بۇ بەتتىكى تېما: ئـۆزىـمـىـزنـى قـەدىـرلـەيـلـى! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 146 قېتىم كۆرۈلدى
ياخشىلىق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 12859
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 958
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە958دانە
شۆھرەت: 1785 كىشىلىك
پۇل : 9619 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1820 نۇمۇر
قوللاش: 1383 نومۇر
ئالقىش: 2603 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئـۆزىـمـىـزنـى قـەدىـرلـەيـلـى!

0
ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى!

مەينىسا تۇرسۇن

      مەھەللىمىزدە تولىمۇ ئەپ ئۆتىدىغان، خوشنىلار ھەۋەس قىلىدىغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بولىدىغان، ئەمما يىقىندا ئۇلارنىڭ ئاجىرشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم ۋە شۇئان ئۇلارنىڭ 17 يىللىق بەختلىك تۇرمۇش مۇساپىسى، 15 ياشتىن ئاشقان قىزى، ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلىگەن ئوغلى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى. <<قىڭقىر 40 يىلدىمۇ ئاشكارلىنىدۇ>> دېگەندەك كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاجىرىشىش سەۋەبىنى مەنلا ئەمەس، نۇرغۇن ئادەم بىلىپ كەتتى.

    ئايال بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرۈشكە يېقىن بىر ساۋاقدىشى بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىكەن. ئۇ << ھامىنى بۇ يىگىت بىلەن توي قىلىمەنگۇ>> دەپ ئويلاپ ئۆزىنى يىگىتكە بالدۇرلا تاپشۇرۇپتۇ، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن يىگىت ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، باشقا بىر قىز بىلەن توي قىلىۋاپتۇ ۋە ئۇزاق ئۆتمەي خوتۇنىنى بىلەن  باشقا  شەھەرگە يۆتكىلىپ كېتىپتۇ.

      قىز ئىككى يىلدەك ئازاب ئىچىدە ياشاپتۇ، ئەمما ئۇ ھەقتە نۇرغۇن سۆز -چۆچەك تارقىلىپ كەتكەچكە، خېلى كۆپ يىگىتلەر قىزنىڭ ئايدەك جامالىغا، ياخشى مىجەز-خۇلقىغا كۆيگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھېلىقى يىگىت بىلەن بولغان كەچمىشلىرىنى كۆڭلىدىن چىقىرۋېتەلمەي، ئۇنىڭدىن ۋاز كېتىپتۇ، پەقەت ھازىرقى ئېرىلا: <<بولدى، ئۆتمۈشىڭىزنى سۈرۈشتۈرمەيمەن، ماڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى سەمىمىي-ساداقىتىڭىز كېرەك، ۋاپادار خوتۇن، كۆيۈمچان ئانا بولسىڭىزلا بولدى! >> دەپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان ھەمدە 17 يىل مابەينىدە ئۇنى ئىزچىل ھۆرمەتلەپ، ئەتىۋارلاپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇپ، بەختلىك ئائىلە بەرپا قىلغانىكەن، ئەمما ئۇ ئايال يىگىتى بار  شەھەرگە نەچچە كۈنلۈك تەربىيلىنىشكە بېرىپ، كونا ئاشىقى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن بىر كاتتا رېستۇراندا بىللە غىزالىنىپتۇ، بۇ جەرياندا ھىلىقى ئەر ئۇنى ھازىرغىچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا تا بۈگۈنگىچە ئۇنى سۆيۈپ، ياد ئېتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكىنى، ئەمما تاھازىرغىچە خوتۇنىنى زادىلا ياخشى كۆرەلمىگەنلىكىنى، پەقەت بالىسىنى دەپلا ئۆي تۇتۇۋاتقانلىقىنى ھېكايە قىلىپ بېرىپتۇ.

  ئۇنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىدىن يۇمشاپ كەتكەن ئايال شۇ كۈنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، مەلۇم بىر مىھمانخانىدا قونۇپ قاپتۇ، بىراق ئۇ ئايال ئەتىسى ئەتىگەندە ئاشىقى بىلەن مىھمانىخانىدىن چىقىۋاتقاندا، ئېرىنىڭ بىر توغقىنى بىلەن ئۇچىرىشىپ قاپتۇ.......

    مەن بۇ جەرياننى بىلگەندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ھىلىقى ئەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئايالنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ قالدىم، چۈنكى ئەر دېگەن ئەر، نىكاھ ئىشىدا ئاياللاردەك كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. بىر بولسا بۇ يىگىت ئۇ قىز بىلەن كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈنلا ئارىلاشقان، بىر بولسا قىز ئۆزىنى يىگىتكە ئاسانلا تۇتقۇزۇپ قويغاچقا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھەببەت كۈچىنى يوقاتقان. ناۋادا يىگىت بۇ قىزنى ئۇ ئويلىغاندەك پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەس، ئازراق بولسىمۇ  ياخشى كۆرگەن بولسا، ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى ۋەيران قىلىپ يۈرىكىنى لەختە-لەختە قىلىۋەتكەن بىر بىچارىنىڭ يىقىلىپ-قوپۇپ يۈرۈپ ئاران قولىغا كەلتۈرگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىن قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بولمىغان بەختىنى بىر دەملىك كۆڭۈل خوشىنى دەپ ۋەيران قىلمىغان، كۆزىدىن يەنە قان-ياش ئاققۇزمىغان بولاتتى.....

    ئادەم دېگەندە مۇھەببەت-نەپرەت ئېنىق بولۇشى كېرەك. خۇددى چىرايلىق ئېچىلغان قىزىل گۈلنى ئۈزۈپ قېنىپ-قېنىپ پۇراپ بولۇپ، پۇرىقى تۈگەپ سولىشىپ قالغاندا تاشلىۋەتكەندەك، بىر قىزنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىپ بولۇپ، ئۆزى قىلغان ئىشىغا مەسئۇل بولمىسا...... شۇنداق ئادەمنى يەنە شۇنداق ئاسانلا كەچۈرۋېتىش.... قايسى بىر يىگىتنىڭ يۈزى ئېچىلمىغان ئىپپەتلىك قىزنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ تۈز تەمىنى، تۇرمۇشنىڭ سىرلىرىنى بىر ئۆزىلا بىلدۈرگۈسى يوق! ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە شۇ قىزنى ئەمرىگە ئالالىغان، يەنە كېلىپ ئەركەكچىلىكتە ئەلنىڭ سۆز-چۆچەك، زەھەرلىك چاقچاقلىرىغا چىداپ، ھەممىنى ئىچىگە يۈتۈپ <<بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ>> دەپ ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، خۇتۇنىنى ئەتىۋارلاپ، ئۆينى-ئۆي قىلغان ئەرنىڭ << دوپپىسىغا جىگدە سېلىش>> ، نىكاھلىق ئايال، ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولغان ئادەمنىڭ بىردەملىك ھېسسىياتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن ھەممىنى ئۇنتۇشى نېمە دېگەن ئەخمەقلىق ھەم دۆتلۈك ھە؟!

    ھەمىمىزنىڭ ئاشكارە-يوشۇرۇن كەچمىشلىرىمىز بولىدۇ. بىز دېگەن ئىنسان، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن خالىي بولالمايمىز، لېكىن ساۋاقنى ئەستە چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئەقىلسىز ئېشەك جېنىدا پۇتى كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن ئىككىنچىلەپ ئۆتكىلى ئۇنىمايدۇ، بىز دېگەن ئادەم، ئۆزىمىزنى - ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار ھەرگىز قەدىرلىمەيدۇ. بەلكىم ھىلىقى كاززاپ ئەر ھىچنىمىدىن بىخەۋەر ساددا خوتۇنى بىلەن خاتىرجەم ئۆيىنى تۇتۇپ كېتىۋىرىشى مۇمكىن، بىراق بۇ ئايالچۇ؟ ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم بولغان ھالدا، بىر ئۆمۈر ئازاب ئىچىدە پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈپ، ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئىپپەتسىز قىز كەچۈرۈلگىنى بىلەن، خىيانەتكار ۋە ساداقەتسىز ئايال كەچۈرەلمەيدۇ..........

  مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

باشقۇرغۇچى ئەلقۇت تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • قوللاش:+30(ئالىپتىكىن)
  • | ۋاقتى : 2008-08-23 17:14 [باش يازما]
    مەمەتيۇسۇپ
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17967
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 60
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە60دانە
    شۆھرەت: 63 كىشىلىك
    پۇل : 440 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
    قوللاش: 60 نومۇر
    ئالقىش: 79 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-19
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    ياخشېي يوللاپسېز  رەھمەت  سېيزگە
    Gulyar tori
    مەمەتيۇسۇپجان
    | ۋاقتى : 2008-08-23 18:27 1 -قەۋەت
    ئوقيا
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 5509
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 366
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە366دانە
    شۆھرەت: 364 كىشىلىك
    پۇل : 2967 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 376 نۇمۇر
    قوللاش: 369 نومۇر
    ئالقىش: 388 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :536(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنداق ئىشنى ئىزدىسەك  تۇرمۇشمىزدا قەدەمدە بىر كۆرىلىدۇ.  توۋا دىمىسەك بىكار. قىسقىسى بۇ «شەيتاننىڭ ئىشى»!.
    مۇنبەر باش سۈرىتىمدىكى بۇ بالىنىڭ ئىسمى ئىمران بولۇپ 2003-يىلى 10-ئايدا 14 ئايلىق ۋاقتىدا يەكەندە يوقاپ كەتكەن. ئىز- دېرىكىنى بىلگۈچىلەرنىڭ يەكەن كىنو شىركىتىدىكى توختى مەمەتكە خەۋەر قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. رەھمەت!
    تىلىفۇن: 13899161887 8530887-0998
    | ۋاقتى : 2008-08-23 19:58 2 -قەۋەت
    ياخشىلىق
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12859
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 958
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە958دانە
    شۆھرەت: 1785 كىشىلىك
    پۇل : 9619 سوم
    تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1820 نۇمۇر
    قوللاش: 1383 نومۇر
    ئالقىش: 2603 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :131(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا گەپ..................................
    | ۋاقتى : 2008-09-11 22:11 3 -قەۋەت
    ئومـاق
    ئىماننىڭ بەلگىسى ناماز
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12654
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1113
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1113دانە
    شۆھرەت: 294 كىشىلىك
    پۇل : 2255 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1280 نۇمۇر
    قوللاش: 1093 نومۇر
    ئالقىش: 1370 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :553(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-20
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۈگۈن تولىمۇ ياخشى تېمىلارنى يوللاپسىزغۇ ؟
    تورداشلارنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى تىلەيمەن .
    bugra
    ناماز ئوقىمىغان كىشىدە ئىمان يوق ،زاكات بەرمىگەن كىشىدە ناماز يوق،يەنى ئىمان ئېيتىپ تۇرۇپ ناماز ئۆتمىسە ئۇنىڭ ئىمانى مەجبۇل ئەمەس ،ناماز ئۆتەپ زاكات بەرمىسە ئوقىغان نامىزى مەقبۇل ئەمەس .
    | ۋاقتى : 2008-09-11 22:24 4 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040