« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئۆزەم ھەر جايدىمەن،كۆڭلۈم سەندىدۇر[تەۋسىيە] IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 1700 قېتىم كۆرۈلدى
ياخشىلىق
ئالاھىدە ئىلگىرلەش
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 12859
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 478
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە478دانە
شۆھرەت: 1044 كىشىلىك
پۇل : 3013 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1187 نۇمۇر
قوللاش: 827 نومۇر
ئالقىش: 1836 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 ئۆزەم ھەر جايدىمەن،كۆڭلۈم سەندىدۇر[تەۋسىيە]

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئىشەنچ تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-08-19)
ئۆزەم ھەر جايدىمەن،كۆڭلۈم سەندىدۇر
T^'Py;3  
(ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلەنگەن نۇتۇق)
Y`iqPa=  
_RT*|'  
ئابدۇقادىر جالالىدىن
:;! 
^7#*1Mt=%  
W;q Ho:<X  
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ساۋاقداشلار! 24zPa5I'  
بۈگۈن مېنى چەت ئەلدىكى ئىلمىي زىيارىتىم ئاساسىدا ئىگە بولغان تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپسىلەر. بۇنىڭدىن \lKude5=&I  
دۇنيانى بىلىشكە تەشنا يۈرىكىڭلارنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. توغرا، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانى چۈشىنىش بىزنىڭ ھوقۇقىمىز ۋە ھەققىمىزدۇر. ئۇچۇر ۋە بىلىمنى يۈكسىلىشنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسى قىلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، دۇنيانى چۈشىنىش ئەقەللىي بىر ,f#LWJ_amt  
ئىش بولۇپلا قالماي، بىز دۇنيانى قانچىكى چۈشەنسەك، ئۆزىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزمۇ توغرىلىققا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان جۇشقۇن تەبىئىيىتىڭلارنى قەدىرلەيمەن. بۇ جەھەتتىكى ئىشتىياقىڭلارنى قاندۇرۇش قولۇمدىن كەلمەيدۇ، ئۆزۈڭلار توغرىسىدا ئازراق ئويلىنىپ كۆرۈشكە تۈرتكە بولالىساملا، ھەممىمىزنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بىكارغا كەتمىگەن بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. ?VG5W@CP  
بەزىلەر مېنىڭدىن بۇ قېتىمقى چەت ئەل سەپىرىڭدىن زادى نېمىگە ئېرىشتىڭ، دەپ سوراشتى. مەن ۋەتەندىن ئايرىلغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدىكەن، دېگەن ھەقىقەتنى ھېس قىلدىم» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇلار بۇ جاۋابىمنى ناھايىتى ئاددىي ھېس قىلىشتى. شۇنداق، قارىماققا بۇ گەپ شۇنچە ئاددىي، لېكىن بۇ گەپنىڭ تېگىدىكى ھەقىقەتنى ھەربىر ئەۋلاد ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن، ھىجراندىكى ئازابلىرى بىلەن، كۆز ياشلىرى بىلەن ئىزھارلاپ بولغىلى بولمايدىغان ماددىي-مەنىۋى بەدەللىرى بىلەنلا چۈشىنەلەيدۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىغا تايىنىپ خاتىرجەم ياشاۋاتقان بىر بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسى بىلەن ئۇرۇشنىڭ زەربىسىدىن ئۆيى ۋەيران بولغان مېيىپ پەلەستىنلىك بالىنىڭ ۋەتەن تۇيغۇسىنى قانداقمۇ سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟! 9oDum  
بەزى ھەقىقەتلەر ئېيتىلىشىدىنلا ناھايىتى ئاددىي ھەم ئاممىباب بولغاچقا، ئۇنىڭ توغرىلىقىدىن ھېچكىم گۇمانلانمايدۇ، ئۇنى تەبىئىي رەۋىشتە ئۆزىنىڭ خاتىرىسىگە ئېلىۋالىدۇ، ئالاھىدە بىر ئىش تەسىر قىلمىغۇچە ئىنسان ئۆزى پىششىق بىلىدىغان ھەقىقەت توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقمايدۇ، ئۇ ئويلىنىپ بېقىشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن چۈشىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. سىز ئۆز ۋەتىنىڭىزدە تۇرۇۋاتقاندا ۋەتەننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلمايسىز ياكى يۈزەكى ھېس قىلىسىز، ئاشۇ ئەزىز ۋەتەندىن مەلۇم مەزگىل ئايرىلغاندا، ۋەتەن دېگەن بۇ سۆزنىڭ ۋەزنىنىڭ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى بايقايسىز. 49z6n6r0"  
مەن لوندوندا باشقىلارغا ياللىنىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان ئافغانىستانلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ يەردىكى رەھىمسىز ئۇرۇش ئوتى ئۇنى سەرگەردانلىق كوچىسىغا پالاپتۇ، ئۇ ئىككى ئاكىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ھازىرغىچە ئالالماپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ۋەھىمە ئىچىدە ھېس قىلىپ، يالغۇز ئانىسىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقاندا ئۆزىنى باسالماي يىغلاپ كەتتى. «مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنىدە نېمىشقا تۇرالمايمەن؟»دەيتتى ئۇ. مەن يەنە سۇمالىلىق بىر بالا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭدىن: «لوندوننى ياخشى كۆردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدىم. ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇش ۋە قەھەتچىلىك مېنى سەرسانلىق بالاسىغا سالدى، مەن لوندوندا تۇرۇپ سۇمالىنى چۈشەيمەن دېدى ئۇ ماڭا. sH<g~3  
ۋەتەن سېغىنچى مېنى راسا ئۆرتەپ تۇرۇۋاتقاندا، بىرەر كۆچمەننى كۆرسەم پۇرسەت بولسىلا ۋەتەن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالاتتىم، ئۇلارنىڭ ۋەتەن توغرىسىدىكى ھەسرەتلىك بايانلىرى مېنىڭ يارامغا تۇز بولۇپ سېپىلەتتى. ھېلىمۇ ياخشى، بۈگۈنكى كۈندە مۇساپىرەتتىكى چاغلىرىڭىزدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىن دەردلەشكۈدەك بىر قانچە ۋەتەنداشنى تاپالايسىز، ئۇلار بىلەن بولغان پاراڭ ئارقىلىق سىزنى قىيناۋاتقان سېغىنىش ئوتىنى باسالايسىز. مۇشۇنداق چاغدا شۇنداق تەسىراتقا كېلىسىزكى، قېرىندىشىڭىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ھەربىر گەپ، ھەربىر شېۋە، ئۇنىڭ مىجەزى ۋە روھىي ھالىتىنىڭ ئۆزىمۇ سىز سېغىنىۋاتقان سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ نەق بىر پارچىسى ئىدى. سىزمۇ بىلىسىز، ۋەتەن دېگىنىمىز قانداقتۇر بىر پارچە يەنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئۇ يەنە ئاشۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق، خەلقنىڭ مىجەزى، ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى ۋە بىر پۈتۈن تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىراق بىر ئەلدە ئويلىمىغان يەردىن بىر قېرىندىشىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز، سىزدە بىردىنلا ئىللىق دىلكەشلىك سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ئاغزىدىن بىر ئېغىز ئانا تىلىڭىزنى ئاڭلىسىڭىزلا زور تەسەللىگە ئېرىشىپ قالىسىز. شۇڭا، بەزىدە يەت مۇھىتتىكى تونۇش بىر چىراي، ئاددىي بىر سالام، ھەتتا بىرەر تاۋۇشنىڭ ئۆزىلا ۋەتەن بولۇپ تۇيۇلىدۇ. _XmW$  
ئىستانبۇلنىڭ ئاۋات بىر كوچىسىدا بىز ئۇچ يۇرتداش يۇمۇرلۇق چاقچاقلىرىمىز بىلەن كېتىۋاتاتتۇق، «مېنىڭچە، كەينىمىزدىكى ئاۋۇ قىز چوقۇم ئۇيغۇر»دېدى ھەمراھىمىزنىڭ بىرى. بىز ئىختىيارسىزلا كەينىمىزگە ئۆرۈلۈپ قاراپ، شۇنداق سەت چاندۇردۇق. نېمىگە ئاساسەن ئۇنداق دەيسەن؟ دەپ سورىدىم مەن ».ئۇ قىز چاقچىقىمىزدىن كۈلگەندەك قىلدى دېدى ھەمراھىم. مەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ شۇ قىزنىڭ ئۆزىدىنلا سورىماقچى بولدۇم. بىز قىز بىزگە يېتىشكۈچە ساقلاپ تۇردۇق. قىز يېقىنلاپ كەلگەندە، سىز ئۇيغۇرمۇ؟»دەپ سورىدىم. قىز كۈلۈپ كەتتى ۋە شۇنداق دەپ جاۋاب بەردى. بىز شۇ ھامانلا پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئۇ بىزنىڭ چاقچىقىمىزنى ئاڭلاپ قالغانىكەن. دېمەك، بىز قىلىشقان گەپنىڭ بىر بۆلىكىلا رەستىدىكى يات ئادەملەرنى قېرىنداشلىق رىشتى بىلەن ئورىۋەتكەنىدى. قىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىلى ئۈچ يىل بوپتۇ، شۇ تاپتا چېنىقىش كۇلۇبىغا قاراپ ماڭغانىكەن. بىز ئارىمىزدىكى بۇنداق تارتىشىش كۈچىنى قەشقەر ياكى ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بولساق ھېس قىلالمىغان بولاتتۇق، بەلكىم بۇ كەيپىياتنى گۇمانسىراش ئىچىگە غەرق قىلىۋەتكەن بولاتتۇق. ئەسلىدە بىز بىر-بىرىمىز ئۈچۈن شۇ قەدەر سۆيۈملۈك بولۇپلا قالماي، بەلكى مۇھىم ئىكەنمىز. بىزدە «يالغۇز دەرەخ ئورمان بولماس دېگەن ئاتىلار سۆزى بار، قېرىنداشلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا بىر-بىرىنى كۆزىگە سىغدۇرالماسلىقى نادانلىقنىڭ ئالامىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. X*;+"ls  
مەن لوندوندىكى ۋەتەنداشلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، مەن چاقچاق قىلىپ: سىلەر مايكول جېكسون، مادوننا، سېلىن دىئانلارنىڭ ناخشىسىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەمسىلەر - نېمە؟ دەپ سورىدىم. ئۇلار:«ئۆزىمىزنىڭ ناخشىلىرى بەكرەك ياقىدىغان بولۇپ قالدى، سەۋەبىنى ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايمىز دېيىشتى. ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ كۆرىمىز، لېكىن ۋەتەندە ئىشلىگەن تۇرمۇش فىلىملىرىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇ فىلىملەرنىڭ سەۋىيىسى تۆۋەن، لېكىن ئۆزىگە تارتىدۇ دېدى بىرەيلەن. مەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى قەشقەر شېۋىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈنلا تەكرار كۆرىمەن دېدى يەنە بىرەيلەن. Mg\:?$>  
مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئاددىي ناخشا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تىلغا ئالماقچى ئەمەس، دەل ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان كۈچ پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇپ، مۇكەممەل ھەم ئالىيجاناب ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنە شۇنداق ئاددىي ئېلېمېنتلار ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. نەچچە يۈز توننا كېلىدىغان كىتمۇ ئاددىي ھۈجەيرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ؟! y/rWr9Y  
ئارىدا بىر ۋەتەندىشىم مېنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ قالدى، تاماقتىن كېيىن تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. گەپ ۋەتەن تېمىسىغا كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ سۈكۈتلۈك دەقىقىلىرىگە ھۆرمەت قىلدىم. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە بىر ئۆيگە چىقىپ كەتتى، ھايال ئۆتمەي بىر شېشىنى كۆتۈرۈپ كىردى. بۇنى پۇراپ بېقىڭ»دېدى ئۇ شېشىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ. مەن ئېھتىيات بىلەن پۇرىدىم، ئاچچىق توپا ھىدى دىمىغىمنى يېنىك قىچىشتۇردى. مەلۇمكى، شېشىگە قاچىلانغىنى توپا ئىكەن. «بۇ مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىنىڭ توپىسى. كۈن نۇرىدا تاۋلانغان توپا، سەككىز يىل بولدى ساقلىغىلى» دېدى ساھىبخانا چۈشەندۈرۈپ. NL.8MF  
شىشىدىكى توپا مېنى ئويغا سالدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ توزان قەسىدىسىدېگەن شېئىرى يادىمدىن كەچتى. چەت ئەلگە چىققان بىرەيلەن بىر مۇھاجىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ، مېھمان ئۇچىسىدىكى كىيىمنى قاقماقچى بولغاندا، مۇھاجىر ساھىبخانىغا؛«قېرىندىشىم، ئۇ چاڭدىكى توپىنى قاقمىغىن، ئۇ مەن ئۈچۈن تەۋەررۈك تۇتىيا»دەيدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق ھېسسىياتنى مۇساپىرچىلىقنىڭ مۇزدەك كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەملا چۈشىنەلەيدۇ. y_yFpS  
مەن شۇنى چۈشەندىمكى، چەت ئەلدىكى مۇھاجىرلار «ۋەتىنىم بارغۇ» دېگەن ئۈمىد بىلەن يۈرىكىنى پۈتۈن قىلىدىكەن، دەل مۇشۇ ئۈمىدنىڭ قۇدرىتى بىلەن نەچچە ئون يىللىق قارا ھىجرانغا بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن. v}NhGgw  
بەلكىم سىلەر «ۋەتەن» دېگەن زادى نېمىدۇ، دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن. ۋەتەن ئابستراكت مەنىدىكى جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم ئەمەس، ئۇ سىز چوڭ بولغان ئۆي، مەھەللىڭىزدىكى كاداڭ قاپاق تېرەك، سىز كېچىپ ئۆتكەن كېچىك، ياۋا گىياھلار قاپلاپ كەتكەن خارابە، سارغىيىپ كەتكەن قوليازما، سىزگە ئىسرىق سېلىپ ئوت كۆچۈرۈپ قويغان مويسىپىت موماي، سىزگە ئىسىم قويۇپ بەرگەن ئاخۇنۇم، قوي-كالىلار توپ توزۇتۇپ كېتىۋاتقان يېزا يولى، دېھقاننىڭ تېرىق زاغرىسىدەك يېرىلىپ كەتكەن تاپىنى، بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ سىماسى ۋە ئۇلار ياراتقان ئەقىل-پاراسەت... ....ۋەھاكازالار. سىز يىراق بىر يەرگە كېتىپ ۋەتىنىڭىزنى سېغىنغاندا، ئالدى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىسى ياكى ئۆزىڭىز كۆپ ماڭغان قەدىم كوچىلارنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق بولۇشى تامامەن يوللۇق. چۈنكى، ۋەتەن كونكرېت ئۇقۇم، مۇھەببەتمۇ كونكرېت ھېسسىيات، سىزنىڭ ئۆز خەلقىڭىزگە ۋە ۋەتىنىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ئۆزىڭىز باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇن كونكرېت ئىشلار، سىز ئۇچراتقان نۇرغۇن كونكرېت ئادەملەرنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ياقا يۇرتتا كۆرگەن بىر پارچە سۈرەت، ھەتتا قامۇسلاردىن ئورۇن ئالغان يۇرتىڭىزنىڭ بىرەر خىل قۇشىمۇ يۈرىكىڭىزنى لەرزىگە سالىدۇ، سىز يات بىر ماكاندا يۇرتىڭىزغا دائىر كىچىككىنە ئۇچۇرنى كۆرسىڭىز پەخىرلىنىپ كېتىسىز. ئەنگلىيىدىكى ۋاقتىمدا توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوباجىن دېگەن يېرىدىن 8- ئەسىرلەردە ئۆتكەن مويۇنچۇر قاغان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان ئۇيغۇر قەلئەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ، ۋەتەن ھەققىدىكى ئۇقۇمۇمدا كېڭىيىش بولغانىدى. تارىخ ئىلىمىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىدە نەقەدەر مۇھىملىقىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخىي پاكىتلار بىلىش ئۇپۇقىمىزنىڭ سىرتىدا قالغاندا، ئېچىلىشقا تېگىشلىك ھەقىقەتنىڭ ئاچقۇچى بولالماي قالىدۇ. K~@[ 1:0  
ۋەتەننىڭ پاسىلى سىزنىڭ ئەقىل قۇۋۋىتىڭىز، غەيرەت-شىجائىتىڭىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ كېڭىيىدۇ. نەزەر دائىرىسى تار، شەخسىيەتچى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ۋەتەن تولىمۇ كىچىك بولىدۇ، نادانلىق ۋە نومۇسسىزلىق ئىسكەنجىسىدە قالغانلارنىڭ تاماق قاچىسى قەيەردە بولسا، شۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى دەپ قارايدۇ، ئۇلار ۋەتەننى تاماق قاچىسى ئارقىلىق چۈشىنىدۇ، ئۆز نەپسىگە بولغان تۇتقۇنلۇقتىن قۇتۇلالمىغان ئىنسان ۋەتەننى سۆيۈش لاياقىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، بىر جەمئىيەتتە بۇنداق قورساق بەندىلىرى كۆپىيىپ كەتسە، خەلقنى ئاپەت باسقىنى شۇ. 6dPY4 32  
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە ۋەتەن توغرىسىدا سۆزلەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن گېپىمنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەسىراتىمدىن باشلىدىم. بىر ئادەم سۆيۈملۈك ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ بىر مەزگىل چەت ئەلدە يۈرۈپ، ئۆز ۋەتىنى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانسا، ئۇنىڭ سەپىرىنى تولۇق غەلىبىلىك بولدى دېگىلى بولمايدۇ. مېنىڭ ۋەتەن توغرىسىدا مەخسۇس توختىلىشىمنىڭ سىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا زۆرۈرىيىتى باردۇ؟ "!' U O  
سىلەر ئالاھىدە بىر دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، ھازىر ئۇچۇر ۋە ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش ئاجايىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىقتىساد ۋە مائارىپ يەرشارىلىشىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۈچىيىۋاتىدۇ، چوڭ مىللەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ تەسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»دېگەن ئۇقۇم بىلەن بىللە مەدەنىيەتلەر دىئالوگى، مەدەنىيەتلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇد بولۇشى»دېگەندەك شوئارلارمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، كىشىلەر خىرىس بىلەن ئۈمىد بىللە مەۋجۇد دەپ تەسۋىرلىگەن ۋەزىيەت دەل بىزنى ئوراپ تۇرماقتا. سىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭ، شاڭخەيلەردە ئوقۇشىڭىز مۇمكىن، بەلكىم كېيىنچە ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشىڭىز مۇمكىن. روشەنكى، سىز تۇغۇلغان يېرىمدە مەڭگۈ تۇرىمەن دەپ ئېيتالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ يەرشارىلىشىشى» دېگەن گەپ پۇرسەتنىڭمۇ يەرشارىلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. قەيەردە خەلقىمىزگە لازىم بىلىملەر بولسا، ئىمكانقەدەر شۇ يەرگە بېرىپ ئوقۇشىڭىز كېرەك، بىزنىڭمۇ دۇنيادىكى داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك؛ بىزنىڭمۇ دۇنيانىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ئورۇنلىرىدا قەد كۆتۈرگەن خادىملىرىمىز بولۇشى كېرەك، سىلەر مۇشۇنداق ئالىي مەقسەتلەرنى كۆڭلۈڭلارغا پۈكۈپ تۇرۇپ ئوقۇشۇڭلار لازىم. يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىسام، قازاقىستاننىڭ غالجات مەھەللىسىدە چوڭ بولغان، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر يىگىتى شۆھرەت مۇتەللىپ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقئارادا چوڭ تەسىر قوزغاپتۇ. ھە دېسىلا كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يەردىن چىقماسلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسابلانمايدۇ، بىر ئۆمۈر ۋەتەندە ياشاپ ئۆزىنىڭ قېرىندىشىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەيدىغان ئىنسانلارمۇ بولىدۇ. ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەت ئەلدە تۇرۇپ قېلىش ۋەتەننى تەرك ئەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، چۈنكى، چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ ۋەتەنگە ئىش قىلىپ بەرگىلى بولىدۇ. ۋەتەندە ياشاپ تۇرۇپ قەلبىڭىزدە ۋەتەن بولمىسا، ۋەتەن ئالدىدا نانكور بولىسىز، ۋەتەندە بولالمىسىڭىزمۇ ۋەتەن ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلسىڭىز، يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر بولالايسىز. رۇسىيە شائىرى شىدرىن: «ۋەتىنى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ئىنسانلار ئەڭ خەتەرلىكتۇر» دېگەنىكەن. سىز نەدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئانا تۇپراققا بولغان سەمىمىي رىشتىڭىزنى ئۈزمىسىڭىزلا، بۇ رىشتە سىزنى ئادەمىيلىكنىڭ سۈزۈك بۇلاقلىرىغا ئۈندەپ تۇرىدۇ، ئۆزىڭىزدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى سېزىپ تۇرىسىز. كلاسسىك شائىرلىرىمىز «ئۆزۈم ھەر جايدىمەن، كۆڭلۈم سەندىدۇر دېگەن ئوتلۇق مىسرانى قالدۇرغان، ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ۋەتەنگە تەتبىقلىساق تازا جايىغا چۈشىدۇ. ئادەتتە پەننىڭ چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بايلىقى، لېكىن ئالىمنىڭ ھامان ۋەتىنى بولىدۇ. قۇش ھەر قانچە ئېگىز پەرۋاز قىلسىمۇ، ئۇنىڭ ئوزۇقى بىلەن ئۇۋىسى زېمىندا بولىدۇ. )&'5)t/9w  
ساۋاقداشلار، مەن سىلەرگە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى يەر شارى كەڭلىكىدىن ئىزدەڭلار، لېكىن ۋەتىنىڭلارنى ئۇنتۇماڭلار دەۋاتىمەن. شۇنى ئەسكەرتمەي بولمايدۇكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىمۇ تەربىيىلەشكە ۋە پەرۋىش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ۋەتەنپەرۋەرلىك قەيەردىن باشلىنىدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدى بىلەن ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. بىزنىڭ ئاتا-ئانىمىز، تۇغقانلىرىمىز، بوۋا ۋە مومىلىرىمىز، ئاندىن قالسا قۇلۇم-قوشنا، مەھەللە-كويلىرىمىز ئەڭ بىۋاسىتە ۋەتەندۇر. بىز مۇشۇ ۋەتەن ئاساسىدا ۋەتەن ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى تەدرىجىي كېڭەيتىمىز، بېيىتىمىز ۋە ئالىيجاناب پەللىگە كۆتۈرىمىز. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئانىمىز بەرگەن سۈت ۋە نان بىلەن شەكىللىنىدۇ، چۈنكى ئانىلار ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئالەمچە مېھرىنى قوشۇپ بېرىدۇ. بىزنىڭ مىجەز-خۇلقىمىز ئاتىمىز بەرگەن غۇرۇر بىلەن بېجىرىملىك ۋە قەتئىيلىككە ئىگە بولىدۇ. ئاتا-ئانا بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز سۈپىتىدە خاراكتېرىمىزگە ئۆچمەس تامغىلارنى باسىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئۆزىمىز تەۋە بولغان خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ئېسىل ئەنئەنىسى، پارلاق مەدەنىيىتىنى بىلدۈرەلمىسە، بىز بالىلىقتىكى ناھايىتى مۇھىم ئوزۇقتىن مەھرۇم قالغان بولىمىز. ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ تىل ئۇستازى، ئانا تىلىمىزدىكى چوڭقۇر مەنالىق، ھېسسىياتقا باي سۆزلەرنى پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ. ئانا تىل شۇنىڭ ئۈچۈن قۇدرەتلىككى، ئۇنى بىزگە مېھرىبان ئاتا-ئانىلىرىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز مۇھەببەت بىلەن ئۆگەتكەن، تىلىمىزدىكى ھەربىر تاۋۇش، ھەربىر ئاھاڭ بىزگە ئازادىلىك ۋە مۇھەببەت ئەۋجىدىكى شېرىنلىك ئىچىدە سىڭگەن بولىدۇ. بىز ئاتا-ئانىلىرىمىز ئارقىلىق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكىتى، ئىنكاسى، خۇشاللىق ۋە قايغۇسى بىلەن تەبىئىي ئۆزلىشىپ كەتكەن ھايات بىلىملىرىنى ئۆگىنىمىز، بۇ بىلىملەر بىزنىڭ كېيىنكى سىستېمىلىق پەننىي بىلىملىرىمىزنىڭ خۇرۇچلىرىغا ئايلىنىدۇ. lFwyA  
بىز ئۆسكەن مەھەللە بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ يەنە بىر ئۇستازى، بىزنىڭ بالىلىقىمىز مەھەللىمىزدىكى تەبىئىي مەنزىرە، مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، بىزنىڭ تىلىمىز مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ ئىخچام مەدەنىيەت مۇزېيى ئارقىلىق تېخىمۇ بېيىيدۇ، غەمسىز بالىلىق بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەھەللە بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىمىزگە ئايلىنىپ، خۇشاللىق ۋە لەززەت ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر روھىي ئوزۇق ئالىمىز، بىر ئۆمۈر ئىلھاملىنىمىز. بىر مىللەتنىڭ تىلىدىكى سۆز بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى شۇ خەلق ياشىغان ماكاننىڭ ئېكولوگىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزدە بىر بالا تۇغۇلسا «ئوغۇلمۇ، قىزمۇ؟» دەپ سوراشنىڭ ئورنىغا «بۆرىمۇ، تۈلكىمۇ؟» دەپ سورايدىغان ئەھۋاللار بار. ئەگەر بۆرە بىلەن تۈلكە خەلقىمىز ياشاپ كەلگەن بۇ مۇقەددەس زېمىندا مەۋجۇد بولمىسا، بىزدە بۆرە بىلەن تۈلكىنىڭ ھاياتى ۋە خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئىنچىكە كۆزىتىش بولمىسا، ئۇلار ھەققىدە ھەقىقىي تونۇشمۇ بولمايتتى، جۈملىدىن يۇقىرىقىدەك ئىپادىلەشمۇ بولمايتتى. تىل دېگەن ھاياتلىقتىكى كونكرېت ماكان-زاماننىڭ مەنىۋىلىشىشى سۈپىتىدە بىر مىللەتنىڭ ھايات شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ خۇلقىنى ئۇنىڭ تىلىدىن روشەن كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بالىلىقتا قوبۇل قىلغان تىل بىلەن تەپەككۇر بىزنىڭ كېيىنكى ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ گېنىغا ئايلىنىدۇ. بۇ ھەقتە ئاتاقلىق مائارىپشۇناس م. مونتىسسارى: «كىشىلەر ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆزلىيەلەيدىغان بىردىنبىر تىل - دەل بوۋاق مەزگىلىدە ئۆگەنگەن ئاشۇ تىلدۇر» دېگەنىدى. بىز باشقا تىللارنى ئانا تىلىمىز ئارقىلىق ئۆگىنىمىز ۋە دۇنياغا يۈزلىنىش مۇساپىمىزنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن باسىمىز. . qjn*4  
ساۋاقداشلار، سىلەر ئۈرۈمچىدە چوڭ بولدۇڭلار، ئۈرۈمچى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئارىلاشما مەدەنىيەتلىك شەھەر، سىلەر تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا-قىشلاقلاردا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا نىسبەتەن بىر قەدەر ئەۋزەل ئائىلە ۋە مەكتەپ شارائىتىدا يېتىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىڭلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، سىلەردىن شۇنى سوراپ باققۇم كېلىدۇ: ئۆيۈڭلاردا كىچىكرەك بولسىمۇ ئائىلە كۇتۇپخانىسى بارمۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز تارىختىكى ھەم ھازىرقى ئالىم-ئەدىبلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ تۇرامدۇ-يوق؟ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز ئائىلەڭلارنىڭ نەسەبنامىسىنى سۆزلەپ بېرەلەمدۇ-يوق؟ ئەگەر يۇقىرىقى شەرتلەر ھازىرلانمىسا، سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دېگىلى بولمايدۇ. شۇنى تولۇقلاش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى سىز ئاتا-ئانىڭىزدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوئال سوراڭ، بۇنداق قىلىش سىزنىڭ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ سوئاللىرىڭىزدىن ئۆزلىرىنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدىغان بولسۇن. كلاسسىك كىتابلار سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىزنىڭ ئاۋازى، سىز بۇ كىتابلارنى ئوقۇسىڭىز ئەجدادلار بىلەن ئۆزىڭىزنى تۇتاشتۇرالايسىز، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى چۈشىنىدىغان بولىسىز، ئۆزىڭىزنى توغرا تارىخىي ئاڭغا ئىگە قىلالايسىز، ئەقىل بۇلىقىڭىز تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، ئىجادىيەت ھەۋىسىڭىز ئۇرغۇيدۇ. سىز ئىراننىڭ 10-، 11- ئەسىرلەردە ئۆتكەن داڭلىق شائىرى ئوبۇلقاسىم فىردەۋسىنى بىلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇ تۈرك نەسىللىك سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى خوراسانغا ھۆكۈمدار بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، پارسلارنىڭ ئەپسانە دەۋرىدىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان تارىخىنى پارس تىلىدا يېزىپ چىقىپ، «شاھنامە» دېگەن مەشھۇر ئەسەرنى تەقدىم قىلىدۇ. شائىر ئۆز ئەمگىكىدىن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق يازىدۇ؛ TTAI*M1th  
N3@ mhv  
ئوتتۇز يىل مېھنەت ھەم زەخمەتتە قالدىم، 3p|Stu%  
پارسچىدا ئىراننى قۇتقۇزۇپ ئالدىم. 4m<}] \~  
xLogJ/0*Z  
فىردەۋسى شۇنى بىلىدۇكى، چېچىلاڭغۇ تارىخ راۋان، ساپ تىل بىلەن رەتلىنىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغاندا، ئۇ ئەۋلادلارنىڭ ئۆزىنى بىلىشىدىكى ۋە قەدىر-قىممەتنىڭ ئالتۇن بوسۇغىسىنى تېپىشىدىكى يول خەرىتىسىگە ئايلىنىدۇ. * {?5C bj  
ساۋاقداشلار، ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى بولسىمۇ، خەلقىمىزگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغان دېھقانلار ئاممىسىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىسىڭىز ۋەتىنىڭىزنى ھەرگىز تولۇق چۈشىنەلمەيسىز. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ دېھقانلىرىمىز يېزىلاردا، سىز يېزىلارغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ يېزىلىرىمىزنىڭ جاپالىق، لېكىن سېخىي قىياپىتىنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر تېخىچە ئۇنداق قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە تەكلىپ بېرىمەنكى، تەتىلدىكى پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ جەنۇب ۋە شىمالدىكى يېزىلارغا بېرىڭ، شۇ چاغدا ۋەتىنىڭىزنىڭ بىپايان قۇچىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالىسىز، خەلقىڭىزنىڭ روھىدىكى بايلىقلارنى كۆرۈپ كۆڭلىڭىز لىققىدە بولىدۇ. تەكلىماكان ۋادىسىدىكى ھەر بىر يۇرت، ھەر بىر شەھەر ئۆزگىچە خىسلەتلەر بىلەن سىزنى رام قىلىۋالىدۇ، سىزگە ھەر قانداق كىتابتا دېيىلمىگەن ھايات مۆجىزىلىرىنى نامايان قىلىدۇ، سىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېسابسىز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۈرۈمچىنىڭ ئېگىز بىنالىرىدىن تورلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىز كەڭ دالىلارنىڭ باغرىدا ئەركىن قىيغىتىدۇ. سىز ئانا دىيارىڭىزدىكى تاغ-دەريالارنى، ئۇنىڭدىكى بايلىقلارنى، خەلقىڭىزنىڭ ياشاش شەكلىنى تۈزۈك چۈشەنمەيلا يىراق ئەللەرگە كېتىپ قالسىڭىز، كېيىنچە پۇرسەت يارىتىش تېخىمۇ تەس بولىدۇ. چۈنكى، سىز چوڭ بولغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىسىز. شۇنداق بىر ئاددىي پرىنسىپ بار، بىلىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن: ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەنلەر باشقىلارنى سۆيەلمەيدۇ، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى سۆيمىگەنلەر باشقىلارنى تېخىمۇ سۆيمەيدۇ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر باشقىلارنىڭ ۋەتىنىنىمۇ قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ. بۇنداقلار ئۆزىنىڭ قەدرىنى مەڭگۈ باشقىلارغا بىلدۈرەلمەيدۇ. مەن سىزگە بىر ئاددىي ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك تەرەپ ھەققىدىكى بىر مىسالنى دەپ بېرەي، بۇنى بىر ۋەتەندىشىم ماڭا دەپ بەرگەنىدى: «ئىستانبۇلنىڭ بىر قاتناش بېكىتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتىم، - دەپ بايان قىلىشقا باشلىدى ئۇ ۋەتەندىشى، - بىر ئايالنىڭ قويۇق خوتەن شېۋىسىدىكى گېپى مېنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى، ئۇ ئايال مېنىڭ ئۇيغۇرلۇقۇمنى ھەرگىز بىلمەيدۇ، مەنمۇ ئۇ ئايالنى تونۇمايمەن، ئۇ مېنى بىر تۈرك دەپ يول سورىغانىدى، مەن ئۇ ئايالدىن ھەم ھەيران قالدىم، ھەم سۆيۈندۈم. ئۇ ھېچقانداق ئىككىلەنمەيلا ئۇيغۇرچە سۆزلىدى. ئەگەر ئاقسۇدا ياكى غۇلجىدا بولغان بولسا ھەيران بولمايتتىم. ئۇ ئۇيغۇرنى ئالايىتەن ئىزدىمىسە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان يات بىر شەھەردە خوتەن پۇراپ تۇرىدىغان تەلەپپۇزدا مەندىن يول سورىدى. قارىسام ئۇ ئايالدا نە تەڭقىسلىق، نە خىجىللىقنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئەكسىچە ناھايىتى تەبىئىي تۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىپ يولنى چۈشەندۈردۈم. ئۆزۈم شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىم.» r[S64Hu%XY  
مانا بۇ بىزنىڭ خەلقىمىزدىكى ساپ دىللىق. ئىشىنىمەنكى، ئۇ ئايال ئىستانبۇللۇق بىر تۈرككە ئۇچراپ قالغان بولسىمۇ غەرىزىنى ئۇقتۇرالىغان بولاتتى. بىر سودىگەر ئۇيغۇرچە سۆزلەپ يۈرۈپ ئالمۇتا، بېشكەك، تاشكەنت، ئاشخاباد، باكۇ، ئىستانبۇللاردا نان تېپىپ يېيەلىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئەگەر سىز ئانا تىلىڭىزغا پىششىق بولۇپ، خەنزۇ تىلىغىمۇ ماھىر بولسىڭىز، كېيىن ئىنگلىز تىلى قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىنىمۇ ئۆگەنسىڭىز، سىز ياشىيالايدىغان مۇھىت ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بولىدۇ. سىز كۆپ تىللىشىش دەۋرىدە ياشاۋاتىسىز، ئۆزىڭىز بىلەن ئۆزگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت مۇناسىۋىتىنى قانداق يارىتىسىز؟ بۇ سىلەردەك ئەۋلادنىڭ ئالدىغا قويۇلغان چوڭ مەسىلە. تىل - بىلىملەر خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچى، ئادەم بىلەن ئاچقۇچنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئادەم بەلگىلىگۈچى ئامىل، ئاچقۇچنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟ بۇ غايە مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. F-zg;1i  
ساۋاقداشلار، سىز ئانا يۇرتىڭىزدىن ئايرىلغان ھامان ۋەتەن ۋە تىل مەسىلىسى شۇ ھامان ئايدىڭلىشىدۇ. بۇلارنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ، مۇۋەپپەقىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، مەن بۈگۈن بۇلار ھەققىدە توختالدىم. يول ماڭغانسېرى ئېچىلىدۇ، دېگەن گەپ بار. سىلەر زېرەك ھەم چېچەن، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاستا-ئاستا بىلىۋالىسىلەر. ئاخىرىدا مەن سىلەرنىڭ تېنىڭلارغا سالامەتلىك، ئۆگىنىشىڭلارغا ئۇتۇق، تۇرمۇشۇڭلارغا بەخت تىلەيمەن. زەپەر سىلەرگە يار بولسۇن! 1{r]9_1*`  
كۆپچىلىككە رەھمەت!
,PgC}  
BIzg't1`  
r ^":  
[size=2]ئاپتور:شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى. |wi $7y] a  
مەزكور ماقالە شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 2- سانىدىن ئېلىندى.
باشقۇرغۇچى ئىشەنچ تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • شۆھرەت:+15(ئالىپتىكىن) ajir
  • ياخشى باھا:+10(taklimakan) nadir
  • شۆھرەت:+5(ئارمان125)
  • | ۋاقتى : 2008-08-18 19:56 [باش يازما]
    زۇلپۇقار
    مۇنبەر شاھى
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 16014
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1837
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1837دانە
    شۆھرەت: 2033 كىشىلىك
    پۇل : 12016 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2079 نۇمۇر
    قوللاش: 1954 نومۇر
    ئالقىش: 2357 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :869(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق ئادەم باشقا يۇرتقا چىققانداق  ئۆز مىللىتىنىڭ قەدىرىگە ئاندىن يىتىدۇ    بەزىلەر  ئۆز يۇرتىدا ئۆز مىللىتىدىن بولغان قېرىنداشلىرىنى  پۇرسەت تاپسا تىللىۋالسام ، ئۇرىۋالسام دەپلا يۈرگىنى بىلەن ئۆز قېرىنداشلىر يوق يەرلەردە  ئۆز يۇرتىدا شۇنداق نوچىلاردىن بۇلۇپ كەتكەنلەرمۇ  قاياقتىن  بىرەر قېرىنداشلار كىلىپ قالركىن دەپ تۇرۇشىدۇ
    Gulyar tori
                                  دىققەت قىل ئەي يىگىت بەزى ئىشلارغا،
                                  بەرمىگىن كۆڭلىڭنى قەلەم - قاشلارغا.
                                  ئازاپتىن ئەلەمدىن ئاخىرى بىر كۈن،
                                  تولىدۇ كۆزلۈرۈڭ ئىسسىق ياشلارغا.
    | ۋاقتى : 2008-08-18 20:30 1 -قەۋەت
    ئبرايىم
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17011
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 72
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە72دانە
    شۆھرەت: 72 كىشىلىك
    پۇل : 485 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 76 نۇمۇر
    قوللاش: 74 نومۇر
    ئالقىش: 81 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :33(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەستىنلا ياخشى يىزىلغان ماقالە ئىكەن .
    ئبرايىم
    | ۋاقتى : 2008-08-18 20:49 2 -قەۋەت
    ئىدىرىسجان
    قارايمىزغۇ؟ چىرايلىقمىكەنمەن؟
    مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 2095
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 5943
    ئۇنۋان:21 دەرىجە ھازىرغىچە5943دانە
    شۆھرەت: 7538 كىشىلىك
    پۇل : 972022379 سوم
    تۆھپە: 200 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5781 نۇمۇر
    قوللاش: 5569 نومۇر
    ئالقىش: 6965 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :510(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان  بولغۇچە ئۆز  يۇرتۇڭدا ئۇلتان  بول L4)+<:g  
    i;CCVH\sp  
    يۇرتۇمغا  بەك ئامراقلىقىمدىنمىكى تاڭ، قەشقەردىن باشقا يەرگە بىرىپ باقماپتىمەن
    ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل،
    پەقەت ئۆلمەيدىغاندەك تىجارەت قىل.
    | ۋاقتى : 2008-08-18 20:51 3 -قەۋەت
    ئۇيغۇرىيە0998
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 16717
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 652
    ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە652دانە
    شۆھرەت: 657 كىشىلىك
    پۇل : 4170 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 716 نۇمۇر
    قوللاش: 681 نومۇر
    ئالقىش: 805 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :453(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا دەيسىز  ئىدىرىسجان!!! E;fHw<cP  
    شۇ m' M(6  
    خەقنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە،ئۆز يۇرتىدا ئۇلتان بولۇش بەك ئەھزەل! f_GIP}@E  
    مەنمۇ مۇشۇ <مۇساپىرىچىلىق>نىڭ دەردىنى ئاز تارتىماي ،ئاران كىلىۋالىدىم. XoT+(Ay  
    شۇ چاغلاردا ۋاي!قاچان ئانا ماكانىم قەشقىرىمگە كىتەرمەن دەپ كۆزۇم توت بوپ كەتكەن. `Gvv0>aw  
    ئەمدى قايتىپ كىلىۋالدىم كۆڭلۇم بەك توق!!! } zLM|  
    ھى ھى +qk5fiLU  
    kor -UaWb  
    تېما ئىگسگە رەھمەت ئىيتشىنى  تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىنى... (TOGv[Lc  
    شۇ شەيتان ئىدىرىسنىڭ گىپىنى قولايمەن دەپ. ;4$?E-yW\  
    st4,t 
    رەھمەت< ياخشىلىق>جاپا تارتىپسىز!!!
    bugra
    بەخىت تىلەيمەن!!!
    | ۋاقتى : 2008-08-18 21:01 4 -قەۋەت
    دەستارگۈل
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 16876
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 245
    ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە245دانە
    شۆھرەت: 245 كىشىلىك
    پۇل : 1680 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 391 نۇمۇر
    قوللاش: 268 نومۇر
    ئالقىش: 352 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەرجىمان
    توردىكى ۋاقتى :369(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-31
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    سېغىندىم  ۋەتەننى  ئۇزاق  سەپەردە !
    izdax.com
    ئەقىل  ياشتا  ئەمەس  ،  باشتا    !http://blog.fenbei.com/10103201
    | ۋاقتى : 2008-08-18 21:09 5 -قەۋەت
    bahram^uyghur
    سورىما قەلبىم !!
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12659
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 890
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە890دانە
    شۆھرەت: 1008 كىشىلىك
    پۇل : 54521 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1009 نۇمۇر
    قوللاش: 954 نومۇر
    ئالقىش: 1233 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :462(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    باشقا يۇرتلارغا بىرىپ باقسىڭىز تىخدىنمۇ بەكرەك ئامراق بولىسىز يۇرتىڭىزغا 
    qarluq
    ھەسىرەت چېكىۋاتقان ۋاقتىڭىزدىمۇ ھەرگىز قاپاق تۈرمەڭ . چۈنكى ، سىز كۈلۈمسىرىشىڭىزگە كىمنىڭ ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز
    | ۋاقتى : 2008-08-18 21:15 6 -قەۋەت
    كارتون.
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17386
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 27
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە27دانە
    شۆھرەت: 27 كىشىلىك
    پۇل : 86 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 135 نۇمۇر
    قوللاش: 31 نومۇر
    ئالقىش: 45 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
    توردىكى ۋاقتى :233(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تىما ئىكەن رەخمەت سىزگە....!
    qarluq
    ئۇيغۇركارتونچىلىقى
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:14 7 -قەۋەت
    جـانان
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2120
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4566
    ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4566دانە
    شۆھرەت: 9 كىشىلىك
    پۇل : 14110 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4575 نۇمۇر
    قوللاش: 2568 نومۇر
    ئالقىش: 4256 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    اللە رىسقىنى نەگە سالسا شۇ يەرگە بىرىپ يەيدىغان گەپكەن.
    qarluq
    بۇ دۇنيادا باشقىلار ئۈچۈن غەم يىگىنىڭ ، كىيىنكى دۇنيادا ئۆزەڭ ئۈچۈن نان يىگىنىڭ .
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:17 8 -قەۋەت
    قورغان213
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2361
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1128
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1128دانە
    شۆھرەت: 1335 كىشىلىك
    پۇل : 415 سوم
    تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1264 نۇمۇر
    قوللاش: 1164 نومۇر
    ئالقىش: 1033 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :977(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون4قەۋەتتىكىرەنانىڭ2008-08-18 22:17دە يوللىغان يازمىسى  : E+ FWC   
    اللە رىسقىنى نەگە سالسا شۇ يەرگە بىرىپ يەيدىغان گەپكەن.
    \6w *j{~  
    نىمە دەيدىغانسىز ؟ دۇبەيدە مەڭگۇ تۇرۇپ قالاي دىگەن ئوخشىمامسىز ؟ [Vc(zlh  
    بۇ نۇتۇقنى ئالدىرماي ئوقۇپ بېقىشقا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىكەن .
    qarluq
    قورغاننىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ تېشىغا چىققۇسى ، قورغاننىڭ تېشىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ ئىچىگە كىرگۇسى كېلىدۈ .
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:27 9 -قەۋەت
    نىگارە808
    رومانتىك قىز
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11299
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4346
    ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4346دانە
    شۆھرەت: 2469 كىشىلىك
    پۇل : 2918116 سوم
    تۆھپە: 310 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1561 نۇمۇر
    قوللاش: 1551 نومۇر
    ئالقىش: 2761 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئۆز يۇرتۇمنى شۇنداق سېغىنىمەن لېكىن قايتسام ئىزدەيدىغان ئادىمىم يوق...يەنىلا كۆڭلۈم مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن سۇ ئىچىدىكەن.....لېكىن يەنىلا ئۆز يۇرتىغا يەتمەيدىكەن....ھەجەپ كۆڭلىم يېرىم بولىدۇ دېسە....ئۈرۈمچىدە يېقىندا سەلكىندىكى نۇرغۇن دوسلىرىم بىلەن كۆرىشىپ شۇنداق كۆڭلىم خوش بوپ كەتتى.      
    qarluq
    64785587ئارمان دوسلۇق توپى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:33 10 -قەۋەت
    ئەركتېكىن999
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 17091
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
    شۆھرەت: 65 كىشىلىك
    پۇل : 450 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 69 نۇمۇر
    قوللاش: 67 نومۇر
    ئالقىش: 74 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :122(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    «يۇرت-يۇرتنى كۆرمەك بار»دەپتىكەن كونىلار،كونىلارنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆتمىسە دەمتى............
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:45 11 -قەۋەت
    قورغان213
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 2361
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 1128
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1128دانە
    شۆھرەت: 1335 كىشىلىك
    پۇل : 415 سوم
    تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1264 نۇمۇر
    قوللاش: 1164 نومۇر
    ئالقىش: 1033 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى :977(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    Quote:
    بۇ مەزمون10قەۋەتتىكىنىگارە808نىڭ2008-08-18 22:33دە يوللىغان يازمىسى  :  .?   
    مەنمۇ ئۆز يۇرتۇمنى شۇنداق سېغىنىمەن لېكىن قايتسام ئىزدەيدىغان ئادىمىم يوق...يەنىلا كۆڭلۈم مۇشۇ ئۈرۈمچىدىن سۇ ئىچىدىكەن.....لېكىن يەنىلا ئۆز يۇرتىغا يەتمەيدىكەن....ھەجەپ كۆڭلىم يېرىم بولىدۇ دېسە....ئۈرۈمچىدە يېقىندا سەلكىندىكى نۇرغۇن دوسلىرىم بىلەن كۆرىشىپ شۇنداق كۆڭلىم خوش بوپ كەتتى.      
    %0~`z=CdE  
    ۋاي نىگارە808 ، ئۈرۈمچى بولسا خۇددى ئۆيىڭىزدىن ھويلىڭىزغا چىققاندەكلا ئىشقۇ ! شۇنىڭغىمۇ كۆڭۈل يېرىم قىلسىڭىز چەتئەلدىكىلەر قانداق قىلىدۇ ...........................؟
    qarluq
    قورغاننىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ تېشىغا چىققۇسى ، قورغاننىڭ تېشىدىكىلەرنىڭ قورغاننىڭ ئىچىگە كىرگۇسى كېلىدۈ .
    | ۋاقتى : 2008-08-18 22:55 12 -قەۋەت
    نىگارە808
    رومانتىك قىز
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11299
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4346
    ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4346دانە
    شۆھرەت: 2469 كىشىلىك
    پۇل : 2918116 سوم
    تۆھپە: 310 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1561 نۇمۇر
    قوللاش: 1551 نومۇر
    ئالقىش: 2761 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-12
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن چەتئەللىك بولمىسام يا..يۇرتۇمدا تېخى مۇساپىر بوڭلسام تىرىك يىتىم بولسام ھېلىمۇ مەن چىداملىقكەنمەن جۇمۇ...ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپلا ئۆتتۈمغۇ......جاھاندىن...  
    qarluq
    64785587ئارمان دوسلۇق توپى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-08-18 23:08 13 -قەۋەت
    جـانان
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2120
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4566
    ئۇنۋان:19 دەرىجە ھازىرغىچە4566دانە
    شۆھرەت: 9 كىشىلىك
    پۇل : 14110 سوم
    تۆھپە: 100 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4575 نۇمۇر
    قوللاش: 2568 نومۇر
    ئالقىش: 4256 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى :108(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    قورغان ئاكاش مەن ئۇ گەپنى ئىۋۇ قايماقچىنىڭ گىپگە ئاساسەن قىلغان.ماەنغۇ بۇ يەردە مەڭگۇ تۇرۇپ قالماسمەن.
    qarluq
    بۇ دۇنيادا باشقىلار ئۈچۈن غەم يىگىنىڭ ، كىيىنكى دۇنيادا ئۆزەڭ ئۈچۈن نان يىگىنىڭ .
    | ۋاقتى : 2008-08-18 23:10 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    « 1 2» Pages: ( 1/2 total )
    سەلكىن مۇنبىرى » بەس – مۇنازىرىلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040