« 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئىستانبۇلدىكى باغچە (تولۇق نۇسخىسى) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 7539 قېتىم كۆرۈلدى
ئەزىزان
ئەزىزان تور ئەدەبىياتى
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 7685
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 2257
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2257دانە
شۆھرەت: 2925 كىشىلىك
پۇل : 1138 سوم
تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1092 نۇمۇر
قوللاش: 864 نومۇر
ئالقىش: 2272 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :809(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئىستانبۇلدىكى باغچە (تولۇق نۇسخىسى)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلقۇت تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-08-22)
  1
a5>F9m}  
Kn(O'UN  
Ckyf<^7U  
ئۈچ يىل ئاۋۋالقى بىر كۈنى ، ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر باغچىدا ، مەن بىر چىرايلىق ئۇيغۇر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . لېكىن بۇ گۈزەل شەھەردىكى گۈزەل باغچىدا يۈز بەرگەن ئۇچرىشىش ئانچە بەك رومانتىك بولمىغان ئىدى . ئۇ كۈنى مەن ناھايىتى روھسىز ، چۈشكۈن  ئىدىم . چاچلىرىممۇ تاراقسىز ، ساقال-بۇرۇتلىرىم ئۆسۈپ پۈتۈن يۈزۈمنى بېسىۋالغان ئىدى . Ia)0`\l]  
#6Et|<1S  
  ئاغرىنىشقا توغرا كەلسە پەقەت ئۆزۈمدىنلا ئاغرىنىش مۇمكىن ، چۈنكى ئەينى چاغدا مۇشۇ تۈركىيە دېگەن دۆلەتكە قەلبىمدە چەكسىز ئىنتىلىش بار ئىدى . ئولتۇرسام-قوپسام خىيالىم "ھامان چەتئەلگە چىقىپ كېتىمەنغۇ " دېگەندە ئىدى . ئاتا-ئانام بۇ ھالىمنى كۆرۈپ ، تاپقان-تەرگىنىنى يىغىپ ، دۇئالار بىلەن ، مېنى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە رېستۇرانتقا خىزمەت قىلىشقا ئېۋەرتتى . "/&4s^n  
5}O&%{.Y  
  بۇ دۆلەتكە كېلىشتىن بۇرۇن ، مەن ئۆزۈمنى بىر ئەقىللىق ئوغۇل بالا دەپ ئويلايتتىم . لېكىن چىنە-قاچا يۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ خىزمەت مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنى پۈتۈنلەي يەرگە ئۇردى . ئالدىرىغانسېرى پۇت-قولۇم كالۋالىشاتتى ، ئەمدى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈپ قولۇمنى سۇغا تىقىپ بولغۇچە يان تەرەپتىن " تېز بولمامسەن ! تەخسە ! تەخسە قېنى ؟ " دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن ئالاقزادە بولۇپ داۋاملىق چىنە-تەخسىلەرنى چېقىپ قوياتتىم . FDgAu|(  
#AP;  
  مەن بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم . زەڭگەررەڭ دېڭىز بويىدىكى گۈزەل ساھىلدا ، ئەگەر مۇشۇنداق زېرىكىشلىك ئۆتۈشۈمنى بىلگەن بولسام ، بۇ يەرگە بوينۇمدىن سۆرىسىمۇ كەلمەس ئىدىم . `F>I8OgS  
Xo'|Y%  
  شۇنداق قىلىپ بۇ ئاشخانىدىكى بىرىنچى ئاينى شۇنداق مۇشەققەتتە ئاران ئۆتكۈزدۈم . خوجايىن بولسا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ماڭا چېچىلاتتى : " جېنىم ئۇكام ، بۇ سېنىڭ قانداق خىزمەت قىلغىنىڭ ؟ سېنىڭ بىر ئايدا چېقىۋەتكەن تەخسىلىرىڭ بۇ تاماقخانىنىڭ بىر يىللىق رېكورتىدىن ئېشىپ كېتىپتىغۇ ؟ " GtqXk8p~  
0 
  ئۇنىڭ بۇنداق مۇبالىغە بىلەن مېنى لال قىلغان سۆزلىرى ئىچىمگە بەك ئۆتتى ، ئاچچىقىمغا پايلىماي قولۇمغا تەخسىدىن ئىككىنى ئالدىم -دە ، خوجايىننىڭ ئالدىغا ئاتتىم . تەخسىلەر يەرگە چۈشۈپ "چاراس-چۇرۇس " قىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتتى . !)QDHV S%  
2XPX_ 0hi  
  لېكىن ، مەن قىلغىنىمغا تېزلا پۇشايمان قىلدىم ، دېمىسىمۇ بەك ھاماقەتلەرچە ئىش قىلىپ قويۇپتىمەن . ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ تەنبىھلىرىنىڭمۇ ئورنى بار ئىدى . تەخسىنىڭ چېقىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ پۈتۈن خىزمەتچىلەر ماڭا تىكىلىپ قاراپ قالدى ، خوجايىن بولسا سېمىز قوللىرى بىلەن مېنى كۆرسىتىپ ساقاللىرى توختىماي تىترەيتتى-يۇ ، گەپ ئاغزىغا كەلمەيتتى . مانا ئەمدى ، ھېچكىم مېنىڭ بۇرۇنقى ئاشۇ تەخسىلەرنى قەستەن چېقىۋەتمىگەنلىكىمگە ئىشەنمەس بولدى ، چۈنكى مەن ئۇلارنى قارىتىپ قويۇپ تەخسىنى يەرگە ئاتتىم ئەمەسمۇ . مانا ئەمدى ، مەن بۇ خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلمىسام بولمايدىغان بولدى . F)uc,`HD  
g& XcPg  
  ئۇ كىچىك باغچە بولسا رېستۇرانتنىڭ ئالدىدىكى يولنىڭ ئاۋۇ قېتىدا ئىدى . مەن يۈك-تاقىلىرىمنى كۆتۈرۈپ نەگە بېرىشىمنى بىلەلمىگەن ھالدا ، ئۇيان بېسىپ بۇيان بېسىپ باغچىنىڭ ئىچىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە خىيالغا چۆكتۈم . '!6s7W  
aV W|::  
  بۇ ناتونۇش بولغان شەھەردە ، نەگىمۇ بارارمەن ؟ كىمنىمۇ ئىزدەرمەن ئەمدى ؟ گەپ قىلالىغىنىم بىلەن پەقەت ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايمەن ، دېمەك بۇ دۆلەتتە مەن ھازىرچە بىر گاچا . ئەمدى پۇشايمىنىم بۇلدۇقلاپ چىقماقتا ئىدى . 22 ياشقا كىرگەن بۇ كۈنى ، باشقا قىتئەدىكى يىراق بىر دۆلەتنىڭ كاتتا شەھىرىدە ، ياشلىرىمنى مەھكەم بېسىپ خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدىم . رېستۇرانتتىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا خوجايىن تەڭلىگەن 500 دوللارنىڭ 100 دوللىرىنى " ئالە ماۋۇ سېنىڭ تەخسىلىرىڭگە بولغان تۆلەم بولسۇن ! " دەپ يۈزىگە ئاتقان ئىدىم ، ئەمدى شۇ 100 دوللارغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ يۈرىكىم ئۆرتەنمەكتە ئىدى . 7wb6J %  
fNVDi5tr  
  سۆرۈن شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ كۈزنىڭ نەم سوغۇقىنى ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى . ئەلۋەتتە ، چوقۇم بىر جاينى تېپىشىم كېرەك ، باغچىدا قونۇپ قالغىلى بولمايدۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟ e6 ' 
%P12~G"a  
  بۇ چاغدا كۆزۈم ئىختىيارسىز مەندىن سەل يىراقتىكى بىر قىزغا چۈشتى ، چاچلىرى قارا ، كۆزلىرى قارا ، ئىشقىلىپ قاراشقىلا ئۇيغۇر چىراي بىر قىز ، " ئۇيغۇردۇ ؟ ھېچبولمىغاندا بىر جۇڭگولۇقتۇ ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . لېكىن كۆزلىرىم ئۇنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈپ تۇراتتى . ئۇمۇ ماڭا يىراقتىن سەپسېلىپ قاراپ باقاتتى . جىمجىتلىق ئىچىدە مەن يەنىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا باردىم . tzy".YE  
9vDR8+em  
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇيغۇرمۇ سىز ؟ |O][)\t%  
H~dGQ8&\I  
-- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، شۇنداق ، مەن ئۇيغۇر . قانداق ، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟_ بۇ قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىماققا ناھايىتى يېقىملىق ئىدى . d'H+[:[?A'  
>mR6?w;  
-- ياخشى . ئۆزىڭىزچۇ ؟ مەن پەقەت ... مەن پەقەت سىزدىن بۇ ئەتراپتا ياخشىراق كىچىك مېھمانساراي بار-يوقلۇقىنى سوراي دەپ ... 4}%0 RU4Q  
"c 
-- مېھمانساراي ؟ بۇ ئەتراپتىكى ھەممىسى چوڭ مېھمانخانىلار ، كىچىكرەكىنى ... ئېھتىمال خېلى يىراق يەردىن تاپالامسىزكىن . _ دېدى قىز ئۈستىۋېشىمغا گاڭگىراپ بىر قارىۋېتىپ . LF#s1tW8  
gZv8;I  
-- بۇ ئىش مۇنداق ئىدى ، _ دېدىم چۈشەندۈرۈپ،_ مەن تۈركچىنى تازا ياخشى سۆزلىيەلمەيمەن ، يەنە كېلىپ بۇ دۆلەتكە كەلگىلىمۇ بىر ئايچە بولدى . تازا ئۇقۇپ كەتمەيمەن . tBT uA\  
iCzFu/vC  
-- ھە ؟ _ دېدى قىز قىزىقىش ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ،_ ئۇنداقتا سىز ئۆزىڭىز يالغۇزما ؟ نېمىشقا ھەمراھدىن بىرنى ئېلىۋالمىدىڭىز ؟ يولدىن ئېزىپ قالدىڭىزمۇ يە ؟ lB,2_:*z  
vwK 7b0M  
-- ھەي ... دەپ كەلسەم گەپ ئۇزۇن ، _ دەپ ھېكايەمنى باشلىدىم مەن . ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ ئالاھىدىلىكىم بولۇپ ، پەقەت ئۇيغۇرچە سۆزلەشلا ئىمكانىيىتى بولسا ، نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى توقۇپ چىقالايتتىم . z04{bs_z)  
XUs-)?e  
شۇنداق قىلىپ مەن قىزغا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم . ئۆزۈمنىڭ بىر ھەققانىيەتچى ئىشچى ئىكەنلىكىنى ، شەھۋەتپەرەس خوجايىننىڭ دۇكان خىزمەتكارى قىزچاققا پوخۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى بايقىغان چېغىمدا ، كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ قىزچاقنى قۇتۇلدۇرغانلىقىمنى ، خوجايىن قاتتىق ئۇيات ۋە ئاچچىق ئىچىدە ، مەندەك بىر ئۇرۇق-تۇغقانسىز يىگىتنى يالغۇز ئىشىكتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى سۆزلەپ بەردىم . مەن ھېكايەمنىڭ ئىچىدە ماس سۆزلەر ئارقىلىق خوجايىننىڭ نەقەدەر پەسكەش ۋە نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ، يەنە ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر باتۇر ۋە ھەققانىيەتچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنىڭغا بايان قىلىپ بەردىم . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ ھېكايىنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرگۈچە ، ھەتتا ئۆزۈممۇ ئىشىنىپ قالغان گەپ . ئۇ قىز بۇ سۆزلىرىمگە ئەلۋەتتە تېخىمۇ گۇمانسىز ئىشەندى .
Xv(oxAh=Ze  
,&:7#3  
m@4'rJp  
2
9CqHl 3   
E66XbNc6  
${\ZMp;7  
  مېنىڭ ئۇنىڭغا يالغان سۆزلەپ ھېكايە توقۇپ ئالدىشىمدىكى مەقسىتىم ، ئاساسلىقى ئۇ مېنى بىرەر لايىقراق مېھمانسارايغا باشلاپ بارارمىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم . ئەڭ ياخشىسى ئۇ ماڭا بىر قېتىم ھەقسىز تەرجىمان بولۇپ بېرەلىسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . ئويلىمىغان يەردىن ، قىزچاق مېنى يىراق بولمىغان يەردە ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتقان ئۆيىگە باشلاپ باردى . ئۆينىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە بېزىلىشى شۇنداق مۇۋاپىق ئىدىكى ، بۇ ئۆيگە قەدەم باسقاندىن كېيىنلا ئۆزۈمنىڭ قاچا يۇيغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان چاغلاردىكى جەۋرى-جاپالىرىم ئۇنتۇلۇپ ، بىز ھازادىلا ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى . بۇ قىز ھەقىقەتەن ماڭا شۇنداق ئىشىنىپتۇ . ئويلىدىمكى ، ئەگەر ھېكايە توقۇپ پۇل تاپقىلى بولسا ، مەن جاھاندىكى ئەڭ باي كىشى بولۇپ كېتەر ئىكەنمەن . yUJ)wNT>xw  
LiQf.$Se  
  پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن قىزچاقنىڭ ئىسىمىنىڭ دىلبەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بۇ ئۆيىنىڭ كاتتىلىقىغا ، ئۆزىنى تۈركىيەدە يالغۇزمەن دېيىشىگە ، يەنە مېنى قورقماي ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە باشلاپ كېلىشىگە قاراپ ، مەن دىلبەرنى بىرەر چوڭراق باينىڭ ئىندىكىدىكى كىچىك خوتۇن ، ھەتتا ئۇنى بىر ****مىكىن دەپ پەرەز قىلدىم . مەن گەرچە ئەمدى 22 ياشلىق ئوغۇل بالا بولغىنىم بىلەن ، قىز-ئاياللار ماڭا نىسبەتەن بەك ناتونۇش ئەمەس ئىدى . ھازىر زامان ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى ، بۇنداق چىرايلىق قىزلارنى ھەرقانداق يەردە قوغلىشىدىغان ئەرلەر بار ، كېلىشكەن ئوغۇللارنىمۇ مال-دۇنيا بىلەن ئىندەككە كەلتۈرىۋالىدىغان ئاياللار بار . ۋەتەندىكى چاغلاردا ، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ئېسىل پېكاپلارنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنى كۆزىگە ئىلماي يۈرىدىغان چىرايلىق خېنىملارنى مەن كۆپ كۆرگەن . باشقىچە ئارتۇقچىلىقى يوق ، پەقەت ئۆزى چىرايلىق ، كىشىنى جەلب قىلىدۇ ، داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيسە يارىشىدۇ ، يەنە تېخى كارىۋات ئۈستىدىكى ماھارىتى ياخشى . ESp)zl[  
EY]H\ 
مەن قاتتىق ھەرخىل خىياللارغا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا ، دىلبەر خىيال يىپىمنى ئۈزۈپ : jXcnZLd  
p)?hsU  
-- سىز بۈگۈن كەچتە مۇشۇ مېھمانخانىدا بىر كېچە ئۇخلاپ ئارام ئېلىڭ . ئەتە سەھەر تۇرۇپ خىزمەت ئىزدىگىلى چىقىپ بېقىڭ ، مەن سىزگە ئەتراپتىكى ئۇيغۇر ۋە ئۆزبەكلەرنىڭ بەزى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى قەغەزگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ قويدۇم . كېرەك بولىدۇ . !2ecn\0P  
}siiBC`;  
V.C7O5F  
>~43{f  
مېھمانخانا ئۆيدىكى بۇ سافا ئۆزگىرىشچان بولۇپ يان تەرەپتىن بىرلا تارتسا كارىۋاتقا ئۆزگىرەتتى . دىلبەر ماڭا بۇ كارىۋاتنى راسلاپ كىرلىك سېلىپ بېرىۋاتقۇچە مۇنداق دېدى : Yh8T |`p@  
=D1S@>12  
-- مېنىڭ دوستلىرىم ئانچە-مۇنچە كېلىپ كېتىدۇ ، شۇڭا مەن بۇ سافا كارىۋاتنى ئالاھىدە تەييارلاپ قويغان . s5qq3?93  
XS|kz|v  
  " بولدى ، يوشۇرما مەندىن . " دېدىم ئىچىمدە . لېكىن مۇنداق قارىسام ئۇنىڭ ئۈستىۋېشى شۇنداق رەتلىك پاكىز ئىدى . ياق ،ياق ، بۇ زاماننىڭ پاھىشىلىرى ئاشۇنداق ستۇدېنت قىزلاردەك ياسىنىپ ئەرلەرنى جەلب قىلىدىغان بولۇپ كەتتى ، بىر قاراشقا شۇنداق سەبىي كۆرىنىدۇ . D7._`(Xvz0  
#&N@OE=  
  يۇمشاق كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ يەنە خىيال باياۋانىغا باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم . ئاھ ،دۇنيا ، ھەممە كىشىنىڭ بىر خىل ھېكايىسى بار ، قايسىسى راست ؟ قايسىسى يالغان ؟ خۇددى مەن ئۇنىڭغا ئېيتقان ساختا ھېكايىدەك ، ئۇنىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنىڭ قانچە پېرسەنتى چىن بولغاي ؟ 8Y"X|8&l"  
;v !uW&0  
  بەك ھېرىپ كەتكەچكە ، تېزلا ئۇخلاپ قاپتىمەن . 1oE6UR'  
2 ):rk^zg  
  ئەتىسى قۇياش دەرىزىدىن سىڭايان چۈشكەندە ، ئويغىنىپ ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە مۇنداق بىر قەغەزنى بايقىدىم : " مەن ئىشقا كەتتىم ، سىز ئاشخانىغا كىرىپ ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىپ ئىش ئىزدىگىلى بېرىڭ ! ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن ! " N:e#H7b N  
z (f.4W~&  
  مانا ، پۈتۈن بىر كېچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى . مەن تېخى ئۇنى غۇلاچلىرىنى كەڭ ئېچىپ ماڭا ئۆزىنى ئاتارمۇ دەپ ئويلاپ ، تېخى رەت قىلىشىمنى ياكى ماسلىشىشىمنى بىلەلمەي خام خىياللارنى قىلىپ كېتىپتىمەن . مانا ، ھازىر بولسا كۆڭلۈمدە كىچىككىنە ئۈمىدسىزلىنىش پەيدا بولماقتا ئىدى . < tKhM2)  
%}Uz Ox7  
  شەھەرنىڭ سىرتىدىكى زاۋۇت ۋە ئىسكىلاتلار ئارا دىلبەر بەرگەن ئادرىس ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق مىڭبىر تەستە ھازىرچە قىلغۇدەك خىزمەتتىن بىرنى تاپتىم . يەنى ئىسكىلاتتا مال توشۇيدىغان ئېغىر ئەمگەك ئىدى . "خەير ، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ، چىدا ! ئۆيدىن چىقتىڭمۇ ؟ چىققاندىكىن چىدا ! "دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە . v kCa(}'?  
@jzJO#e-'  
  qJJL^xV  
T]:H8?  
   ھاۋا شۇنداق ئوچۇق ئىدى ، لېكىن مېنىڭ كەيپىياتىم بەك تۆۋەن ئىدى . مەندەك بىر ئەركە ئوغۇل يۇرتتىكى غەمسىز كۈنلەرنى تاشلاپ ئەمدى ياقا ئەلدە مەدىكار بولدىما ؟ توۋا ، ماۋۇ تەقدىرنىڭ چاقچىقىنى . يولدىن ئۆتكەن چىرايلىق تۈرك گۈزەللىرىمۇ كۆزۈمگە چېلىقمايتتى . يولدا ئۇچرىغان بىر گۈل دۇكىنى دىققىتىمنى تارتتى . مەن گۈل دۇكىنىغا كىرىپ گۈلچى قىزنىڭ ھەرخىل ئىشارە بىلەن چۈشەندۈرىشى ئاستىدا بىر دەستە پىيازگۈل سېتىۋالدىم . پىيازگۈل بولسا پاكلىقنى بىلدۈرەتتى . 1 
V(8[ ^T{@  
  ئويلىغىنىمدەك ، دىلبەر بۇ بىر دەستە گۈلنى قولىغا ئالغىنىدا ، خۇشاللىقىدىن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماڭا رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . شۇنداق ، ئادەتتە بۇزۇلغان قىزلارنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ ئۆزىنى  شۇنداق پاك دەپ قارىشىنى ياقتۇرىدۇ . q. >GTXj  
,?j3& 9g  
-- سىزنىڭ مەندەك بىر سەرگەرداننىڭ بېشىنى سىلىغىنىڭىزغا رەھمەت دىلبەر ! بۇ گۈل سىزگە بولغان تەشەككۈرگە تولغان قەلبىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . zT{Z M  
WdZ(JKSs=  
  دىلبەر ناھايىتى ئىللىق بىرنى كۈلىۋەتتى . مەنمۇ مەقسىتىمگە يەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ، بۇندىن كېيىن ئەمدى باغچىدە قونۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىمىسەممۇ بولغۇدەك . uB6]r|:Qf  
SxXhcj*  
  W {^ >$F  
Y]xb"qz~l.  
  ئىسكىلاتقا بېرىپ ئىشلىگەن بىرىنچى كۈنۈمدىن باشلاپلا ئايال خوجايىننىڭ قىزىنىڭ ماڭا قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ئىدىم . ئۇ قىز بېكار بولسىلا مېنىڭ يېنىمغا كېلىۋالاتتى . ئۇنىڭ كىيىنىشى ناھايىتى مودا ئىدى ، چاچلىرى ئالا-سېرىق بويالغان ، يۈزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىنغان بولۇپ ، مۇنداقلا قاراشقا ئەسلى چىرايلىق ياكى سەت ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى . قىزچاق ئۆزىنى ئەمدى 18 ياش دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى . مەنمۇ ئۇنىڭ چاپلىشىشىنى رەت قىلمىدىم ، بەرىبىر مەن ئوغۇل بالا ئەمەسمۇ ، زىيان تارتمايمەن ، يەنە كېلىپ مۇشۇ ئارقىلىق ئايال خوجايىن ماڭا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلسا ئەجەب ئەمەس ئىدى . Va !'=  
|1[vl"C`  
  نەتىجە مېنىڭ ئويلىغىنىمدەك بولمىدى ، مەن زىيان تارتتىم . ئايال خوجايىن مېنى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . ئىسكىلاتنىڭ ياتىقىدا ئارام ئېلىپ ياتسام ، خوجايىننىڭ قىزى كىرىپ كەلدى ۋە تۈركىيەدىكى داڭلىق قىزىل ھاراقتىن بىر بوتۇلكا ئېلىپ كىرىپ ئۇنىمىسام ئۇنىماي بىللە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالغاندا ، مەندە قارشى تۇرغۇدەك ئازراقمۇ ئىرادە ۋە ماغدۇر قالمىغان ئىدى . پەقەت قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ ئېسەدىگەندەك پىچىرلاشلىرى ئاڭلىناتتى . " كېلە قەدىرلىكىم ، مەن سېنى ماڭا مەسئۇل بول دەپ تۇرۇۋالمايمەن " . كۆز ئالدىمدا دىلبەرنىڭ يېقىشلىق چىرايى پەيدا بولدى ، شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بارلىق قارشىلىقىمنى يوقاتتىم ... TO~}Gekb  
H.Rc!!St}  
  ئەتىسى ئېسىمگە كەلگەندىن كېيىن ، پۇشايماندىن تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى . مۇشۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئايال خوجايىننىڭ قىزى ماڭا تېخىمۇ بەك يېپىشىدىغان بولۇپ كەتتى . مەن بولسام ئۇنىڭدىن بىزار ئىدىم . ئوتتۇرا ئاسىيالىق خىزمەتداشلار بولسا مىيىقىدا ھىجىيىپ " ئاخشام راھەتلىنىۋالدىڭمۇ ؟ " دەپ سورىشاتتى . DMYKGc8  
pd&1O:y&+  
  خۇددى مەن تۈنۈگۈن ئاخشام پۈتكۈل خىزمەتداشلارنىڭ ئالدىدىلا خوجايىننىڭ قىزى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندەك ، ھەممە كىشى بۇ ئىشنى بىلىپ بولغان ئىدى . مەن ھەممىنى چۈشەندىم ، ئەسلى بۇ يەردە ئىشلەيدىغان يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ قىز بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققان ئىكەن . بۇ ئەھۋال مېنى خۇددى بىر چېۋىن يۈتۈۋالغاندەك ، تۈكۈرۈپمۇ چىقىرالمايۋاتقاندەك ھېسسىياتقا ئەكېلىپ قويدى . lu|>-V/i  
>3L6{~QAbA  
2 K"sD`N  
%,c9px  
  شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ، مەن ھەقىقەتەن بىر ئۆزۈم ياخشى كۆرمەيدىغان ئايال زاتىنىڭ ماڭا چاپلىشىۋېلىشىنىڭ نەقەدەر بىزار قىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى تېتىدىم . بۇ چاغلاردا مەن يەنىلا دىلبەرنىڭ ئۆيىدىكى ئەشۇ سافا كارىۋاتنى سېغىناتتىم . b#w5YXq4z  
a`=Q?C7 W  
  لېكىن ، ئىش ھەققىمدىن مېنىڭ ياتاقتا قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرىمنى چىقىرىۋەتكەندە ، قولۇمغا بىر سېنتمۇ ئاشمىغان ئىدى . 'W)&3C]()  
Ytn/nj4  
  es *3<[H  
(fRo0< I%  
   مەن يەنە بىر ھېكايە توقۇش نىيىتىگە كەلدىم . بۇ كۈنى مەن سول قولۇمنى داكا بىلەن مەھكەم تېڭىپ ئېسىۋالدىم . دىلبەرنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم . u<'wM6Q  
 &i~rD +>  
-- تۈنۈگۈن مېنى نەس باستى ، ماشىنىدىن يوغان بىر ساندۇق غۇلاپ چۈشكەن ئىدى ، مەن خىزمەتدېشىمنى قۇتقۇزۇپ بىر چەتكە ئىتتىرىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ قولى بېسىلىپ قېلىپ قولۇم سۇنۇپ كەتتى . سىز ... سىز مېنى بىر قانچە كۈن ئۆيىڭىزدە تۇرغۇزالارسىزمۇ ؟ yfm8_ k  
W)Zg6:]j"  
 
5uy &b2 o%  
\vRyUY,T  
3
!AN^5MA  
Zr4^^e  
n3L+7L)  
دىلبەر خۇشاللىق بىلەن مېنى قارشى ئالدى . دېمەك ، ئۇنى بېقىۋاتقان ئۇ پەردە ئارقىسىدىكى پۇلدار كىشى چوقۇم يىراقتا ئالدىراش . !qq+,^  
P\dncqF{]U  
  مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدە ياخشى يەپ ياخشى ئىچىپ ھۇرۇنلۇق بىلەن ياتىدىغان كۈنلىرىمنى باشلىدىم . دىلبەر ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا چىقىپ كېتەتتى . ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . بەلكىم ئۆزىگە ئوخشاش باشقا پاھىشە قىز-ئاياللار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىپ كارتا ئويناپ كۈن ئۆتكۈزەر . لېكىن قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ ماڭا راستتىنلا بەك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى . كۈندە ئۈچ ۋاخ تامىقىمنى شۇنداق ياخشى تەييارلاپ قورسىقىمنى باقاتتى . يەنە ۋەتەندىن كەلگەن ۋ س د پلاستىنكىلىرىنى تېپىپ كېلىپ مېنىڭ كۆرۈشۈمگە بېرەتتى . بارلىق چىقىمىم دىلبەردىن بولۇۋاتاتتى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، بىللە چىقىپ باغچىنى ئايلىناتتۇق . بۇ يات ئەلدە دىلبەرنىڭ روھى سىقىلغان ئىدى ، مېنىڭمۇ ھەم . ئىككىيلەننىڭ جىسىمى يەنىلا ئارىلىقنى ساقلاۋاتاتتى ، لېكىن قەلبىمىز بارا-بارا يېقىنلاشماقتا ئىدى . G cqOw\R  
yR=}I .[  
  بارا-بارا ، دىلبەرنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىدىغان بولۇپ قالدىم . گەرچە ئىككىيلەن بىر-بىرىمىزنى ئالداۋاتقان بولساقمۇ ، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ، لېكىن بۇ خىل ھېسسىيات بارغانچە كۈچىيىپ بارماقتا ئىدى . دىلبەر ئۆزىنىڭ ئىستانبۇلدا چوڭ بولغانلىقىنى ، لېكىن بۇ يەردىكى يىگىتلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىمىزنىڭ كىشىلىرى بىلەن ئائىلە قۇرۇشقا ئىنتىلىدىكەن . CXC~CF  
hB>V<-  
  " سەن بۇ گېپىڭ بىلەن كىچىك بالىنى گول قىلىۋاتامسەن ؟ " دېدىم ئىچىمدە . ئاندىن مەنمۇ ناھايىتى پاك ، بىغۇبار ، گۆدەك قىياپەتتە ، ئۆزۈمنىڭ ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىمنى ، بولسا بىرلا قىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم . گەرچە 18 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلىلا كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپتىكى شاش قىزلار بىلەن كارىۋاتقا چىقىپ بولغان بولساممۇ . ,O@u{!.oi  
$y5X9 
  مۇشۇ سوغۇق كەچ كۈز ئاخشاملىرىدا ، پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچى ئىككىيلەننىڭ ساختا گەپلىرىگە توشۇپ كەتتىغۇ ، دەپ ئويلايتتىم . 5>1c 
$Pn^ms  
  مەن قايتا ئىشقا بارمىدىم . مەن مۇشۇنداق راھەت كۈنلەرنى ئۆتكۈزىۋېرىشنى خالايتتىم . شۇڭا قولۇمدىكى تېڭىقنىمۇ زادى ئالدۇرمىدىم . خۇددى ئەپيۇنغا ئۆگەنگەن كىشى ئۇنىڭ خۇمارىدىن زادى قۇتۇلالمىغاندەك . HHzY{UCq  
9vQl D Qz  
  -L^{!PS?n  
'& RF,YwNn  
'~6AzzM;  
Hyd^Il  
  بىر ئايدىن كېيىنكى مەلۇم بىر كۈنى ، قايتىپ كەلگەن دىلبەرنىڭ يۈز-كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى . ئۇ كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇراتتى . نېمىشقىدۇر ، ئۇنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ ئىچىم سىيرىلىپ كەتتى . `^3`+K.TL  
F81-R=0  
-- نېمە بولدى سىزگە ؟ _ سورىدىم . FsHyBE_i.S  
 _hXudh  
  ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاشقا باشلىدى . ~xL$lp  
9;"8:gB4[  
-- دېرىكتور ... دېرىكتور مېنى ... ئۇ مېنى تىللاپ كەتتى . ئۇ مېنى پۈتۈن ستاتىستىكىنى قالايمىقان قىلىۋەتتىڭ ، دەپ تىللاپ كەتتى ... ئەسلى خىزمەتدېشىم ماڭا بەرگەن ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خاتا ئىكەن ... مەن شۇنچە تىرىشساممۇ ... 71Vu5W  
. {`E2  
  "دېرىكتور ؟ ھى ھى ، سېنى پۇلىغا ئىلناشتۇرىۋېلىپ ئويناۋاتقان كىشىنى دەۋاتقانسەن ؟ يەنە بىرنى تېپىۋاپتۇ-دە ؟ " دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە . L{1z& 7n  
(ha?AAL(  
  لېكىن تېشىمدا بولسا چاندۇرماي ، ناتىقلىق ۋە ئارتىسلىق ماھارەتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ دىلبەرنى بەزلەپ ، ئۇنى ئاخىرى يىغىدىن توختىتىپ كۈلدۈرۈۋەتتىم . نەدىن كەلگەن جاسارەتكىن بىلمىدىم ، ئۇنى بوغۇپلا چوڭقۇر بىرنى سۆيدۈم . بۇ چاغدا كاللامدا " ئەگەر دىلبەر ئاشۇ پۇلداردىن ئايرىلىپ مەن بىلەن بىرگە بولۇشنى خالىسا ، مەن مەڭگۈ دىلبەرگە سادىق بولاتتىم . " دېگەن خىياللار ئەگىدى . Ig2 1WG9  
) JB.-)  
  ئۇنى سۆيگەن چاغدىكى سەزگۈ ھەقىقەتەن شۇنچە ئۇنتۇلغۇسىز ئىدى . ئۇ قۇچىقىمدا يېنىك تىترەۋاتاتتى ، لېكىن قارشىلىق قىلمىدى . مەن ئۇنىڭ تىنىقلىرىدىن مەستخۇش بولۇپ ، بۇ خىل مەستخۇشلۇق ھەتتا ھېلىقى كۈنىدىكى ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ بەكرەك مېنى ئاسماننىڭ قەھرىدە لەيلىتىۋاتاتتى . مەن ئۇنى بېلىدىن ئېلىپ دەس كۆتۈردۈم ۋە ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ كارىۋاتقا تاشلىدىم . ئۇنىڭ پۈتۈن ئەزايى-بەدىنىنى يېنىك سۆيۈپ چىقتىم . ئۇنىڭ بەدىنىدىن تارىغان خۇش ھىد مېنى ۋىسال ئىشقىدا مەست قىلىۋاتاتتى . uN2kUpeQJF  
$2=n;ovR4a  
  دەرىزىدىكى پەردىلەر تارتىلدى ، چىراغ ئۆچتى . ئىككىيلەن سۆيگۈ دەرياسىنىڭ ئىشقى سۈيىدە لەيلەپ ئېقىپ مەستخۇش بولۇپ لەيلەۋاتاتتۇق . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ "ئاھ " دەپ ئېچىنىشلىق ئىڭرىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم . ئۇ قاتتىق تىترەپ كەتتى-يۇ ، يەنە بەدىنىمگە مەھكەم ئېسىلدى . بىر ئىسسىق ئېقىم ، بۇ ئېقىمنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەننىڭ جىسمىمىز بىرلىشىپ تىنىقىمىز ئارىلىشىۋاتاتتى ... 6{}CU.9V>  
]=gT%_Bv3  
  XN3Psc!K/8  
sW6=&fI{  
  ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئويغىنىپ قارىسام يېنىمدا دىلبەر يوق . ئورنۇمدىن تۇرغۇچە كۆزۈم كىرلىكتىكى قان يۇقۇندىسىغا چۈشتى . قان ! قانلار كىرلىكنىڭ ئۈستىدە ئۇيۇپ ، قاق ئوتتۇرىدىن ئاجرىغان بىر يۈرەكنىڭ شەكلىگە كېلىپ قالغان ئىدى . $S&|kHGU4  
~jOd%IPr  
  ئۇ راستتىنلا ... ؟ ياق ، ياق ! بىر يېگىرمە بەش ياشلىق گۈزەل قىز ، ئۇ تۈنۈگۈن ئاخشام قىز ئىدى . لېكىن بۇنىڭغا مېنىڭ يىغلىغۇم كېلىۋاتاتتى . نېمىشقا ئۇ مەن ئويلىغاندەك بىر بۇزۇق ئەمەس؟ S ),{>5W  
,YJ%\F3L%  
  مېھمانخانىدىن ئۇنىڭ تېلېفوندا سۆزلەشكەن خۇشال ئاۋازى ئاڭلانماقتا ئىدى . y'j]7T  
9,0=>#eN<  
-- ئاپا ، ئۇ بىر ياخشى يىگىت ... u-c7L47d  
#^Xow  
-- ئەينى چاغدا سەنمۇ دادام بىلەن شۇنداق تونۇشمىغانمىدىڭ ؟ ئۇمۇ دادامغا ئوخشاش بىر ھەققانىيەتچى يىگىت ... w2^X\aa\  
C"!N6 H  
-- مەنمۇ سەن دادام بىلەن ئۆتكەنگە ئوخشاش ، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن ئۆتىمەن ئاپا ... fNpk~x#D]  
dCiGsL8  
hPWTV;m!R  
O#pJ^,`  
  مەن كارىۋاتنىڭ ئۈستىدە خىيالغا چۆكۈپ قانچىلىك ئولتۇرۇپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن . پەقەت دىلبەر كېلىپ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ " خەير-خوش ،مەن ئىشقا ماڭدىم " دېيىشى بىلەن ، ئاندىن ھۇشۇمغا كەلگەندەك بولدۇم . vwMq p ._  
^ #nuY  
  بۇ چاغدا ، مەن بارا-بارا ئۆزۈمدىن نەپرەتلىنىشكە ، ئۆزۈمدىن قاتتىق سەسكىنىشكە باشلىدىم . شۇنداق ، مەن شۇ قەدەر پاسكىنا ئىدىم ، ئۇ بولسا شۇ قەدەر پاك ئىدى . ئۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى راست ئىدى ، مېنىڭ ئېيتقانلىرىم بولسا قارا-قويۇق ھەممىسى يالغان ئىدى . ئۇ بولسا ئاقكۆڭۈل ئىدى ، مەن بولسام خىيالچى-قىلتاقچى ئىدىم . مەن قانداقمۇ ئۇنىڭغا ماس كېلەي ؟ H!Usm2?  
<)JPvX4dv  
  مەن دىلبەرنىڭ ئۆيىدىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ چىقىپ كەتتىم . كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىمىدىم . چۈنكى بۇ ئازابىم يوشۇرۇنغان ئۆيگە ئەمدى قارىغۇدەك يۈزۈم قالمىغان ئىدى . مەن بۇ شەھەردىن ، رومانتىك ، ئازابلىق ئىستانبۇلدىن ئايرىلدىم . cy:i,)p>$  
0C 2UOE  
  al3RQUTg  
M3e~uGNb  
yV+EeOl  
f>!PS44d  
    بۇ ئۈچ يىلدىن بېرى ، مەن بارلىقىمنى گۈللىنىشكە ، ئۆزۈمنى تاۋلاشقا سەرپ قىلدىم . قىمار ئوينىمىدىم ، ھاراق ئىچمىدىم ، قىز-ئاياللارغا قالايمىقان يېپىشمىدىم . ئۆيۈمدىكىلەر ۋەتەندە تۇرۇپ مەن سالغان پۇللارنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا ، قولىغا تېلېفوننى ئېلىپ مېنىڭ ياراملىق كىشى بولغانلىقىمدىن پەخىرلەندى . ئاپام كۆز يېشى قىلىپ مەندەك ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان ، باشقىلارنىڭ نەزەرىدە " يۇرتقا پاتماي تۈركىيەگە قاچقان " سەرگەردان بالىنىڭ ئاخىرى ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىكىدىن خۇشال بولدى . لېكىن ، پەقەت ئۆزۈمگىلا ئايانكى ، بىر قىز مەندەك بىر پاسىق كىشى ئۈچۈن نېمىلەرنى قۇربان قىلدى . ھەر كۈنى ئاخشىمى ئۇنىڭغا بولغان خىجىللىق ئىچىدىكى سېغىنىشىم يۈرىكىمنى قىينايتتى . Li|@eEhMq  
mtAAGcLW=  
  ئۈچ يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن ئاخىرى دىلبەرنىڭ تەلىپىدىكى ئاشۇنداق ئەر بولۇشقا قاراپ ئازراق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدىم . ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، دىلبەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ، ئۇنى قايتىباشتىن باغرىمغا بېسىش ئىستىكىدە ئىستانبۇلغا كەلگىنىمدە ، ئۇنىڭ ئۆيى قۇرۇق . ئۆي تېلېفونى ۋە يانفونى ھەممىسى ئاللىبۇرۇن قۇرۇق نومۇرغا ئايلانغان . Z Z'&@T,\  
Ayq'"u<  
  بەلكىم ، ئۇ ئۆي كۆچكەندۇ ، بەلكىم ، ئۇ خىزمەت ئالماشتۇرغاندۇ . ۋە بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۆز ھېسسىياتىغا ئېغىر زىيانكەشلىك قىلغان مەندەك بىر ئالدامچىنى قايتا ئۇچراتقۇسى زادى يوقتۇ ... czv.^* 6  
\sCla 3  
^IggO<  
4Xxn:;Qw8>  
  ئۇيان بېسىپ ، بۇيان بېسىپ ، ئاخىرى مەن تۇنجى رەت دىلبەرنى ئۇچراتقان ئاشۇ باغچىگە كېلىپ قالدىم . ئەينى چاغدىكى ئەشۇ ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ، كۆزۈمدىكى ياشلارنى زادىلا بېسىۋالالمىدىم .
Cyfq&% %l  
\]O 6|s|A  
_w{J;l3  
(پۈتۈن ھېكايە تۈگىدى ) #Wr[akA  
6LA'Kv  
--- ئەزىزان
=aF8iwB``P  
7,A,h8 0D8  
4x4o;JhE  
k-zdb$HbVG  
kIz|=Lf  
SU+F,L;  
(ئېلان : ئەزىزان قەلىمىدىكى ئەڭ يېڭى ، ئەڭ نادىر تېمىلارنى ۋە تەپسىلاتىنى كۆرۈشكە قىزىقسىڭىز ، توردىكى غېرىۋانە كۈلبەمگە  قەدەم تەشرىپ قىلىڭ : http://azizan.uqc.cn )
[ بۇ يازما ئەزىزان تەرپىدىن 2008-08-22 16:58 دە قايت ]
باشقۇرغۇچى ئەلقۇت تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(چىمەلتەك) ئاداش........... ..
  • شۆھرەت:+10(مۇنقەرىز)
  • پۇل :+300(پەيلاسوپ) چىرايلىق تېم ..
  • | ۋاقتى : 2008-08-22 15:37 [باش يازما]
    ئىدىرىسجان
    قارايمىزغۇ؟ چىرايلىقمىكەنمەن؟
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 6098
    ئۇنۋان:22 دەرىجە ھازىرغىچە6098دانە
    شۆھرەت: 7694 كىشىلىك
    پۇل : 972021224 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5947 نۇمۇر
    قوللاش: 5729 نومۇر
    ئالقىش: 7146 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :570(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرىنى تىزراق يوللا ئاداش 
    Gulyar tori
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    | ۋاقتى : 2008-08-22 17:17 1 -قەۋەت
    لەتىپە.
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 13114
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 367
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە367دانە
    شۆھرەت: 2346 كىشىلىك
    پۇل : 6800 سوم
    تۆھپە: 1100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 466 نۇمۇر
    قوللاش: 409 نومۇر
    ئالقىش: 500 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-03
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تىلىنىڭ راۋانلىقىراغا گەپ كەتمىگۈدەك ھىكايە بوپتۇ....ئاپىرىن... BGP&C+E.  
    'sK'Uc3=8  
    داۋامىغا تەشنامەن...............
    گەر كۆرسەكمۇ شۇنچە ھەقىقەت
    ئۆزگەرمىدى بىزدىن بىرەمۇ ئىللەت
    گېپىمىزنىڭ ۋەزنى شۇنچە چوڭ تېخى
    دۇنيادا يوق بىزچە بىر مىللەت(لەتىپە)
    http://blog.fenbei.com/9479414
    | ۋاقتى : 2008-08-22 17:27 2 -قەۋەت
    ئايپەرى127
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 13429
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 637
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە637دانە
    شۆھرەت: 788 كىشىلىك
    پۇل : 3890 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 807 نۇمۇر
    قوللاش: 677 نومۇر
    ئالقىش: 824 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :220(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى ھىكايە بوپتۇ بۇ ، ئاخىرىنى تىزرەك يوللىسىڭىز ...
    ھەر ۋاقىت خۇشال يۈرۈڭ !!!
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:12 3 -قەۋەت
    يەزر
    ئۇيغۇر ئىمپىريىسى
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1118
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1118دانە
    شۆھرەت: 1099 كىشىلىك
    پۇل : 16805 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1104 نۇمۇر
    قوللاش: 1018 نومۇر
    ئالقىش: 985 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :133(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ما ھىكايىنى ھاماي ئۇقۇپ چىقىپتىمەن. iks*x5j  
    =\{(9}i"#:  
    ھىكايىنىڭ  بېشىنى بەكلا ياخشى باشلاپسىز..... ^*.d j  
    ?GU1r,Co  
    ئاخىرىنى چۇقۇم يوللاڭ.
    bugra
      ★ يەزر=ئۇيۇشۇش=ئۇيغۇر!!!
      ★ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق!
      ★يەر شارى بىلەن تەڭ  ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇر سەلكىندە قانچىلىك؟
          ئالتە شەھەردە قانچىلىك؟ دۇنيادا قانچىلىك؟
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:31 4 -قەۋەت
    تۈرۈكلەر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 6838
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 160
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە160دانە
    شۆھرەت: 161 كىشىلىك
    پۇل : 656 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 158 نۇمۇر
    قوللاش: 158 نومۇر
    ئالقىش: 158 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :26(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرنى بەكلام ئوقۇغۇم بار .تىزراق يوللا ئاداش  ؟
    izdax.com
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:39 5 -قەۋەت
    ئىلى.بۆرىسى
    تارخ: ئۇ كىنو ئەمەس...........
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 150
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2651
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2651دانە
    شۆھرەت: 2407 كىشىلىك
    پۇل : 9201 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2758 نۇمۇر
    قوللاش: 2702 نومۇر
    ئالقىش: 1912 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :765(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    داۋامىغا قاراۋاتىمەن ................... تىزراق بولۇڭلا ............
    qarluq
    دوپسىنى ئال يۇۋاش نىم دىسە ، بىشىنىلا ئېلىپ كەپتىمەن .
    ئەززەلدىنلا سۇنۇق دىللارغا يەنە ،ئازاپ سېلىپ كەپتىمەن .
                          << ئۇيغۇرۇم ئۆم بول >>

    TextAdMarket.com
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:41 6 -قەۋەت
    ئۇيغۇر
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2097
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 391
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە391دانە
    شۆھرەت: 131 كىشىلىك
    پۇل : 700088 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 153 نۇمۇر
    قوللاش: 440 نومۇر
    ئالقىش: 544 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :192(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ھىكايە ئىكەن،ياخشى چىقىۋاتىدۇ، داۋامىنى تىزراق يوللاڭ!
    qarluq
    پۈتۈن ئالەمنىڭ قاراڭغۇلۇقىمۇ بىر تال شامنىڭ يورىقىنى توسۇپ قالالمايدۇ!
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:43 7 -قەۋەت
    تۇمارېس
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11892
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە393دانە
    شۆھرەت: 337 كىشىلىك
    پۇل : 202169 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 411 نۇمۇر
    قوللاش: 401 نومۇر
    ئالقىش: 436 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :1095(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرىنى  تېزراق ...........
    qarluq
    شاماللارغا سڭگەن مېنىڭ ھسياتلىرىم            ئۇقۇم ھۆكۈم تېئورما
    تاغ سۇيىنىڭ شا ۋقۇنىدەك پەرياتلىرىم            بىزگە تونۇش بىر ئۇقۇم
    بەختىم گويا تاغنى كەزگەن قىران بۇركۇت    ئىشىنىمىزكى سىقىلغان يۈرەك
    نەلەرگىدور يوشۇرۇنغان دىل  شاتلىقىم            رادىكالدىن چىقىدۇ چوقۇم
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:49 8 -قەۋەت
    ئاق-ئەتىرگۈل
    princess
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 144
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1586
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1586دانە
    شۆھرەت: 730 كىشىلىك
    پۇل : 7242 سوم
    تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1634 نۇمۇر
    قوللاش: 1552 نومۇر
    ئالقىش: 47 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :926(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ئىستانبۇلدىكى باغچە (ھېكايە)

    تەسەۋۋۇر دېگەن مانداق دۆلەت ئاتلىسا ھە...ھى ھى...ياخشى باشلىنىپتۇ...تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلىشىدۇ ھەقاچان يەنە...
    qarluq
    ئىلگىرىكى مەغلۇبىيەت ۋەخاتالىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ ئەپچىل چارىسى:تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ،تەپسىلاتلارنى ئۇنتۇپ كېتىشتۇر.
    | ۋاقتى : 2008-08-22 18:58 9 -قەۋەت
    ئىلى.بۆرىسى
    تارخ: ئۇ كىنو ئەمەس...........
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 150
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 2651
    ئۇنۋان:15 دەرىجە ھازىرغىچە2651دانە
    شۆھرەت: 2407 كىشىلىك
    پۇل : 9201 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2758 نۇمۇر
    قوللاش: 2702 نومۇر
    ئالقىش: 1912 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :765(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۈگىدىما ................. ئاشۇ قىز بار شارائىت ئاستىدىمۇ ئادەم تىخىمۇ ياخشى بوپ ئۆزگىرەلەيتتىغۇ ......
    qarluq
    دوپسىنى ئال يۇۋاش نىم دىسە ، بىشىنىلا ئېلىپ كەپتىمەن .
    ئەززەلدىنلا سۇنۇق دىللارغا يەنە ،ئازاپ سېلىپ كەپتىمەن .
                          << ئۇيغۇرۇم ئۆم بول >>

    TextAdMarket.com
    | ۋاقتى : 2008-08-22 19:05 10 -قەۋەت
    ئاھۇ...كۆزلەر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 19321
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 46
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە46دانە
    شۆھرەت: 47 كىشىلىك
    پۇل : 508 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    قوللاش: 44 نومۇر
    ئالقىش: 44 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :116(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەسىم :
    ئىسىت دىلبەر ..........................................!!!
    qarluq
    يۇزيىل بۇرۇن  يوق ئىدۇق ،
    | ۋاقتى : 2008-08-22 19:13 11 -قەۋەت
    ئەركىم
    ئۇيغۇر سەلكىن
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 9844
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 290
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە290دانە
    شۆھرەت: 1381 كىشىلىك
    پۇل : 7160 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 569 نۇمۇر
    قوللاش: 424 نومۇر
    ئالقىش: 890 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :506(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك راستچىل تۇيغۇلاردا يېزىلغان ھېكايە بولۇپتۇ...بىر بەڭباش يىگىتنىڭ ئو ي - خىياللىرى تولىمۇ ئۇستىلىق بىلەن بايان قىلىنىپتۇ...مەن توردا ئوقىغان ئەڭ ياخشى ھېكايە...
    qarluq
    ياشىسۇن ئۇيغۇر...
    | ۋاقتى : 2008-08-22 19:18 12 -قەۋەت
    تۇمارېس
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11892
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 393
    ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە393دانە
    شۆھرەت: 337 كىشىلىك
    پۇل : 202169 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 411 نۇمۇر
    قوللاش: 401 نومۇر
    ئالقىش: 436 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :1095(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توۋا ........ I-83IE  
    ئەجەپ بىر  قىسىملا  بولۇپ  قالدىم
    qarluq
    شاماللارغا سڭگەن مېنىڭ ھسياتلىرىم            ئۇقۇم ھۆكۈم تېئورما
    تاغ سۇيىنىڭ شا ۋقۇنىدەك پەرياتلىرىم            بىزگە تونۇش بىر ئۇقۇم
    بەختىم گويا تاغنى كەزگەن قىران بۇركۇت    ئىشىنىمىزكى سىقىلغان يۈرەك
    نەلەرگىدور يوشۇرۇنغان دىل  شاتلىقىم            رادىكالدىن چىقىدۇ چوقۇم
    | ۋاقتى : 2008-08-22 19:21 13 -قەۋەت
    ئەزىزان
    ئەزىزان تور ئەدەبىياتى
    ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


    UID نۇمۇرى : 7685
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 2257
    ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2257دانە
    شۆھرەت: 2925 كىشىلىك
    پۇل : 1138 سوم
    تۆھپە: 210 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1092 نۇمۇر
    قوللاش: 864 نومۇر
    ئالقىش: 2272 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :809(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-16
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     Re:Re:ئىستانبۇلدىكى باغچە (ھېكايە)

    Quote:
    بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىئاق-ئەتىرگۈلنىڭ2008-08-22 16:58دە يوللىغان يازمىسى Re:ئىستانبۇلدىكى باغچە (ھېكايە) : 3 hkbE}nO  
    تەسەۋۋۇر دېگەن مانداق دۆلەت ئاتلىسا ھە...ھى ھى...ياخشى باشلىنىپتۇ...تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلىشىدۇ ھەقاچان يەنە...
    GOKj?TuwF*  
    ئەسلى ياۋروپادىكى باشقا بىر شەھەر دەپ يازغان ئىدىم (ئەسلى نۇسخىسى خەنزۇچە يازغان ) . [ao/,)  
    ئەمدى بەك ئاتلاپ كېتىپ چېنىپ قالماي دەپ ، تەرجىمىسىدە تۈركلەشتۈرۈپ قويدۇق . B )cD=^8  
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-08-22 19:22 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2345» Pages: ( 1/7 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040