H|,O9(y1w
ئىككىنچى: بايلىقلارنىڭ غەيرى تەقسىم قىلىنىشى
\;QzbH=z
جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىيات كومىتىتى ئېلان قىلغان«2006-يىللىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ يىللىق كىرىم دوكىلاتى»دا مۇنداق دىيىلگەن ئىدى:«ئىقتىسادنىڭ ئېقىش مىقتارىنى ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،90-يىللاردىن بۇيان،دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرىنىڭ كىرىم تەقسىماتىدا،ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ئورۇنلىرىغا قىيسىيىش ھادىسىسى شەكىللەنگەن،ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى تەقسىملەش نىسبىتى يۇقۇرىلاپ كەتكەن،ھالبۇكى پۇقرالارنىڭ ئۆزى باشقۇرالايدىغان كىرىمىنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن،ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالار كىرىمىنى باشقۇرۇش نىسبىتى ئەۋزەل ئورۇندا تۇرغان،ئەمما دۇنيادىكى نورمال تەرەققىيات كۆز قارىشى بۇيىچە قارىغاندا،كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان GDP 1000 دوللاردىن ئاشقاندىن كىيىن،پۇقرالارنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان كىرىمنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى ئۆرلىشى كېرەك ئىدى. » 0x(8=K0:j}
ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمىنىڭ زىيادە مەركەزلىشىشى،بىر جەھەتتىن پايدىسىز ۋە قايتىلىما مەبلەغنى كۆپەيتىپ،زور كۆلەمدىكى بايلىقنى خوراتسا،يەنە بىر جەھەتتىن،ھۆكۈمەتنىڭ چىقىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ،ئېسراپچىلىق ئىشلىرى ئەۋج ئالىدۇ.سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىزنىڭ مەمۇرى چىقىمى 1986-يىلدىكى 22,000،000،000 يۇەندىن 2005- يىلدىكى 651,200،000،000 يۇەنگە يەتكەن.يەنى 20 يىل ۋاقىت ئىچىدە 30 ھەسسە ئاشقان.يىللىق ئېشىش نىسبىتى 19.5 % كە يەتكەن.ئەمما شۇ مەزگىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئىشىشى ئاران 15 ھەسسە بولۇپ،يىللىق ئېشىشى نىسبىتى 15.4 % بولغان.بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىز دۇنيادىكى مەمۇرىيەت چىقىمى ئەڭ قىممەت دۆلەتكە ئايلانغان.
xsvd797]4q
ئۈچىنچى: مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر مۇۋاپىق ئەمەس
iL+Umwq13
بىز دائىم دۆلىتىمىز ئىقتىسادى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ناھايىتى مەس بولغان ھالدا مەلۇم «قوشلىما مۇش» نەزەرىيىسىنى ئاڭلاپ قالىمىز.ئەمەلىيەتتە بۇنداق «قوشلىما مۇش»لارنىڭ كۆرۈنۈشى مايمۇندىن پەرقلەنسىلا شۇكرى دىسەك بولىدۇ.بولمىسا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى بۇگۈنكىدەك كۈنگە قالارمىدى؟! SU9`TW` `,
مەركىزى خەلق بانكىسى خاتا پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنى چىقىرىشقا ئاشىق بولغاچقا،نۇرغۇن ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارنى گۆر ئاغزىغا ئىتتەردى.تەرەققىيات كومىتىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا،دۆلىتىمىدە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 67،000 كارخانا ۋايران بولغان،ئەمگەك مەركەزلەشمە شەكىلدىكى كارخانىلارنىڭ ۋەكىلى بولغان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىلا 10،000 دىن كۆپرەكى ۋەيران بولغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىمى قايتا تەرتىپكە سېلىنىدىغان بولۇپ،20،000،000 ئىشچى ئىشتىن بوشىتىلىدۇ،بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدىكى سودا بانكىلىرىنىڭ قەرز سوممىسى 2,200،000،000،000 يۇەن بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 300،000،000،000 يۇەنلا ئوتتۇرا ۋە كىچىك كارخانىلارغا تەقسىم قىلىنغان. %aG^^@-g
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇرەككەپ بولغاچقا (بىر جەھەتتە بازار،يەنە بىر جەھەتتە بازارنىڭ سىرتىدا لەيلەپ يۈرگەن ھۆكۈمەت پائالىيەت ئىقتىسادى ساھەسى) ،پۇل مۇئامىلە سىياسىتى ئاۋال ئۆلتۈرىدىغان ئوبىكىت ھامىنى ئۈنۈمى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانىلار بولۇپ،ھايات قالغىنى بولسا،ئۈنۈمى تۆۋەن ھەتتا ئۈنۈمى بولمىغان دۆلەت كارخانىلىرىدۇر.چۈنكى دۆلەت كارخانىلىرى ئەزەلدىن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئەركىلىتىلىپ كىلىنگەن،بازار رىقابىتىدە مۇتلەق ئەۋزەللىكنى ئىگەللىگەن بولۇپ،خەلق كارخانىلىرىنىڭ ھاياتلىق بوشلۇقى زور دەرىجىدە تارىيىپ،نۇرغۇن كارخانىلارنىڭ پايدىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. _3i]a?xZ
ناۋادا جۇڭگودا توقۇمچىلىق كارخانىلىرىغا ئوخشاش ئەمگەك كۈچلىرى مەركەزلەشكەن كارخانىلار زور دەرىجىدە ۋەيران بولسا،زور كۆلەمدىكى ئىشسىزلار مەيدانغا كىلىدۇ،جۇڭگونىڭ غەرپ ئەللىرىگە ئوخشاش مۇكەممەل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈلمىسى شەكىللەنمىگەچكە،بۇ خىل ۋەزىيەت زورايسا،ئىقتىسادقا زور بېسىم ئېلىپ كىلىپلا قالماستىن ،بەلكى ئىجتىمائىي مۇقىملىققىمۇ زور بېسىم ئېلىپ كىلىدۇ.
'mDb*S;.
تۆتىنچى: ئالداش خاراكتىرلىق مۇقىملاشتۇرۇش تۈزۈمى
X:RL^6HC
بۇنىڭدا ياكى ھەقىقىي ھەرىكەت بىلەن بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك،ياكى بولمىسا،ئىقتىسادى خەۋپنى تەكىتلەپ،ئۇچۇرى راۋان بولمىغان،كەينىدە قالغان مەبلەغچىلەرنى بازاردىن ئايرىلىشقا ئۈندەش كېرەك.بىر تەرەپتىن بازارنى مۇقىملاشتۇرىمىز دەپ جار سېلىپ،يەنە بىر تەرەپتىن جىم تۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.بۇنى ئاز دىگەندەك يەنە يېڭى پاي چىكىلىرى بازارغا زور كۆلەمدە سېلىنىۋەرسە،بۇ مۇقىملاشتۇرۇشمۇ ياكى بىر خىل قىلتاقمۇ؟!بۇ مەبلەغچىلەرنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىسمۇ ياكى دۆلەت شۆھرىتىنى دەستەك قىلىپ مەبلەغچىلەرنى ئالداشمۇ؟! ;Ah8B,6_q2
يېڭى پاي چىكىلىرى قىسقا مۇددەت ئىچىدە بازاردا پاي چىكى ئوبورۇتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،بايلىقنىڭ ساقلىنىشىنى كىمەيتىۋىتىدۇ.بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭى پاي چىكىلىرى كەينى-كەينىدىن بازارغا سېلىندى،مەبلەغ سېلىنمىسى 26% كىمەيگەن بولسىمۇ،يېڭى تارقىتىلغان مەبلەغ سېلىنمىسى 71.75 % ئېشىپ كەتتى!قەرزنى يۆتكىگىلى بولىدىغان پاي چىكىك 4.3 ھەسسە ئېشىپ كەتتى.يېڭى پاي چىكى تارقىتىلمىغان تەقدىردىمۇ،سېتىش چەكلەنگەن پاي چىكى بازىرىنىڭ ئېچىۋىتىلىشى ئەسلىدىلا بازارغا زور بېسىم سالغان ئىدى.پاي چېكى بازىرى ئىزچىل چۈشىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە،باشقۇرغۇچى ئورگانلار يېڭى پاي چېكى تارقىتىشنى توختىتىپ،بازارنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى،ئەمما ھازىر ئىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى.
z6)^D'ZqC
بەشىنچى: كۆيدۈرمە مەبلەغ چېكىندى.
BnXd,~
نۇرغۇن كىشىلەر تاتلىق خىيال سۈرۈپ،كۆيدۈرمە مەبلەغنى يەر مۆلۈك بازىرىغا كىرىپ،بازارنى جانلاندۇرىدۇ دەپ خاتا چوت سوققان ئىدى.ئەمەلىيەتتە،نۇرغۇن شەھەرلەردىكى ئۆيلەرنىڭ باھاسى پاي بازىرىنىڭ 6100نوقتىسىغا باراۋەر قىممەتتە تۇرىۋاتىدۇ.كۆيدۈرمە مەبلەغمۇ 2007-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپلا،ئىزچىل جۇڭگو بازىرىدىن چىكىنىۋاتىدۇ. G%L _quY0
مەن بۇ يىل 28-مارتتا يازغان ماقالەمدە مۇنداق دىگەن ئىدىم«ئۆتكەن يىلى 16-ئۆكتەبىردىن بۇ يىل 27-مارتقىچە ،شاڭخەي پاي چەك بازىرى 6124.04 نوقتىدىن بىر سەكرەپلا 3411.49 غا چۈشۈپ قالدى،چۈشۈش نىسبىتى 44.29% قا يەتتى،بەزىلەر پاي چەك بازىرىنىڭ چۈشۈشىگە ھەر خىل باھانە ئىزدىدى،ئەڭ كۈلكىلىكى ھىساپ تەكشۈرۈش،كۆيدۈرمە مەبلەغنى بايقاش قارىشى بولدى.پاي بازىرىنىڭ چۈشىشىنى كۆيدۈرمە مەبلەغكە باغلىۋىلىش....بۇ بىر خىل ئىپلاس يالغانچىلىق!قېنى بىز قاراپ باقايلى،ھىساپ تەكشۈرۈش ۋاقتى 8-ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى كەينىدە بولۇپ،شاڭخەي بازىرى نەق 16-ئۆكتەبىر يېڭى رىكورت ياراتتى،مۇنداقچە ئېيتقاندا كۆيدۈرمە مەبلەغنى سۈرۈشتۈرۈش ۋاقتى شۇ چاغدىن باشلانغان،ئۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلارنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس:كۆيدۈرمە مەبلەغ ئۆزىگە بولغان تەشۋىشنى سەزگەندىن كىيىن،پايدىنى يىغىشتۇرغان،ئاندىن خەتەرنى دۆلەت ئىچىدىكى پايچىكلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ،چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن،بۇنى قانداقمۇ كۆيدۈرمە مەبلەغنى تەكشۈرۈش بولسۇن،بۇ قارشى تەرەپنى پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ قاچۇرىۋىتىپ،زىيانغا ئۆزى قېلىش بولماي نىمە؟!» ^'tip+bdG
نۆۋەتتە بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،كۆيدۈرمە مەبلەغ يەنە داۋاملىق چىكىنمەكتە.بۈگۈنكى «شاڭخەي پاي چەك گېزىتى»گە ئاساسلانغاندا،دۇنيا مالىيە بازىرىدا ئامرىكا دوللىرى 1:6.8128 لىق چەككە يەتكەندىن كىيىن،ئامرىكا دوللىرى قايتا شىددەت بىلەن جانلىنىشقا باشلىغان،يېقىنقى شاڭگاڭ بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا،كۆيدۈرمە مەبلەغنىڭ H پاي چېكىدىن چىكىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر روشەن ئىكەن،مەسىلەن جۇڭگو ئاليومىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى پايچىكى دىنپىتون فوندى بۇ يىل مايدىن باشلاپلا قولىدىكى بارلىق پاي چىكىلىرىنى سېتىۋىتىشكە باشلىغان،تۈنجى سودى سوممىسى 340،000پاي بولۇپ،ئەڭ يېڭى بىر قېتىملىق سودىدا 2،600،000نى ساتقان،دۆلىتىمىزنىڭ ئاليومىن پاي چېكىمۇ 14 شاڭگاڭ پۇلىدىن 6.8 شاڭگاڭ پۇلىغا چۈشۈپ قالغان،جاڭشى مىسچىلىق H پايچىكىنىڭ بىرىنچى پايچىكى مورگىن بۇ يىل 6-ئايدا قولىدىكى پاينى 4.8% كە ئازايتقان،يېقىنقى بىر سودىدا 16.02 شاڭگاڭ پۇلىلىق باھا بىلەن 3،149،000 پاينى سېتىۋەتكەن.گېرمەنىيە بانكىسىمۇ قولىدىكى پاينى 5.5% كە ئازايتقان.H پاي بازىرىدىكى ككيدۈرمە مەبلەغنىڭ چىكىنىشىمۇ A پاي چەك بازىرىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالغان.بۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ بالدۇر ئۇچرىغىنى شەڭخەي پاي چەك بازىرىنىڭ B پاي چىكى بولۇپ،B پاي چەك بازىرى ئامرىكا دوللىرى بىلەن ھىساۋات قىلىنىدىغان بولغاچقا،بۇ بازارنى يەنىمۇ كۈزىتىش لازىم. k{}<6$0u
..... Rjl9 *^I
جۇڭگو پاي بازىرىغا ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتىرلىق باھا بېرىدىغان مەندەك بىر باھالىغۇچى ئۈچۈن،بازارنىڭ بۇنداق چۈشۈپ كىتىشىگە قاراپ تۇرۇش تولىمۇ ئازاپلىق بىر ئىش! '"4x"\]v
........... [
wby
ئاگاھلاندۇرغۇچىلار ئاكتىپ ۋە مۇلايىم كىلىدۇ،ھازىرقى مەبلەغچىلەرگە نىسبەتەن،ھەر قانداق بىر خىل تاللاشنىڭ ھەممىسى بەكمۇ ئازاپلىق بىر ئىش!ھەر بىر تىيىن پۇل بىزنىڭ قان تەرىمىز ئەمەسمۇ؟!سانسىزلىغان كىچە-كۈندۈزلەردە يىغىلغان قانتەرىمىز بۇنداق بۇلاڭ -تالاڭ قىلىنسا قانداق چىدايمىز؟!مەن بازارنىڭ قايتا جانلىنىپ،مەبلەغچىلەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئازىيىشىنى تىلەيمەن!مەبلەغچىلەر ۋاقتى پەيتىنى تاللاپ بازاردىن ئايرىلىشى ياكى ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئارىلاشماسلىقى لازىم!بۇ قانلىق ساۋاقنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ،كۆڭۈل قويۇپ خىزمىتىنى قىلىش كېرەك!بولمىسا،ئېغىر زەربىگە ئۇچرىشى مۇمكىن! LSd+Vd+-
................ GzG#@Rp"KS
l7f*ID[
2008-يىلى 12-ئاۋغۇست YLe%S9