<<ھەسەنجان ، ئوغلۇم سەن نەدە ؟سەن ئۈرۈمچى يامالىق تېغىدا يۇقاپ كەتكەندىن بۇيان مانا سىنى كۆرمىگىلى توپتوغرا16 يىل بوپتۇ ، 16 يىل ئويلاپ باققىنا بىر ئانا ئۈچۈن، سىنى 9ئاي 9 كۇن قۇرساق كۆتۇرۇپ تۇغقان، چوڭ قىلغان بىر ئانا ئۈچۈن قانچىلىك زۇلمەت ،قانچىلىك ئازاپلىق ۋاقىت ھە! سىنى ئىزدىمىگەن يېرىمىز ، ئىزدەش ئۈچۈن قىلمىغان سەۋەبىمىز قالمىدى،مانا سىنىڭ دەردىڭدە چوڭ ئاناڭ كىسەل بۇلۇپ يېتىپ قالدى.داداڭ سىنىڭ ئازراق دىرىكىڭنى ئېلىپ بېيجىڭغا سىنى ئىزدەپ كىتىپ قالدى.
سىنىڭ ئاشۇ16يىلنىڭ ئالدىدىكى خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەشلىرىڭ ،قىياقتەك قارا قاشلىرىڭ،بۇغداي
ئۆڭ ئىگىز بويلىرىڭ ،تاماق يىگەندە سول قۇلۇڭدا يىيىشلىرىڭ،بەخىتكە قارشى بىر قېتىملىق ھادىسىدە يىنىك يارلىنىپ تاتۇق بۇلۇپ قالغان قول ئالقىنىڭ ،جەينەكلىرىڭ ۋە پۇت ھۇشۇقىڭدىن تىزىڭغىچە، ئوپراتسىيە جەرياندا چۈشۈپ قالغان تاتۇقلار (بالىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئالاھىدىلكلرى) مانا ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .
ئوغلۇم ھاياتلا بولساڭ قايتىپ كەل مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇ سىنىڭ كىندىك قېنىڭ تۈكۇلگەن ئانا دىيارىڭ ،تاشمۇ چۈشكەن يېردە ئېزىزغۇ قارغۇجام .داداڭمۇ سىنى ئىزدەش جەريانىدا ئېغىر كىسەل بۇلۇپ قالدى،سىنىڭ خەۋرىڭنى بەزىلەردە تۇنۇش بىلىشلەردىن ئاڭلاپ قالىمەن، مۇشۇنداق كۇنلەردە كىچىنى تاڭغا ئۇلاپ چىقىمەن .كۆز ياشلىرىم دەريا بۇلۇپ ئاقىدۇ جېنىم بالام.
بىر كۈنلەردە سىنىڭ ئاتا-ئانا دەردىدە قان يىغلاپ ،يىتىملىك دەردىدە كىملەرنىڭدۇ ئىشىكى ئالدىدا تەلمۇرۈپ قالماسلىقىڭنى . ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا مىنى ئاشۇ بۇرۇنقى چۈچۈك تىللرىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم <<ئانا>> دەپ چاقىرىشىڭنى ئۇلۇغ ئاللادىن كىچە كۈندۈز تىلەيمەنغۇ جېنىم بالام .>>
مانا بۇ بىر ئانىنىڭ يۇرەك پارسنى ئىزدەپ يازغان خېتى :
سەلكىندىكى دوستلار ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ مىھىربان ئاننىڭ يۈرەك پارىسىنى تېپۋېلىشى، جەمىيىتىمىزدە ئىچكىردە سەرگەردان بۇلۇپ يامان يولغا كىرىپ قالغان ياشلارنىڭ ئازىيىشى،سەرگەردان باللارنىڭ تىزراق ئائىلىسىگە قايتشى ئۈچۈن ھەممىز بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قۇشايلى.
بۇخەتتە بالىنىڭ قىياپەت ئالاھىدىلكى ئېنىق يېزىلغان . بالنىڭ ئىسمى ھەسىەنجان ،ھازىرقى يېشى26ياش.بالنى ساق-سىالامەت تاپشۇرۇپ بەرگەنلەرگە7000يۈەن سۈيۈنچە بىرىمىز.
مەيلى پۇل ئۈچۈن بولسۇن ياكى جان ئۈچۈن بولسۇن بۇ ھەممىزنىڭ ئورتاق مەسئۇليىتى بولسۇن!
ئادىرسى: شىنجاڭ ئۆكتەبىر تەرەكتۇر زاۋۇتى ،16-بىنا 1-كۇرپۇس 1-ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ياسىن ، نۇرسىمانگۈل .
ئالاقلاشقۇچى: نۇرسىمانگۈل 5344441 -0991
قوشنا( خەنزۇ ) 4592791-0991
[ بۇ يازما گۈليار تەرپىدىن 2008-08-20 19:42 دە قايتا ]