قارا بۆرە بىلەن ئىلى بۆرىسىگە <ئاۋۋال شۇلاردىن كەلمىسەم مەن توشقاننى ھاپلا قىلىپ.....>
بىر كۈنى قارا بۆرە بىلەن ئىلى بۆرىسى قارا بۆرىنىڭ ئۆيىدە تازا ھاراق ئىچىپ تازا مەس بوپتۇ.بىر چاغدا ئىلى بۆرىسى ئەينەكنى قولىغا ئىلىۋىلىپ ئەينەكتىكى ئۆزىنىڭ شولىسىغا قاراپ،<بۇ ئاداشنى ھى تونىيالمايۋاتىمەنغۇ؟> دىسە. قارا بۆرە ئەينەككە تازا تىكىلىپ قاراپ:
-- <ئاداش قاتتىق مەس بولۇپ كىتىپسەن، قارا بۇ مەنغۇ> دىگۈدەك ئەمدى خۇشخۇينىڭ چىشىغا تىگىمىز
بىر كۈنى ئەلقۇت خۇشخۇيدىن :
--سەن قويلىرىڭنى شۇنچە تىز،شۇنچە توغرا سانايدىكەنسەن، قانداق تىز ساناپ بولىسەن ؟ دەپ سوراپتۇ. خۇشخۇي:
-- <قوينىڭ پۇتلىرىنى ساناپ تۆتكە بۆلىۋىتىمەن > دەپتۇ دوستوم بىلەن ئەلئارانىڭ چىشى قانداقكىن ؟
ئەلئارا بىلەن دوستۇمنىڭ ئۆيى بىر كاتتا مەسچىتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىكەن، بىر كۈنى بۇ ئىككىسى مەسچىتنىڭ ئىمامىدىن سوراپتۇ:
--بۇ مەسچىت كىمنىڭ ؟ ئىمام:
-- مۇشۇ يۇرۇتتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دەپتۇ.
ئەلئارا بىلەن دوستوم < ئۇنداقتا بۇ ئىككىمىزگە تىگىشلىكىنى بۆلۈپ بىرىڭ، سىتىۋىتىمىز> دەپتۇ . <چاخچاق ھە، راسلا چىشىڭلارغا تىگىپ كەتمىسۇن> ئەلقۇتقا
ئەلقۇت گىرمانىيەگە ھەربى بىلىملارنى ئۈگەنگىلى بىرىپ ،بىر ھەربى مەكتەپكە كىرىپتۇ.بىر كۈنى دەرىستە مۇئەللىمى< ئەگەر دۆلەت رەئىس كەلسە، رەئىسكە ئاتاپ 9پاي ئوق ئىتىلىدۇ> دەپتۇ.بۇنى ئاڭلاپ ئەلقۇت :
--<ئەگەر بىر پاي ئوقتا ئۆلسە ،يەنە داۋاملىق ئىتىۋىرەمدۇ> دىگۈدەك ئەمدى ئىشەنچ بىلەن سەلكىننىڭ بىر تالدىن چىشىغا تىگىمەن
سەلكىن بىلەن ئىشەنچ ئافرىقىغا ساياھەتكە بىرىپتۇ. ئۇلار تەبئى ھايۋاناتلار باغچىسىدا كىتىۋاتقاندا،ئىشەنچ يولۋاسقا تاش ئىتىپتىكەن، يولۋاس بۇلارنى قوغلاپتۇ.:
ئىشەنچ سەلكىنگە: < چاپە،بول، دەرەخكە چىقىۋالايلى. دەپتۇ. سەلكىن:
--،<مەن نىمىگە قاچاتتىم، تاشنى يا مەن ئاتمىسام> دەپتۇ. خەلىپەنىڭمۇ تىگىدىغان چىشى بار ھە؟
خەلىپە قەشقەرنىڭ پولاسى بىلەن كاۋىپىنى تولا يەۋىرىرپ قاتتىق سەمىرىپ كىتىپتۇ،ئۇمۇنبىرىمىزدىكى دوختۇر <سىرلىق شائىرغا > ئۇچۇر قىلىپ،ئۇنىڭدىن ئورۇقلاشنىڭ ئامالىنى سوراپتۇ. سىرلىق شائىر <سەن ئىككى ھەپتە مىڭىپ بەر > دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ،
ئىككى ھەپىدىن كىيىن ،خەلىپە سىرلىق شائىرغا مۇنداق ئۇچۇر يوللاپتۇ:< مەن ھازىر ئاتۇشتىن ئۆتۈپ،شىكەر كۆلگە كەلدىم،يەنە ماڭايمۇ> ئەمدى چۆلگۈلىنىڭ چىشىنى چوتكىلاپ باقاي
چۆلگۈلى راك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ،<خۇدايىم ساقلىسۇن جىما،چاخچاق> بالىلىرى چۆلگۈلىگە تەلمۈرۈپ قاراپ،<ئاپا ساقىيىپ كەتسەڭ بولاتتى،سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ بىز ئۆگەي ئانىنىڭ قولىدا قانداقمۇ قىلامىز؟> دىسە، چۆلگۈلى بالىلىرىغا قاراپ :< ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم،ئاپام ئەيدىز بىلەن ئۆلدى دەڭلار، داداڭلار مەڭگۈ ئۆيلىنەلمەيدۇ> دىگۈدەك. ئۇيغۇرجانننىڭ چىشى پۇرىمايدىغاندۇ؟
ئافرىقىغا بىر ئىش بىلەن بارغان ئۇيغۇرجان بىر كۈنى ئەتىگەندە ناشتا قىلىش ئۈچۈن، شۇ يەردىكى بىر رىستۇرانغا كىرىپتۇ. كۈتكۈچى:< ياۋرۇپاچە ناشتىلىق كەلتۈرەيمۇ ياكى ئافرىقىچە ناشتىلىق كەلتۈرەيمۇ> دەپ سورىسا ئۇيغۇرجان <ياۋرۇپاچىنى كۆپ يىدىم، ماڭا ئافىرىقىچە ناشتىلىق كەلتۈرۈڭ>دەپتۇ.
بىردەمدىن كىيىن كۈتكۈچى بىر قۇرۇق تەخسىنى ئۇيغۇرجاننىڭ ئالدىغا ئاۋايلاپ قويۇپ،<مانا بۇ ھازىرقى ئافىرىقىچە ناشتىلىق> دىگۈدەك باغۋەننىڭ چىشىغا تەگسەم كالپۇكى يىرىلىپ كىتەمۇ؟
ئۆتكەن ھەپتە باغۋەن بىلەن ئالىپتىكىن ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ھەمدە سەلكىن بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا بىرىپ سۈبھىنۇرنى يوقلىماقچى بوپتۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ پايپىقىنىڭ پۇرايدىغانلىقىنى سەلكىن ئالدىنقى كۈنىلا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە بىلىپ بولغانىكەن، شۇڭا سەلكىن ئىچىدە< ئەگەر دوختۇرخانىدا بۇ ئىككىسىنىڭ پايپىقى پۇرىسا ، ھىلقى چىرايلىق سىستىرا قىزنىڭ ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ > بۇ ئىككىسىگە پايپىقىڭلارنى ئالماشتۇرىۋىلىڭلار، چىنىپ قالمايلى دەپتۇ. بۇ ئىككىسىمۇ ماقۇل دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇلار دوختۇرخانىغا سۈبھىنۇرنى يوقلاپ بىرىپتۇ. ياتاقتا سىسىق پۇتنىڭ پۇرىقى چىقىپتىكەن ، سەلكىن باغۋەن بىلەن ئالىپتىكىنگە <شۇنچە جىكلەپ دىسەم يەنە پايپىقىڭلارنى ئالماشتۇرماپسىلەرغۇ؟ >دىسە باغۋەن يانچۇقىدىن پايپىقىنى چىقىرىپ،< ئاداش سەن دىگەندەك ئالماشتۇرغان،لىكىن كىيىن سىنى ئىشەنمەي قالامىكى كونا پايپاقنى يانچۇقۇمغا سىلىۋالغان> دىسە ئالىپتىكىنمۇ يانچۇقىدىن كونا پايپاقنى چىقىرىپ< مەن بۇ پايپاقنى بىرسىدىن ئارىيەت ئالغان،قايتۇرۇپ بىرەي دەپ ساقلىغانتىم> دەپتۇئابدىقادىرنىڭ چىشى زادى سىسىق ،شۇنداق بولسىمۇ چىشىغا بىر تىگىپ باقاي
بىر كۈنى گۆدەك قادى تالادىن يۈگۈرۈپ كىرىپ ئاپىسىغا< ئاپا قوشنىمىزنىڭ ئوغلى بىر قىزنى سۆيىۋاتىدۇ> دىسە،ئاپىسى<بالام ئۇلار توي قىلىدۇ ئەمەسمۇ> دەپتۇ.
قادى ئاپىسىغا:< ئاپا،ئۇنداقتا دادام بىزنىڭ ئۆيدىكى بالا باققۇچى قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە؟>دەپ سوراپتۇ. ئۆمرۈمدە ئۈمۈدنىڭ چىشىغا تىگپ باقماپتىكەنمەن
مۇشۇ ئۈمۈدكام تىجارەتنى سۈت سىتىشتىن باشلاپتىكەن، سۈتكە سۇنى جىق ئارىلاشتۇرىۋىتىدىكەندە بۇ،
بىر كۈنى ئۈمۈد سۈت سىتىپ كىتىپ بارسا بۇنىڭدىن دايىم سۈت ئالىدىغان بىر موماي 4كىلو سۈت ئالىمەن دەپ بىر كىچىك قاچىنى كۆتۈرۈپ چىقىپتۇ، ئۈمۈد:
بۇ قاچىغا ئاران 2كىلو سۈت پاتىدۇ،يەنە بىر قاچا ئەچىقىڭ دەپتۇ.
موماي ئۆيىدىن يەنە بىر يۇمىغان قاچا ئەچىقىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئۈمۈد بۇ قاچىڭىز پاسكىنا ئىكەن دىسە ،موماي:-< كىرەك يوق، پاكىز قاچىغا سۈتنى، ماۋۇ پاسكىنا قاچىغا سۈيىنى بەرسىڭىز بولاۋىرىدۇ> دىگۈدەك
بولدىلا .بۈگۈن مۇشۇلارنىڭ چىشىغا تىگىپ باقاي، چىشى لىڭشىپ قالمىسا ئەتە يەنە تىگىمەن چىشىغا ئۆزەمنىڭ چىشىغا تىگىۋالاي دىسەم ،ئىشىتن چۈشىدىنغا ۋاختىم بولۇپ قالدى، ئەتە تىگىۋالاي ھە چىشىمغا، شۇڭا بۈگۈنچە چىشىمغا مەن ئەمەس سىلەر تىگىپ تۇرۇڭلار.
[ بۇ يازما ئىدىرىسجان تەرپىدىن 2008-08-27 16:03 دە ق ]