بۇ بەتتىكى تېما: قارلار جىمىرلايدۇ(بەك تەسىرلىك) IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ئۇلىنىش كۆچۈرۈش | تېما ساقلىغۇچتا ساقلاش
بۇ تېما 2218 قېتىم كۆرۈلدى
ئەنىسە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 17513
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 403
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە403دانە
شۆھرەت: 423 كىشىلىك
پۇل : 4000 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 518 نۇمۇر
قوللاش: 460 نومۇر
ئالقىش: 627 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى :382(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-05
چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

 قارلار جىمىرلايدۇ(بەك تەسىرلىك)

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ئەلئارا تەرپىدىن نادىرلاندى(2008-08-16)
                                   `tm\)JL  
0|cr,(/vt  
قارلار جىمىرلايدۇ
H#zxIt  
‹ھېكايە› 
*m W>dE  
,, E5Q:b^  
 
          -خوش بوۋا، ئاقيول بولسۇن ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ! >yP5Aw}c  
          -خوش بالىلىرىم، ئامان بولۇڭلار!-قەھرىتان قىشنىڭ تاڭنۇرى ھاياتلىقنىڭ يېڭى بىر قۇتلۇقلاۋاتقان چاغدا نەيىم بوۋاي ئوفىستىر ،ئەسكەرلەر بىلەن ئەنە شۇنداق پەرىشان خوشلاشتى-دە،ئات ھارۋىسىغا چىقتى.جۈپ-جۇپقوللار چاۋادا پۇلاڭلاپ قالدى،كۆز لەردىن ياش ئەگىدى،قانداقتۇر بىر قىيماسلىق تۇيغۇسى ۋۇجۇدلارنى ئۆرتەپ ئۆتتى ... X2hz^9RD1  
        ئات ھارۋىسى دىھقان -چارۋىچىلارنىڭ كۆجۈم  مەھەللىسىنى،مەھللىدىكى خورازلىرىنىڭ بەس_بەستە چىللاشلىرىنى،ئىشتلارنىڭ قاۋاشلىرىنى،تۇرخۇنلاردىن چىقىۋاتقان ھىدلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ،بىپايان يايلاقنىڭ ئوتتۇرىسىنى كېسىپ ئۆتكەن كونا چىغىر يولغا چىقتى.كەچتىن بېرى ياغقان ئوتتۇرا ھال قار پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا ئاپئاق تون كىيگۈزگەن بولۇپ ،كەڭ دالا، ھەيۋەتلىك تاغلار باشقىچە جەزبىدار كۆرۈنەتتى. ئاق قاردىن پەرەنجە يېپىنىپ سالپىيىپ تۇرغان قارىغايلارنىڭ تۇرقى ، چاچ ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان نايىم بوۋاينىڭ شۇ تاپتىكى سولغۇن قىياپىتىگە بەكمۇ ئوخشايتتى.ئاچچىق تاغ شامىلىنىڭ ھۇشقىيتىشىغا قوشۇلۇپ ، تاغ قورغايلىرىنىڭ يېقىملىق چۇرۇلداشلىرىمۇ ئاڭلىنىپ قالاتتى. Y< ;!eH  
          ھارۋىنى ئون سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر جەڭچى يىگىت ھەيدەۋاتاتتى،قارىماققا نايىم بوۋاي مۈگدەپ ئولتۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمىلىيەتتە بوۋاينىڭ قەلبى ئۆتكەنكى كۈنلەرنىڭ خاتىرىسى مۇھاسىرىسىدە مۇجۇلۇنۇپ باراتتى . بۇنىڭدىن ئون ئىككى يىل ئىلگىرى نەيىم بوۋاينىڭ ئارزۇلۇق كەنجى ئوغلى مەۋلان ھەربىي سەپكە قاتنىشىپ ،ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىغا يەتتى .بۇنىڭدىن ئەلمىساقتىن تارتىپ كەتمەن بىلەن ھەپىلىشىپ كەلگەن نەيىم بوۋاينىڭ جەددى-جەمەتىنىڭ بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى،چۈنكى، ئۇلارنىڭ جەددى-جەمەتىنىڭ ئىچىدىن ھازىرغىچە ھەربىي كادىر ئەمەس ،بىرەر ئىشچىمۇ چىقىپ باقمىغان ئىدى. +dF. =9 bQ  
نەيىم بوۋاي مەۋلاندىن بەك پەخىرلىنەتتى،ئوغلىنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلىشىنى ھەم سۈرلۈك،ھەم سالاپەتلىك ھەربىيچە كىيىم كىيگەن تۇرقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى.شۇ كۆنلەردە نەيىم بوۋاي مومىيىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇپ ،ئائىلىدە يالغۇز قالغان ئىدى.مەۋلاننىڭ ئاكىسى ۋە ئاچىسى ئاللىقاچان تۇرمۇشلۇق بولغانىدى،ئۇلار‹ئۆيى باشقىنىڭ جېنى باشقا›دىگەندەك بوۋايغا ياخشى قارىيالمايتتى. شۇڭا، نەيىم بوۋاي ئاخىرقى ئۆمرىنى ئارزۇلۇق ئوغلى مەۋلان بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئۈمۈد باغلىغانىدى،لېكىن رىئاللىق نەيىم بوۋاينىڭ ئازۇسىغا باقمىدى، مەۋلان ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىنكىيىن ئالتاي تاغلىرىغا تەقسىم قىلىنغاۈىدى.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ ئانا يۇرتىمۇ جاپالىق چىگرا رايون ئىدى، مەۋلان يۇرتىدا خىزمەت قىلغاچ ساناقلىقلا كۈنى قالغان دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟! ھاياتنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق، بەزىدە سەن رىئاللىقنى بويسۇندۇرۇشقا قادىر بولىسەن ،بەزىدە رىئاللىققا بويسۇنۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ يىلى مەۋلان ئائىلە يوقلاشقا بېرىۋىدى،قېرىغاندا كىچىك بالىدەك نازۇك ۋە تەرسا بولۇپ قالغان بوۋاي مەۋلاننىڭ قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن يۆتكىلىپ كىلىشىنى تەلەپ قىكدى.مەۋلان دادىسىغا ھازىر يۆتكىلىشكە مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈردى ،لېكىن ئوغلىدىن پەخىرلىنىشنىلا بىلىپ، مەۋلاننىڭ بۇرچىنى،ھەربىي تۈزۈمنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان نەيىم بوۋاي ئۆز تەلىپىدە چىڭ تۇردى.مەۋلان نەيىم بوۋاينىڭ كۆڭلىنى دەماللىققا ئەمىن تاپقۇزۇپ قويۇش ئۈچۈنلا يۆتكىلىپ كېلىشكە ۋەدە بەردى. ئەمىلىيەتتە بوۋاينىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. !} u={cv  
مەۋلان بىر قېتىم ئائىلىسىگە بېرىپ كەلگەندىن كىيىن ،بارلىق زىھنى بىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى.شەبنەم يالتىرىغان تالاي سەھەرلەردىكى ئاتلىق چارلاش سەپەرلىرى ، يول بويى دۇچ كىلىدىغان خەتەرلىك تاغ يوللىرى ،ئېگىز تاغ رىئاكسىيىسى،ناگان-ناگاندا ئۇچراپ تۇرىدىغان تاغ ھايۋانلىرى ۋە قۇشلار ،قىش پەسلىدىكى ۋەھىمىلىك تاغ كۆچۈشلەر بارا-بارا ئۇنىڭ قەلبىگە تەسۋىرلەپ بولمايدىغان جۈرئەت ،مۇھەببەت ئاتا قىلدى.ئالتاي تاغ-دالىلىرىنىڭ ياز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسى ،چارۋىچىلارنىڭ مىھمان دوستلىقى ،ئىچىپ زىرىكمەيدىغان قېتىق-قايماقلار قانداقتۇر بىر مىھىر يىپى سۈپىتىدە مەۋلاننىڭ قەلبىگە چىگىلدى. ھەممىدىن مۇھىمى ،ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش غايىدىكى سىستىرا قىز سادىرە پاك مۇھەببەتتىن ئىبارەت سۆيۈملۈك مىھماننى مەۋلانىڭ قەلب ئۆيىگە باشلاپ ، مەۋلاننىڭ قەلبىنى ئەڭ ئالىي ئىستەكلەرگە تولدۇردى. ~1b7g(Js  
سادىرە سىستىرالار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، مەۋلان ئىشلەۋاتقان ئورۇندىكى سەھىيە پونكىتىغا بۆلۈنگەنىدى. سادىرە ساھىبجاماللاردىن بولمىسىمۇ، ئالتاي تاغلىرىغا نىسبەتەن خېلىلا گۈزەل قىزلاردىن ھېغابلىناتتى.مەۋلان سادىرە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلنىڭ قىش پەسلىدە تونۇشۇپ قالدى .بۇ،مەۋلان چارلاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا بىر قولىنى سۇندۇرۋېلىپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان چاغ ئىدى. بىر كۈنى مەۋلاننىڭ قولىدىكى تېڭىقنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلدى،تېڭىقنى بۇ قېتىم سادىرە ئالماشتۇردى.سادىرەنىڭ نازۇك بارماقلىرى مەۋلاننىڭ بىلىكى ئۈستىدى يەڭگىل ھەرەكەت قىلماقتا،مەۋلاننىڭ قولىدىكى رەڭگى ئۆڭگەن ئاق داكا بىر قاتتىن- بىر قاتتىن سويۇلماقتا ئىدى .داكا سويۇلۇپ ئاخىرقى چەككە يەتكەندە ،مەۋلان ئاغرىققا چىدىماي ۋايساپ كەتتى. W$1n(W(I  
        -بەرداشلىق بېرىڭ،ئاز قالدى،-دېدى سادىرە مەۋلاننىڭ ئاغرىق ئازابىدىن پۈرلىشىپ كەتكەن چىرايىغا خۈدۈكسىرەپ قاراپ. 4RJVsf  
      -ھىچ ۋەقەسى يوق ،كىم مېنى قولۇڭنى سۇندىرىۋال دەپتىكەن،-دېدى مەۋلان قىززىقچىلىق قىلىپ. A~r^$y%X-  
      -ئەگەر قولىڭىز سۇنغان ئاشۇ كۈنى دوختۇرخانىغا ۋاقتىدا كەلمەي قولىڭىز ئۈششۈپ قالغان بولسا چولاق پەيجاڭ بولۇپ قالاتتىڭىز جۇمۇ. =t+hO d  
      -سىزدەك دوختۇر تۇرسا نېمىدىن قورقاتتىم،يامىنى كەلسە سۈنئىي قول سالدۇرىۋالمامدىمەن. >:E0<BOo  
      -قولىڭزنى داسقا يېقىن ئەكىلىڭ ، بىر قولقڭىز بولمىسا بەختسىز بولۇپ قالىدىغىنىڭىزنى ئويلىمايدىكەنسىز-دە؟-سادىرە ئويلىمايلا دېگەن بۇ سۆزدىن ئۇيالدىمۇ ،ئەيتاۋۇر يارگە قارىۋالدى. k$;+TY:9U  
بۇ چاغدا مەۋلان سادىرەنىڭ قولىدىن ۋۇجۇدىغا تاراۋاتقان بىر ئىللىق سىزىمدىن مايدەك ئېرىپ، ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويىۋاتاتتى. y7stq^!  
      -گەپ قىلمايسىزغۇ؟-سورىدى سادىرە يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ. :C-9VaxL  
      -ھە...توغرا، ئويلاپ باقماپتىمەن،لېكىن...-مەۋلان گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۈتىۋەتتى. E2 ~ZAw<_  
      -لېكىن نىمە؟ T)^ni\0  
      -لېكىن مەن بەختكە ئېرىشىپ بولغان تۇرسام،-مەۋلان قىستاپ كېلىۋاتقان كۈلكىسىنى زورىغا باستى. 'Ne|T.f  
      -قانداق بەختكە ئېرىشتىڭىز؟ k3[8'kR )  
      -سىز بىلمەمسىز؟ھەيران بولغان قىياپەتتە سورىدى مەۋلان مەنىلىك قاراپ. \\r2BDs  
      -قىزىق گەپ بولدىغۇ بۇ ،مەن نەدىن بىلەي!-سادىرە توساتتىن تە بولدى. _zyk@79(  
      -ماڭا قاراڭ سادىرە ،بۇ مەن ئۈچۈن بەخت ئەمەسمۇ؟-مەۋلان بىلىكىدە پىلە قۇرتىدەك يۇمشاق ھەرىكەت قىلىۋاتقان سادىرەنىڭ بارماقلىرىنى ئىشارەت قىلدى. Zy0 
      -ئەخلاقسىز!-سادىرە مەۋلاننىڭ گېپىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندىن كىيىن ،گەوتە يېڭىلىشكىنىگە چىدىماي مەۋلاننىڭ قولىنى مىجىۋەتتى. j'\\MR-G  
ۋاي-ۋاي ،چىدىماس!-مەۋلان ۋارقىراپ تاشلىدى.  ~KABG  
      -قولىڭىزنى سۇندۇرىۋەتمىسەم سىزنىڭ،-سادىرە مەۋلانغا پوپوزا قىلىپ قويۇپ توختاپ قالدى. 4CiyBc  
ئۇلار ئەنە شۇنداق كۆڭۈللۈك ،قىسقا سۆھبەت بىلەن تۈنجى سىردىشىش يولىنى ئاچتى. بولۇپمۇ مەۋلاننىڭ چاقچاققا يۆلەپ ئېيتقان يوشۇرۇن يۈرەك سۆزى ئاۋازسىز ئوقتەك سادىرەنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ تىرەن جايىغا كۆمۈلدى. 4Wx#Ze1zx  
        شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تونۇشۇپ ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە توي قىلىشتى.ئۇلار شۇ قەدەر ئىناق ۋە بەختلىك ئىدى.بىر-بىرىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشاتتى.بەختلىك، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش ئادەمگە خۇشاللىق خاتىرجەملىك بەخش ئېتىپ ،سېنى ھامان ئالغا ئىنتىلدۈرىدۇ،ساڭا كۈچلۈك يار-يۆلەك بولىدۇ.بۇ چاغدا ئۆز كەسىپ خىزمىتىڭگە جان-جەھلىڭ بىلەن كىرىشىپ كېتىسەن.مەۋلان بىلەن سادىرەنىڭ توي قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىنكى خىزمەت پوزىتسىيىسىدە ئەنە شۇنداق پوزىتسىيە شەكىللەندى. بىراق، ئۇلارنىڭ شېرىن ئاينى ھېساپقا ئالمىغاندىكى تۇرمىشى پارتىزانلارچە تۇرمۇش ئىدى. چۈنكى، سەھىيە ئەتىرتى بىلەن مەۋلان تۇرىدىغان لىيەندۈينىڭ ئارىلىقى يىگىرمە نەچچە كىلومىتىر بولسىمۇ ،سادىرە بار چاغدا مەۋلان ئۆيگە كېلەلمەي ،مەۋلان ئۆيگە كەلگەندە سادىرە بىرەر ئېغىر كىسەلنىڭ ئوپراتسىيە ئىشى بىلەن ياكى بولمىسا سەييارە داۋالاشقا چىقىش سەۋەبىدىن ئۆيدە بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ ،ئۇلار بىر-بىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق تىلىشەتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە،ياشلىق ئىشلەيدىغان، چېنىقىدىغان ۋاقىت ئىدى،ياشانغاندا يىل بويى بىللە بولۇپ، شۇ تاپتىكى پارتىزانلارچە تۇرمۇشنىڭ ئورنىنى تولدۇرىۋېلىشقا بولاتتى. دېمىسىمۇ ئۇلارنىڭ نېمىسى كەم؟!ئائىلىسى بولسا بەختلىك ،كەم نەرسە پەقەت ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا تېگىشلىك بىرەر كەسپى ئەمگەك مىۋىسىغۇ؟! $cM9B0}  
          ھەش-پەش دىگۈچە ئىككى يىل خۇددى غۇۋا چۈشتەك ئۆتۈپ كەتتى.ئۇچقۇر يىللار مەۋلان بىلەن سادىرەگە ئۆزگىچە نەتىجە ۋە قورۇق ئاتا قىلدى.بۇ چاغلاردا نەيىم بوۋاي ئارزۇلۇق مەۋلان بىلەن كېلىنى سادىرەنىڭ يېنىدا بىللە تۇرىۋاتاتتى. k1 YyRe&  
          نەيىم بوۋاي مەۋلاننى يېنىدا ئىككىنجى باھارنى كۈتىۋالدى. بۇ چاغلاردا ئالتاي تاغلىرى يەنە بىر قېتىم توزغا ئوخشاش ياساندى .نەيىم بوۋاي يېقىن ئەتراپتىكى بىر-نەچچە چارۋىچى قازاق بىلەن يېقىن ئۈلپەت بولۇپ قالغان بولۇپ،پات-پات ئۇلارنىڭ ئاق ئۆيلىرىگە بېرىپ قۇمۇز ئاڭلاشنى ، ياپيېشىل چۆپلەر ئۈستىدە موخوركا چەككەچ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشنى ئادەت قىلىۋالغانىدى. :-9!#'z!}  
بىر كۈنى نەيىم بوۋاي ئادىتى بويىچە ھاسىسىنى توكولداتقىنىچە مۈكچىيىپ مېڭىپ يايلاققا كەلدى. يايلاقتىكى ياۋا گۈللەر دىمەقنى غىدىقلايتتى ،ئاتلارنىڭ كىشنەشلىرى ،قوزا، ئوغلاقلارنىڭ مەرەشلىرى يايلاقنى بېشىغا كىيگەنىدى. :K:FX?lW  
          نەيىم بوۋاي بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ ئەڭ يېقىن ئۈلپىتى كۇرسىباينىڭ كەپىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،كۇرسىباينىڭ ئالا بوينىقى قاۋىغانچە يۈگۈرۈپ كەلدى .ئۇنىڭغىچە كۇرسىبايمۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ ،بوينىقىنى چاقىرىۋالدى ۋە نەيىم بوۋاينى ئۆيىگە باشلىدى.ئۇلار ھەرخىل تېمىلاردا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، كۈننى تىزلا ئۆز قىبلىسىگە ئۇزاتتى.شۇ ئەسنادا بىر توپ قارا بۇلۇت ئاسماننى قاپلاشقا باشلىدى. ,dp*_ioW6  
        -يامغۇر ياغىدىغان بولدى كۇرسىباي ، مەن قايتىۋالاي،سىلىمۇ بىز تەرەپكە ئۆتۈڭلار،-دېدى نەيىم بوۋاي مېڭىشقا ئالدىراپ. ?o"^w~oUj  
        -بارىمەن ،يولدا دىققەت قىلىپ مېڭىڭلار،-دېدى كۇرسىباي سۈرلۈك تۈس ئالغان بۇلۇتلۇق ئاسمانغا قاراپ. 9>;"  
        دېگەندەك،نەيىم بوۋاي ئۆيىگە كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي،يامغۇر شارقىراپ يېغىشقا باشلىدى.دەل مۇشۇ مىنۇتلادا زەمبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغ قاپتىلىدىكى چىغىر يولدا سادىرە يامغۇردا خۇددى  سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بولۇپ كەتكەنىدى. سادىرەنىڭ كۈمچەكلىرىدىن ئېقىۋاتقان يامغۇر سۈيى ئاتنىڭ تېقىمىغا ئاقاتتى.سادىرە بىلەن بىللە كىلىۋاتقان ئىككى قىز ئەسكەرنىڭ ھالىمۇ سادىرەدىن بەتتەر ئىدى. ئۇلار بۈگۈن چۈشتە بىر چارۋىچىنىڭ تۇغۇتتا بالىسى تەتۈر كىلىپ قالغان ئايالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ تەرەپكە كەلگەنىدى .ئۇلار ھېلىلا ئانىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇپ قېلىپ شادلىققا چۈمگەنىدى. لېكىن قايتىدىغان چاغدا قېرىشقاندەك يامغۇر يېغىپ كەتتى. 8)P9]S2zR  
ئۇلار ئىككى تاغ ئارىسىدىكى جىراغا كەلگەندە ،ئارىسالدى بولۇپ تۇرۇپ قالدى،جىرادا كەلكۈن سۈيى شىددەت بىلەن ئېقىۋاتاتتى. uL 5<:Og  
        -قىزلار،كەلكۈن ئانچە ئۇلۇغ ئەمەستەك قىلىدۇ،تىز ئۆتىۋالايلى،بولمىسا كەلكۈن تېخىمۇ ئۇلغۇيۇپ كېتىشى مۇمكىن ،-دېدى سادىرە ھەمراھلىرىغا. AGFK|M  
        -سۇ قاياقتا تىيىز بولسا ،شۇ ياقتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتسەك چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ،-دېدى قىزلاردىن بىرى لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان كەلكۈن سۈيىگە قاراپ. yrVMbf21  
        -ماڭايلى!-سادىرە يول باشلاپ ماڭدى.راست دىگەندەك كەلكۈننى ئانچە ئۇلۇغ دەپ كەتكىلى بولمايتتى .جىرانىڭ ئۇ چېتىگە ئاز قالغاندا ،قىزلار مىنگەن ئات تاشلارنىڭ تاراق-تۇرۇق ئاۋازادىن ئۈركۈپ ئارقىسىغا دەسسىگىلى تۇردى.شۇ ئەسنادا كەلكۈن بىلىنەرلەك ئۇلغۇتۇپ قالدى،سادىرە ئېقىن ئوتتۇرىسىدا بۇنداق تۇرۇش تۇرۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى پەملەپ دەرھال ئارقىسىغا ياندى-دە، جەڭچى قىزلار مىنگەن ئاتلارنى ئالدىغا سېلىپ،قامچا سالدى.قاتتىق تەگكەن قامچا ئاتلارنى ئالدىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى.قىزلارنىڭ ئاتلىرى بىخەتەر ھالدا قىرغاققا چىقتى. لېكىن سادىرە قىرغاققا ئۈچ-تۆت مىتىر قالغاندا كەلكۈن ئېقىتىپ كەلگەن يوغان بىر تاش سادىرەنىڭ ئېتىنىڭ ئالدى پۇتىنى قاتتىق سوقتى.كەلكۈننىڭ سۈرلۈك شارقىراشلىرىدىن ئۈركۈپ تۇرغان ئات شۇ ھامان ئالدىغا دۈم چۈشتى.سادىرەمۇ ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن كىلىشمەسلىكتىن ئالدىغا موللاق ئاتتى... vdrr1B70i  
          -سادىرە ئاچا! ,fwfK  
          -سادىرە ئاچا! 7Sp C'a  
قىزلار كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان بۇ رەھىمسىز رىئاللىقتىن ئېسىنى يوقاتقان ھالدا ئەلەملىك ۋارقىراپ ، سادىرەنىڭ ئارقىسىدىن قىرغاق بويلاپ يۈگۈرۈشتى.بىراق،ئۇلارنىڭ تاغلارنى زىلزىلىگە كەلتۈرىۋەتكۈدەك ئەلەمكىك نىدالىرى ،سادىرەنى يالماپ كەتكەن كەلكۈن شاۋقۇنىغا سىڭىپ كەتتى... _>ea%Af-8G  
مەۋلاننىڭ، نەيىم بوۋاينىڭ ئوففرستېر ئەسكەرلەرنىڭ ،سادىرەنىڭ قولىدا قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشكەن سانسىز بىمارلارنىڭ بۇ ۋەقەدىن كىيىنكى داد-پەريادلىرىنى تەسۋىرلەپ بولمايتتى. RZnB-i  
          ھەسرەتلىك دەردلەرنى ۋاقىت ھامان يەڭگىللىتىپ بارىدۇ.مەۋلاننىڭ شۇ تاپتىكى كۈنلىرىنى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ خىزمەت، تۇرمىشى يەنىلا رىتىمى بويىچە خىزمەت قىلماقتا ئىدى.پەقەتلا لىيەندۈينىڭ ئارقىسىدىكى دۆڭلۈكتە ئولتۇرۇپ سادىرەنى ئەسلىگەن چاغدىكى بىئاراملىقلا مەۋلاننىڭ يۈرىكىنى تىلغاتتى. گەرچە سادىرە كەلمەسكە كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەۋلان ئۇنى بىر يەرگە كەتكەندەك ،ئەتە-ئۆگۈن قايتىپ كېلىدىغاندەك ھىس قىلاتتى. 8A)LP{qL  
          دېكابىر ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى تاڭ ئاتارغا يېقىن مەۋلان سادىرەنى چۈشىدە كۆردى ،سادىرە بىر ئاق تۆگىگە مۈنىۋالغان بولۇپ ،ھەدەپ مەۋلاننى چاقىرىۋاتقۇدەك،مەۋلان سادىرەگە قاراپ يۈگۈگۈدەك...ئەتتىگەنلىك ئورۇندىن تۇرۇش پۈشتىكى مەۋلاننىڭ بۇ شىرىن چۈشىنى بۇزىۋەتتى.مەۋلان ئورۇندىن تۇرۇش پۈشتىكىدىن تۈنجى قېتىم بىزار بولدى ۋە ئورنىدىن ئىرىنچەكلىك بىلەن تۇردى.مەۋلانچە بولسا شۇ تاپتا كۆرىۋاتقان چۈشىنى داۋاملاشتۇرغۇسى بار ئىدى .لېكىن...مەۋلان ئەتتىگەنلىك تاماقنى يېدى-دە،تەييارلىق قىلىپ بىر بەن ئادەمنى باشلاپ چىگرا چارلاشقا يول ئالدى.بۇ قېتىمقى چىگرا چارلاش تاغ ھايۋانلىرىنىڭ توپ-توپ ئۇچراپ تۇرغانلىقىدىنمۇ ،ئىشقىلىپ كۆڭۈللۈك بولدى،ھەتتا چىگرا لىنىيىسىگە بارغۇچەبولغان زەنجىرسىمان تاغلارغا چىقىپ-چۈشۈشتىمۇ بىرەر ئات مۈدۈرۈپ كەتمىدى،ئۇلار چارلاشنى غەلبىلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ لىيەنگە قاراپ يول ئالدى.لېكىن،خەتەرلىك ھېساپلىنىدىغان بىر داۋانغا چىققاندا ،قارا بوراندىن دىرەك بېرىدىغان تۇمان توپى پەيدا بولدى. Q)?[$M89/  
        -چاتاق بولدى يىگىتلەر ،شىۋىرغان چىقىدىغان بولدى،ئېھتىمال قار كۆچۈپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ،بۇ ئورۇنلار خەتەرلىك ،تىزدىن داۋاندىن چۈشۈپ كىتەيلى!-مەۋلان ھاۋادىكى ئۆزگىرىشكە ئاساسەن جىددىي سەپەرۋەرلىك قىلىپ ،پەسكە قاراپ ئات سالدى.چۈنكى، شىۋىرغان چىقىپلا قالسا تاغ چوققىسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايتتى ،مۇبادا قار كۆچۈپ قالسا ئەھۋال تېخىدىنمۇ ئېغىر ئىدى. j2Kl .s$V'  
        مەۋلاننىڭ پەرىزى توغرا چىقتى،راست دېگەندەك كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە دەھشەتلىك شىۋىرغان چىبۆرىدەك ھۇشقېيتىشقا باشلىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي تاغ چوققىللىرىدىكى قار-مۇزلارنىڭ چاراسلاپ يېرىلغان سۈرلۈك ئاۋازى ئاڭلىنىپ ،تاغ ئىچىنى ۋەھىمە قاپلىدى.مەۋلان داۋاندىن چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئەسكەرلەرنى تېخىمۇ تىز مېڭىشقا ئۈندەۋېتىپ ئارقىسىغا قارىدىيۇ،يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى ،چۈنكى ھەيۋەتلىك بىر قار ئېقىنى ئۇلارنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى،مەۋلاننىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا قاپلىشىپ قالغاندەك بولدى ،بەدەنلىرىنى سوغوق تەر باستى... `! LVm  
          -تېز!تېز قېچىڭلار!غەيرەت قىلىڭلار...-مەۋلاننىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تاشقىندىنمۇ تىز قار ئېقىنى يۇتۇۋەتتى. شۇ قېتىمقى قار كۆچۈش ئاپىتىدە سەپنىڭ ئاخىرىدا ماڭغان مەۋلان ۋە بىر جەڭچى كەلمەسكە كەتتى...ئامان قالغان جەڭچىلەرنىڭ قەلبىنى ئېغىر قايغۇ باستى.ئاقتۆپە دەپ ئاتىلىدىغان قارىغايزارلىق زاراتگاھ يەنە ئىككى مېھماننى پەرىشان كۈتىۋالدى... /pYIi<  
        -بوۋا،يىغلاپسىزغۇ؟-بۇ سۇئال نەيىم بوۋاينىڭ ئەزگۈ خىيال كەپتىرىنى ئۈركۈتىۋەتتى. ~8DFR!T\  
        -يىغلىمىدىم بالام...كۆزۈم ياشاڭغۇرايدۇ،-نەيىم بوۋاي كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى،ئارىدەك ئورۇق بارماقلىرى بولسا جانسىز تىترىدى. _NvZ%U8  
        -بەلكىم،بۇ تۇپراققا قىيمايۋاتقانسىز بوۋا،چۈنكى بۇ يەردە مەۋلان لىيەنجاڭنىڭ سادىرە ئاچامنىڭ قەبرىسى بار ئەمەسمۇ؟ G=O&{r  
      -قىيامدىغان بالام،بۇ يەردە مەنمۇ بىر-نەچچە يىل تۇرغان تۇرسام،-بوۋاينىڭ كۆڭلىنى يەنە پەرىشانلىق قاپلىدى ، يۈرىكى بولسا ئۈنسىز پىچىرلايتتى:ئەي تەڭرىم،مەن سېنى شۇنچە ئادىل دەپ قارايتتىم، ئەجەبا سېنىڭ ئادىللىقىڭ مۇشۇمۇ؟!مېنىڭ ئوغلۇم، كېلىنىم، ياشلىق گۈلىنىڭ تېخى بىرسىمۇ ئېچىلمىغان جەڭچى يىگىتلەردە نىمە گۇناھ؟!ئۇلار ياشىشى كېرەك ئىدىغۇ؟!ئېلىپ كەتسەڭ مانا مېنى ئېلىپ كەتسەڭ بولمامدۇ؟!سەن نىمانچە شەپقەتسىز؟!ئەگەر ئۇلار ياشىغان بولسا ،مەندەك بولغۇچە يەنە نى-نى ئىشلارنى قىلماسمىدى؟ بوۋاي بۇ قېتىم ۋۇجۇدىدا كەلكۈندەك يامرىغان يىغىسىنى يوشۇرالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.بوۋاينىڭ ھەسرەتلىك ئېسەدەشلىرىدىن ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېلىۋاتقان جەڭچىمۇ ئۈنسىز ئېسەدىگىنىچە بىپايان دالاغا پەرىشان تىكىلدى .دالىدىكى قارلار خۇددى بوۋاي بىلەن جەڭچىنىڭ ئاھلىرىغا تەسەللى بەرمەكچى بولغاندەك ،يېڭىلا كۆتۈرۈلگەن سەھەر قۇياشىنىڭ ئۆتكۈر نۇرىدا يىغلاشقىمۇ،كۈلۈشكىمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تەرزدە جىمىرلايتتى. 1LunI0/uR  
y&aJ|up`J  
      مەنبە:يۈسۈپجان سۇلايماننىڭ ‹كېچىنىڭ كۆزى› ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما ئەلئارا تەرپىدىن 2008-08-16 20:21 دە قايت ]
باشقۇرغۇچى ئەلئارا تېمىنى تەستىقلىدى .
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • سەلكىن دوللىرى:+300(نىگارە808) ajir
  • سەلكىن دوللىرى:+1000(ئەلـزات) nadir
  • بەك يەرگە قاراپ ماڭسىڭىزمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىسىز،بەك ئاسمانغا قارىۋالسىڭىزمۇ پۇتلىشىپ كېتىسىز،ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىز ئۇنىڭ ئەكسىچە!
    | ۋاقتى : 2008-08-16 20:00 [باش يازما]
    شىرزات55
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17552
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 189
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە189دانە
    شۆھرەت: 388 كىشىلىك
    پۇل : 1555 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 269 نۇمۇر
    قوللاش: 229 نومۇر
    ئالقىش: 369 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :477(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راس  تەسىرلىك  ھېكايە  ئىكەن  .  ئۇلۇم  ياش  قېرى  دەپ  ئارىمايدۇدە.........تىمىڭىزغا  رەخمەت...
    Gulyar tori
    مەرد ياشا
    | ۋاقتى : 2008-08-16 22:08 1 -قەۋەت
    ناۋاي-ئۇستام
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 12322
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 195
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە195دانە
    شۆھرەت: 226 كىشىلىك
    پۇل : 1219 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 218 نۇمۇر
    قوللاش: 205 نومۇر
    ئالقىش: 252 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :1046(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-20
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەنمۇ تەسىرلىك ئىكەن
    كۇكلەيدىسەڭ ئۇيغۇرۇم،
    سۇ بۇلايمۇ يىلتىز مۇ ............. ?
    بىلىپ قۇيۇڭ ، بىز دىگەن ئۇيغۇر ،
    تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى، 
    ئۇيغۇر دىمەك ئۇيۇشماق دىمەك!
    | ۋاقتى : 2008-08-16 22:22 2 -قەۋەت
    پەرىدە.
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 16735
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 54
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە54دانە
    شۆھرەت: 54 كىشىلىك
    پۇل : 395 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 58 نۇمۇر
    قوللاش: 56 نومۇر
    ئالقىش: 63 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :100(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-28
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەنىسە بۇ تىماڭ ھەجەپ تەسىرلىككەن! سادىرە ئېقىپ كەتكەندە يىغلىغىلى تۇرۇپتىم مانا ئوقۇپ بولغۇچە يېشىم قۇرىمىدى،مېنىڭچە سەنمۇ چۇقۇم يىغلىدىڭغۇ دەيمەن ! L~U5^p  
    كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقىڭنى بىلىمەن،بۇنداق ياخشى نەرسىلەرنى ئوقۇپ قالساڭ ئاۋارىچىلىق كۆرمەي يەنە يوللىۋىتىرسەن ،-ھە!ئوبدان سىڭلىم.      
    ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە،
    غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە.
    | ۋاقتى : 2008-08-17 11:23 3 -قەۋەت
    قۇچقاچ
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 19187
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە66دانە
    شۆھرەت: 66 كىشىلىك
    پۇل : 430 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇمۇر
    قوللاش: 66 نومۇر
    ئالقىش: 66 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :74(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راس تەسىرلىك ئىكەن!!!!! (7,h,96pi  
    تىمىڭىزغا رەخمەت!!!!
    bugra
    مەن سوزلەيدىغان قۇچقاچ
    | ۋاقتى : 2008-08-18 16:42 4 -قەۋەت
    ئۇدۇن~ئوغلى
    كەچۈرگىن!مىنى سۆيگەن قىز.....
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 11375
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1642
    ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1642دانە
    شۆھرەت: 1658 كىشىلىك
    پۇل : 16212 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2744 نۇمۇر
    قوللاش: 2169 نومۇر
    ئالقىش: 4098 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :212(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راستىنلا تەسىرلىككەن!
    izdax.com
    جىمىكى ئىشىڭنى ئەقىل بىرلە قىل!
    ئەقىل بىرلە ۋاقتىڭنى ساقلاشنى بىل!
    | ۋاقتى : 2008-08-18 18:27 5 -قەۋەت
    نىگارە808
    رومانتىك قىز
    يازما يوللاش ئۇستىسى ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11299
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 4353
    ئۇنۋان:18 دەرىجە ھازىرغىچە4353دانە
    شۆھرەت: 2476 كىشىلىك
    پۇل : 18151 سوم
    تۆھپە: 310 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1568 نۇمۇر
    قوللاش: 1558 نومۇر
    ئالقىش: 2768 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :169(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    شۇنداق تەسىرلىك ھېكايىنى ھېچكىم ئوقماپتۇ ھم ئىنكاس يازماپتۇ...قارىغاندا ھازىر ھېچكىمنىڭ خوشى قالمىدىمۇ نېمە؟              
    qarluq
    64785587ئارمان دوسلۇق توپى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ
    | ۋاقتى : 2008-08-18 18:54 6 -قەۋەت
    سەردار023
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17729
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
    شۆھرەت: 1 كىشىلىك
    پۇل : 105 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    قوللاش: 1 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-23
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    يۈسۈپجان سۇلايماننىڭ بۇنداق تەسىرلىك ھىكايىلىرى ئاز ئەمەس. ئۆزى ھەربىي بولغاچقىمۇ ھەربىيلەر تېمىسىدا كۆپرەك يازىدۇ. چاغان كېچىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە پوست تۇرۇپ سالىيوت كۆرگەچ ئەدەبىيات توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىشىم ھاياتىمدىكى بىر گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالغان ئىدى. مەنچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەربىيلىككە قاتنىشىپ باققانلار تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ.
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-08-19 12:10 7 -قەۋەت
    ئەنىسە
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 17513
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 403
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە403دانە
    شۆھرەت: 423 كىشىلىك
    پۇل : 4000 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 518 نۇمۇر
    قوللاش: 460 نومۇر
    ئالقىش: 627 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :382(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-05
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك يەقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ،ئۇنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە. Z j=,b  
    خۇدايىم بۇيرىسا تورداشلارغا يۈسۈپجان سۇلايماننىڭ ئەسەرلىرىدىن يەنە ئەۋەتىمەن.
    qarluq
    بەك يەرگە قاراپ ماڭسىڭىزمۇ ئۆرۈلۈپ كېتىسىز،بەك ئاسمانغا قارىۋالسىڭىزمۇ پۇتلىشىپ كېتىسىز،ئالدىڭىزغا قاراپ ماڭسىڭىز ئۇنىڭ ئەكسىچە!
    | ۋاقتى : 2008-08-19 12:58 8 -قەۋەت
    دىلرابا0999
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18482
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 40
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە40دانە
    شۆھرەت: 40 كىشىلىك
    پۇل : 300 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    قوللاش: 40 نومۇر
    ئالقىش: 40 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :9(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-08-25
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    تەسىرلىككەن .
    qarluq
    سەلكىن
    | ۋاقتى : 2008-08-20 23:04 9 -قەۋەت
    گۈلناز
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 10029
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 65
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە65دانە
    شۆھرەت: 165 كىشىلىك
    پۇل : 3160 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    قوللاش: 91 نومۇر
    ئالقىش: 187 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :201(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

          توۋا  ،،ھەي تورداشلار  ،،بىر كىشى ھەر قايسىللىرىنى ئىنكاس يىزىشقا زورلىمىغاندىكىن ،، يازساڭلار يا تۈززۈك يىزىڭلار بولمىسا يازماڭلار  ،،    tq<mgrX  
        نىمە ئۇ  ،،،،،،ياخشى يىزىپسىز ،،تەسىرلىككەن رەخمەت  ،،،  دىگەنلەر  ``؟    كومپىيوتىردا خەت بىسىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس  بولۇپمۇ مۇشۇنداق ```ئۇزۇن  ھىكايە دىگەندەكلەرنى  ،،شۇڭا  بىر  تىما يوللىغان  ئادەمنىڭ  ھاردۇقى چىققىدەك ئىنكاس يىزىڭلار مانداق ``، ياكى مەقسىتىڭلار  سەلكىن دوللىرى ئىلىشمىتى ```؟
    qarluq
    | ۋاقتى : 2008-08-21 23:06 10 -قەۋەت
    كۇكلەم520
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 7262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1056
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1056دانە
    شۆھرەت: 1109 كىشىلىك
    پۇل : 6501 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1088 نۇمۇر
    قوللاش: 1066 نومۇر
    ئالقىش: 1146 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :208(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-13
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    راسلا بەك تەسىرلىككەن
    qarluq
    بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما،بىلىپ تاشلا كىيىن سىغىنما.
    | ۋاقتى : 2008-08-24 17:01 11 -قەۋەت
    ئەسكەر007
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 12753
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 148
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە148دانە
    شۆھرەت: 148 كىشىلىك
    پۇل : 995 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 171 نۇمۇر
    قوللاش: 159 نومۇر
    ئالقىش: 201 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :32(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-14
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا يەنىلا ئەسكەرلەر  تېخىمۇ بەكرەك چۇشىنىدۇ، خۇددى مېنىڭدەك             
    qarluq
    ئۇمىدسىز كۇتۇشتە  ئۇتتى ئەسىرلەر
    كۆزلەردىن ئاقتى ئاش تالاي قېتىملاپ
    چۇچۇپ ئۇيغانغاندا خىياللاردىن ئالدىراپ
    چاقىرىمەن ئېسمىڭنى يېنىش يېنىشلاپ
    | ۋاقتى : 2008-09-03 17:16 12 -قەۋەت
    گۈلپەر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 19934
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
    شۆھرەت: 7 كىشىلىك
    پۇل : 135 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: 7 نومۇر
    ئالقىش: 7 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :12(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاپتۇرغا    مىڭ  رەخمەت  ،يازغان  قوللرىڭزغا  دەت  كەلمسۇن  ،سزنڭ  بۇ  ئەسەرىڭز  مېنئ  بەكمۇ  تەسىرلەندۇردى،بۇنىڭدىن  كېيىنمۇ  مۇشۇنداق  ياخشى  ئەسەرلەرنى  يوللاپ  تۇرارسىز، 
    qarluq
    مىھرى -مۇھەببەت
    | ۋاقتى : 2008-09-05 11:04 13 -قەۋەت
    كۈلپەت
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 18032
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە19دانە
    شۆھرەت: 19 كىشىلىك
    پۇل : 620 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    قوللاش: 37 نومۇر
    ئالقىش: 100 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى :13(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2008-09-15
    چوڭ كىچىكلىكى :كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى تىما يوللاپسىز
    qarluq
    زۇلمەت
    | ۋاقتى : 2008-09-14 16:09 14 -قەۋەت
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر
    

    سەلكىن مۇنبىرىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :

         سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان . . . قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ، ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، شۇنى يوللىغۇچى كىلىپ چىققان بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، سەلكىن تور بېكىتى بىلەن  ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى .

    سەلكىن ئۇيغۇر تور بېكىتى
    مۇلازىمەت ۋە ئەھۋال مەلۇم قىلىش تېلېفونى : 0991-8553838، 13609981040