىدىكى ئامانگۈل ئارقىلىق سۈرىتىڭىزنى ئەكەلدۈرۈپ ساقلاپ  يۈرگەنىدىم، ئاخىرى كەپسىز مانا. ئۆمەرجان، سىزمۇ تېشلىق كەلدىڭىز؟بىز كىتابىڭىز توغرىلىق توردا  كۆرۈشكەن، مەن قەھرىمان،- دېگىنىچە بىز بىلەن قايتا- قايتىلاپ كۆرىشىپ كەتتى. P@gO~iEY  
      مەن شۇندىلا بۇ قىزغىن يىگىتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ياش شائىر قەھرىمان روزى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم ھەم ئۇنى جۈرئەتكە تونۇشتۇردۇم.ئىككىيلەن  كونا تونۇشلاردەك قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.مەن شۇ ئارىدا:‹‹قەھرىماندەك بازىرى ئىتتىك بىر شائىرنىڭ ژورنال باش مۇھەررىرىنىڭ سۈرىتىنى ساقلاپ يۈرۈشى قانداقتۇر خوشامەتچىلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس،بەلكى ئورتاق غايىنىڭ، كەسپى مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسى››دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم ھەم بۇ سەمىمى، تۈز كۆڭۈل يىگىتكە ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. }/_~uA::i_  
ماڭا تەسىر قىلغان يەنە بىر ئىش 25- ماي(يەكشەنبە)كۈنى يۈز بەردى.شۇ كۈنى چۈشتە،مەن ‹‹ئەسىر مەيدانى››دىكى شىپاڭ ئاستىدا قۇربان ئېلى، قەھرىمان روزى،ئېلى نىياز، توختى تۇرسۇن،پەرھات كېرەم،قۇربان مولنىياز قاتارلىق ياش ئەدىبلەر بىلەن سايىداپ ئولتۇراتتىم،توساتتىن، كۆزۈم يول بويىدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىنى ماتىلاپ يۈرگەن تونۇش بىرسىگە چۈشۈپ قالدى. سىنچىلاپ قارىۋىدىم،تېخى ئالدىنقى كۈنى ئېچىلغان‹‹ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى››دا تونۇشقان  ئابدۇللا يۈسۈپ ئىسىملىك ياش قەلەمكەش بولۇپ چىقتى. ئۇ ياتۇر يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.مەن ئەھۋالنى ھەمراھلىرىمغا ئېيتىۋىدىم،ئۇنى چاقىرىپ كېلىشتى. 8NC@ue  
-تۈنۈگۈن كەچتە مۇشۇ ئەتراپتىكى بىر  سورۇندا ئولتۇرۇپ قالغان،كەيپچىلىكتە ئىجادىيەت خاتىرەمنى چۈشۈرۈپ قويۇپتىمەن،-ئابدۇللا شۇنداق دېگىنىچە تولىمۇ مەيۈس ھالەتتە بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. - Tm2nGk  
ھەممىمىز ئۇنىڭ چۈشكۈن تۇرقىغا ئىچ ئاغرىتىپ جىمىپ كېتىشتۇق،بىر چاغدا قەھرىمان ئۇنىڭ ئىشتان يانچۇقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بىر توپ قەغەزنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئېچىۋىدى،‹‹خاتىرە ئىزدەش ئېلانى››بولۇپ چىقتى.ئېلان ئاستىغا ‹‹خاتىرەمنى تېپىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرگۈچىلەرگە 200مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىمەن›› دەپ ئېنىق يېزىلغانىدى. \-J{1JHCz  
بىر نامرات يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يوقالغان يانچۇق خاتىرىسى ئۈچۈن شۇ قەدەر ئېغىر بەدەلگە تەييارلانغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ تۇراتتىم، ھەمراھلىرىم تۇشمۇ- تۇشتىن سۆزگە كىرىشتى: })=VRI  
-ھەي... كىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەندۇ؟باشقا نەرسە بولسىمۇ مەيلىتى ئەمەسمۇ...،-توختى تۇرسۇن خۇرسىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دېسە،قەھرىمانمۇ  پۇرلىشىپ كەتكەن ئېلان ۋاراقچىلىرىنى تۈزەشتۈرگەچ: kdcqSid~>G  
ئۆتكەندە ياتۇرغا مۇخبىرلىققا چىققاندا ئۇ خاتىرىنى كۆرگەنىدىم،ئابدۇقادىر خالالىدىن،يالقۇن روزىلارنىڭ لېكسىيىلىرىدىن تارتىپ نۇرغۇن نەرسە بارتى،تۈنۈگۈن ئۆمەرجاننىڭ لېكسىيىسىنىمۇ تولۇق خاتىرىلىگەن ئىدى.ئالا، ئەجەپ ئىش بوپتا بۇ،- دېگىنىچە ھەسرەت چېكەتتى، ئادەتتە ئانچە كۆپ سۆزلىمەيدىغان پەرھات كېرىممۇ ئېسىلىپ تۇرۇپ؛ 53r '  
-كوچا سۈپۈرىدىغانلاردىنمۇ سوراپ باقىلى، ئەخلەت تۆكىدىغان يەرگىمۇ بارايلى،-دېگىنىچە ئۇلۇغ –كىچىك تىناتتى. Cdf Nb"J2  
-ئۆتكەندە مەنمۇ بىر خاتىرىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ... qO+>F#D1  
-بولدى- بولدى، قۇرۇق گەپ ئاقمايدۇ ئاداشلا،ئابدۇللا،  سەن ئېلىنىڭ موتوسىغا مىنىپ ماۋۇ ئېلانلىرىڭنى چاپلىۋېتىپ كەل!بىز ئەخلەت يىغىدىغانلاردىن سوراپ باقىلى،-گېپى ئوچۇق،تۈز كۆڭۈل قۇربان ئېلىنىڭ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ قىلغان بىر ئېغىز گېپى قۇربان مولنىيازنىڭ  سۆزىنى  بۆلىۋەتتى. o Wq0I3  
-خاتىرىنى تاپماي بولمايدۇ جۇمۇ،پۇلنى تېپىۋالغىلى بولىدۇ ئاغىنەم، سىزدە بولمىسا بىزدە بار.ئەدەبىياتنى دەپلا خەخنىڭ چىشىنى كوچىلاپ يۈرۈيمىز ما بايدا،-ئېلى نىياز ئابدۇللاغا  موتوسىنىڭ ئاچقۇچىنى بېرىۋېتىپ شۇنداق مەدەتلىك سۆزنى قىلدى. #~tLEo  
ئابدۇللامۇ موتولۇق يۈرۈپ كەتتى، بىز ئەتراپتىكى تازىلىق ئىشچىلىرىدىن خاتىرە سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە تارقالدۇق. `K3Xb)  
‹‹خاتىرە ئىزدەش ئېلانى››ناھىيە بازىرىنىڭ ئادەم توپلىشىدىغان 20 دىن ئارتۇق يېرىگە چاپلانغان بولسىمۇ، خاتىرە تېپىلمىدى،ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئابدۇللا دۇچ كەلگەن زور يوقۇتۇشقا ئېچىنىشتى ھەتتا ئۇنى مېھمان قىلىپ، كۆڭلىنى ياسىغانمۇ بولدى.لېكىن ئابدۇللادىكى سۇلغۇنلۇق يوقالمىدى.كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،يوقالغان خاتىرە ھەققىدىكى گەپ –سۆزلەر ئاستا- ئاستا پەسكۇيغا چۈشكەن بولسىمۇ،بۇ ئىش مەڭگۈلۈك ئەسلىمە سۈپىتىدە قەلبىمگە ئورناپ كەتتى. "3~G3XF+  
دېمەكچى،باي ناھىيىسىدىكى ياش ئەدىبلەر شۇ قەدەر ئىلىمخۇمار، ئىجادىيەت ئىشلىرىدا شۇ قەدەر پىداكار.ئەدەبىيات ئىشتىياقى گوياكى مۇستەھكەم روھى كەمەر سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بىر- بىرىگە شۇنچىلىك مەھكەم باغلىۋەتكەنكى، ئۇلار بوش ۋاقت تاپسىلا بىر يەرگە توپلىشىپ، ئەدەبىيات ھەققىدىكى بەس- مۇنازىرىلىرى، كىتاب- ژورناللار ھەققىدىكى باھا- ئوبزورلىرى،ئۆز- ئارا تەكلىپ –پىكىرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ پىنھان، بېكىك مەۋجۇدلۇق بوشلۇقىنى گۈزەللەشتۈرۈپ ياشايدۇ.مۇشۇنداق مىنۇتلاردا، ئۇلار شۇ قەدەر  ساددا- سەمىمىي، تەلەپچان،خالس نىيەت بولۇپ كېتىدۇكى،گاھ ئۈرۈمچىدىكى قايسى ئەدىب بىلەن قاچان، قايەردە، قانداق ئۈلپەتلەشكەنلىكىنى سۆيىنىش ئىچىدە  ئەسلىشىپ كەتسە،گاھ رايونىمىزدىكى گېزىت- ژورناللارنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ھەققىدە قىزغىن بەس- مۇنازىرە قىلىشىپ كېتىدۇ،تۇرۇپلا،بىرلىرى يېقىندا يازغان شېئىرلىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ، سەبداشلىرىنى  پىكىر بېرىشكە قىستىسا، يەنە بىرلىرى بىراۋنىڭ قاچانلاردىدۇر ئېلان قىلغان ھېكايىسىگە ئوچۇقتىن – ئوچۇق تەنقىد يۈرگۈزىشىدۇ. قىسقىسى، بۇ بىر توپ ئەدەبىيات ئاشىنالىرى گويا ئەدەبىيات ئۈچۈنلا تۇغۇلغاندەك،ئورتاق مەقسەتلەر يولىدا ئۆملىشىدۇ،ئۆز ئارا غەمخورلۇق قىلىشىدۇ،بىر- بىرىگە مەسئۇل بولىشىدۇ. Zo*-,}0  
ئۇلار ئەدەبىيات تۇرغۇسىدا شۇ قەدەر ساددا كۆرۈنگىنى بىلەن،تۇرمۇشتا ئانچە گۆل ئەمەس.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى خېلى- خېلى قازانلاردا قايناپ باققان،ئۆزىگە چۇشلۇق تاللىشى بار بەردەم يىگىتلەردىن.شۇنداق بولۇشىغا قارىماي،خەقنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك بىر- ئىككى پارچە ئەسەر ئېلان قىلىپ باققان بىرەر قەلەمكەش بۇ ناھىيىگە كېلىپ قالسا،ئۇلار چاقماق تېزلىكىدە يىغىلىپ، مۇرەسسەسىز ھالدا ئارىغا ئېلىپ، پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ئوينىتىدۇ، يايرىتىدۇ ھەم ئەدەبىيات توغرىسىدا كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىۋالىدۇ. 8b(Flg  
بايدىكى ياش ئەدىبلەر ئادەتتە خېلىلا باشباشتاقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن،ھالقىلىق پەيتتە،ئۆز ئۇستازلىرى- پېشقەدەم ئەدىبلەر بىلەن ئىچقويۇن- تاشقويۇن بولۇشالايدۇ.تومۇز ئاپتاپتا گۆدەك ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كېسەك قۇيۇپ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسىنى خالىس ياساپ قويغان ئۆمەر ئىسمائىل،ئۆز ‹‹ئەسلىمە››سىنى،شۇنداقلا جەمەتىنىڭ شەجەرىسىنى پۈتۈپ چىققان ئىسكەندەر مامۇت،بىكار بولسىلا تېزەك قاغىغا بېرىۋېلىپ نىمشېھىتكە دائىر ماتېرىياللارنى يىغىدىغان ئۇستاز ئۆمەر ساۋۇت، نىمشېھىت ئونباشقا پالانغاندا ھەر كېچىسى مۇزات دەرياسىدىن كېچىپ ئۆتۈپ،ئۇستازىدىن تەلىم ئالغان مەرھۇم ھەسەن ئوسمان،ئۆتكۈر پىكىرلىك مائارىپچى سىدىق نۇر،1980-يىللاردىن باشلاپ،‹‹مۇزات دولقۇنلىرى››ناملىق ژورنالنى قولىدا يېزىپ بىر قانچە يىل تارقاتقان قېيۇم مەمتىمىن،ئوت ئېلىكتىر ئىستانسىسىدىكى مەنسىپىگە قانائەت قىلماي 1500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان زوردۇن ئىمىر.... قاتارلىق ۋەقەشۇناس،يازغۇچى- شائىرلار ئۇلارنىڭ پەخرى،روھى يۆلەنچۈكى.‹‹غايىپ بولغان قەھرىمان››ناملىق بىرلەشمە توپلام ياشلار بىلەن پېشقەدەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ،ھەمكارلىقنىڭ نەتىجىسى.بۇ قىسقا يازمىدا ئەشۇ مەسئۇلىيەتچان پېشقەدەم ئۇستازلار توغرىلىق يەنە نېمىلەرنى دېيىش مۇمكىن؟ R-E\r3 1  
بايدىكى ياش ئەدىبلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بۈگۈنكى كۈندە مېۋە بىرىشكە باشلىدى.قۇربان ئېلىنىڭ ‹‹ئاق توشقان مەيخانىسى››ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىۋەتتى.ئىجادىيەتتە مەمتىمىن ھۇشۇرچە يول تۇتقان بۇ يىگىت ھېلىمۇ ئاددى ئادەملەر ئارىسىدىكى ئادىى ھادىسىلەردىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەسخىرە- كىنايە دېتاللىرىنى ئىزدىمەكتە. .Po t,@U3  
قەھرىمان روزى تېلېۋىزىيە خەۋىرى ئىشلەش ھەلەكچىلىكىدە تىنىمسىز پالاقلاپ يۈرسىمۇ،ئاساسلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلغان 500پارچىدىن ئارتۇق ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن تونۇلغان شائىر سۈپىتىدە قەلبلەردىن ئورۇن ئېلىپ بولدى قەھرىماننىڭ ئاشۇ تۈز مىجەزى،ساپ –پاكىز قەلبىلا بولىدىكەن ئۇنىڭدىن ياخشى شېئىر چىقىۋېرىدۇ. !3Hsbcm%  
ئېلى نىياز ئادالەت قاسىمدىن سىستېمىلىق تەلىم ئالغان چىش دوختۇرى.ئۇ ناھىيىلىك دوختۇرخانا، ئۆزىنىڭ ‹‹چىش كېسەللىكلىرى شىپاخانىسى››ھەم ئائىلىسى ئوتتۇرىسىدا قاتراپ يۈرۈپمۇ ئىجادىيەتنى قولدىن بەرمەيدۇ.ئۇنىڭ ‹‹دەرمانى››تەخەللۇسىدا يازغان شېئىرلىرى پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، تىلىنىڭ تاتلىقلىقى بىلەن كەڭ كىتاپخانلارغا خېلىلا تونۇشلۇق.يېقىندا، ئۇ ‹‹ئاشىق بۇلاق››ناملىق لېرىك ھېكايىسى بىلەن ئۆزىدىكى بەدىئىي ئېنىرگىيىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ZboXqSNg  
توختى تۇرسۇن ئاز، ئەمما ساز يازىدۇ.ئۇنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ››،‹كروران››قاتارلىق ژورناللاردا ھەم ‹‹يۈرەكسىز سۆيگۈ››ناملىق توپلامدا ئېلان قىلغان شېئىرلىرىنىڭ قۇر- قۇرىدىن شائىرلىق قېنى تامچىپ تۇرىدۇ.ئۇندىن باشقا،ئەدەبىياتقا پوۋېست ئىجادىيىتى بىلەن كىرگەن پەرھات كېرىمنىڭ ‹‹تارىم››قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلغان‹‹ يۇلغۇنبۇلاق››،‹‹جىغانسايدىكى تۈگمەن››قاتارلىق پوۋېستلىرى،قۇربان مولنىيازنىڭ قىسقا- قىسقا ئەدەبىي خاتىرىلىرى، ئېلى توختى ئەينەكنىڭ ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلغان تەسىرچانلىقى زور شېئىرلىرى،ئەنۋەر مۇھەممەتنىڭ ئەل ئىچىگە كەڭ تارقىلىپ كەتكەن دېداكتىك نەزمىلىرى،تۇنىياز ھېيت، ئالىمجان قۇربان، پۇلات ئىمىرنىياز،كامىل تۇنىيازلارنىڭ ئىزدىنىش تىپىدىكى ئەسەرلىرىمۇ ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. S~h'zc}2{  
مەن بايدىكى ئايال ئاپتورلار بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈش- تەھرىرلەش داۋامىدا،بۈۋىھەجەر ئەرمىيا، روشەنگۈل تۇنىياز، تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت،ئايشەمگۈل زارى، ئازادەم مەمتېلى،تۇرسۇنئاي قاسىم،زۆھرە نىيازلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن قىزلىق لاتاپىتىگە ئورالغان كۈتۈش، گۇمان، نارازىلىق ئالامەتلىرىنى،ئانىلىق سالاپىتىگە باغلانغان ساداقەت، شەرمى- ھايا، مەخپى ئىزتىراپ تىۋىشلىرىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم. TB8|f6w&  
ناۋادا، بىز بۇ ناھىيىدىكىى خەنزۇ ئاپتورلاردىن ھازىرغىچە ئىككى تارىخي رومان نەشر قىلدۇرغان ياش يازغۇچى رېن كېلياڭنىڭ ‹‹ئاتاقلىق تارىخشۇناس موللا مۇسا سايرامى ھەققىدە››،‹‹ۋەتەنپەرۋەر شائىر نىمشېھىت›› نامىدىكى ئەسەرلىرىنى ھەم شياۋ مېينىڭ ‹‹ئالۋاستى قەلئەسىدە››،پېڭ جۇڭيەننىڭ ‹‹ئەسىر مەيدانى قەسىدىسى››،ۋۇ يامېينىڭ ‹‹بايغا باغلانغان رىشتە››،شيۇڭ چىڭفاڭنىڭ ‹‹جەلبكار باي›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى مىسال مىسال قىلىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان بولساق، بۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇر ياش ئەدىبلىرىنىڭ تەپەككۇر قېلىپىدىكى قۇرغاق ھاياجاننى،ئىجادىيەت يۆنىلىشىدىكى ئابىستراكت رومانتىكىغا بېرىلىش خاھىشىنى ھەم بەدىئىي دىتىدىكى ئۆز يۇرتىدىن ئىپتىخارلىنالمايدىغان،ئەتراپىدىكى مەۋجۇت ھادىسىلەردىن ئىلھاملىنالمايدىغان كەمتۈكلىكىنى ئاسانلا بايقاپ قالىمىز.تەبىئەتتىن ياتلاشقان شەھەر ئەدىبلىرىگە زورمۇ- زور تەقلىت قىلىشتىن كېلىپ چىققان بۇ خىل يېتەرسىزلىك ئۇلار بىلەن قويۇق تارىخ تۇيغۇسى ھەم ماكان تۇرغۇسىدا ياشايدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئوتتۇرىسىدا ھاڭ شەكىللەندۈرۈپ قويغان. ئۇلار ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىسا مىللى كىملىكىنى يوقىتىپ قويغان بىر توپ ئاق كۆڭۈللەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. -qU/EgS"J  
مۇئەللىپ باي ئەدىبلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن بەختىيار كۈنلىرىنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ،ئاشۇ يامغۇرلۇق يەكشەنبىدىكى تەسىرلىك خوشلىشىشنى ئۇنتۇمايدۇ. $$5|gbn)}  
cb_wE(lq  
v{pn @xqU  
Q T=^z{  
.
باشقۇرغۇچى خۇشخۇي تېمىنى تەستىقلىدى .
| ۋاقتى : 2008-08-25 19:08 [باش يازما]
سۇۋادان
سۇۋادان تېرەككە مەدىيە...
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 12603
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1400
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1400دانە
شۆھرەت: 1342 كىشىلىك
پۇل : 25 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1440 نۇمۇر
قوللاش: 1446 نومۇر
ئالقىش: 1543 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :809(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاشۇكۆرۈمىسىز خالتا كوچا ئەمەلىيەتتە ھاياتقا قايناق مۇھەببەت باغلىغان بىرتوپ مېھرىبان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك جەننىتى،كىچىك ۋەتىنى ئىدى.چوڭلار گويا تۇرمۇشتىكى ئەڭ كىچىك مۇھتاجلىقنىمۇ بىرلىكتە يېڭىشكە قەسەم ئىچىشكەندەك،ئۆتنە-يېرىم قىلىشىپ،تاماق سۇنۇشۇپ ئۆزئارا ھۆرمەتلىشەتتى،ئىززەتلىشەتتى.بىز بالىلارمۇ خۇددى بىر بوۋىنىڭ نەۋرىلىرىدەك قىزىق-قىزىق ئويۇنلارنى ئويناپ يۈرۈپ،كىمنىڭ قازىنى بۇرۇن قاينىسا،شۇنىڭكىگە ئۈسسۈپلا كىرىپ كېتىۋېرەتتۇق.ئاخشاملىرىمۇقىڭغىر-قىيسىق تۇپاتاملارغا يۈلەنگىنىمىزچە چۆچەك ئېيتىشىپ تۈننى تەڭ قىلىۋەتكەندىن كېيىن،كىمنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بولسا شۇنىڭكىگە كىرىپلا ئۇخلاپ قېلىۋېرەتتۇق........... ^@4jmj84  
fT.2dS#k9  
نىمىدىگەن ياخشى قۇرلارھەجەپمۇ سېغىندىم بالىلىغىمنى.....قايتىلانمايدىغان ئۆتمۇشكە ئايلاندى شۇچاغلار......
Gulyar tori
ياشىغان ئىكەنسەن ئوۋ پەيىتلىرىدىكى بۆرىدەك ھۇۋلاشقا ، ئەتىياز پەسلىدىكى قۇرۇت - قۇڭغۇزلاردەك ئۆمىلەشكە ، ھۈپپىدە گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغۇ- بوستانلاردىكى بۇلبۇلدەك سايراشقا مەجبۇر بولىسەن. قىسقىلا ھاياتىڭدا مەمنۇن بولۇپ كۈلىدىغان ياكى پۇشايمان قىلىپ ئاھ ئۇرىدىغان ۋەياكى قايغۇ-ھەسرەت ئىسكەنجىسىدە ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك ئېچىشقان يۈرەكنى تاتىلاپ زار -زار يىغلايدىغان كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىسەن . بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئەسلىمە سۈپىتىدە ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ.بىر قىسىملىرى بولسا زاۋالدا كۆرگەن چۈشتەك ئاستا -ئاستا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ................
| ۋاقتى : 2008-08-25 19:24 1 -قەۋەت
taxway
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 1589
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
شۆھرەت: 55 كىشىلىك
پۇل : 1101 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
قوللاش: 44 نومۇر
ئالقىش: 49 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :275(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-18
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى  كۆرۈشكە  تەشنامەن.
| ۋاقتى : 2008-08-25 19:37 2 -قەۋەت
ئۈجمەكۆڭۈل
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11189
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 265
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە265دانە
شۆھرەت: 265 كىشىلىك
پۇل : 1660 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 302 نۇمۇر
قوللاش: 283 نومۇر
ئالقىش: 351 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

<باي>دىگەن ئاجايىپ ئىسىل يۇرۇت. *x4l`zM!  
قىزىل مىڭئۆي،ئىسسىق سۇ ئارشاڭى،ھور ئارشاڭ.........ئىشقىلىپ ساياھەت نوقتىلىرىمۇ كۆپ. 9[C\PT zX$  
بەكلا چەت بۇ ناھىيىنىڭ مۇشۇنداق تەرەققى قىلالىغىنىمۇ چوڭ ئىش بولدى. 1u-p?  
ئەجەپ سېغىندىم بۇ يۇرتنى.
كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرشايلى!
| ۋاقتى : 2008-08-25 19:59 3 -قەۋەت
خۇشخۇي
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى
مۇنبەر باشقۇرغۇچى سەھىپە باشقۇرغۇچى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى موللا تاپقاق
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 4
نادىر تېما : 10
يازما سانى : 43032
ئۇنۋان:ناھىپ پادىشاھ ھازىرغىچە43032دانە
شۆھرەت: 12516 كىشىلىك
پۇل : 54099 سوم
تۆھپە: 8463 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1441 نۇمۇر
قوللاش: 1054 نومۇر
ئالقىش: 2150 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دوسلۇق
توردىكى ۋاقتى :12959(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

سەندە خۇشخۇي ، مىڭ ئانىنىڭ مىھرى جەم ، ;BP:vk0Z  
شۇڭا مەن ئىشقىڭدا ياندىم ، تار كوچا. (@@mhc#  
مەيلى پارىژ ،مەيلى ئىستانبۇلدىمەن، ]= &tv(31  
سېغىنىش قەلبىمدە گۈلخان تار كوچا . *h  +s=  
dyvZAYD^  
bugra
كۆكلەي دېسەڭ سەلكىنىم ، سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ ؟
我心中的爱不在外^_^
| ۋاقتى : 2008-08-25 20:08 4 -قەۋەت
azizrosulkam
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11235
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 155
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە155دانە
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
پۇل : 821 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 162 نۇمۇر
قوللاش: 158 نومۇر
ئالقىش: 172 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :437(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

      يۇرتقا  بارمىغىلى ئۇزۇن بولغان، ئاخىرىنى كورۇشكە  بەك-بەك..........
izdax.com
بولدىئ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
| ۋاقتى : 2008-08-25 20:09 5 -قەۋەت
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

خۇشخۇي ئەپەندى، رەھمەت سىلىگە! قالغان 2-3-4-5- قىسىملىرىمۇ بار ئىدى،  نورمال يوللانماي قالدىمۇ نېمە؟ كۆرۈنمەيدىغۇ؟
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-25 20:20 6 -قەۋەت
ئوقيا
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 5509
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 366
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە366دانە
شۆھرەت: 364 كىشىلىك
پۇل : 2967 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 376 نۇمۇر
قوللاش: 369 نومۇر
ئالقىش: 388 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :536(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەھمەت دوستۇم، ھارمىغايسىز
qarluq
مۇنبەر باش سۈرىتىمدىكى بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئىمران بولۇپ 2003-يىلى 10-ئايدا 14 ئايلىق ۋاقتىدا يەكەندە يوقاپ كەتكەن. ئىز- دېرىكىنى بىلگۈچىلەرنىڭ يەكەن كىنو شىركىتىدىكى توختى مەمەتكە خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. رەھمەت!
تىلىفۇن: 13899161887 8530887-0998
| ۋاقتى : 2008-08-25 22:26 7 -قەۋەت
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىنى جۇغجەم قىلىپ قويغانلىقىڭزغا كۆپ رەھمەت! سۈرەتلەرنى يوللىيالمىدىم.
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-26 11:17 8 -قەۋەت
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

temini jemlep  qoyghanliqingizgha rehmet!
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-26 11:25 9 -قەۋەت
tarimdaryasi
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 16941
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 91
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە91دانە
شۆھرەت: 91 كىشىلىك
پۇل : 685 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 108 نۇمۇر
قوللاش: 99 نومۇر
ئالقىش: 132 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :54(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-29
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

قەھرىمان رۇزى سىزنىڭ بۇ زىيارەت خاتىرسىنى مۇنبەرگە يوللىغىنىڭزغا رەخمەت . !3vRsu9[  
مەن باشتىن- ئاخىر زور قىزىقىش بىلەن  ئۇقۇپ چىقتىم . بىزنىڭ تەبىلىگىنى يوقاتمىغان يېزا- سەھرالىرىمىز ، ساددا ، ئاقكۈڭۈل دېھقانلىرىمىز ، سەنئەتنى ، ئەدەبىياتىنى سۈيىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى ياخشى بايان قىلىنىپتۇ . kt.* 2L  
مەن بۇلارنى ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئۆزەمنى ئۆمەرجان بىلەن سەپەرداشتەك ھىس قىلىپ كىتىپتىمەن. /&D6.F|  
خۇدا بۇيرىسا بايغا بېرىپ مۇشۇ گۈزەل جايلارنى كۆرۈپ ، مەرھۇم موللا موسا سايرامى ۋە نىم شېھتلارنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا- تىلاۋەت قىلىپ كىلىمەن . ?~Pg1y  
بۇ زىيارەت خاتىرسىنىڭ مۇئەللىپىگە رەخمەت .   
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-26 11:31 10 -قەۋەت
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

تارىم دەرياسى ئەپەندى، ئوقۇغانلىقىڭىزغا  رەھمەت. باي خەلقى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-26 11:46 11 -قەۋەت
hasansas
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 16791
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 111
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە111دانە
شۆھرەت: 111 كىشىلىك
پۇل : 510 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 123 نۇمۇر
قوللاش: 117 نومۇر
ئالقىش: 138 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى :21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-03
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت دوستۇم تىمىڭىزغا ..... &V edc9  
 BhWr.  
  ئاللاھ خالىسا بايغا بىر بارغۇم بار.....
qarluq
دادام ماڭا ئىيتقانكى« ئوغلۇم،سەن پەقەت ئۆزەڭنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىڭنى بىلىسەن خالاس،لېكىن قاچان ئۆلىدىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن،شۇڭا  بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە خوشال-خورام ئۆت »دېگەن ......
| ۋاقتى : 2008-08-26 12:32 12 -قەۋەت
kahriman.rozi
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19697
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە10دانە
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 275 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
قوللاش: 20 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :19(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-08
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

باي خەلقى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ.
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-28 02:13 13 -قەۋەت
تەلەيسىز
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 2098
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 162
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە162دانە
شۆھرەت: 158 كىشىلىك
پۇل : 1134 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 168 نۇمۇر
قوللاش: 159 نومۇر
ئالقىش: 148 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :28(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت سىزگە    يۇرۇتقا  بارغاندەك  بولدۇم  كىچىكىمىزدىن  ئاش تۇزنۇزنى يەپ سۈينى ئىچىپ  چوڭ بولغان  بۇ سۈيۈملۈك  ماكانى بەك سېغىندىم    !!!!!!!!!
qarluq
| ۋاقتى : 2008-08-30 22:40 14 -قەۋەت
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر دىيارى


سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

     سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040